سىرلىق «يىلان ئادىمى»قەبىلىسى
يىلان جەنۇبى ئاسىيا مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ يەردىكى كىشىلەر يىلانغا چوقۇنۇپلا قالماستىن بەلكى يىلاننى«ئىلاھ»نىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ.بولۇپمۇ كۆزەينەكلىك يىلان ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ.

«يىلان ئۇسسۇلى»جەنۇبى ئاسىيادا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.بۇگۈنگىچە پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سىنىد ئۆلكىسىگە ساياھەتكە بارغان كىشىلەر ،ھەر كۈنى پۈتۈن بەدىنىگە يىلانلار يۆگىشۋالغان سەرگەردان سەنئەتكارلارنى كۆرەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى يىلانلار نەي ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ،ئىگىسى ئۈچۈن پۇل تاپالايدۇ.بۇ سەنئەتكارلار بولسا جەنۇبى ئاسىيا ئىككىنجى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قەدىمكى سىرلىق كىشىلەر توپى«يىلان ئادەم»لىرىدۇر.

تارىختا يىلان ئادەملىرى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ،ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنمىگەن ۋاقىتتا،ھازىرقى ھىندىستاننىڭ كارگىدادىن پاكىستاننىڭ باشاۋاتقىچە«يىلان ئادەم»لىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچىراتقىلى بولاتتى.

70-يىللاردىن باشلاپ،پاكىستان ھۆكۈمىتى سىند ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدا مەخسۇس بىر رايۇننى«يىلان ئادەم»لىرى قەبىلىسىنىڭ تۇرىشىغا بۆلۈپ بەرگەن بولۇپ،بۇ نەچچە مىڭ يىللىق سەنئەت شەكلىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

«يىلان ئادەم»لىرى قابىلە بولۇپ شەكىللەنەەن بولۇپ،نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى بۇ خىل سەنئەت شەكلىنى داۋاملاشتۇرۇپ،تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن شەكىللەنگەن.قەبىلىدە بىر ئوغۇل بالا تۇغۇلغان ھامان بەدىنىەە نەچچە تېمىم يىلان زەھىرى تېمىتىلىدۇ،ئۇلار بۇنىڭ بۇۋاقنىڭ كەلگۈسىدا يىلاننىڭ جېنسىنى پەرىقلەندۇرەلەيدىغانلىقىغا،بۇۋاقنىڭ ئىممۇنېتېت كۈچىنىڭ ئىشىشغا سەۋەب بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

يىلان تۇتۇش ئۇلارنىڭ ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئىقتىدارى بولۇپ،ئۆزى يالغۇز تاغقا چىقىپ يىلان تۇتالىغانلىق ئوغۇل بالىلارنىڭ چوڭ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.قەبىلىدە يىلان تۇتالمىغان ئوغۇل بالىلارنىڭ توي قىلىش سالاھىتيى بولمايدۇ.ئۇلار توي قىلالمىغانلىقىنىڭ ئۈستىگە،باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچىرايدۇ.ھەر يىلى باھاردا ئۇلارنىڭ يىلان تۇتىدىغان مەزگىلى بولۇپ ،يىلان تۇتۇشتىن ئىلگىرى،يىلانغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار يىلان بىلەن «سۆزلىشىپ»پىكىر ئالماشتۇرىدۇ،ھەمدە يىلانغا ياخشى قارايدىغانلىقى،بىر يىلدىن كىيىن قويۇپ بىرىدىغانلىقى توغۇرسىدا ۋەدە بىرىدۇ.

«يىلان ئادەم»لەر بىر خىل بىزنىڭ نەيگە ئوخشاپ كىتىدىغان چالغۇنى ئىلىپ يۇرىدۇ.ئۇنى چىلىپ يىلاننى تىنىچلاندۇرىدۇ،ئاندىن ئالاھىدە ياسالغان ئەسۋاب بىلەن يىلاننىڭ بوينىنى قىسىپ،ئاغزىنى يوغان ئاچقۇزىدۇ- دە،ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يىلاننىڭ چىشى كەينىدىكى زەھىرىنى ئىلىۋىتىدۇ.
---مەنبە:سۇمۇرۇغ تورى
http://www.ifeng.com/