ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان رايۇنىمىزدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ۋە پارلاق بازار ئىستىقبالىغا ئىگە.
شىركىتىمىز جەمئىيەتتىن ئەلنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان، ئۆزىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان، خىزمەتنى بەجانىدىل ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تەپەككۇرى ئوچۇق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە 2 نەپەر خادىم قوبۇل قىلماقچى.
قوبۇللاش شەرتى:
1. ئىدىيىۋى-سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، ئىستىلى دۇرۇس، سەمىمىي بۇلۇش.
2.ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق، خەنزۇ تىلىدا مۇئەييەن سەۋىيەگە ئىگە بولۇش؛خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ( بولۇپمۇ تېببىي ماتېرىياللارنى ) كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرچىغا راۋان تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇش.
3. ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دىتاللىرى (Word, Excel)، كومپيۇتېر ۋە تور مەشغۇلاتىغا پىششىق بولۇش؛ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە خەتنى كومپىيۇتېردا تېز، ئىملاسى توغرا، ئۆلچەملىك ئۇرالايدىغان بولۇش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.
4. ۋاقىت قارىشى ئىنىق، ئىش تۈزۈمى قارىشى كۈچلۈك بولۇش.
5. يۇقىرىقى 4تەلەپنى ھازىرلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تىببىي پەن كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغانلار ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
خىزمەت مۇھىتى ۋە مائاش-تەمىناتى:
شىركىتىمىز قوبۇل قىلىنغان خادىملار ئۈچۈن، ئەۋزەل خىزمەت شارائىتى ۋە ياخشى بولغان مائاش-تەمىنات بىلەن تەمىنلەيدۇ.
خادىملار مائاش-تەمىناتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1)ئاساسىي مائاش؛ (2)ئۈنۈم مائاشى؛ (3)مۇكاپات(پەسىللىك ۋە يىللىق)؛ (4)قاتناش خىراجىتى؛ (5)تېلېفۇن سۆزلىشىش خىراجىتى (6) ۋە باشقا ھېيت-بايراملىق تەمىناتلار؛ (7) خادىملار سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ، شېركىتىمىزنىڭ رەسمىي خادىمىغا ئايلانغاندىن كىيىن، شېركىتىمىز خادىملارنىڭ سوغۇرتا پۇللىرىنى ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىدۇ.
ئۆزىدە يۇقىرىقى تەلەپلەرنى ھازىرلىغان ۋە شىركىتىمىزدە ئىشلەشنى خالايدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ شىركىتىمىزگە كېلىشىنى قارىشى ئالىمىز.
شىركەت ئورنى: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايۇنى جەنۇبىي بېيجىڭ يولى 6-نومۇر گۇاڭخۇي جىڭدۇ مەھەللىسى(乌鲁木齐新市区北京南路6号广汇京都小区)
2-يول، 25-يول، 52-يول (ئەسلىدىكى 26-يول)، 153-يول ئابتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ داشىگوۋ بېكىتىدە چۈشۈپ تېلېفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ ياكى 535-يول ئابتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ جىڭدۇ مەھەللىسى بېكىتىدە چۈشسىڭىز بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
تېلېفون: 13999842993; 3824988 - 0991
ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
2011-يىلى 9-ئىيۇل