مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 724|ئىنكاس: 1

"يىپەك يولى" نىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە " [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 05:32:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن
«ئويغاتماق-ئەڭ مۇشكۈل ئىش،چۈنكى،ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنى بىئارام قىلىدۇ»
«نىجادىيەتنامە»دىن
يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى شۆھرەتلىك مەدىنيەت گۈلزارىنى سۇغىرىپ كەلگەن خەلقئارا ئالاقە يولى-"يىپەك يولى" قايتا ئېچىلدى! مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن تاكى يېقىنقى زامان دېڭىز ئوكيان قاتنىشىغىچە داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان "تۆگە" يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن "قاناتلىق تۆگە" ئوبرازىدا قايتا نامايەن قىلىندى. بىزنى تەقەززا قىلغان كەلگۈسى بىزنى كۈتۈپ تورغان كەلگۈسىگە ئايلانماقتا!
"تۆگە" سىمۋول قىلىنغان يىپەك يولى زامانىلىرىدا ئەجدادلىرىمىز شەھەر قەلئەلەرنى ھالقا قىلغان ئاۋات بوستان مەدەنىيىتىنى ياراتقان، ھۆنەرپەز ۋە خەلقئارا سودىگەر خەلق سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلغان، پەلسەپە ۋە تەبىئەت پەنلىرىدە قامۇسى ئالىملارنى يىتىلدۈرگەن، مۇشۇ ئاساستا سەنئەتتە داڭ قازانغان ئىدى. ئۇ چاغدا تەكلىمىكان چۆللۈكى ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولماستىن، ئەكسىچە ساياھەتنامە مۇئەللىپلىرىگە ئالتۇن ئىلھام بېغىشلىغان مەدىنيەت دەھلىزى ئىدى.
"تۆگە" سىمۋول قىلىنغان ئاۋات ئەسىرلەر خارابىلىرىنى ئوغۇت قىلىپمۇ باياشاتلىققا ئىگە بولالمىدۇق. ئەمدى "قاناتلىق تۆگە" سىيما قىلىنغان يېڭى ئەسىرلەر تىزمىسى ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ غايەت كاتتا ھادىسىنى يىتەرلىك مەنىسى بىلەن ھېس قىلدىغان كىشلەر ئاز بولسىمۇ، ئۇنى كەلگۈسى تارىخچىلىرى ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدۇ.
ئويلاپ قالدىم. "تۆگە" بىلەن "قاناتلىق تۆگە" نىشانلانغان تارىخىي دەۋرلەر ئارىسىدا ئۆتكەن زۇلمەتلىك ئەسىرلەرگە نىمىنى سىمۋول قىلىش لازىم؟ بۇ بىر سىمۋولنىڭ ئىخچاملاش ۋە ھېس قىلدۇرۇپ تەربىيەلەش كۈچى ناھايىتى چوڭغۇ! مىنىڭچە"تۆگە قۇشى" نى سىمۋول قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە!
شۇنداق، بىز بۇ جاھالەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم ۋە ھېكمەتتىن ئايرىلىپ ئىشانلىق ۋە مەزھەپ مۇرتۋازلىقى لاتقىسىغا پاتتۇق. "ئاق تاغ"،"قارا تاغ" بۇلۋېلىپ، قان تۆكتۈك، ئويغاتقۇچى مەشرەپ، زەلەلى، خاراباتى، مەختۇم ئەزەم، يۈسۈپ چاڭموزىخانلارنى ئەۋلىيا ئەزەم قىلىپ، پاساللام مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق. قولىمىزدىن كەلگىنى داپ داراڭلىتىپ ئۇسۇل ئويناش بىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى! ئاخىر بىر تال قەنىت، بىر تال مىخ، بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالدىغان كۈنگە قالدۇق!
يىپەك يولىنىڭ خارابىلىشىشى خەلقئارا تارىخىي خاراكتىرلىك ھادىسە ئىدى. بىز بۇ تاشقى مۇھىت ئىچىدە بارغانسىرى بىكىنمىچىلىك بىلەن شۇغۇللاندۇق. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر قانچە ۋىلايەت-ناھىيىلەر بۇيىچە قاماپ تاشلاپ، بىر-بىرىدىن ئۇركۈيدىغان، بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدىغان" يۇرتۋازلىق پىسىخولوگىيىسى" تەييارلىۋالدۇق. بىر زامانلاردا ۋاڭ يەندى، يىللۇچۇسەي، ماركوپولو ۋە بىر توپ ئەرەپ سەياھەتچىلىرى قەلىمىدە ئىزچىل "ئۇيغۇر" دەپ تىلغا ئېلىندىغان ئىبارە كىيىنچە رادلوۋ، مالۇۋ، روبوۋىسكى، ۋەلىخانوۋ قاتارلىقلار قەلىمىدە "قۇمۇللۇقلار"، "تۇرپانلىقلار"، "تارانچىلار"،  "دولانلىقلار"، «قەشقەرلىكلەر"،  "ماچىنلىقلار" دەپ يېزىلدىغان بولدى. ئۇيغۇر ئىبارىسى پەقەت "سېرىق ئۇيغۇر" لارنىڭ نامىدىلا قالدى. گەرچە بۇ ئەسىردە يېڭى مەدىنيەت مەشئەلچىلىرى تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر مەدىنيەت-مائارىپىنىڭ ئىلھامىدا "ئۇيغۇر" ئىبارىسىنى ھەممىمىز ئېغىزدا، قەغەزدە، ۋىۋىسكا ۋە تامغىلاردا ئېتراپ قىلغان بولساقمۇ، لىكىن روھىيەتتە، ئاستىنقى ئاڭدا تېخى قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدۇق. مۇھەببەت-نەپرەت سىزىقىدا،ھالاۋەت تەقسىم قىلىش چۆمۈچىدە، مەسىلە ھەل قىلىش تەستىقىدا، دوستلىشىش ۋە مۇراسىم داستىخانلىرىدا، باھا-تەقرىز زۇۋانلىرىدا، ئۆرلەش-چۈشۈش تاناپلىرىدا، كىرىم-چىقىم سېتكىلىرىدا تېخى"ئۆز يۇرت بالىسى"، "ئۆزگە يۇرت كالىسى" ئالاڭلىقى ئېغىر! مىللى مەدىنيەت ئارغامچىلىرىنىڭ بەيگىسىگە قۇيۇلغان توساق شادىلىرى ھەر بىر يۇرت بۇيىچە بىردەك ئەمەس! بۇ بولمىغۇر، ھالەك قىلغۇچى ئاپەتنى جىن-شەيتانلار ئەمەس،"ئۆز يۇرت" ئەزىمەتلىرى بەجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تاماقخانىلارغا كىرىشتىمۇ "ئۆز يۇرت" خىزمەت تەقسىماتىدىمۇ "ئۆز يۇرت" ماقالە-كىتاپ نەشىر قىلىشتىمۇ "ئۆز يۇرت"، ساداقەت بىلدۈرۈشتىمۇ "ئۆز يۇرت" ،ئۈلۈم-يىتىمدىمۇ "ئۆز يۇرت"! پەقەت "توتىم" پاسونىدا بەدەنگە گۈل چېكىش بىلەن "شامان" قىياپىتىدە گىرىم قىلىشىلا قالدى!
سىرىتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش شامىلىدا ھەر بىر ناھىيەلەرگىچە كۆپلىگەن كىتاپ-ژۇرنال يايمىلىرى كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭدا مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدىن،ھەتتا تەيۋەن،شىياڭگاڭلاردىن كەلتۈرۈلگەن خەنزۇچە كىتاپ-ژۇرناللار ئەركىن سېتىلماقتا، مەن پات-پاتلا يىراق ئۆلكە_شەھەرلەردە چىقىدىغان ژۇرناللارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىش تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، بۇ گۈللەش مۇھىتى بىلەن گۈللەش روھىيىتى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك بىرلەشكەن مەنزىرىنىڭ ئىپادىسى، بىزدىچۇ؟ بىر ۋىلايەتنىڭ ژۇرنىلىنى باشقا ۋىلايەتلەردە، ھەتتا ئۈرۈمچىدە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. بىزدە خېلى كۆپ ژۇرنال نەشىر قىلىندۇ. ئەمما، ئۇ خۇددى مەھبۇس تامىقىدەك ئۆز-ئۆزىنى قامال قىلغان روھىيەت سېپىلى-ئۆز يۇرت دائىرىسىدىلا ھەزىم قىلىندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر ۋىلايەت ژۇرناللىرى ئۆز يۇرت كىشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز يۇرت كىشلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ.
يېقىندى بېرى، يەرلىك شىۋىلەرنى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات سۈپىتىدە ماختاپ كېڭەيتىدىغان، يەنى ئىسىم-فامىلىلەر ئاخىرىغا "ئارتۇشى" ،"كەلپىنى" ،"دولانى" ،"لەمجىنى" دېگەنلەرنى ھەتتا تېخىمۇ كىچىك كەنىت ناملىرىنى قوشۇپ ئاتايدىغان باشلامچىلار چىقىپ قالدى! يىراق ئەللەردە مۇساپىرەتتە قوللىنىلغان بۇ يۇرت ناملىرىنى ئۆز يۇرتىغا "توتىم" ئۇرۇقداشلىقى تامغىسى قىلۋېلىش قايسى روھىيەتتىن ئېتىلىپ چىققاندۇ-ھە؟! يېڭى يىپەك يولى ئېچىلدى! ئەمما "تۆگە قۇشى" بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشتىن خالاس بولغىنى يوق! بۇ ھال داۋاملىشىدىكەن،قەدىمقى يىپەك يولى ئەزمەتلىرى بولغان ئۇيغۇرلار خۇددى كۇكۇم-تالقان بولغان پوتۇلكا سۇنۇقلىرىدەك بىر زاماندىكى شېشىلىك ھالىدىن قالغان كىرىستاللارىنى ئاپتاپ نۇرىدا يالتىرىتىپ ماختىنىشتىن باشقا، يېڭى شەربەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. بۇ يېڭى يىپەك يولى ھېكمەتلىرىدىن داۋاملىق چەتتە قېلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
ھەي، ئەيتاڭ!لۇشۈن ئەپەندى"ئاكىيۇ" روھىنى سىزىپ بەرگەندەك، "تۆگە قۇشى" ئەرۋاھىنى تەسۋىرلەپ بىرەلەيدىغان ئەقىل ۋە قول قاچان قەلەم تۇتاركى........
مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان "جەزبىدار گۈلدەستىلەر"نىڭ 10-سانىدىن ئېلىندى

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39778
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3107
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2011-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغىرا گەپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش