مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3529|ئىنكاس: 66

چۈمادو ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:22:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مەزكۇر تېما يۈكسەك بلوگى ئاپتور:Nursel دىن تورداشلارنىڭ خەۋەرلىنىشى ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى)


بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا چۈمادو  ( Tramadol  ) نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى، ئاز بولمىغان ياشلارنىڭ مەزكۇر دورىغا ئېغىر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ، تۇرمۇشتا تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بۇ دورىنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.


خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟

ئالدى بىلەن بىز  Tramadol ئاتلىق بۇ دورا بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:

Tramadol Hydrochloride ( يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ، Drug Dependence ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 – 400 مىللىگىرام ( 6 – 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
盐酸曲马多) Tramadol ) غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان – تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش – ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش – ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت – قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست – ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا تور بېتى ، www.80halta.com ) دا ەدەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى 盐酸曲马多) Tramadol ) نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.



盐酸曲马多) Tramadol ) نڭ ناچار تەسىرلىرى :
1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

盐酸曲马多) Tramadol ) غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :

بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت – تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك – بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە – دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多) Tramadol ) نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ – چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش – ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر 盐酸曲马多) Tramadol ) ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش – ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! … شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !

بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ 盐酸曲马多)Tramadol ) نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ – زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ….

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10163
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63914
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8006 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 07:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى بۇ نىجىس. بالىلىرىمىزنى خاتىرجەم چوڭ قىلىۋالساق بولاتتى. خۇدا يىراق قىلسۇن بۇ نىجىستىن . بىلگەن جايدا ، كۆرگەن جايدا ، مەيلى تونۇمىساقمۇ  كۆرسەكلا توسۇيلى . مۇشۇنداق قىلساق ئالدىنى ئېلىپ قالامىز. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللەپ تۇرۇپ ، گۇمانلانغان ھامان تەربىيە ئىشلەپ ، بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ بولسىمۇ تۈزەشنى ئاتا- ئانىلارغا دىيىشىنى سورايمەن .

سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

كىشىگە قىلساڭ ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3708
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10005
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 3025 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 07:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دورىنىڭ باھاسى بۇرۇن تولىمۇ ئەرزان ئىدى............
شۇنداق بالىلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن پايدىلىنىپ ھازىر 50 يۇەن ساتىدۇ بىر قىپنى بەزى دوختۇرلار...........بىزنىڭ دوختۇرخانىغىمۇ شىپىرىس چۇمادو سوراپ كىرىدىغان ياش بالىلار بەك كۆپ بەمىسە چىقماي ئولتۇرۋالىدۇ تىخى..........ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغان بىلەن كۆرگەن ئادەم تولىمۇ بىئارام بولىدىكەن

شۇنداق بىر ئادەم بولغىنكى ھەممە ئادەم سىنى ياخشى كۆرسۈن ھۆرمەتلىسۇن ئەسلىسۇن

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 07:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنسان ئۆز -ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 08:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى خۇمار قىلىدىغان يەنە بىر نەرسە چىقتىمۇ ئەمدى.

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 09:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا توۋا ئەمدى بۇ نەرسە چىقىپتۇ،كېيىنكى كۈنلەردە چوڭ بولغانلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن خۇدايىم.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشكەن باللىنىمۇ كۆردۇق  مۇڭگۇز ~قۇلاق چىقماپتۇ   مۇڭگۇز ~قۇلاقچىققان بولسا كىمنىڭ دەردى  
ئاللاھ ئىنساپ بەرگەي

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:32:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، توۋا مۇشۇ نەرسە چىقتىمۇ ئەمدى قېرىنداشلىرىمنى ئازدۇرۇپ.......

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:53:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مەزكۇر تېمىغا باسباستا تورداش چىدانىڭ يازغان ئىنكاسى)

بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزگە بىر ئاپەت!!! بىزنىڭ سىنىپتىمۇ بىرسى بار ئىدى... مۇئەللىم، ساۋاقداشلار..... تەربىيە ئىشلىمىگەن ئادەم قالمىدى، بىراق ئوڭشالمىدى...بارغانسىرى جۈدەپ ساراڭدەكلا بوپ قالدى. مەكتەپكە كەلگەندە بىر ئوبدان ساق كەلگەن بالىتتى. ھەتتا گەپ ئۆتكۈزەلمەي سىنىپتىكى 60 بالا ئالدىدا ئېغىر قاتتىق گەپلەرنىمۇ قىپ باقتى مۇئەللىم بىراق...... چۈنكى بۇ دورىغا خۇمار بولغانلارنىڭ ۋىجدانىمۇ تولۇق تۈگىشىدىغان بولۇپ، خوتۇنمۇ ئالالماس بوپ كەتسە كېرەك، چۈنكى خوتۇن ئالالىغۇدەك ئوغۇلچىلىقى بولسا سىنىپتا بالىلار ئالدىدا قىلغان ئەشۇ قاتتىق گەپلەر ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلاتتى. مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىپ كېتىشى يەنە كۈلۈپ ھىجىيىپ ئولتۇراتتى . ئۇ بالاڭزا....

بىچارە شۇنداق قىلپ مەكتەپنىمۇ تۈزۈك پۈتتۈرەلمەي ھەيدىلىپ كەتتى. ئاندىن بىر چاغلاردا بىر تىۋىپ ئاغىنەم بولىدىغان دۇكىنىدا پاراڭلىششىپ ئولتۇرساق مۇشۇنداق بالىدىن ئىككىسى كەلدى. كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتىپ يىغلىغۇدەك بوپ كەتكەنىدى. ھالى بەك بەك ئېچىنىشلىق...... ئىچىم سىيرىلدى. بۇنى داۋالاشقىمۇ خېلى كۈچەشكە توغرا كېلىدىكەن.

بۇنداق دورىنى ئەسلىدە دورىخانلار شەخسىگىمۇ بەرمەيدۇ ياكى قولىدا دىئاگنوزى ئېنىق بولغان، شۇ دورىغا ماس كېلىدىغانلارغا بېرىدۇ. بىراق، يۇرتلىرىمىزدا ئىپلاس دورىخانىلار كۆپ بولۇپ، پۇل ئۈچۈن خوتۇنىنى، ئاچىسىنى، قىزىنى تۇتۇپ بېرىدىغان ئىپلاس مەرەز مۇناپىقلار ياشلارنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈۋېلىشنى بازار ئاچقانلىق دەپ قاراپ سېتىۋەرمەكتە! چۈنكى يۇرتىمىزدا بۇنى يەيدىغانلار ئۇيغۇر ياشلىرى كۆپ ساندا. دىققەت قىلايلى! بۇنداق قارا جىنايەتچىلەرنى پاش قىلايلى!!!

ئېھ........ تەقدىرىڭ نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق!!!!!! بىرىڭ چۈمادودا تۈگەيسەن، بىرىڭ خىروئىندا تۈگەيسەن، بىرىڭ جالاپتا تۈگەيسەن، تېخى ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇنى يەنە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ تۈگىتىسىەن!!!!!!!!!  بىرىڭ ئۇ يول بىلەن تۈگەيسەن، بىرىڭ بۇ يول بىلەن............ نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىڭ ئاللاھ ئالدىدا!!!؟؟؟؟؟؟؟  نىمە گۇناھلىرىڭغا مۇشۇنچە تارتىسەن بۇ قىسمەتنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ھەي ياش!!! ھەي ئۇيغۇر ياشلىرى!!! كاللاڭنى سىلكىگىن!!! ھوشۇڭنى تاپقىن!!!

مۇشۇ تېمىدا يەنە بىر نەرسىنى ئاگاھلاندۇرماقچىمەن بەك دىققەتتە كۆرگەيسىز!:

ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان، تەسىرى بۇنىڭدەك تىز ئىپادىلەنمىسىمۇ بارا بارا مۇشۇنىڭغا ئاپىرىدىغان بىر دورا بولۇپ، ھازىر جەمئىيەتتە ئۇنىڭ تونۇلغان نامى < مەجۈن>. بۇ دورا بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە كارامەت مودا بولغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان نورمال ئادەملەرمۇ كۆڭۈل خۇشىكەن دەپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنمەكتە. ھەتتا بەزى ھاجىم دىگەنلەرمۇ مەجۈن سېتىپ باي بوپ كېتىپتەك................. كۈلەيمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  يىغلايمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ھەي ئىپلاس...... مەجۈننىڭ نىمىلىكىنى سەن بىلەمسەن؟؟؟ ئۆزۈڭچە ساتساڭ باي بولساڭ بولدى؟؟؟
مەجۈن ھەققىدە ئىككى كەلىمە:
مەجۈن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك تارىخى رېتسىپلىردىن بىرى بولۇپ، ئىشلىتىش ئورنى ئاساسەن ئاغرىققا ئامال بولمىغاندا بىمارغا روھى جەھەتتە ئاغرىق ئازابىنى ھىس قىلدۇرماي كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق بولغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكۇچە بولسىمۇ كېسەل ئازابىدىن ئازراق خالاس تېپىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھەم يەنە روھىي كېسسەللەرگە كۆپ ئىشلىتىلگەن. يەنە بىرسى روھى زەربىسى قاتتىق ئېغىر بوپ كەتكەن بىمارلارغىمۇ ۋاقىتلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق روھى پىسخىكىسىنى نورماللاشتۇرۇشقا ۋاستە قىلغان. چۈنكى بۇ دورا نورمال ھالدا ئەپيۇندىن، نەشە يېغىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ ئۆتكۈرلۈك جەھەتتە قالتىس. شۇڭا تىز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىۋەرگەندە ساقنى ساراڭ، ياكى نېرۋىسى ئاجىز قىلىدۇ. ئەپيۇن، نەشىلەرنىڭ تەبىئىتى ناھايىتىمۇ سوغاق بولغاچقا ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغانلارنىڭ قۇرۇق سوغۇق مىجەزىنى كۈچەيتىپ، خىيالپەرەس، ئۇيقۇسىز قىلىپ قويىدۇ. ئېغىرلاشسا بىنورمال پىسخىكا شەكىللەندۈرۈپ ئۆزى ئۆزىگە سۆزلەيدىغان قىلىپمۇ قويىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە مەجۇنمۇ يۇقارقى دورىغا ئوخشاشلا رېتسىپلىق دورا بولۇپ قالايمىقان ئىستىمال قىلىشقا، نورمال ئادەملەر ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى رېتسىپلىق، رېتسىپسىز دەپ ئايرىش قېلىپلاشمىغاچقا بۇ دورا چالا تىۋىپ نائەھلىلەر تەرىپدىن كىشىلەرگە قالايمىقان سېتىلماقتا.
ھەتتا شۇنداق ئىپلاسلىقلارنىمۇ ئاڭلىدىمكى، بۇ دورىغا كېتىدىغان ئەپيۇن، نەشىگە ئوخشاش ماتىرىياللار ھازىر بەك قىممەت بولغاچقا، كوپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن بەزى ئىبلىس جوھۇتقا ئۇستاز بولىدىغان مەلئۇنلار كېۋەز پىتىنى ئۆلتۈرىدىغان دىدىۋە دەپ بىر دورا بار، ئادەم پۇرىقىنى پۇراق قالسا ھوشىدىن كېتىدىغان، ئازراقلا ئىچىپ قالسا دوزاخقا ئۇدۇل كېتىدىغان بىر دورا بار. ئەنە شۇ دورىنى قاينىتىپ دورا تالقانلىرىنى ئۇنىڭ ھورىغا ئىسلاپ تەييار قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. بۇنداق بولغاندا دورا ناھايىتى ئەرزان چىقىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. تەسىر جەھەتتە ھەر ئىككىلىسى ئادەمدىكى نورمال سىزىمنى سۇسلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىدىغان بولغاچقا بولىۋېرىدىكەن.

ئۇيغۇرۇم! ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالايلى، قالايمىقان نەرسىلەرگە بېرىلمەيلى! باشقىلار نورمال ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقاندا بىز ساراڭ بولۇشقا دۈم چۈشكىنىمىزنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيمەن!!!!!
ئەمما شۇنى ئويلىدىڭمىكىن مەلئۇن؟ سېنىڭ بۇ نەرسەڭنى يىگەن ئادەم ئۇزۇن مەزگىل يەپ ئادەتلەنسە ئىچكى ئەزالىرى سېسىپ تۈگەيدۇ. سەن خۇدادىن قورقمامسەن؟؟؟؟

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش