بۈگۈن 2011 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (جۈمە)، مىسرانىم يېڭىلىقلىرىدىن بەھىرلەنگەيسىز.
ئۈرۈمچى ھاۋارايى ئەھۋالى : بۈگۈن ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، تېمپىراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن - 27 سېلسىيە گىرادۇسقىچە.
تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز مىسرانىم باش بېتىگە مەرھەمەت..
http://www.misranim.com/
مىسرانىم ئەڭ يېڭى تەرجىمە خەۋەرلىرى :
1. ئافىرىقا سىرلىق قەدىمكى قەبىلە قىزلىرىنىڭ كالپۇكىغا ياغاچ تەخسە ئورۇنتىشى.
ئافىرقىدىكى نۇرغۇن قەدىمكى قەبىلىلەردە كالپۇكقا ياغاچ ئېسىش ئادىتى ساقلانغان بولۇپ نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. مورىس قەبىلىسى بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى تاكى ئۇلار كالپۇكنى يېرىپ 4 سانتىمىتىر ئارلىق ئاچقاندىن كىيىن تۇنجى قېتىملىق ياغاچ تەخسە ئېسىشنى باشلايدۇ، بىر يىل ئۆتۈپ تۈشۈك يوغانغاندىن كىيىن ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بولغان تاغاچ تەخسىلەرنى كالپۇكلىرىغا سېلىشقا باشلايدۇ. تاكى ئاياللار قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر مۇشۇ خىل شەكىلدە چوڭايتىپ ماڭىدۇ. ئەمما بەزىلەرنىڭ كالپۇكى يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئادەتتە 8سانتىمىتىردىن 20 سانتىمىتىر چوڭلۇقتىكى ياغاچ تەخسىلەر ئشىلتىلىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ياغاچ تەخسىنى داۋاملىق ئىشىلتىش ئۈچۈن ئامالسىز چىشلىرىنى قۇمۇرىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ !
ئافىرىقا، جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ئادەتلىرى بولۇپ ،تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
قىز بولغۇچىلارنىڭ ئايالغا ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى، قىزلار تاكى 13 ياشتىن تارتىپ ئېغىز كالپۇكلىرىغا ھەرخىل ھەرخىل ياغاچ تەخسىلەرنى ئېسىشىۋالىدۇ.
مورىس قەبىلىسى بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، ئۇلار كالپۇكقا ئېسىلىدىغان ياغاچ تەخسىلەرنى ئۆزلىرى ياسايدۇ.ھەمدە ياغاچ تەخسە ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى قالدۇرىدۇ.
مورىس قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىسىدە، ياغاچ تەخسىلەرنى ئوغۇللار ياسايدىغان بولۇپ، ئۇلار ياسىغان ياغاچ تەخسىلەرنى توي قىلماقچى بولغان ئاياللىرىغا سوۋغا قىلىشىدۇ، مانا بۇ توي قىلىشنىڭ ئادىتى.
مورىس قەبىلىسى بۇ خىل ئادەتنى ساقلاپ قېلىۋاتقان ساناقلىقلا بىرنەچچە قەبىلىنىڭ بىرسى .
ئۇلار كالپۇكقا .اسىدىغان ياغاچلارنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 8سانتىمىتىردىن 20 سانتىمىتىرغىچە بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاياللار ياغاچلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامالسىز چىشلىرىنى يۇلىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ !
توي قىلمىغان قىزلار ، ئاممىۋى سورۇنلار بولغاندا ياغاچ ئېسىپ مۇراسىملارغا قاتناشسا ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشىدۇ، تاقىمىغانلىرى بولسا بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ !
2. ھىندىستاننىڭ بىر شەھىرى پىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى !
6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئورمانلىقتىن قېچىپ چىققان ئىككى پىل ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ بىر ئادەمنى دەسسەپ ئۆلتىرىۋەتكەن.شۇ يەرلىك ئورمان باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئۇقتىرىشىچە، بۇ ئىككى پىل شۇ جاينىڭ شەھەر ئەتىراپىدىكى ئورمانلىقتىن قېچىپ چىققان ئىكەن.
نەق مەيداندىن ئېلىنغان فىلىم :
[li]
[/li]
3. ئافىرىقا سىرلىق تۈرمىسىدىكى قاراڭغۇ تۇرمۇش !
ھازىر 39 ياشقا كىرگەن ئىتالىيەلىك داڭلىق فوتوگىراف valerio bispuri ئون يىل ۋاقىت ئاجىرىتىپ جەنۇبى ئافىىرىقىدىكى جەمى 74 بولۇپ ئەر-ئايال تۈرمىسىگە ئىزدەپ تەكشۈرۈشكە بارغان، ھەمدە ئۇنتۇلغۇسىز سۈرەتلەرنى تارتىپ ساقلىغان. سۈرەتلەردە خاتىرلەنگىنى تۈرمىدىكى زوراۋانلىق، جىنايەت قاتارلىق قەبىھ قىلمىشلار.يەنە تۈرمىدىكى تۇرمۇش ئادىتى، ياشاش ئەھۋالى بولۇپ كىشىنى ئويلاتقۇدەك بىر قاتار مەزمۇنلاردۇر.. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ..
4.ئېمتىھان تۈگىدى، كىتابلار تاشلاندى
2011-يىللىق دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىنى تۈگەتكەن 9مىلىيون 330مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتاھان تۈگىگەن ھامانلا كىتابلارنى يىرتىپ تاشلاشقا باشلىدى.
مىسرانىم تەرجىمە گۇرپىسىدىن نەزەر تەرجىمىسى
============================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى يوللانغان رەسىملىرى :
==========================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى قوشۇلغان سۈرەتلىك ناخشىلىرى :
1. ئۇيغۇرچە «جەم مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى نۇمىرى» :
2. ئىنگىلىسچە « Need You Now - Lady Antebellum »
3. ئۆزبەكچە « بىر كەم دۇنيا»
======================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى قۇشۇلغان قىسقا فىلىملىرى :
1 . كۈلكىلىك - بالىڭىزنى مۇنداق ئەركىلەتمەڭ
2. كۈلكىلىك - « سۇغا سەكرەشتىكى مەغلۇبىيەت »
3. تەسىرلىك كارتون - « كۆيگەن كىپىنەك »
==================================
بۈگۈنكى تەۋسىيە ناخشا
ناخشا ئىسمى -- يار ساڭا مەيلىم بار.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.misranim.com/html/music/uyghur/misranim_238.html
+++++++++++++++++++++++
مىسرانىم تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى
2011 - يىلى 06 - ئاينىڭ 10 - كۈنى