مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1365|ئىنكاس: 24

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 04:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىغا : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تېما ئىسمىنى يازسام ئوخشاش مەزمۇننى قايتا يوللىماڭ دەپ چىقىۋالدى . ئەگەر تېمىلىرىم سىلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويغان بولسا يوللىمىساممۇ بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تېما ئىسمىنى ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سىرلىرى2 دەپ تەھرىرلەپ ئېلان قىلىپ قويغان بولساڭلار . ئاۋارە قىلدىم .

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك (تۈركىيە)

1-بۆلۈم سانلار مەلۇماتى

سىرىئۇس يولتۇزى ۋە 49

كېچىلىرى ئاسماند ا ئەڭ پارلاق يۇلتۇز بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزى قۇرئاندا نەجم (يۇلتۇز) سۈرىسىنىڭ 49 -ئايىتىدە ئۇچرايدۇ: ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر (« نەجم »سۈرىسى، 49 -ئايەت ). ئەرەبچە مەنىسى”شىئرا“ بولغان سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49 -ئايەتتە ئۇچرىشى ھەقىقەتەن قىزىقار لىق بىر ئەھۋالدۇر . چۈنكى ئالىملار سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى تەرتىپسىزلىكلەرنى چىقىش قىلىپ ئۇنىڭ بىر جۇپ يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى بايقىدى ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يەنە بىر يۇلتۇزغا B نامىنى بەردى. تېلېسكوپسىز كۆرۈنمەيدىغان سىرىئۇس B يۇلتۇزىنىڭ سىرىئۇس A ئەتراپىدىكى ئايلىنىش ۋاقتىنىڭمۇ 49 يىل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى . سىرىئۇس يۇلتۇزىنىڭ پەقەت 49 -ئايەتتە بولۇشى بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىش ۋاقتىنىڭ 49 يىل ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. تېخى سىرىئۇس B يۇلتۇزى تېلېسكوپسىز كۆرۈنمەيدىغان تۇرۇقلۇق…

تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرى

قۇرئاندىكى”ھەدىد“ (تۆمۈر) ناملىق سۈرىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچە بار. بۇ سۈرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.ئاۋۋال بۇ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى :

[ ... بىز تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇقكى، ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار... ] (« ھەدىد » سۈرىسى، 25 -ئايەت). بۇ ئايەتتە قوللىنىلغان” اَنزَل (ئەنزەل) “ ”چۈشۈرمەك“سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئاننىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈنكى ئاسترونومىيە بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلىرىنىڭ ئالەمدىكى چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى يەكۈنلىدى. ”سۈپەرنوۋ ا“ دەپ نام بېرىلگەن بۇ يۇلتۇزلاردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلار نەتىجىسىدە تۆمۈر پارچىلىرى ئالەمگە چېچىلىپ دۇنياغا چۈشكەن. شۇنداقلا ھەدىد، يەنى تۆمۈر سۈرىسى تۆمۈر ئېلىمېنتىنىڭ خىمىيىلىك بەلگىسىگىمۇ ئىشارەت بەرمەكتە . چۈنكى بۇ سۈر ىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئايەتنىڭ ئەرەبچە ئوقۇلىشى فە ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدۇ . تۆمۈر ئېلىمېنتىمۇ خىمىيىدە Fe ھەرپى بىلەن كۆرسىتىلمەكتە. شۇنىڭدەك ھەدىد، يەنى تۆمۈر سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى سانلىق قىممىتى 26 ، تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرىسىمۇ يەنە 26 . ئاتوم نومۇرىسى تۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئېلىمېنتلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئۇقۇمدۇر . ئېلىمېنتلارمۇ ھەقىقەتەن ئاتوم نومۇرلىرىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلغان.

365 كۈن

« قۇرئان كەرىم » دە ”بىر كۈن (يەۋم)“ سۆزى 365 قېتىم ئۇچرايدۇ . بىلگىنىمىزدەك، يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 365 كۈن كېتىدۇ . يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدىمۇ دەل 365 قېتىم ئايلىنىدۇ. قۇرئاندا ”بىر كۈن (يەۋم)“ سۆزىنىڭ 365 قېتىم ئۇچرىشى ناھايىتى مۇھىم بىر بايقاشتۇر . چۈنكى بۇ يەر شارى ئوربېتىسى ھەققىدە بىزگە ئەسىرلەر ئاۋۋال ئۇچۇر بەرمەكتە . يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدىكى 365 كۈنلۈك ئاسترونومىيىلىك ئايلىنىش قۇرئاندا ئوچۇق بىلدۈرۈلمەكتە.

نۇھ ئەلەيەىسسالامنىڭ كېمىسى ۋە 44 – ئۇزۇنلۇق

زامانىمىز ئالىملىرى ھازىرغىچە نۇھ ئەلەيھىسالام كېمىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى تولۇق جەزملەشتۈرەلمىدى. پەقەت بەزى ئالىملار ئۇ كېمىنىڭ ئاغرى تېغىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . ئوخشاشلا تەۋراتتا كېمىنىڭ تۇرۇپ قالغان يېرىنىڭ ”ئارارات (ئاغرى تېغى) ۋە ئەتراپى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە. ”…ۋە كېمە يەتتىنجى ئايدا، ئاينىڭ 17 -كۈنىدە ئارارات تاغلىرى (ئاغرى) ئۈستىگە جايلاشتى“ (« تەۋرات »، تەكۋىن 4\8) .
« قۇرئان كەرىم » دە بولسا نۇھ كېمىسى جايلاشقان يەر « ھۇد » سۈرىسىنىڭ 44 -ئايىتىدە ئۇچرايدۇ : [ ''ئى زېمىن، سۈيىڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن'' دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت ) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى (تېغى؟ ) ئۈستىدە توختىدى ، '' زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن '' دېيىلدى .] ( <<ھۇد>>سۈرىسى ، 44 -ئايەت ) .

بۇ يەردە كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى سۈپىتىدە جۇدى قىسمى كۆرسىتىلمەكتە. پەقەت بەزى تەرجىمىلەردە ”جۇدى“ ئورنىغا ”جۇدى تېغى “ دەپ تەرجىمە قىلىنغان . ھالبۇكى قۇرئاندا ”جۇدى تېغى “ ئەمەس، بەلكى”جۇدى“ ئىسمىلا ئۇچرايدۇ. قۇرئاندا نۇھ كېمىسىنىڭ جايلاشقان يېرىنىڭ 44 -ئايەتتە تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال . چۈنكى تەۋراتتا كېمىنىڭ جايلاشقان يېرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئاغرى تېغى ۋە ئەتراپى 44 -ئۇزۇنلۇقتا. بىلگىنىمىزدەك، يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق بىر جاي كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇق رەقەملىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 19 -ئەسىردە لوندوندىكى گرېنۋىچ نۇقتىسى خەلقئارا باشلانغۇچ مېرىدىئانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى . خەرىتىلەردە جەمئىي 360 ئۇزۇنلۇق ۋە 180 كەڭلىك بار.

ھەج ۋە 22 – كەڭلىك

ئەسىرلەردىن بېرى مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن مەككىگە سەپەر قىلماقتا. ئوخشاشلا ناماز ئوقۇغاندا بىز يۈزلىنىدىغان قىبلىمۇ يەنە مەككىدىكى كەئبەدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق يۈزلىنىدىغان بۇ مۇھىم مەركەزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى « قۇرئان كەرىم » دە ئۆزىنى يوشۇرماقتا . ھەر يىلى مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنلىماق ئۈچۈن بارىدىغان يېرى – مەككە 22 -كەڭلىكتە .« قۇرئان كەرىم » دىكى « ھەج » سۈرىسىمۇ دەل 22 – سۈرىدۇر . خەرىتىلەردە جەمئىي 360 ئۇزۇنلۇق، 180 كەڭلىك بارلىقىنى ۋە خەلقئارا باشلانغۇچ مېرىد ىئاننىڭ گرېنۋىچ ئىكەنلىكىنى بايا سۆزلىگەنىدۇق . مانا بۇ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە كۆرە، ھەج مەركىزىنىڭ يېرى قۇرئان بىلەن خەۋەر بېرىلمەكتە.

33 -كەڭلىك، 35 -ئۇزۇنلۇق : ئىسرائىل

« قۇرئان كەرىم » دە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قايسى يىلدا قۇرۇلىدىغانلىقى يوشۇرۇن بىر شەكىلدە خەۋەر بېرىلمەكتە . كىتابنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە بۇ تېمىنى تۇتىمىز. ئاۋۋال پەقەت بۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا كېلىمىز. ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئەسىرلەر بويى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتماي كەلگەن بىر قەۋمدۇر، ۋاھالەنكى رەسمىي بىر دۆلىتى پەقەت 20 -ئەسىردە قۇرۇلالىدى.

قۇرئاندىكى « ئال ئىمران » سۈرىسى ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قايسى كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا قۇرۇلىدىغانلىقىغا بېشارەت بەرمەكتە ، « ئال ئىمران » تىلىمىزدا ”ئىمران ئائىلىسى“ مەنىسىدە.

ئىمران ئائىلىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرى نەسلىدىن، شۇنداقلا « ئال ئىمران » سۈرىسىنىڭ پەقەت 33 – ۋە 35 -ئايەتلىرىدە ”ئىمران“ سۆزى ئۇچرايدۇ. دىققەت قىلىنسا، بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتىمۇ 33 -كەڭلىك ۋە 35- ئۇزۇنلۇقتا.

« ئال ئىمران » سۈرىسىدە دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا بار، ھەقىقى ئىسمى يەئقۇپ بولغان پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىسرائىلدۇر ۋە بۇ يەردە ”ئىسرائىل“ دەپ ئۇچرايدۇ : [تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇپ ئەلەيھسسالام ) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ قۇشى ۋە سۈتى ) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى ... ] (« ئال ئىمران » سۈرىسى، 93 -ئايەت). ئادەتتە ”ئىسرائىل ئوغۇللىرى“ سۆزى قۇرئاندا پات-پات ئۇچرايدۇ، ۋاھالەنكى بۈگۈنكى دۆلەت ئىسمى بولغان ”ئىسرائىل“ سۆزى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان .

جىنس ۋە 23 -خروموسوم جۈپلۈكى

ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشى خوروموسوملارغا باغلىق ھەمدە DNA لار بۇ خروموسوملاردا ئورناشقان.

جىنسنىڭ ئېنىقلىنىشى بولسا 23 -خروموسوم جۈپلۈكىگە باغلىق . يەنى ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ۋۇجۇد پەرقى 23 -خروموسوم جۈپلۈكىدىن كېلىدۇ.
ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23 -خروموسوم جۈپلۈكى XX شەكلىدە بولسا ئايال جىنسلىق ، XY بولسا ئەر جىنسلىق بولىدۇ. ئەر-ئايال پەرقىنى ساقلايدىغان 23 -خروموسوم جۈپلۈكىگە قارىتا « قۇرئان كەرىم » مۇ دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ . چۈنكى قۇرئاند ا ”ئەر“ ھەم ”ئايال “ سۆزى ئايرىم-ئايرىم 23 قېتىم تەكرارلىنىدۇ.

يېقىنقى زامانلاردا ئېرىشىلگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى قۇرئان ئەسىرلەر ئاۋۋال خەۋەر بەرمەكتە . ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ئاساسىي پەرقنىڭ 23 رەقىمىدە
يوشۇرۇنىشى ئوچۇق بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنماقتا.

ھەرىنىڭ گېن نومۇرى

بايا چۈشەندۈرگىنىمىزدەك، جانلىقلارنىڭ گېن شېفىرى بولغان DNA لار خروموسوملاردا ئورناشقان . مەسىلەن، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ھەرىلەرنىڭ
خروموسوم سانى ئوخشاش ھەم ئۆزگەرمەستۇر.
ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ چىشى ۋە ئەركىكىدە ئوخشاش ساندا خروموسوم بار. پەقەت ھەرىنىڭ ئەھۋالى باشقىلىرىدىن بىر ئاز پەرقلىقتۇر . چۈنكى ئەركەك
ھەرە 16 تاق خوروموسومغا، چىشى ھەرە 16 جۇپ خروموسومغا ئىگە. ھەرە مانا بۇ جەھەتتىن پەرقلىق، بۇ پەرققە « قۇرئان كەرىم » مۇ ئىشارەت بەرمەكتە .
قۇرئاندا باش ماۋزۇسى «نەھل (ھەرە) » ئىسمىدە بولغان بىر سۈرە بار، بۇ سۈرە دەل 16 -سۈرىدۇر. شۇنىڭدەك، ھەرىمۇ 16 خروموسوملۇق بىر جانلىق ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ھەرىلەرنىڭ خروموسوم سانى ئوخشاش.

بىزدىكى مەنىسى ”ھەرە“ بولغان « نەھل » سۈرىسى گېن ئىلمى يوق بىر زاماندا ئىنسانلارغا مۇھىم بىر مەلۇمات بەرگەن.

يەنە باشقا بىر ئۆرنەك…

خروموسوم سانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايا سۆزلىگەنىدۇق. ئەمدى ”ئېشەك“ سۆزى
ئۇچرايدىغان سۈرىلەرنى تەھلىل قىلايلى. « قۇرئان كەرىم » نىڭ بىر قانچە يېرىدە ”ئېشەك “ سۆزى ئۇچرايدۇ، پەقەت « لوقمان » (31-سۈرە) ۋە « جۇمۇئە » (62-سۈرە) سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر ھايۋان ”ئېشەك“ تۇر. ”ئېشەك“ سۆزى ئۇچرايدىغان باشقا سۈرىلەردە شىر، ئاتقا ئوخشاش ھايۋانلارمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ، پەقەت 31 – ۋە 62 – سۈرىلەردە ”ئېشەك“ تىن باشقا ھ ېچبىر ھايۋاندىن گەپ يوق … [ ئوتتۇرا ھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر ] ( « لوقمان » سۈرىسى، 19 -ئايەت ) .

[ تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ-چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ )، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى
ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان ! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ ] ( « جۇمۇئە » سۈرىسى، 5-ئايەت ) .

يۇقىرىدىكى « لوقمان » سۈرىسىنىڭ 31 -سۈرە ، « جۇمۇئە » سۈرىسىنىڭ 62- سۈرە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق.

مانا بۇ نۇقتىدا يەنە قىزىقارلىق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز . چۈنكى ئېشەكنىڭ خروموسوم سانى سۈرە نومۇرى بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاش.
”ئېشەك“ تۈرىدە توپلام 31 جۇپ، يەنى تولۇق ھالدا 62 خروموسوم مەۋجۇت. ئەنە شۇ سۈرىلەرنىڭ نومۇرىلىرىمۇ 31 ۋە 62 . يەنە كېلىپ بۇ يەردە « قۇرئان كەرىم » خروموسوملارنىڭ جۇپ ھالدا بولىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئېشەكتە 31 خروموسوم جۈپلۈكى بار ھەم تولۇقى بىلەن 62 .

« قۇرئان كەرىم » مۇ 31 ھەم 62 سانلىرىغا ئىشارەت بەرمەكتە.

مەككىنىڭ فەتىھ قىلىنىشى

« قۇرئان كەرىم » كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ھادىسىلەرنى ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە خەۋەر بېرىدۇ . بۇلاردىن بىرسى، مەككىنىڭ فەتھ
قىلىنىدىغانلىقىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار مەككىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ۋە مۆمىنلەر ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى .
[ ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد ! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن )
ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار ) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار ) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ
(سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى ) بىلىدۇ . ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ فەتھىسىنى ) مۇيەسسەر قىلدى .]
( « فەتھ » سۈرىسى، 27 -ئايەت).

ئايەتتە پەيغەمبەرنىڭ چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ۋە مەسجىدى ھەرەمگە، يەنى ھەج ئىبادىتى قىلىنىدىغان يەرگە—مەككىگە كىرىدىغانلىقى
ئالدىن خۇشخەۋەر قىلىنغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خۇشخەۋەر مۇسۇلمانلار ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتىن ناھايىتى ئاجىز بىر ۋاقىتتا بېرىلگەن .
ئايەت ئالدىن خەۋەر بەرگەن بۇ ھادىسە، يەنى مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

بىزانس غالىب كېلىدۇ

[ رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ
باشقۇرۇشىدىدۇر. بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بە رگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ ] ( « رۇم » سۈرىسى ،2-،4- ئايەتلەر .)
بۇ ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا رۇملۇقلار (بىزانىسلار) پارسلارغا يېڭىلگەنىدى. رۇملۇقلار خرىستىئان ئىدى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش بىر
ئاللاھقا ئېتىقاد قىلاتتى . پەقەت پارسلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان بىر جامائەت ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، رۇملۇقلارنىڭ يېڭىلىشى مۇسۇلمانلارنى
پەرىشان قىلغانىدى. ۋاھالەنكى كۆرگىنىڭلاردەك، كېيىنكى ئايەتتە رۇملۇقلارنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە يەنە غالىب كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلمەكتە .

« قۇرئان كەرىم » رۇملۇقلارنىڭ پات ئارىدا غالىب كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى، لېكىن ئۇ چاغدا ياشىغان بەزى ئىنسانلار بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنىدى. چۈنكى بىزانس ئاغدۇرۇلۇشقا ئاز قالغانىدى ھەمدە قايتا ئەسلىگە كېلىشى تەس كۆرۈنەتتى . پارسلار، سلاۋلار، ئاۋارلار ۋە لومباردلار رۇملۇقلارغا قارشى تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتاتتى . رۇملۇقلارغا تەۋە بولغان مېسسوپاتاميە، مىسىر، سۈرىيە، كىلىكيا، پەلەستىن ۋە ئەرمەنىستان تۇپراقلىرىنى پارسلار ئىشغال قىلغانىدى . رۇملۇقلار ئەسكىرىي چىقىملىرىنى تەسلىكتە ئۆتەيتتى ھەم كۆپلىگەن ۋالىي پادىشاھ ھېراكلىئۇسقا ئىسيان كۆتۈرگەنىدى .قىسقىسى، ئېمپراتورلۇق پارچىلىناي دەپ قالغانىدى.

مانا موشۇنداق يامان بىر ۋەزىيەتتە « قۇرئان كەرىم »، پارچىلىنىشقا ئاز قالغان رۇملۇقلارنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە غالىب كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى.

ھەقىقەتەنمۇ « قۇرئان كەرىم » نىڭ دېگىنىدەك، بىر قانچە يىلدىن كېيىن، مىلادى 627 -يىلدا ر ۇملۇقلار بىلەن پارسلار ئارىسىدا نىنوۋا خارابىلىرى يېنىدا
يەنە بىر چوڭ ئۇرۇش بولدى، بۇ قېتىم رۇملۇقلار ئۇرۇشتا غەلبە قازاندى ھەمدە قولدىن كەتكەن تۇپراقلىرىنى پارسلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ ئويمان يېرى…

بايا بىز تەھلىل قىلغان ئايەتلەردە يەنە مۇھىم بىر مەلۇمات يوشۇرۇنغان .

دىققەت قىلسىڭىز ، « رۇم » سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىدە رۇملۇقلارنىڭ دۇنيانىڭ َ ئەڭ ئويمان يېرىدە يېڭىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە . 3-ئايەتتە ئۇچرايدىغان
(ئەدنا ئەل ئارد )“ تىلىمىزد ا ”دۇنيانىڭ ئەڭ ئويمان يېرى “ دېمەكتۇ ر. لېكىن بەزى تەرجىمانلار بۇنى مەجازى مەنىدە ”ئەڭ يېقىن يەر“ دەپ تەرجىمە قىلغان.
”ئەدنا“ سۆزى ئەرەبچىدە ”پەس، ئويمان “ مەنىسىدە كېلىدىغان ”دىنى“ سۆزىدىن تۈرلەنگەن ۋە ”ئەڭ ئويمان “ مەنىسىدە كېلىدۇ . ”ئارد“ سۆزى بولسا”يەر يۈزى “ دېمەكتۇر. بۇنىڭ بىلەن ”ئەدنا ئەل ئارد “ ئىبارىسى”يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئويمان يېرى“ مەنىسىدە كېلىدۇ.

بۈگۈنكى ئىلمىي ئاساسلارغا كۆرە، رۇملۇقلار ھەقىقەتەن پارسلارغا دۇنيانىڭ ئەڭ ئويمان يېرىدە يېڭىلگەن . چۈنكى ئۇرۇش بولغان يەر سۈرىيە،
پەلەستىن ۋە ھازىرقى ئىئوردانىيە تۇپراقلىرىنىڭ كېسىشكەن قىسمىدىكى لۇت كۆلى ھاۋزىسىدۇر. شۇنداقلا بۈگۈن ئالەمدىن تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ
فوتوگراقلىرىدا لۇت كۆلىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئويمان يېرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. دېڭىز يۈزىدىن 395 مېتىر تۆۋەن بولغان لۇت كۆلىنىڭ يەنە بىر
ئىسمى”ئۆلۈك دېڭىز “ دۇر. چۈنكى بۇ يەردە بېلىق ياكى يوسۇنغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالمايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن 1-بۆلۈم سانلار مەلۇماتى تۈگىدى . قالغان قىسىمى داۋاملىق يوللىنىدۇ .

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
axik0996 + 20
adil2052103 + 15
sahraohli + 100
dahan + 100
مەلىكە + 500 داۋامىنى ساقلايمەن.
Kiyok + 100 ئاخىرىنى كۈتىمىز .
Uyghun + 30 داۋامى ئۇزۇلمىگەي
sali + 10
alafasy + 500 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1375   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››

سەن قانچە كۈچلۈك بولساڭ زىممەڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43367
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 08:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر!!!
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي!!![s:166]

جانلا بۇلىدىكەن چۇقۇم ئۆلىدۇ! ھەرمىنۇت،ھەرسىكىنۇت ھەممىمز ئۈچۈن مۇھىم!

ana bolgum bar

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29052
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2303
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2246 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 08:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا بىرمۇ ئىنكاس يوق ، بۇ ھەقىقەتلەرگە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇر.

ئاللاھ دىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10225
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7686 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 08:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن ..ھەقىقەتەن  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەر جىق ..لىكىن كاپىلار بۇنى كۆرۇپ تۇرۇپ تەن ئالمايدۇدە ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221159
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11547 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 08:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەدەپ-ئەخلاق،شە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28037
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 2127 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 08:49:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە نىڭ قۇدرىتى چەكسىزدۇر!!!!!
رەھمەت سىزگە.[s:206] [s:206] [s:206]

ئالمىنى سۇندى نىگارىم<<ئال>>دېدى، ئالما بىرىپ بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى. سورىسام شۇ چاغ ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى، نە سورايسەن ئالما رەڭگى<ھال>دېدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9793
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12157
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 2531 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 09:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەقتۇر....  بۇرۇنقى، ھازىرقى، ۋە كېيىنكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

باشقىلارنى مەسخىرە قىلىمەن دېگۈچە، كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ ئەينەككە قاراپ باقە، ئالۋاستىنى قورقۇتىدىغان چىرايىڭ بىلەن بۇ ياردە زاڭلاشماي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43303
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -86
تۆھپە نۇمۇرى: 15
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 09:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر پوستىلا ئەمەس يەر يادرۇسىمۇ تۆمۈر ئىلىمىنتىدىن تەركىپ تاپقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر تاۋلانسىلا ئاندىن ھازىرقى ھالەتكە كىلىدۇ، ئارتۇق گەپ قىلماي، ئۇ ئاسماندىن چۈشمىسىمۇ يەر شارىدا يىتىپ ئاشقۇدەك بارغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28207
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1985
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(boraoghli) نىڭ تېمىسىغا

قولىڭىزگە تىخىمۇ  بەركەتلىك بولسۇن  .   [s:206]                                       سىزگە رەخمەت   .

ھەرگىز   بەل  كويىۋەتمەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36762
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھەممىگە قادىر...ھەيييييييييييييييييييييييييييييييييييييييييي  تۆۋبە قىلايلى..

شۇكرى ئاللا.....بەرگەن كۇنلىرگە.......
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43270
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2011-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:50:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر بۇلۇشتىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40379
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 771 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2011-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 10:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن  قىرىدىشىم  
قۇرئان كەرىم  ھەقىقەتەن بىر ساماۋىي كىتاپ  
سىز بۇنىدەپ ماڭا بىر ئايەتنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ..................
ئاللا ىالىسا ئۇ كۇنلە چوقۇم بولىدۇ

اللهم اعز الاسلام والمسلمين .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35937
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2011-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 11:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بولۇدۇئىكى  بۇ كۇنلەمۇ ئاز قالدى....`بىر ئۇلۇغ ئاللادىن چىن دىلىمىزدىن گۇنايىمىزنى يۇيىشنى تلەيلى............كەتكەنلە كىتىيۋەرسۇن ،،بىز يەنىلا بىر ئۇلۇغ ئاللا يەنى ئىسلام يولىدا ماڭىۋىرەيلى..............................

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 936
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 11:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھەممىگە قادىردۇر!!!

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15374
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5516
تۆھپە نۇمۇرى: 332
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 11:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ...مەن ئاۋۇ ‹ا للە شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر› دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىگەن مانا بۈگۈن چۈشەندىم...

رەخ ئالتۇندىنمۇ كەم تېپىلىدۇ ، شۇڭا ھازىرقى دەۋىر قىزلىرمىزنىڭ كىيمى ھەم نىپىز ھەم كالتا . . .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش