ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار، مىسرانىم توربىكىتىمىز سىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىڭلارنى تېخىمۇ بىيىتىش مەقسىتىدە قەرەللىك ھالدا بىكەت يېڭىلىقلىرىنى بىر تېمىغا يىغىنچاقلاپ سىزلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولىۋاتىمىز، خىزمىتىمىزگە يېقىندىن ماسلىشىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز !
ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار مىسرانىم باش بېتىدە
http://www.misranim.com
مىسرانىم ئەڭ يېڭى تەرجىمە خەۋەرلىرى
1. دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ئاتا-ئانىلار
1. ئالتە ياشلىق بالا < ئانا > دەپ چاقىرمىغانلىق ئۈچۈن ئۇرۇپ 7 قوۋرىسىغى سۇندۇرىۋېتىلدى !
6-ئىيول باللا ربايرىمى ئەسلى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىلەن بىللە خوشال -خورام بايرامدىن ھوزۇر ئالىدىغان كۈنى ئىدى، بىراق ئالتە ياشلىق لىن لىن (توقۇلما ئىسىم) چچىق ئاغىرىق ئازابىدا دوختۇرغانىدا يېتىپ icu تەكشۈرىشى قىلىۋاتاتتى.دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بالىنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى يەتتە تال قوۋرۇغا ئۇرۇپ سۇندۇرىۋېتىلگەن، بەدەننىڭ ھەممە جايى تاياق ئىزى بىلەن توشۇپ كەتكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بالىنى مۇشۇ ئەھۋالغا قويغان ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى بولۇپ ، 2 يىلدىن كىيىن ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتقان بالا ئىزچىل ئايالنى ئاپا دەپ چاقىرغىلى ئۇنىمىغان.
2. ۋەقە تۇغدۇرغان ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن چېكىندۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئۆز ئايالى بىلەن قىزىنى تۇتقۇن قىلغان !
يۈننەندىكى بىر ناھىيەدە سىچۈئەنلىك بىر ئەر نەپەر ئەر كىشى ئېغىر قاتناش ۋەقىسى تۇغدۇرغاندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق قورشاۋغا ئېلىنىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن بىر مەيدان <ئائىلىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىش> ھەركىتى بىلەن كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان. ئاخىرىدا قاتناش ساقچىللىرى بىلەن شۇ يەرلىك ساقچىلارنىڭ بىرلىكتە قوللانغان 2 سائەتلىك ھەركىتى نەتىجىسىدە ئايال ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئەر قولغا چۈشكەن.
3. ئامىرىكىلىق تاش يۈرەك ئانا ئۆزىنىڭ 3 بالىسىنى قەستلەپ پارتىلىتىپ ئۆلتىرىۋەتكەن.
2010-يىلى8-ئايدا شوتلاندىيە ساقچى تەرەپ بىر ئانىنىڭ ئۈچ بالىسىنى قەستلەپ ئۆلتىرىۋەتكەنلىك ۋەقەسىنىڭ تارقىلىشىنى كونتىرول قىلماقچى بولدى. ئامىركىلىق بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لىسا.لىج بولۇپ شۇ ۋاقىتتا 46 ياش ئىكەن. ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسى، سەككىز ياشلىق قوش گىزەك ئوغلى، ھەم بىر ئۇماق باش ياشلىق قىزىنى قەستلەپ ئۆلتىرىۋەتكەن.8 -ئاينىڭ 4-كۈنى لىسانىڭ ئۆيىدە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ بالىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن ئىكەن. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ تۇيۇقسىز ۋەقە بولماستىن بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولغان كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ئانىسى لىسا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان، ھەم لىسانى 16 يىللىق مۇدەتتىلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
4. باللىرىنى قەپەستە بېقىپ ئۇلارغا ئىت گۆشى بەرگەن رەزىل ئاتا-ئانىلار !
2011-يىلى 2-ئايدا ئامىرىكا سوتى ئۆز قىزىنى خورلىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالغا ئۇچۇق سوت ئاچتى. بۇ رەزىل ئاتا-ئانىلار باللىرىنى قەپەزگە سولاپ قويۇشتىن سىرىت يەنە ئۇلارنى قىزىتىلغان تۆمۈر زىقلار بىلەن ياكى ھۇشىدىن كەتكۈچە ئۇرغان، ھەم ئىتقا تالاتقۇزۇپ ئۆزى بىرچەتتە قاراپ كۆرگەن.
5. ئۆزىنىڭ بىرجۈپ قىزىنى ئۆلتىرىۋەتكەن ئايال مۇدەتسىز كېسىلدى !
2009-يىلى 9-ئايدا كۇمالى ئۆزىنىڭ ئىككى قىزىنى ئۆلتىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن سوتقا چىققان. ئاخىرىدا ئايال مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2040-يىلى كېپىلىككە قۇيۇپ بېرىلىشكە رۇخسەت قىلىنغان. ئىسپاتلىنىشىچە، ئايال ئىككى قىزىغا ئاشخانىدا ئىشىلتىدىغان پىچاق بىلەن 69 يېرىگە تىقىۋەتكەن.2007-يىلى6- ئايدا كۇمالى بىر قېتىملىق ساياھەت پىلانى تۈزگەن، ھەمدە ئىككى قىزىنىڭ دېققىتىنى بۆلۈۋەتكەن، كىيىن ئۇلار ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا ياتىقىغا كىرىپ ئۇ ئىككىسىنى ئۆلتىرىۋەتكەن !
6. قىزى يىغلاپ مۇسابىقە كۆرۈشكە دەخلى قىلغانلىقى ئۈچۈن دادىسى تەرىپىدىن ئۆلتىرىۋېتىلدى !
2010-يىلى تېكساس شىتاتىدا بىر نەپەر ئەر كىشى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسى، سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىنى كۆرىۋېتىپ، قىزىنىڭ ئىزچىل يىغلاپ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 2ياشلىق قىزىنى بوغۇپلا ئۆلتىرىۋەتكەن. قانۇن دوختۇرلىرى قىزنىڭ بەدىنىدە كۆپ جايلىرىدا سۆڭەك سۇنغان جايلارنى كۆرگەن.
7. فىرانسىيەلىك بىر ئايال سەككىز بالىسىنى ئۆلتىرىۋەتكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى !
2010-يىلى 7-ئايدا فىرانسىيەلىك ئەرىز قىلغۇچىنىڭ بايانىچە، فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق مىنىك.كاتىرىن بالا ئالغۇسى يوق سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان سەككىز بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەت خالتىسىدا ئۆزىنىڭ كونا ئىسكىلاتىدا ساقلىغان، كىيىن يېڭى ئۆيگە كۈچۈۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ ئەرىز قىلىنغان.
__________________________________
2. جەنۇبى ئاسىيادىكى سىرلىق يىلان قەبىلىسى
يىلان ئادەملەر قەبىلىسى
يىلان، جەنۇبى ئاسىيادىكى كىشىلەر تىلغا ئېلىنسىلا ئاساسلىق <رولچى> ئورنىدا ئەسلىنىدۇ.ئۇلار يىلانغا چۇقۇنۇپلا قالماي يەنە ئۇنى <ئىلاھ> دەرىجىسىدە باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشىدۇ. بۇلار ئارىسىدا كۆز ئەينەكلىك يىلان بىر قەدەر ئومۇملاشقان، ھەم ھەممىگە ئايان.<يىلان ئۇسۇلى> جەنۇبى ئاسىيادا مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە كونا مەدەنىيەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. تا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ جەنۇبى ئاسىيادىكى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ساياھەتتە بولالىساق، يىلان بىلەن نۇمۇر كۆرسىتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆرەلەيمىز ! ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بەدىنى لىققىدە يىلان بىلەن تولغان سەرگەردان نۇمۇر كۆرسەتكۈچى يىلان سەنئەتكارلىرى. يىلان ئۇلارنىڭ مۇڭلۇق نەي ساداسىغا جۆر بولغان ھالدا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشۈپ خۇجايىنى ئۈچۈن كىرىم ئېلىپ كىرىدۇ. مانا بۇ رىۋايەتتىكى <يىلان ئادەم> لەردۇر...
مىڭ يىللىق سەنئەت شەكلى
تارىختىكى يىلان ئادەملەر توختىماستىن كۆچكەن. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ خالىغان شەھىرىدىن تاكى پاكىستانغا بارغۇچە بولغان ئارلىقتا يىلان ئادەملەرنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى پاكىستان ھۆكىمىتى مەخسۇس جاي ئاجىرىتىپ يىلان ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەمدە بۇ خىل مىراس مەدەنىيەت تۈرىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى !
يىلان ئادەملەر توپىنىڭ ئاتىلىشى قەبىلە،چۈنكى بۇ خىل سەنئەت تۈرى نەچچە يۈز يىلاردىن بېرى ئۇدۇم قېلىپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ھەم مۇراسىم پائالىيەتلەرنى قالدۇرغان. ھەر قېتىم يىلان ئادەملەر ئائىلىسىدىن ئوغۇل تۇغۇلغاندا يىلان زەھىرىدىن يەرگە نەچچە قېتىم تېمىتىۋېتىدۇ، ھەمدە شۇ يىلان زەھىرىنىڭ ھامان بىر كۈنلەردە شۇ تۇغۇلغان بالىنى ئامان قىلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىغا ئىشىنىدۇ.
يىلان تۇتۇش ، يىلان قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى،ھەمدە يىلان ئادەملەر توپىدىكى ئوغۇللارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بولۇپمۇ ئۆزى يالغۇز چىقىپ يىلاندىن بىرنى تۇتقان ئوغۇل بالا توپتىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ! يىلان ئادەملەر نەزىرىدە، يىلان تۇتالمىغان ئوغۇل بالىنىڭ توي قىلىشقا سالاھىتى توشمايدۇ.ئۇلار قىزلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى يەنە ئائىلە قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە سالاھىتى توشمايدۇ ! باھار كىلىشى بىلەن يىلان ئادەملەر تەرەپ-تەرەپتىن يىلان ئىزدەپ ئويۇن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە يىلان بىلەن <سۆزلىشىدۇ> ئاندىن بىر يىل ئاسىراپ، قوغداپ قويىۋېتىدۇ.
يىلان قەبىلىسى رەسىملىرىدىن :
_______________________________
3. كولومبىيەدىكى قەبىلىنىڭ سىرلىق مۇراسىمى
<سېھرىگەر> ناملىق كىنودا سېھرىگەر قولىدا كىرىست بەلگىسىنى تۇتۇپ ئالۋاستىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئۇنى قوغلايدىغان قىسمى مىنىڭچە تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە يات ئەمەس. جەنۇبى ئامىرىكىدىكى كولۇمبىيەدە ناھايىتى غەلىتە بىر قەبىلىنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئالۋاستى ھەيدەش مۇراسىمى بار بولۇپ ،ئالۋاستى چاقىرغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى لاي بىلەن ئوراپ ئوت چەمبىرىكىنىڭ ئوتتىرىسىدا باغلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ئارقىلىق ئالۋاستىدىن تىنىچلىق تىلەپ ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ تىنجىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بولسا مۇراسىمدا تارتىلغان ھەقىقى سۈرەتلەر، قېنى بەھىرلەنگەيسىلەر :
تەرجىمە قىلغۇچى : مىسرانىم تور باشقۇرۇش گۇرپىسىدىن نەزەر
===================================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى رەسىملىرى
============================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك فىلىملىرى
تويۇڭ كىچىسى
ئاراش-Broken Angel
=============================
مىسرانىم ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىملىرى
ئاشپەزنىڭ ماھارىتى
ئەبەي ناخشىسى
=========================
مىسرانىم تەۋسىيە مۇڭ ناخشىسى
ناخشا ئىسمى : سېغىنىپ
تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئاڭلاڭ ↓
http://misranim.com/html/music/uyghur/misranim_220.html
مىسرانىم تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى
2011 - يىلى 06 - ئاينىڭ 09 - كۈنى