بۇيىلقى بالىلار بايرىمى مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، كۆڭۈلسىز كۆرۈنۈشلەرنى مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم، ھەممىمىز ئويلىنىپ باقايلى دىگەن ئۈمىتتىمەن.
يولدا
بۈگۈن بايرام بولغاچقا يولدا ئادام بەكلا كۆپ ئىدى، رەڭگارەڭ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىۋالغان بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەمرالىغىدا قاياققىدۇر مېڭىشقان، بايرام كەيپىياتى شۇنچىلىك قىزغىن، ئاشۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا جۈپ- جۈپ مېڭىشقان ‹‹ بالىلار ›› بۈگۈن ئادەتتىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى، بالامنىڭ ئىچملىك ئېلىپ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرغاچ يېنىمدىلا چىققان ‹‹ بايراملىق پاراڭ ›› دىققىتىمنى تارتتى.
_ بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن، بۈگۈن نەگە بارغۇڭ بار؟
_ نەگە بولسا مەيلى،
_ ئالدىنقى قېتىم بارغان دىسكوخانا خېلى بولىدىكەن، بۇ يەردە شۇنىڭدىن باشقا تۈزۈكرەك ئوينايدىغان يەرمۇ يوق، شۇ يەرگىلا كىتەمدۇق، ھازىر ھەقاچان قىزىپ بولدى..
_ بارساق بارايلى، دىمىسىمۇ بەك رومانتىك جايكەن، لىكىن بۈگۈن ئىچەلمەيمەن، ئالدىنقى قېتىم مەس بولۇپ ئۆيگە بارالمىغىنىمنى ئاران بېسىقتۇردۇم، بۈگۈن ئۇنداق بوپ قالسا قۇتۇلمىغىم تەس بولىدۇ.
_ مەس بوپ قالساڭ ئۆتكەنكى ئىسىل ياتاقتا رومانتىك ئۆتكۈزمەمدۇق، ناھايىتى قىلسا تاياق يەيسەن شۇ، داداڭ سېنى ئۆلتۈرىۋىتەمتى؟
_ لىكىن ئاپام.................
_ بولدى ، بولدى، نىمانداق قۇرۇق گەپ بۇ، بايرامدا كەيپىمنى ئۇچۇرمىغىنا، بۈگۈن بايرىمىڭ، ئوبدان ئوينىتىپ قوياي دەۋاتىمەن، ھە قانداق قىلىسەن؟
_ خاپا بولمىڭە،مەنمۇ بارمايمەن دىمىدىمغۇ.... ئۇلار شۇنداق دىيىشكەچ قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ كەتتى، تولۇق مۇسۇلمانچە كىيىنگەن قىز، يوپكىسىنىڭ ئۇزۇنلىغىدىن كىيگەن ئايىقىمۇ كۆرۈنمىگەن، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىغا قارىماي كۆينەكنىڭ ئۈستىگە چاپان كىيىۋالغان، بېشىدىكى يوغان ياغلىقىدىن چىقىپ تۇرغان كىچىككىنە يۈزى ئۇنىڭ ئېشىپ كەتسە17-18 ياشلاردىكى قىز ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ ئاشۇ تۇرقىدا دىسكوخانىغا ماڭدى، ھەي ئەخمەق قىز........................
باغچىدا
بايىقى كۆرۈنۈشتىنلا كەيپىم بۇزۇلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باغچىدا ئادەملەرمۇ بەك كۆپ، كۆرمەي دىگەنگە قويمىغان كۆز، ئاڭلىماي دىگەنچە ئاڭلاپ قالىدىغان قۇلاق يەنە كۆردى ئاڭلىدى، باغچىدا شۇنداق چىرايلىق ياغلىق چەككەن قىزلارنى ئۇچراتتىم، نىمىشقىدۇر بۇ يېڭى مودىدىكى ›› مۇسۇلمان قىزلار›› خېلى كۆپ ئىدى، قاملاشتۇرۇپ چىگىلگەن ياغلىغى پىشانىسىنىمۇ توسۇپ تۇرغان، ئىككى چېكىسىدىن ئۇزۇن ساڭگىلاپ تۇرغان ماڭلاي چېچى ئىڭىكىنى ياپقان بۇ قىزلارنىڭ ھىسىپتەك مايكىسى، ساپ- سېرىق، قىپ -قىزىل، ياپ- يېشىل دىگەندەك ئوچۇق رەڭلىك ئىشتانلىرى، رەڭگارەڭ ياقۇتلار بىلەن بىزەلگەن تاسمىلىرى كۆزگە ئا؛لاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئارىدا بىرخگنزۇ ئەر ئايال ئۇلارنى كۆرسىتىپ يېنىدىكى دىن ›› ئۇلار قايسى مىللەت، ئۇيغۇرما؟ دەپ سورىدى، ئاچچىقتا ئاران تۇرغاندا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قوشۇق سالدىم ›› ياق ئۇلار باشقا مىللەت، ئۇيغۇر ئەمەس‹‹ باياتىن بېرى ماڭا قاراپ ھەيران بولغان يولدىشىم ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتى، نىمە دەپ يۈرىيدىغانسىز.كارىڭىز بولمىسھۇن، بىكار خەق بىلەن ئارازلىشىپ قالىسىز.. ئۇنىڭ گېپى ـۈگە تۈگىمەي ئايلانما ئاتتىن چۈشۈپ دوستى سۇنغان ئىچىملىكنى قولىغا ئېلىۋاتقاچ ئىغاڭلاپ چىققان قىز ماڭا قاراپ ھۈرپەيدى ›› ساراڭمۇ نىمە ما خوتۇن... ›› ھەئە، سىلەرنى كۆرۈپلا ساراڭ بولغان خوتۇن دەڭلا... ئاڭغىچە يولدىشىم مېنى تارتىپ ئېلىپ كەتتى، كىچىك بالىلار بىلەن ئويۇن تالىشىپ، ھەتتا ئۇلارنى ئىتتىرىپ چۈشۈرېۋىتىپ ئاتلارغا مىنىۋاتقان، ›› غالجىر چاشقان ‹‹، ›› دېڭىز قاراقچىسى ‹‹ دىگەندەكلەرگە چىقىۋىلىپ پۈتۈن باغچىنى بېشىغا كىيىپ كۈلۈىۋاتقان، ۋاقىراۋاتقان، باش- كۆزىنى ئوراپ، پۇتلىشىپ يۈرۈپ ئويۇنلاردىن چۈشەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىغا قاراپ ئەلەم بىلەن خۇرسىمدىم. ھەي.........
ھامبورگ بولۆىخانىسىدا