مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1030|ئىنكاس: 12

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى 3 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 01:46:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

‹‹قۇرئان كەرىم›› نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك ( تۈركىيە )

ئىككىنچى بۆلۈم
سۆز سانلىرىدىكى سىرلار

سىياسىي تەرەققىياتلار

بۇ قىسىمدا دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم سىياسىي ھادىسىلەردىن سۆزلەيمىز .ئاساسەن 19 – ۋە 20 -ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئەھۋاللار « قۇرئان كەرىم »دە 14 ئەسىر ئاۋۋال بېشارەت بېرىلگەن . سۈرىلەردىكى سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرلىرىنىڭ يىغىندىسى ھادىسىلەرنىڭ قايسى يىلدا بولىدىغانلىقىنى بىزگە خەۋەر بېرىدۇ. مىساللارنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بۇ ئۇسۇلنىڭ ھېچ ئۆزگەرتىلمەستىن قوللىنىلغانلىقىنى ۋە پۈتۈن سۈرىلەردە ئىشقا يارىغانلىقىنى سىزمۇ كۆرەلەيسىز.

خرىستىئانلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش

« مائىدە » سۈرىسى پات -پات خرىستىئانلار توغرۇلۇق سۆزلىنىدىغان بىر سۈرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ 14 -ئايىتىدە ناھايىتى جەلپكار بىر ئىپادە قوللىنىلىدۇ .دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن خرىستىئانلار ئارىسىدا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنىڭ ساقلىنىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئىسلامىيەت بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتلاردا ئورتاق نىيەت ۋە ھەمكارلىقتا ياشىغان خرىستىئانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىنچلىقتىن ئۇزاقلاشتى . نەتىجىدە خرىستىئانلار ئارىسىدا دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بەردى.

”2- دۇنيا ئۇرۇشى “ دەپ ئاتالغان ۋە خرىستىئانلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن بۇ ئۇرۇش يەنە خرىستىئانلىقنىڭ قەلئەسى بولغان ياۋرۇپادا باشلىنىپ كېڭەيدى . گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە باشلاتقان ئۇرۇش قىسقا ۋاقىتتىلا پۈتكۈل خرىستىئان ياۋر ۇپاسىنى قاپلىدى . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا
قېتىلغان مۇسۇلمان ئوسمانلى ئېمپراتورلۇقى بۇ ئۇرۇشقا قېتىلمدى.

ئەڭ قانلىق ئۇرۇش بولغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ بەك ۋەيران قىلغۇچى بىر ئۇرۇش بولۇپ، تارىختا يېزىلىشىچە، بۇ ئۇرۇشتا 50 مىليونغا يېقىن ئىنسان ئۆلگەن. [بىز ناسارا (خرىستىئان ) دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيەىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنۇتتى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن ) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋ ەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغد ا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىە ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ . [ ، (« مائىدە » سۈرىسى-14 ئايەت ) .

بۇ ئايەت قۇرئاننىڭ باشقا ھىچبىر يېرىدە ئۇچرىمايدۇ . بۇ ئايەت بىلەن بىرلىكتە ”ئۇرۇش“ سۆزى ئۇ چرايدىغان ئايەت نومۇرىلىرىنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگەن چېغىمىزدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان تارىخى چىقىدۇ، يەنى 1939 ...

سۈرىدە” ئۇرۇش“ سۆزى ئۇچرايدىغان ئايەتلەر شۇلار:

[ئۇلار: ‹‹ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىزئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى دېدى ›› .] (« مائىدە » سۈرىسى ، 24-ئايەت ) .

[ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك . بۇ (يەنى جاز ا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر )، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ ] (« مائىدە » سۈرىسى ، 33 – ئايەت)

[ ... ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى ) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۈيقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش ) بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇ نچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ ] ( « مائىدە » سۈرىسى، 64 – ئايەت) .

ئەمدى سۆز سانى بىلەن بۇ ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنى جەملەيلى.

1804 سۆز

« مائىدە » سۈرىسىنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدە جەمئىي 1804 سۆز بار. ”ئۇرۇش“ سۆزى پەقەت 24-,33- ,64 -ئايەتلەردە بار ھەمدە 14-
ئايەتتە خرىستىئانلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك تىلغا ئېلىنىدۇ.

( 2- دۇنيا ئۇرۇشى ) 1939= 1804+24+33+64+14

كۆرگىنىڭىزدەك، سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرلىرىنى جەملىگەن چېغىمىزدا خرىستىئان دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋە تارىختا ئەڭ چوڭ ئۇرۇش بولغان
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى ئىگىلىگەن بولىمىز.

ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

« قۇرئان كەرىم » نى تەھلىل قىلغىنىڭىزدا، ئاساسەن يوقۇلۇپ كەتكەن خەلق توغرۇلۇق بايانلارنى كۆرەلەيسىز، ئىسلامىيەت بىرلىككە كەلگەن يىللاردا
ۋە بۈگۈنمۇ بار بولغان خەلقلەرنىڭ ئىسمى بولسا بەك ئاز . بۇ خەلقتىن بىرى ئىسرائىل ئوغۇللىرىدۇر.

« شۇئەرا » سۈرىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا باشقىچە بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز. قۇرئاننىڭ باشقا سۈرىلىرىدە ”روھۇلقۇددۇس“ شەكلىدە ئۇچرايدىغان ئىپادە پەقەت موشۇ سۈرىدە ”روھۇلئەمىن“ دەپ ئۇچرايدۇ، يەنى ”قۇددۇس “ سۆزى قىزىقارلىق ھالدا يوشۇرۇنىدۇ . ”روھۇلقۇددۇس“ جىبرىئىلنىڭ باشقا بىر
ئىسمىدۇر، ”قۇددۇس“ سۆزى مۇقەددەس دېگەن مەنىدە. شۇنداقلا ”قۇددۇس“ سۆزى بىزگە باشتا ئىسرائىلىيەنى ئەسلىتىدۇ . ئىسرائىلىيە پايتەخت قىلغان ‹‹قۇددۇس›› مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمدە باشقا دىنلارنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىدۇر.

پەقەت « شۇئەرا » سۈرىسىدە يوشۇرۇنغان ”قۇددۇس“سۆزىنىڭ ئورنىغا بۇ يەردە ”ئەمىن“ سۆزى كەلگەن . [ ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، روھۇلئەمىن (ئىشەنچلىك جىبرىئىل) ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى . ] ( « شۇئەر ا » سۈرىسى، -193 ئايەت )

بايا ”قۇددۇس“ سۆزىنىڭ بىزگە ئىسرائىلىيەنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق . « شۇئەرا » سۈرىسىدە ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۇزۇن سۆزلىنىدۇ. سۈرىنىڭ بېشىدىن 69 -ئايەتكىچە ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ فىرئەۋنگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى بايان قىلىنىدۇ ۋە دەل 69-ئايەتتە تېما ئۆزگىرىدۇ.

ئابايا قىلغىنىمىزدەك، بۇ يەردىمۇ جەمئىي سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرىنى جەملەيمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئەسىرلەر بويى قۇرۇلالمىغان ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى كېلىپ چىقىدۇ . يەنى قۇرئان، 69 -ئايەتكىچە بۇرۇن بولغان مۇھىم بىر ھادىسىنى بايان قىلىدۇ ھەم كېيىنكى زامانلاردا رىئاللىققا ئايلىنىدىغان تارىخىي بىر ھادىسىدىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇغىنىسى بۇ قېتىم ئالدىنقى ئۆرنەكلەردىن بىر ئاز پەرقلىق ھالدا ھىجرىيە تارىخىنى قوللىنىمىز . ئەمەلىيەتتە ھازىر كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا.

1299 سۆز

« شۇئەرا » سۈرىسىنىڭ ئەرەبچە ”قۇددۇس“ سۆزى يوشۇرۇنغان تېكىستىدە جەمئىي 1299 سۆز بار. 69- ئايەتكىچە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى بايان قىلىنىدۇ.
(1368 ھىجىرىيە، 1948 مىلادىيە ) = 69 + 1299

نەتىجىدە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغان تارىخى بولغان 1948-يىل كېلىپ چىقتى. ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھە مدە دۇنياد ا سىياسىي
تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ كۆپ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن باشلاپ تالاي قېتىم ئەرەب —ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى بولدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىچە بىر ئۇزاق تىنچلىق ساقلىنالمىدى. بۇ قىسىمدا سىياسىي تەرەققىياتلارنى تەھلىل قىلاتتۇق، شۇغىنىسى بۇ سۈرىدە ساقلاقلىق يەنە بىر بىلىم بار.

DNA نىڭ بايقىلىشى

يەر يۈزىدىكى جىمى جانلىقلار ئۆز تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن خاسلىقلىرىنى ئەۋلادلىرىغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشىشىنىڭ سەۋەبىمۇ DNA دىن . ئاتا- ئانىلارنىڭ گېن خاسلىقلىرى بالىلارغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ . كىمگە مەنسۇپلۇقى نامەلۇم بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسىنى تاپماق ئۈچۈنمۇ ھازىر DNA سىنىقىغا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ.



بايا بىز تەھلىل قىلغان « شۇئەرا » سۈرىسىدە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئىگىلگەنىدۇق. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان يىللاردا DNA بايقالغان ۋە بۇ مۇھىم ھادىسە يەنە « شۇئەرا » سۈرىسىدە ساقلانماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش يىلىنى تاپقاندىن كېيىنلا بىر قانچە جۈملىدىن كېيىن 74 -ئايەتتە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئىپادىگە دۇچ كېلىمىز. بۇ ئايەت شۇ شەكىلدە:
[ئۇلار ئېيتتى: ئۇنداق ئەمەس، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق ]( « شۇئەرا » سۈرىسى، 74 -ئايەت) .
بۇ ئايەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغانلار يامان ئادەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتىلىرىدىن قالغىنىنى باھانە قىلىۋالماقتا. بايا ئاتىنىڭ خاسلىقلىرىنىڭ بالىلارغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق.

يۇقىرىدىكى 74 -ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىنى يازغىنىمىزدىمۇ DNA غا ئىشارەت قىلىنغىنىنى كۆرەلەيسىز . چۈنكى سۈرىدىكى 227 ئايەت ئىچىدە پەقەت 74 – ئايەتتە D-N-A ھەرپلىرى يانمۇ يان كېلىدۇ . 74 – ئايەتنىڭ ئوقۇلۇشى شۇ شەكىلدە:
( يەفئەلۇن قالۇ بەل ۋەجەدنا ئابائەنا كەزالىكە ) ( « شۇئەرا » سۈرىسى، 74 -ئايەت).

باشقا ئۆرنەكلەردە قىلغىنىمىزدەك، بۇ يەردىمۇ سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرىنى جەملەيمىز، ئاندىن DNA نىڭ بايقالغان تارىخى بولغان 1953 -يىل كېلىپ چىقىدۇ.

1299 سۆز

ئاتىدىن بالىغا قېلىشى سۆزلىنىدىغان ۋە DNA ھەرپلىرى يانمۇيان كەلگەن 74 -ئايەتنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملەيلى:

(مىلادىيە1953 ھىجرىيە 1373 ) = 1299+74

ئالدىنقى ئۆرنەكتە بولغاندەك بۇ يەردىمۇ نەتىجە ھىجرىيە تارىخى بويىچە چىقتى.

”ھاياتلىق مالىكۇلىسى “ دەپ ئاتالغان DNA نىڭ تۈزۈلۈشىنى 1953 – يىلى ۋاتسون ۋە كرىك دېگەن ئىككى ئالىم تاپقان. بۇ تېپىلىش نەتىجىسىدە مېدىتسىنا، گېن ۋە باشقا ساھەلەردە ناھايىتى زور ئىلگىرلەشلەر بولدى . DNA نىڭ تېپىلىشى بىلەن بۈگۈن ئالىملار گېن شېفىرىنى يەشتى . خاسلىقلارنىڭ نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈلۈشىنى ساقلايدىغان DNA ھەر ئىنساننىڭ ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇتتۇر.

DNAنىڭ بايقىلىشى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ھاياتلىق، شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ تەسادىپەن كېلىپ چىقمىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان بولدى.
چۈنكى كىچىك بىر DNA زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇن پروتېئىن (جانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاساسىي ماددىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، تەركىبىدە ئاساسەن گۇڭگۈرت، ئوكسېگىن ۋە كاربۇن ئېلىمېنتلىرى بولغان ئامىنۇ كىسلاتاسى بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ تۈزۈلمىلىك تەبىئىي ماددا)
شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالى 400 گە يېقىن بىر رەقەمگە توغرا كېلىدۇ . يەنى پەقەت بىر پروتېئىن
مالىكۇلىسىنىڭمۇ شەكىللىنىش ئېھتىمالى ترىليوندىن بىردىنمۇ نەچچە ھەسسە كىچىك بىر ئېھتىمالدۇر . بۇنىمۇ چەكسىز كۈچكە ئىگە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا
مەنسۇپ قىلىمىز.

مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقى

بۈگۈن مەۋجۇت خەلقلەر ئىسمىنىڭ قۇرئاندا بەك ئاز ئۇچرايدىغىنىنى دېگەنىدۇق. پەقەت بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئىسمى قۇرئاندا ئوچۇق بار . بۇ دۆلەتلەردىن بىرى مىسىر. « قۇرئان كەرىم » دە ”مىسىر“ سۆزى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . ”مىسىر “ سۆزى ئۇچرايدىغان ئايەتلەر ئارىسىدا دىققەتنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى « يۇنۇس » سۈرىسىدۇر.

« يۇنۇس » سۈرىسىنىڭ 87 -ئايىتىدە جەلپ قىلارلىق بىر شەكىلدە ، ئىسلامىيەتتىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ھەزرىتى مۇساغا مىسىردا ناماز قىلىشى ۋەھيى قىلىنىدۇ . ئارقىدىنلا مۇسۇلمانلارغىمۇ خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ. بۇ سۈرىدە ”مىسىر“ سۆزى پەقەت 87 -ئايەتتە ئۇچرايدۇ.

دەرۋەقە قۇرئان نازىل بولۇپ بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن مىسىر مۇسۇلمانلىقنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەسىرلەر بويىچە مۇسۇلمانلار ھىمايىسىدە مەۋجۇتلۇقىنى
يوقاتماي كەلدى. ئەمما ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتۈپ، مىسىر ئىنگىلىزلار ھامىيلىقىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى . ئىنگىلىزلار قاھىرە ۋە ئىسكەندىرىيە قاتارلىق مۇھىم
شەھەرلەنىمۇ ئىشغال قىلدى. مىسىر تىلغا ئېلىنغان ۋە خۇشخەۋەر بەرگەن ئايەت شۇ شەكىلدە:
[بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: ’قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلانى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار ، ناماز ئوقۇڭلار،
مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن ) خۇشخەۋەر بېرىڭلار‘ دەپ ۋەھيى قىلدۇق ] (« يۇنۇس » سۈرىسى، 87 -ئايەت).

« يۇنۇس » سۈرىسىدە ”مىسىر “ سۆزى يالغۇز ئۇچرايدىغان بۇ ئايەتنىڭ نومۇرىنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە مىسىرنىڭ مۇستەقىللىق
تارىخى، يەنى 1919 -يىلى كېلىپ چىقىدۇ.

1832 سۆز

« يۇنۇس » سۈرىسىنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدە جەمئىي 1832 سۆز بار . ”مىسىر“ سۆزى پەقەت 87 – ئايەتتە ئۇچرايدۇ.

(مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقى 1919) =1832+87

زاغزۇل پاشا رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەت 1919 -يىلدا مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 1922 -يىلدا ئەنگىلىيە بۇنى رەسمىي قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مىسىر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئەنگىلىيەنىڭ تەسىرى ئۇزاققىچە داۋام قىلغان. ھەممە ئۆرنەكلەردىكىدەك بۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللاندۇق . بۇ ئاددىي ئۇسۇلنىڭ ھەممە ئۆرنەكلەردە توغرا نەتىجە بېرىشى ماتېماتىكىلىق قاراش جەھەتتىن ھەرگىز تەسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس.

قۇللۇقنىڭ بىكار قىلىنىشى

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتلاردىن بىرى دەپ قارالغان ”قۇللۇقنىڭ بىكار قىلىنىشى “ يىللارچە داۋاملاشقان كۈرەشلەردىن كېيىن قوبۇل قىلىندى. قۇللۇق، تارىخ بويىچە گۈللەنگەن بىر تۈزۈم سۈپىتىدە داۋاملاشتى . بۇنىڭغا قارشى ئىسلام دىنى قۇللارغا قانۇنىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئەركىنلىك بەردى. ئىسلامىيەتكە كۆرە ، ئەركىن ئىنسانلار بىلەن قۇللار قېرىنداش ئىدى ۋە بىر قۇلنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرمەك چوڭ بىر ئىبادەتكە ئوخشاش ئىدى. خېلىلا ئەۋج ئالغان قۇل سودىسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇ دەۋردە ياشىغۇچى ئىنسانلار بەلكىم پەرەز قىلالمايتتى. ھالبۇكى « قۇرئان كەرىم » قۇللۇقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىغا ئەسىرلەر ئاۋۋال بېشارەت بەرگەن .

« رۇم » سۈرىسىنىڭ پەقەت 28 -ئايىتىدە قۇللارنىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن تەڭ-باراۋەرلىكى تۇتقا قىلىنىدۇ . « رۇم » سۈرىسىنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە قۇللۇقتىن گەپ يوق .

28- ئايەت شۇنداق:
[ ئاللاھ سىلەرگە ئۆزەڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال -مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇ شىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟ ) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز ] ( « رۇم »سۈرىسى، 28 -ئايەت ) .
ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۆجىزىلەرنىڭ بايان قىلغانلىقى ئېيتىلماقتا.

دەل بۇ ئايەتنىڭ نومۇرىنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە قۇللۇقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخ بولغان 1847 -
يىلى كېلىپ چىقىدۇ.
بۇيەردە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بىر نۇقتا بار ،« رۇم » سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدە يوشۇرۇن سمۋوللارغا دۇچ كېلىمىز . [... ئەلىف، لام، مىم ] ۋە يەنە
باشقا تۈرلۈك يوشۇرۇن سىمۋوللار بار سۈرىلەردە سۆز سانىنىڭ بېشىغا 1 رەقىمىنى قوشىمىز . چۈنكى بۇ يوشۇ رۇن سمۋوللار 1-ئايەتتە ئۇچرايدۇ . بۇ
يوشۇرۇن سىمۋوللارنىڭ نېمە مەنىدە كەلگەنلىكىنى ھېچبىر مۇفەسسىر ۋە دىن ئالىملىرى تولۇق چۈشەندۈرەلمىدى.

ھەر قاچان قوللانغان ئوخشاش ئۇسۇلنى بۇ يەردىمۇ قوللىنايلى.

819(1) سۆز

(1) قۇللار بىلەن ھۆر ئىنسانلارنىڭ تەڭ -باراۋەرلىكىنى تىلغا ئالغان بىردىنبىر ئايەت 28 -ئايەت ئىدى.

819+28=1847

قۇللۇقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1847 -يىلدىن ئىلگىرىمۇ بىر تالاي تەشەببۇسلار بولغان . لېكىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قۇللۇقنىڭ ئەمەلدىن
قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1847 -يىلدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقا بىر جەر ياندا بۈيۈك قەدەم تاشلاندى. 1847 -يىلدا ئوسمانلى دۆلىتىدە قۇل سودىسى
رەسمىي بىكار قىلىندى . ئارقىدىنلا فرانسىيەدە ، غەربىي ھىندى ئاراللىرىدا قۇللۇق بىكار قىلىندى . كەينىدىن پورتىگالىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيەگە تەۋە يەرلەردە قۇللۇق چەكلەندى. يەنە 1847 -يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك تەرەپدارىدىكى شىتاتلىرىنىڭ ھېچ بىرسىدە قۇللۇق قالمىدى . ھالبۇكى ئامېرىكىدا قۇللۇقنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى چوڭ بىر ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولدى. جەنۇپتىكىلەر بىلەن شىمالدىكىلەر ئارىسىدا يىللارچە داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىدا قۇللۇق رەسمىي بىكار قىلىندى.


پەننىي كەشپىياتلار

ئايروپىلاننىڭ كەشپ قىلىنىشى

ئەسىرلەر ئاۋۋال ”ئاسماندا ئۇچماق “ ئىنسانلار ئۈچۈن مۇمكىنسىز ئىدى.

قۇرئاننىڭ بەزى ئايەتلىرىدە ھاۋا بوشلۇقى ۋە ئاسمانلار توغرۇلۇق بايانلاربار .

پەقەت « ھەج » سۈرىسىنىڭ 31 -ئايىتىدە قۇرئان نىڭ باشقا ھېچ بىر يېرىدە يوق سۆزلەر مەۋجۇت. بۇ ئايەتتە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا ئوچۇق بىر شەكىلدە بېشارەت بېرىلىدۇ.

31 – ئايەتتە ھاۋا بوشلۇقىدىن چۈشكەن بىر كىملەر ئىبرەت سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. پەقەت ئۇ زاماندا ياشىغان ئىنسانلار ئۈچۈن بۇ ئىمكانسىز ئىدى . چۈنكى سىزلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭىزدەك، بىر كىشىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى ئۈچۈن ھاۋادا ئۇچۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئايروپىلان ياكى تىك ئۇچارغا ئوخشاش ئۇچۇش ۋاسىتىلىرى لازىم.

يەنە بۇ ئايەتتە ”بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك “ ئىپادىسى قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بوران، يەنى ھاۋا ئېقىمى، ئايروپىلانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، چۈنكى ئايروپىلانلار ھاۋانى يېرىپ يول ئاچىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولسا ھاۋا يوق.

دېگىنىمىز 31 -ئايەتتىكى جۈملە شۇ شەكىلدە:

[ ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ ... ]
« ھەج » سۈرىسى، (31 -ئايەت) .

« ھەج » سۈرىسىنى تەھلىل قىلسىڭىز، بۇ ئايەتتىن كېيىنلا ئاللاھنىڭ بېشارەتلىرىگە(مۆجىزىلىرىگە) ھۆرمەت قىلىنىش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ.

مانا دەل بۇ ئايەتنىڭ نومۇرى 31 ، بۇنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش تارىخى باشلانغان 1905 -يىل كېلىپ چىقىدۇ.

1291 سۆز

« ھەج » سۈرىسىدە جەمئىي 1291 سۆز بار.

بايا بىز تەھلىل قىلغان، ئۇچۇش ئۇقۇمىدىن گەپ ئاچقان بىردىنبىر ئايەت بولغان 31 -ئايەتنىڭ نومۇرىنى جەملەيلى :
1291+31 = ھىجرىيە 1322 (مىلادىيە 1905 )

زامانىۋى ئاۋىئاتسىيە تارىخىنى باشلاتقان كىشىلەر سۈپىتىدە تارىختا ئۆتكەن ”ئاكا-ئۇكا رايىتلار “ تۇنجى قېتىم ماتۇرلۇق ھاۋا قاتناش قوراللىرىنى ياساشتا مۇۋاپپەقىيەت قازاندى . 1903 -يىلدا ئۇلار بىر ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى، لېكىن ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشى پەقەت سېكونتلارچە داۋاملاشتى. 1905 -يىلدا ياسىغان ئايروپىلانى بولسا ھاۋادا يېرىم سائەت مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۇچتى، شۇ زاماندا ئۇ ئايروپىلان مانېۋىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلان ياسالدى.

تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى

بۈگۈنكى كۈندە قوللىنىلىدىغان دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىككى تۈرگە ئايرىيالايمىز: كېمە-پاراخوت ۋە سۇ ئاستى كېمىسى .

ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن يىللاردا كېمىلەر بار ئىدى، ئەمما سۇ ئاستى كېمىلىرى دېگەننى بىر كىم ئاڭلاپ باقمىغانىدى .

« قۇرئان كەرىم » دە ئارىلاپ ”كېمىلەر“ سۆزى كېلىدۇ . پەقەت « شۇرا » سۈرىسىنىڭ 32 -ئايىتىدە يەنە باشقىچە بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز . بۇ ئايەتتە ”كېمە“ سۆزى كەلمەيدۇ، پەقەت ”دېڭىزدا تاغدەك ھەرىكەتلىنىدىغانلار “ جۈملىسى كېلىدۇ . يەنى كېمىدىن پەر قلىق چوڭ بىر دېڭىز قاتناش ۋاسىتىسى تىلغا ئېلىنىدۇ . بۇ دېڭىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئادەتتىكى كېمە ئەمەسلىكىگە قارىغاندا ئۇ سۇ ئاستى كېمىسى . چۈنكى دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىككىگە ئايرىلىدۇ دېگەنىدۇق . شۇڭا باشقا بىر دېڭىز قاتناش قورالى بولغان سۇ ئاستى كېمىسىگە دىققەت مەركەزلىشىدۇ.

[ دېڭىزدا تاغدەك ھەرىكەتلىنىدىغانلارمۇ يەنە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر ]
« شۇرا » سۈرىسى ( 32 -ئايەت).

بەزى تەرجىمىلەردە بۇ ئايەتكە ”كېمە“ سۆزى ئارتۇقچە قوشۇلغان (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ شۇنداق بولغان — ت). تەرجىمە قىلغۇچىلار ئايەت مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ”كېمە“سۆزىنى قوشقان بولۇشى مۇمكىن . بۇ ئايەتنىڭ ئەرەبچىسى شۇ شەكىلدە بولۇپ، ”كېمە“سۆزى يوق .

بۇ ئايەتنىڭ نومۇرىنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە تۇنجى مۇۋاپپەقىيەت قازانغان سۇ ئاستى كېمىسى—”ھوللاند“ نىڭ ياسىلىش تارىخى ( 1898 ) كېلىپ چىقىدۇ . ئەمدى بىز سۇ ئاستى كېمىسىگە بېشارەت بەرگەن ئايەتنىڭ نومۇرى 32 بىلەن سۈرىدىكى سۆز سانىنى جەملەيلى .

866(1) سۆز

بىز ئالدىنقى قېتىم سۈرىلەرنىڭ 1-ئايىتىدە يوشۇرۇن سمۋوللارنىڭ بارلىقىنى ۋە دىنىي ئالىملا رنىڭ بۇلارنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق . بۇ يەردىكى « شۇرا » سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىدىمۇ يوشۇرۇن سمۋوللار بار.
(1) پەقەت 32 -ئايەتتىلا سۇ ئاستى كېمىسىگە بېشارەت بېرىلىدۇ .

866+32 = 1898 تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى

دېڭىزچىلىك تارىخىدا تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى دەپ قارالغان ۋە 1898 – يىلدا ياسالغان ”ھوللاند“ ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىدىن ئاۋۋال بەزى سۇ ئاستى كېمىلىرى ياسالغان، لېكىن ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى . چۈنكى ”ھوللاند“ نىڭ ئېلىكتىرلىق ۋە بېنزىن موتورلىرى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئامېرىكا ئۇ سۇ ئاستى كېمىسىنى ياخشىلاپ چوڭايتىپ قوللانغان. سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ھەربىي ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەمما خەتەرلىك بىر تەرەققىياتتۇر . چۈنكى نۇرغۇن سودا ۋە ئۇرۇش پاراخوتى سۇ ئاستى كېمىسى بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن . 1- دۇنيا
ئۇرۇشىدىمۇ سۇ ئاستى كېمىلىرى ئىتتىپاقداش پاراخوتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۆكتۈرۈۋەتكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئورنىنى بىلەلەيدىغان ھېچقانداق ئېلىكتىرىك ئۈسكۈنە يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى .

ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلىنىشى

ماددىنىڭ كىچىك زەررىچىلىرى ئاتوم دېيىلىدۇ.

قەدىمدىن بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئالىم ۋە پەيلاسوپلار ئالەمدىكى ھەر ماددىنىڭ نۇرغۇن زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى . داڭلىق پەيلاسوپلار بۇ نۇرغۇن كىچىك زەررىچىلەرنى ”بۆلۈنمەس“ مەنىسىدە كېلىدىغان ”ئاتوموس“ سۆزى بىلەن ئاتىغان. يەنى ئىنسانلار بۇرۇنقى زامانلاردىمۇ ئاتومنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلاتتى، لېكىن ئاتومنى تەتقىق قىلىش ئىمكانى يوق ئىدى .

« قۇرئان كەرىم » دىكى ”زەررە“ سۆزىمۇ ئەرەبچىدە ناھايىتى كىچىك پارچە، ئاتوم مەنىسىدە كېلىدۇ.

« فۇرقان » سۈرىسىنىڭ 23 -ئايىتىدە قىزىقارلىق تۈستە زەررەلەر تىلغا ئېلىنىدۇ ۋە بۇ زەررەلەرنىڭ بۆلۈنۈپ ئەتراپقا چېچىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ . بۇ سۈرىدە ”زەررە“ سۆزى باشقا يەردە ئۇچرىمايدۇ .

[ ... ۋە ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك (زەررەدەك) قىلىۋېتىمىز]
« فۇرقان » سۈرىسى، ( 23 -ئايەت).

مانا دەل بۇ ئايەتنىڭ نومۇرى، يەنى 23 نى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن قوشقىنىمىزدا ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلانغان تارىخىغا ئىگە بولىمىز.

1872 سۆز

« فۇرقان » سۈرىسىدە جەمئىي 1872 سۆز بار. ناھايىتى كىچىك پارچە— ئاتوم مەنىسىدە كەلگەن ”زەررە“ سۆزى « فۇرقان » سۈرىسىدە پەقەت 23 -ئايەتتە ئۇچرايدۇ.

1872+23 = 1895 ئاتوم دەۋرىنىڭ باشلىنىشى

1895 – يىلىدا لازىر نۇرى بايقالدى ۋە ئارقىدىنلا ئاتوم يادروسى رەسمىي تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى، رادىئوئاكتىپلىق ئۇقۇمى مەيدانغا كەلدى ۋە ئېلىكترون بايقالدى. ئەمما تەتقىقات ئىلغارلاشقانچە ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئىنسانىيەتكە زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى.

ئېسىڭىزدە بولسا، ئالدىنقى بۆلۈملەردە تۆمۈر ئېلىمېنتىنىڭ ئاتوم نومۇرىنى ئۆرنەك قىلىپ بەرگەنىدۇق.

تېلېفوننىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە خەۋەرلىشىش

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلىرىمىزدا « ساد » سۈرىسىنىڭ تېلېفوننىڭ كەشپ قىلىنىشىغا بېشارەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەنىدۇق، شۇنداقلا ”سادا“ سۆزىنىڭ ”بەرگەن ئاۋاز ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ئاۋاز “ مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ”ساد“ تىن تۈرلەنگىنىنى سۆزلىگەنىدۇق. (مۇھەممەد ھ.ي. تەفسىرى). بۇ سۈرىدە ”قاتتىق تىترەيدىغان ۋە ناھايىتى تېز ئاۋاز “ تىلغا ئېلىنىدۇ. بەزى تەرجىمىلەردە بولسا بۇ سۆز شاۋقۇن -سۈرەنلىك، پەريادلىق، شىددەتلىك ئاۋاز ۋە ياكى باشقا شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغان.

”بۇلارنىڭ كۈتكىنىمۇ پەقەت قاتتىق تىترەيدىغان ئاۋازدۇر…“

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكىسى:
[ بۇلار (يەنى مەككە مۈشرىكلىرى ) پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۈرنىلا ) كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ ] ( « ساد » سۈرىسى، 15 – ئايەت) .

بۇ يەردىكى پەۋقۇلئاددە تېز ۋە قاتتىق تىترەيدىغان (يۇقىرى دولقۇنلۇق ) ئاۋاز بۇرۇنقى قەۋملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر پالاكەتنى چۈشەندۈرىدۇ، ھالبۇكى ئىككىنچى مەنىدە، بۈگۈنكى تېخنىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەرەققىياتلىرىدىن بىرى بولغان تېلېفوندىن بېشارەت بېرىدۇ . چۈنكى تېلېفون نورمال بىر ئاۋاز دولقۇنىنى ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن قاتتىق تىترەيدىغان ۋە ئىنتايىن تېز بىر ئاۋازغا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاۋازنى يىراقلارغا يەتكۈزىدۇ.

مانا بۇ ”يۇقىرى دولقۇنلۇق ۋە ئىنتايىن تېز بىر ئاۋاز “ ئىپادىسى « قۇرئان كەرىم » دە تۇنجى بولۇپ « ھۇد » سۈرىسىدە ئۇچرايدۇ . « ھۇد » سۈرىسىنىڭ پەقەت ئىككى ئايىتىدە بۇ ئاۋاز تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلار شۇنداق :

[ ئۇ زالىملارغا قاتتىق تىترەيدىغان بىر ئاۋاز تۇيۇقسىز كەلدى -دە، ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدە قېتىپ قالدى ] « ھۇد ») سۈرىسى، ( 67-ئايەت).

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكىسى:

[ زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى -دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى ] . [ ... ۋە ئۇ زالىملارغا قاتتىق تىترەيدىغان بىر ئاۋاز تۇيۇقسىز كەلدى -دە، ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدە قېتىپ قالدى ] « ھۇد » سۈرىسى،(94 -ئايەت).

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكىسى:

[ ... ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز (دىن پەيدا بولغان ) زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى ] . ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرى بولغان 67 ۋە 94 نى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە، تېلېفوننىڭ كەشپ قىلىنىش يىلى بولغان 1876 -يىل كېلىپ چىقىدۇ.

1715 سۆز

[ يۇقىرى دولقۇنلۇق ۋە ئىنتايىن تېز بىر ئاۋاز ] ئىپادىسى قۇرئاندا تۇنجى بولۇپ « ھۇد » سۈرىسىدە ئۇچرايدۇ دېگەنىدۇق. ( 67 – ۋە 94 -ئايەتلەردە)

« ھۇد » سۈرىسىدە جەمئىي 1715 سۆز بار.

1715+67+94 = 1876 تېلېفوننىڭ كەشپ قىلىنىشى

تېلېفون ئالېكساندىر گراھام بېل تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغان.

قىتئەلەرنىڭ قېيىشى

« قۇرئان كەرىم » دە”قىتئە“ سۆزىنىڭ پەقەت بىر يەردە ئۇچرىشى قىزىقارلىق بىر ئەھۋالدۇر . ”قىتئە “ سۆزى پەقەت « رەئد » سۈرىسىنىڭ 4 – ئايىتىدە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ ئايەتتە قىتئەلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئايەت شۇنداق : [ يەر يۈزىدە بىر -بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار ... ] « رەئد »سۈرىسى ،( 4-ئايەت).

قىتئەلەرنىڭ ئەسلىدە بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ھەقىقەتەن ئاجايىپ . چۈنكى ئالىملار دۇنيانىڭ باشلانغۇچىدا پەقەت بىر قىتئە توپلىمىنىڭ بارلىقىنى ۋە زامانلار ئۆتكەنسېرى بۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ بار ا-بارا بىر-بىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى يېقىندا جەزملەشتۈردى .

1858 ۋە 1859 -يىللاردا پېللىگرىنى -ئانتونىئو سنىدېر قىتئەلەرنىڭ بۇرۇن تۇتاش ئىكەنلىكىنى ۋە زامانلار ئۆتكەنسېرى بىر -بىرىدىن يىراقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . لېكىن بۇ نەزەرىيە ئەللىك يىلغا يېقىن ھېچ دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن، ئاخىردا ۋېگېنېر ئىسىملىك ئالىم تەرىپىدىن توغرا دەپ قارالغان . ئىلىم تارىخىدا چوڭ بىر ئىلگىرلەش بولغان قىتئەلەرنىڭ قېيىشى نەزەرىيىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمىي ھادىسىلەر چۈشەندۈرۈلدى. ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئان، ئالىملارنىڭ بۇنى بايقايدىغانلىقىنى يىلى بىلەن بىللە خەۋەر بەرمەكتە.

855(1) سۆز

”قىتئە“ سۆزى قۇرئاندا ئۇچرايدىغان بىردىنبىر ئايەت 4-ئايەتتۇر.
(« رەئد » سۈرىسىدە)
855+4(1) =1859 قىتئە نەزەرىيىسى يىلى

شۇنىڭ بىلەن ئىنشائاللاھ مەزكۇر كىتابنىڭ 2 – بۆلىمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى .


ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ….

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Uyghun + 30 ياخشى تېما
dahan + 200 داۋامنى ساقلاتىمىز ،رەھمەت
مەلىكە + 500 كۆپ تەشەككۈر. داۋامىنى ساقلايمەن.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 730   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40621
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 58
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 05:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لا ئىلاھە ئىللەللەھۇ مۇھەممۇدۇن رەسۇلىللاھ

داۋامىغا تەشنامىز .

ئۆمۈر قار گوياكى تومۇز كۈنىدە ، ئاز قالدى، ئىگىسى مەغرۇر كۈلكىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38328
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1789
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 06:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردىنبىر ئۇلۇغ كىتاپتە

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 06:45:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە ياخشى تىما يوللاپسىز ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز  . داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

كۆڭۈللەر ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4314
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10999
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 1384 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 07:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى ساقلاتىمىز ،رەھمەت

ئاقىللار سەۋەنل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8042
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8624
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 4021 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 01:33:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ulug alla hammini bilguqidur

ئىزلىرىڭ بولسۇن ئەركەككە خاس،سۆزلىرىڭ بولسۇن ھەممىسى راس.

شاھزادە ئارتورن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10420
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 02:26:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولغان

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 02:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز قىرىندىشىم. بىراق ئىنسانلار تىخى  بايقىمىغان ئشلار يوقمۇ؟
مەسلەن؛ دىيارىمىز توغىرلۇق گەپ سۆزلەر.

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43755
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2011-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 06:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alla   uluh

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27492
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 07:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا ئىنتىزار ......

ھايات-ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن خىرىسلارغا تەييار تۇرۇشتۇر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28259
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2301
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-1-29
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 08:10:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.....ئاپىرىن ........

يۈكسەل،ئۇيغۇرۇم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37185
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 09:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن  (1)،(2)چۇ؟!...قەيەردىن كۆرگىلى بولار؟

ئادەم قادىر ھەممىگە ، گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە .

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20560
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7881 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 12:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت11قەۋەتogulayبىلەن2011-06-10 09:10 PMيوللانغان :
مەن بۇ تېمىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن  (1)،(2)چۇ؟!...قەيەردىن كۆرگىلى بولار؟

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-52385.shtml

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-52456.shtml

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش