مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 3

ئۇدۇن يېزىقى ۋە ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 05:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇدۇن يېزىقى 4 ~ 11–ئەسىرلەردە قەدىمكى ئۇدۇن ئاھالىلىرى قوللانغان بوغۇملۇق يېزىق. ئەسلىي مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ كۆپ ھەرپلىك نۇسخىسى سوزۇق تاۋۇش قوشۇمچە بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈلگە نۇسخا، يازما نۇسخا، تېز يېزىش نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ خىل يېزىش نۇسىخىسى بار. ئۇدۇن يېزىقى بىلەن خاتىرىلەنگەن تىل ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى سىسىتېمىسىنىڭ ئىراق تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارمىقىغا مەنسۇپتۇر . نۆۋەتتە، ئىلىم ساھەسى ئۇنى ئۇدۇن ساك تىلى دەپ ئاتىماقتا . ھازىرغىچە بايقالغان ئۇدۇن ساك تىلىنىڭ ئۈچ خىل شېۋىسى بار . ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقلەر ئاساسەن خوتەن ، مارالبېشى ، كېرىيە قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، قەشقەر كونىشەھەردىكى تۇمشۇق، دۇنخۇاڭ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان . ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەسىلەن، ‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹بۇددا ئېيتقان ئۆلمەسلىك سۇتراسى ›› قاتارلىقلار. بۇددا دىنىي ئەسەرلىرىگە ئائىت بولمىغان ۋەسىقىلەردىن يارلىق، مەكتۇپ، خەت-چەك، ھېسابات، تېببىي كىتاب، ئەدەبىيات، لۇغەت قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، ‹‹سىتايول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ ئەلچىلەر بىلەن بىرگە ئۇدۇن خانىغا مەلۇماتنامە بېرىشى››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ ئۇدۇن خانىغا مەكتۇپ يوللىشى››، ‹‹ئەلچىلەرنىڭ ئۇدۇن خانىغا قامجۇ تۈركلىرىنىڭ توپىلىڭى ھەققىدە مەلۇمات سۇنۇشى››، ‹‹خەنزۇ تىلى- ئۇدۇن تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى›› قاتارلىقلار . جۇڭگودا ساقلىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشقا، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئۇدۇن يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۇتۇپخانا ياكى مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا .

    ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر: ئۇدۇن يېزىقىنىڭ مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ قىيپاش خەت شەكلى بولۇپ، قەدىمكى ئۇدۇن دىيارىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئىشلەتكەن يېزىقىدۇر. بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تىل بۈگۈنكى كۈندە ئۇدۇن تىلى ياكى ئۇدۇن ساك تىلى دەپ ئاتالماقتا. ئۇ ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ . ھازىرغىچە تېپىلغان ئۇدۇن تىلى ۋەسىقىلىرى تەخمىنەن 6–~ 10–ئەسىرگە مەنسۇپ. ئاساسلىقى بۇددا كالاملىرى، مەسىلەن، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹سۇرەڭگەمە سامادى سۇترا ››، ‹‹ زانباستانامە ››، ‹‹ ئالتۇن يارۇق ››، ‹‹پادىشاھ ئاسۇكانىڭ تەمسىللىرى››، ‹‹سانگھراتا سۇترا›› قاتارلىقلار. دىندىن خالىي ۋەسىقىلەردىن ‹‹ئۇدۇن ئېلىگە سەپەر››، ‹‹سىتابول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹ئۇدۇنلۇق راھىب كالاننىڭ كەشمىرىگە قىلغان سەپىرى››، ‹‹قامجۇ تۈركلىرىنىڭ پائالىيىتى››، ‹‹ئۇدۇن خانىنىڭ ساۋ يۈەنچۇڭغا يازغان مەكتۇپى››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ مەكتۇپلىرى››، ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە سۆزلۈك لۇغىتى›› ھەمدە ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە قوش تىللىق مەكتۇپلار›› قاتارلىقلار بار. بۇ ۋەسىقىلەر ئاساسەن خوتەن رايونى، مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرى. تۇرپان، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارلىرى قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋېلىنغان، تۇمشۇقتىن تېپىلىغىنى ئەڭ بۇرۇنقى مەزگىللەرگە تەۋە ۋەسىقىلەردۇر. بۇلار خوتەن رايونىنىڭ بۇددا دىنىنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ بۇددا دىنى تارىخى، بۇددا نوملىرىنىڭ تارقىلىش تارىخى، ئۇدۇن تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. بولۇپمۇ دىندىن خالىي ھېساباتلىرى، مەخپىي ھۆججەتلىرى، ئەرزنامىلەر، تېبابەتچىلىككە دائىر ماتېرىياللار بولۇپ، مۇھىم قىممەتكە ئىگە. 11-ئەسىرىنىڭ دەسلىپىدە ئۇدۇن ئېلى ماتېرىياللار قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئۇدۇن تىلىمۇ تەدرىجىي يوقالغان. تېپىلغان خېلى كۆپ ۋەسىقىلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئاساسلىقى پارىژ، لوندون، پېتىربۇرگ، سىتوكھولىم، كىيوتو، چىكاگو قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا. دۆلىتىمىزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېقىنقى يىللاردا قېزىۋېلىنغان يېڭى ماتېرىياللاردۇر.

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_196279.htm

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7991
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1426 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 05:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت ...ھەقىقەتەن ئەستا ساقلاشقا تىگىشلىك ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ...يۇرتۇمىزنىڭ تارىخىنى بىز بولساقمۇ كەلگۇسىگە ئۇلايلى ....

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17817
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6272
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 09:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر تىما ئىكەن

ۋەلى

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن چوققىلاپ قويدۇم.

.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش