|
|
|
|
ئالىپ تورىمىزدىكى ئىۋىرغول (مۇرادىل) ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پات يېقىندا توردا پاراڭلىشىدىغان ساپ ئۇيغۇرچە ئالاقە دېتالىدىن بىرسى بارلىققا كەلمەكچى.
ھازىر بۇ ئالاقە دېتالىنى قانۇنلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى، ج خ ئىدارىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى... قاتارلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەستىقى چىقىپ بولدى. مۇستەقىل مۇلازىمىتىرمۇ تەق بولدى. ئاخىرقى سىناپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.
بۇنىڭغا بىر مۇۋاپىق ئىسىم قويۇشتا بىرلىككە كىلەلمەيۋاتىمىز. شۇڭا كۆپچىلىكنى مۇۋاپىق ئىسىم قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.
بۇرۇنقى «بارخان»، «كوت-كوت» قا ئوخشاش يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن، قوللىغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قەدەمنى پۇختا باسماقچى بولۇۋاتىمىز. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا، ياردىمىگە ئېھتىياجلىقمىز. شۇڭا ياخشى پىكىر-تەكلىپلەر بولسا بەرسەڭلار.
ھازىرچە «بۇلبۇل» دېگەن ئىسمنى ئويلىشۋاتىمىز.
بۇ دىتالنىڭ ئايرىم تور بېتى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، تەشۋىقات ۋە باشقا ئىشلىرى ئالىپ تورىدا ئېلىپ بېرىلدۇ.
مەنبە : http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=918
|
|
|
|
|
|