مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 0

ئەنگىلىيىنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى پارچىلاشتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3113
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9076
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 12:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنگىلىيىنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى پارچىلاشتىكى سۈيقەستلىرى


ئەنگېلىيىنىڭ ، ئىسلام ئەللىرىنى پارچىلاشتا ئوينىغان رولى،مۇستاپا مۇھەممەد تەھھانئاخبارات ئاگېنىتلىقلىرى، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بىلەيېرنىڭ، ئىسرائېلىيە باش مىنىستىرى سەھيۇنى شارۇننى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىغىنى ۋە ئۇنى باش شىتاپقا تائامغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ،ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇنداق ئىشنىڭ ناھايەتى ئاز يۈز بىرىدىغانلىغىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بۇلانچى ئىسرائېلىيەنىڭ كۈچلۈك ئالاقىسى بارلىقىغا دەلىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدىبۇ خەۋەر تارىختىكى خىرىستىيانلاشتۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىك ، پۇرسەتپەرەسلىك، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى يوقىتىش، ئىمپىرىيىنىڭ زېمىن ۋە بايلىقىلىرىنى تالان-تاراج قىلىش، ئىشغال قىلىش، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئىچىش قاتارلىق بىر – بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن زەنجىرسىمان ھادىسىلەردىن بىر ھادىسىگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى،خەلقىمىز ، ھەتتا بەزى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھادىسىلەردىن خەۋىرى بار – يوقلىغىنى بىلمىدىم..مەن بۇ ھادىسلەرنى ئاشكارىلاشنى مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم دەپ قارايمەن، چۈنكى بۇنى ئاشكارىلاش بۇگۈنكى كۈندىكى خەلقئارا سىياسەتلەردە ئىقىۋاتقان ۋە بەزىدە تەھلىل ئۈچۈن قەلەملەر تەۋرىتىلىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئەينەن چۈشۈنۈۋىلىشىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق بىرىنجى: ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىمەن ئىشلارنى ئۆز ئىسملىرى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇرمەنكى، بۇ ئۇرۇشلار تارىختىن بىرى ئۆزۈلمەي داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىنىڭ داۋامىدۇر..ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى مىلادىيە 964- يىلى نەقفۇر سەلىبىنىڭ باغداتتىكى ئابباس سولالىسى خەلىپىسىگە قاراتقان تەھدىد مەكتۇبى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن:" ئەنگىلىيە قۇشۇنلىرى يېقىندا ئىراق، شام ۋە مىسىرنى ئىشغال قىلىدۇ، خەلىپىنىڭ ھىجاز شەھرىگە قايتىپ، ھىجازدىن باشقا شەھەرلەرنى ئەسلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگىنى ياخشى.. " نەقفۇر سەلىبى بەيتۇللاھنى ئېلىپ، دۇنيانىڭ شەرق ۋە غەربىگە خېرىستىيان دىنىنى تارقىتىمەن دەپ تەھدىد سالغان.ئىشغالىيەتچى كەرك ئەرنات كەڭ كۆلەملىك ئەھلى سەلىب قۇشۇنى تەشكىللەپ، قۇشۇنلىرىنى ئۇرۇش كىمىلىرى بىلەن ھىجاز قىرغاقلىرىگە يۆتكەپ كىلىپ قىزىل دېڭىز بۇيىدىكى يەنبۇ ساھېلىگە چۈشۈرگەن.. بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانى مەدىنىدىكى مەسجىدى نەبەۋىنى- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى ئىشغال قىلىش ئىدى.مىلادىيە 1099- يىلى جۇدفرى ئەۋف بوۋەيلۇن خىرىستىيانلار دىنى داھىسىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن، خىرىستىيانلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ بېسىمىدىن ئازات قىلىش داۋاسى بىلەن ئەھلى سەلىب ھەربى يۈرۈشى قىلىپ قۇددوسنى ئىشغال قىلۋالغان ۋە ئۇ يەردە سەلىب دۆلىتىنى قورغان. بۇ ھۇجۇمدا مۇقەددەس زېمىننى مۇداپىئە قىلىۋاتقان 70 مىڭ مۇسۇلمان شېھىد بولغان.مىلادىيە 1147- يىلى فىرانسىيە پادىشاھى تۆتىنجى لويس ۋە گىرمانىيە ئىمپىراتۇرى ئۈچىنجى كونراد دەمەشىقنى ئىشغال قىلىش نىيىتىدە يېڭىدىن ئەھلى سەلىب ھۇجۇمى قوزغىغان.مىلادىيە 1191- يىلى گىرمانىيە ئىمپىراتۇرى بىرىنجى فەرېدرېك، فىرانسىيە پادىشاھى فېلېب ئۇغۇستۇس ۋە ئەنگىلىيە پادىشاھى رېچارد قەلبۇل ئەسەد ئەھلى سەلىب ھەربى يۈرۈشى قىلىپ شام ساھېلىنى ئىشغال قىلۋالغان.مىلادىيە 1215- يىلى خىرىستىيانلار دىنى داھىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن مىسىرنى ئىشغال قىلىش نىيىتىدە ئەھلى سەلىب قۇشۇنى تەشكىل قىلغان.مىلادىيە 1229- يىلى سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن گىرمانىيە ئىمپىراتۇرى ئىلگىرى سالاھىددىن ئەييۇبى ئازات قىلغان پەلەستىننى قايتا ئىگەللىۋېلىش نىيىتىدە يېڭىدىن ئەھلى سەلىب ھەربى يۈرۈشى ئېلىپ بارغان.

مىلادىيە 1271-يىلى فىرانسىيە پادىشاھى تۇنىسنى ، ئەنگىلىيە پادىشاھى پەلەستىندىكى ئەككانى ئىشغال قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ،
ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئىگەللىۋېلىش پىلانىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يىتەرلىك دەلىل- پاكىتلار ۋە مۇھىم ھۆججەتلەر ھېلىمۇ ئىسىمدە.
ئىككىنجى: مۇستەملىكىچىلىك باسقۇچى
فىرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە ۋە ئۇلارنىڭ پىشىۋاسى ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تارىختىكى مۇستەملىكىچى جاھانگىر دۆلەتلەردۇر.
فىرانسىيە مۇستەملىكىچىلىگى مىلادىيە 1798- يىلى مىسىرغا، 1820- يىلى ئالجىرىيىگە، 1881- يىلى تونىسقا، 1882- يىلى سىنگالغا، 1882- يىلى مەدەغەشقەرگە، 1911- يىلى ماراكەشكە ھۇجۇم قىلىش بىلەن باشلانغان، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سۈرىيە ۋە لىبنان قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلۋالغان.
ئىتالىيە مۇستەملىكىچىلىگى مىلادىيە 1887- يىلى سومال ۋە ئىرتېريا نى، 1911- يىلى لىۋىيەنى ئىشغال قىلىش بىلەن باشلانغان.
ئىسپانىيە مىلادىيە 1914- يىلى ماراكەشنىڭ يىزا- قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئىسپانىيە ئىشغالىيىتى مىلادىيە 1926- يىلى مۇجاھىد ئابدۇل كەرىم خەتتابىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن مۇكەممەللەنگەن.
روسىيە مۇستەملىكىچىلىگى مىلادىيە 1571- يىلى سىبىرىيەنى، 1654- يىلى ئاستوراخان دۆلىتىنى،1670- يلى ئاۋرال رايۇنلىرىنى، 1864- يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى،1859- يىلى تاشكەنتنى،1882- يىلى بۇخارا ۋە خەيۋە قاتارلىق ئۇرۇنلارنى، 1884- يىلى تۇركىستاننى ئىشغال قېلىش بىلەن باشلانغان.
گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىگى مىلادىيە 1621- يىلى جاۋانى، 1874- يىلى سۇمتارانى ئىشغال قىلىۋالغان.
ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىگى مىلادىيە 1849- يىلى بىنگال ۋە پەنجابنى، 1815- يىلى نىگىرىيەنى، 1882- يىلى مىسىرنى، 1898- يىلى سۇداننى، 1916- يىلى ئىراقنى، 1918- يىلى ئوردۇن ۋە پەلەستىننى، 1870- يىلى زەنجىبارنى، 1887- يىلى قىبرىسنى ئىشغال قىلىۋالغان.
ئۈچىنجى : غەرب سەھيۇنىيەت باسقۇچى
بۇ باسقۇچ مىلادىيە 1898- يىلى شىۋىتسىيەدە بىرىنجى قېتىملىق سەھيۇنى قۇرۇلتېيى ئېچىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ قۇرۇلتايدا مۇسۇلمانلار خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇل ھەمىد بىلەن ئۇچرىشىپ مۇستەملىكىچى يەھۇدىلارنىڭ يەرلىشىشى ئۈچۈن پەلەستىن زېمىنىنىڭ بەزى يەرلىرىدىن ئۈتۈنۈپ بىرىشكە مەجبۇر قىلىش قارار قىلىنغان، سۇلتان ئابدۇل ھەمىد بۇنى رەت قىلىپ، سەھيۇنى قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى ھىرتېزىلغا : "بۇ زېمىن مۇسۇلمانلارنىڭ خاس مۈلكى.. ئۆلۈمىمدىن بۇرۇن جىسمىمنىڭ پارچىلنىشى مۇمكىن ئەمەس"دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مىلادىيە 1898- يىلى ئەۋۋەلقى ئورۇندا ھىرتېزىل رىياسەتچىلىكىدە ئىككىنجى قېتىملىق سەھيۇنى قۇرۇلتېيى ئېچىلىپ بۇ قۇرۇلتايدا: سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى يېقىتىش، ئىسلام خىلاپىتىنى يېقىتىش، كېلىچەكتە خىلاپەتنىڭ قايتا باش كۈتۈرىشىنى توسۇپ قېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قارار ماقۇللانغان.
بۇ قارارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن مىلادىيە 1905- يىلى ئەنگىلىيە لوندۇندا مەخپى قۇرۇلتاي ئاچقان، بۇ قۇرۇلتايغا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە، بىلجىيكا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق جاھانگىر، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر قاتناشقان.
ئەنگىلىيىنىڭ بۇ قۇرۇلتاينى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدى گىرمانىيە مۇستەملىكىچىلېكىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئافرىقا - ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى كېڭەيمىچىلىك پىلانلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن مۇستەملىكىچى بىرلىك سەپ قۇشۇنى تەشكىل قىلىش ئىدى.
بۇ قۇرۇلتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت تەشكىل قىلغان بولۇپ، ھەيئەت مىلادىيە 1908- يىلىغىچە داۋام قىلغان. بۇ ھەيئەتكە " كامبىل ھەيئىيتى " دەپ نام بىرىلگەن، بۇ ھەيئەت يەنە قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر ئىگەللىۋالغان رايۇنلاردا مۇستەملىكىچىلىك ھەركىتىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. بۇ قۇرۇلتاي مۇستەملىكىچىلىك ھەركىتىگە ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۆپ تۇسالغۇ بۇلىۋاتقانلىقىنى مۇزاكىرىلىشىپ، ئىسلام دۆلىتىنى يېقىتىش ھەركىتىگە تىز تۇتۇش قېلىشنى قارار قىلغان..
قۇرۇلتاي كىلىچەكتە ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىپ كىتىش خەتىرى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ قايتا باش كۈتۈرۈپ قېلىش خەتىرى شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىنى تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئەرەب رايۇنلىرىدا مۇمكىنچىلىگى بار دەپ قارىدى. قۇرۇلتاي بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەرەب ئافرىقا بىلەن ئەرەب ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا غەرب مۇستەملىكىچىلىكىگە ئىتپاقداش بۇلىدىغان ئىسرائېل دۆلىتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى قارار قىلدى.
مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر سۈيقەستلىرىنىڭ داۋاملىشىشى مىلادىيە 1908- يىلى يەھۇدىلارنىڭ ئالتۇن- كۈمۈشلىرى بەدىلىگە پەلەستىن زېمىنىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان سۇلتان ئابدۇلھەمىد خىلاپەتتىن يېقىتىلدى.
مىلادىيە 1914- يىلى ئىلمانى ( دىندىن تاشقىرى دۆلەتچىلىك تۈزۈمى ، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنماقتا- تەھرىردىن) ئەقىدىدىكى تۇركىيە ھىزبۇلئىتتىھاد( بىرلىك پارتىيىسى – تەھرىر ) ى ئوسمان ئىمپىرىيىسى گەۋدىسىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىمپىرىيەنى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا سورەپ كىردى . نەتىجىدە پارچىلانغان، چېچىلاڭغۇ كىچىك دۆلەتلەرنى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئىشغال قىلىۋالدى.
مىلادىيە 1916- يىلى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئەرەب ۋە ئىسلام رايۇنلىرىنى ئۆز-ئارا بۈلىشىۋېلىشقا تىل بىرىكتۇرۇپ، ئۇ رايۇنلارنى ئىشغال قىلۋالدى.
مىلادىيە 1917- يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى " يەھۇدىلار زېمىنسىز خەلق، پەلەستىن خەلقسىز شەھەر " دېگەن سەپسەتە بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ئىسرائېل دۆلىتىنى قۇرۇشى ئۈچۈن پەلەستىننى يەھۇدىلارغا بىرىپ، ئۇلارغا چوڭ ئىلتىپات كۆرسەتتى.
مىلادىيە 1923- يىلى ئىسلامنى مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلار دىيارىدا دىنغا دۇشمەن بولغان ئىلمانىلىق نەزىرىيىسىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
مىلادىيە 1924- يىلى ئىسلام خىلاپىتى يېقىتىلدى.
مىلادىيە 1947- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن ھىسابىغا رەسمى ئىسرائېل دۆلىتى قۇرۇش قارارىنى چىقاردى.
مىلادىيە 1948- يىلى يەرلىك پەلەستىنلىكلەر يۇرتىنى تاشلاپ تەرەپ – تەرەپتە سەرگەردان بۇلىشقا مەجبۇرلاندى.
مىلادىيە 1956-1967 - 1973- يىللىرى بۇ مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر رەسمى ئۇرۇشقا كىرىش نەتىجىسىدە ئىسرائېل ئوتتۇرا شەرىقتە ئالاھىدە كۈچلۈك ۋە چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

ئامېرىكىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن ئىراق ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ بىرىنجى قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى پارتىلىدى.. ۋە يەنە ئامېرىكىنىڭ ھىلە- نەيرىڭى بىلەن ئىراق كوۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنجى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى پارتىلىدى، نەتىجىدە ئەرەب دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقى ئامېرىكا ئىشغالىيەت قۇشۇنىنڭ ھەربى بازىسىغا ئايلاندى.
كېيىن ئامېرىكىنڭ "يا ئامېرىكا تەرەپدارى بولۇش ۋە ياكى تىرورىست تەرەپدارى بۇلۇش" قارارىنى ئىلان قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئوزۇندىن بىرى كۈتكەن 11- سىنتەبىر ۋەقەسى يۇزبەردى. سۈرەت ناھايىتى ئايدىڭلاشتى.. ( دۇشمەنلەرنىڭ نەزىرىدە) ئىسلام دىنى تىرورلۇق دىنىغا ئايلاندى، ئىسلام دىنى خەلقئارا تىرورلۇقىنىڭ بىردىن بىر قانونلۇق ۋەكىلى دېگەن ئىتىبار بىلەن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلىندى..
ھېچكىم بۇ ھادىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان رادىكال كۈچلەرنىڭ ئارقا تۈرىكى بولغان ئامېرىكا بىلەن ھىساپلاشمىدى. پەقەت ئىسلام بىلەن ھىساپلاشتى، ئىسلامغا تۆھمەت قىلدى..
بىز بۈگۈن سوراپ باقايلى، ئىسلام قانداقلارچە تىرورلۇق دىنى بۇلىدۇ؟ ئۇنداقتا ئىسلام ئازغىنە مۇددەت ئېچىدە ئەرەب ئارىلى، پارىس ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندى يېرىم ئاراللىرى، جەنۇبى شەرقى ئاسىيا، مىسىر ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە قانداق تارقالغان؟
غەرب- شەرق ۋە بارلىق مۇستەملىكىچى جاھانگىر دۆلەتلەر ئىسلام دىنى قىلىچ كۈچى بلەن كەڭەيگەن دەپ دەۋا قىلىشىدۇ! ۋاھالەنكى ھازىر ئۇلارنىڭ بۇيانلىرىگە تەڭلىنىدىغان قىلىچ يوق! ئۇنداقتا ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى ئىسلامنى دەپ ئۆز مىللىتى بولغان سىرىبلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى؟
ھازىر ھېچكىم ئىسلام دىنىغا مەجبۇرلانمايدۇ! قەيەردە بىر مۇسۇلمان ئىسلام دىنىدىن يېنىۋالدى؟
مۇسۇلمانلار دىيارلىرى ھەر جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئارقىسىدا قالغان تۇرۇغلۇق مۇسۇلمانلار يەنە نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ؟
ھىرەقىل ئەينى ۋاقىتتىكى قۇرەيش داھىسى ئەبۇ سۇپياندىن " مۇسۇلمانلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازىيىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىغاندا ئەبۇ سۇپيان: بەلكى كۆپىيۋاتىدۇ.. دەپ جاۋاپ بەرگەن، ھىرەقىل: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شۇنداق بۇلىدۇ دېگەن. دابلىيۇ بوشنىڭ ئىسلامغا قارشى ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى ئىلان قىلغان كۇنى چۈشەنمىگەن ، بارونە تاچىرنىڭ: " ئىسلام دىنى كومۇنىست تۈزۈمى يېقىلغاندىن كېيىنكى بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۇشمىنىمىز " دەپ جاكارلىغان كۇنى چۈشەنمىگەن نەرسىسىنى ھىرەقىل قانداق چۈشەنگەندۇ؟
ئۇلار " بىز ئىسلامغا قارشى ئەمەس.. لېكىن بىز رادىكال مۇسۇلمانلارغا قارشى" دىيىشىدۇ، ئۇلاردىن سوراپ باقايلى، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن سىلەر قۇرئان ۋە قۇرئان تەلىماتىغا، ئىسلام تەلىم- تەربىيىسىگە، تەلىم- تەربىيە پىروگراممىلىرىغا ۋە ئىسلام قانۇن- تۈزۈملىرىگە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بېسىم قىلىسىلەر؟ ھەتتا مۇئەززىننىڭ ئاۋازىغا.. ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابىغا چەكلىمە قۇيىسىلەر؟..نىمە ئۈچۈن ھىجابتا بۇلغان قىزلار باشلانغۇچ، ئالى مەكتەب ۋە بىرەر خىزمەتكە قۇبۇل قىلىنمايدۇ؟ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابىمۇ تىرورلىق تۈرىگە كىرەمدۇ؟ ھىجابلىق قىز تىرورىستمۇ؟ ياكى ئۇ قىزنى ھاياتتىكى رولىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن زوراۋان قانۇنلارنى سۈيىئىستىمال قىلغان كىشى تىرورىستمۇ؟
ئەنگلىيە ھەققىدە مۇلاھىزە:
ئەنگىلىيىنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش، زېمىن ۋە بايلىقلىرىنى بۇلان- تاراچ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئوينىغان رولى ئامېرىكا تونى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان قۇشۇمچە رول بولماستىن بەلكى ئاساسلىق مۇھىم رولدۇر. ئۇنىڭ بەزى مىساللىرى تۇۋەندىكىچە:
بىرىنجى: ئەرەب چوڭ ئىنقىلابىي
بۇ ئىنقىلاپتا ئىنگىلىزلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى يېقىتىش ئۈچۈن شەرىف ھۈسەيندىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان. ئۇلار شەرىف ھۈسەيننى ئالداپ ئەرەب بىرلەشمە دۆلىتى قۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى شەرىف ھۈسەيننى ئۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشقان..
مىلادىيە 1912- يىللىرى شەرىف ھۈسەين بىلەن ئىنگىلىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تېخىمۇ كۈچۈيىدۇ. ئەنگىلىيە مىنىستىرى كەچىنىر شەرىف ھۈسەيندىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلدىغان ئۇرۇشقا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە ئىشتىراك قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يوللىغاندا شەرىف ھۈسەين مىلادىيە 1914- يىلى 10-30 - كۇنى: " ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنجى چوڭ دۆلىتى ھىساپلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك ئىش.." دەپ جاۋاپ خېتى يازغان.

بۇ كېلىشىم كۇلۇب پاشا ئاشكارىلىغاندەك ئىنگىلىزلارغا ناھايىتى چوڭ پايدا ئېلىپ كەلدى.. لېكىن شەرىف ھۈسەين ئۇنىڭ بەدىلىگە نىمىگە ئىرىشتى؟
ئىنگىلىزلار فىرانسىيىلىكلەر بىلەن ئەرەب ئەللىرىنى بۈلىشىۋېلىش ئۈچۈن سايكس- بيكۇ كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئىنگىلىزلار ئىسرائېل دۆلىتى قۇرۇلغاندا پەلەستىندىن سۈرگۈن قىلىنىدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ پاناھ جايى بولسۇن ئۈچۈن ئوردۇننى ئابدۇللاھ بىن شەرىف ھۈسەينگە تەقدىم قىلدى.ئىنگىلىزلار بەسرىدىن يەمەنگىچىلىك بولغان دېڭىز ئاراللىرىدا نېفىت بايقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالنى ئىشغال قىلىۋالدى.
مىلادىيە 1918- يىلى گېنرال لىنبىي قۇددوسقا كىلىپ خەلق رەھبەرلىرى ئالدىدا ئەھلى سەلىب ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
مىلادىيە 1923- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۇنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى سەھيۇنى ھېربىرت سامۇئىلنى ئەنگىلىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى پەلەستىندىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ۋالىيلىققا تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇھىم ۋەزىپىسى ئىسرائېل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىننى يەھۇدىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىش ئىدى. ئەنگىلىيە شەرىف ھۈسەيننى پۈتۈن ئەرەبگە پادىشاھ قىلىشنىڭ ئورنىغا يۇرت ۋە ئەھلىدىن ئايرىپ قېبرىسقا نەزەربەنت قىلدى.ئىنگىلىزلار بۇ ئىشلارغا قانائەت قىلمىدى بەلكى بىر پۈتۈن مۇسۇلمان ئۇممىتى ھەركىتىنى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ئىلمانى شەكىلدىكى تار ئەرەب مىللەتچىلىك ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئىككىنجى: پەلەستىن مەسىلىسى
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى سەرگەردان بۇلۇشقا مەجبۇر قىلىشتىكى ۋە ئوتتۇرا شەرىقتە ئىسرائېل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاساسلىق باش ئىنژىنىر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاك سترو نىڭ ئەنگىلىيىنىڭ ئىلگىرىكى- ئىمپىراتۇرلۇق دەۋرىدىكى خاتالىقلىرىغا ئۆزرە ئېيتىشى نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟
شەكسىزكى، پەلەستىن زېمىنىدا بۇلانچى يەھۇدىلار دۆلىتىنى پەيدا قىلغۇچى باش مەسئۇل ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدۇر. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھىجرەت يۇلىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى ۋە يەھۇدى پارتىزانلىرىنى قۇراللاندۇردى.
ئەنگىلىيىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائېل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشى ھەقىقەتەن ئىستىراتىگىيىلىك غايىلەر ئۈچۈن بولغان، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام خىلاپىتى يېقىلغاندىن كېيىن يەنە قايتا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مىسىرنىڭ شۇ رايۇندىكى نۇپۇزىنى چەكلەشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى مىلادىيە 1905- يىلى ئەنگىلىيە لوندۇندا ئېچىلغان كامبىل قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىغان قارار ئىدى.ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا بىرگە داۋاملىق بۇ ئىشغالىيەتچى ئىسرائېلنى ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكتە.. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كېيىنكى ئۆزىرىخاھلىقى كۆزگە كۈل سورۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۈچىنجى: كەشمىر مەسىلىسى
پەلەستىنگە قانداق مۇئامىلە قىلىنغان بولسا كەشمىرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىندى.. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ھىندىستان ۋىلايەتلىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ، پاكىستاننى ئىختىيار قىلغانلار پاكىستانغا قوشۇلۇپ كىتىش، ھىندىستاننى ئىختىيار قىلغانلار ھىندىستاندا قېلىش ئىدى، لېكىن كەشمىر بۇ قاراردىن مۇستەسنا قىلىندى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كەشمىردە بۇ قارارنىڭ ئىجرا بۇلىشىغا قاتتىق قارشى تۇردى. كەشمىر خەلقىنىڭ
كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ ئەپسۇسكى، كەشمىر خەلقى ھازىرغا قەدەر ھىندىستان ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشىماقتا ..ئەنگىلىيە ياكى ئامېرىكا يۇقارقى قارارنىڭ كەشمىر خەلقىغىمۇ ئىجرا بۇلىشىنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ قارارمۇ قەتئىي ئىجرا بولمىسا بولمايدىغان قارارلار قاتارىغا قويۇلغان بولاتتى. پەلەستىن، كەشمىرگە ئوخشاش خاس مۇسۇلمانلار مەسىلىسىدە ھەر زامان يەھۇدىلار ياكى ھىندىلارنىڭ رىغبىتىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە كېپىلدۇر.
تۆتىنجى: قىبرىس مەسىلىسى
قىبرىس مەسىلىسى پەلەستىن مەسىلىسىگە تامامەن ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ، پەلەستىندە يەھۇدىلار پەقەت %6 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ يەھۇدىلار ئۈچۈن يەرلىشىش،
پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىش ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بىرىلدى، قىبرىستىمۇ دەل شۇنىڭدەك يۇنانلىققا يەرلىشىش، تۈركلەرگە سۈرگۈن قىلىنىش ئشىكلىرى ئېچىپ بىرىلدى، نەتىجىدە يۇنانلىقلار قىبرىس ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلدى.. بۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغانمۇ دەل بۈيۈك ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدۇر.
ئاخىرقى سۆزۈم
ھېچكىمنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ بەزى مەنپەئەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش يۇلىدا كېيىنكى ھەركەتلىرىدە ئامېرىكىدىن ئىبارەت چوڭ شەيتاننىڭ سايىسىدا مېڭىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئەنگىلىيىنى بارلىق ھەركەتلىرىدە ئامېرىكىغا بويسۇنغۇچى دۆلەت ئىكەن دەپ ئەنگىلىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى پارچلاشتا ئوينىغان رولىغا سەل قارىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.. قاتتىق تەكىتلەيمەنكى، ئەنگىلىيە ئىسلام ئەللىرىنى پارچىلاپ ئۇنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان ۋە داۋاملىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ بايلىقىنى شۇراۋاتقان مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ پىشۋاسىدۇر، ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئۆلگە بولالىغىدەك يالغانچىلىق، ھىلە- مىكىرلەرگە قادىر ۋە تارىخى ئۆچمەنلىكلەرگە ئىگە دۆلەتتۇر...

     http://ansariy.blogbus.com/logs/80990318.html

ۋەزىيەت تەرەققىياتى بىز ياشاۋاتقان رايۇندىكى ماكان-زامان ئۇقۇمىنى ئۆگەرتمەكتە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش