مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 0

‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سىرلىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

باشقۇرغۇچى دوستلارغا : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، بۇ بىر ماقالە ئەمەس ، بەلكى ئۆمەر چېلىك نىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان پارچە  ، خىيالىمدا مىسرانىمدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئاز - ئازدىن ھەزىم قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇ شەكىلدە پۈتۈن كىتابنى(  جەمئىي 140 بەت ئەتراپىدا ) يوللاي دېگەن ئىدىم ، « ئاخىرى ياكى داۋامى يوق يازمىلارنى تەستىقلىماسلىق » دېگەن بەلگىلىمەڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن ، لېكىن بۇ بىر پارچە كىتاپ ،  ھەممىنى بىرلا ۋاقىتتا يوللاشقا ئامالسىزمەن ھەم كىتابىنىڭ ئاخىرىنىمۇ كۆچۈرۈپ بولالمىدىم . يۇقارىقى ئۇسۇلنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىدىم ، كىشىدىن كىشىگە نەپ ، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن .

‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك (تۈركىيە)

1-بۆلۈم سانلار مەلۇماتى
كىرىش سۆز

تارىختىن بېرى <<قۇرئان كەرىم>> نىڭ سىرلىق تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا بەزى مۇتەخەسىسلەرمۇ سان-سىفىرلارنىڭ « قۇرئان كەرىم » دە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى قۇرئاننىڭ ماتېماتىكىلىق بىر سىستېمىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇ رماقتا. بىز قۇرئاننىڭ ماتېماتىكىلىق تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى شىفىرلارنى ئىگىلىگەن ۋە بۇلارنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرگەن ئىدۇق . بۇ كىتابتا پەقەت ئالدىنقى شىفىر تەتقىقاتىدىن پەرقلىق ھالدا ھەر كىم چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان ماتېماتىكىلق سېستىمىلاردىن گەپ ئاچتۇق. بۇ كىتابنى تەييارلاشتا باشقا مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىدىنمۇ پايدىلىنىلدى . بۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ كېلىچەككە مۇناسىۋەتلىك تەخمىنلىرىمىزنىڭ توغرا چىقماسلىقى بۇ كىتابتىكى باشقا مۇتەخەسىسلەر بەرگەن ئۇچۇرلارنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇ كىتابتىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇرۇن باشقا مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ئۇچۇرلاردۇر.

« قۇرئان كەرىم »نىڭ ماتېمىكىلىق تۇزۇلۇشكە ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەردىن بىرسى سۆز تەكرارلىقىدۇر. « قۇرئان كەرىم » دىكى بەزى سۆزلەر جەلپ قىلارلىق بىر شەكىلدە ئوخشاش قېتىم تەكرالىنىدۇ . قۇرئاندىكى بۇ سۆز تەكرارلىقىنىڭ بەزىلىرى شۇلاردۇر:

مەلەك 88 قېتىم، شەيتان 88 قېتىم تەكرارلانغان.
جەننەت 77 قېتىم، جەھەننەم 77 قېتىم تەكرارلانغان.
دۇنيا 115 قېتىم، ئاخىرەت 115 قېتىم تەكرارلانغان.
ئۆسۈملۈك 26 قېتىم، دەرەخ 26 قېتىم تەكرارلانغان.
ياز-ئىسسىق 5 قېتىم، قىش-سوغۇق 5قېتىم تەكرارلانغان.
جازا 117 قېتىم، ئەپۇ قىلماق 117 تەكرارلانغان .  
يەتتە ئاسمان 7 قېتىم، ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى 7 قېتىم تەكرارلانغان.
زاكات 32 قېتىم، بەرىكەت 32 قېتىم تەكرارلانغان.
شاراپ 6 قېتىم، مەستلىك 6 قېتىم تەكرارلانغان.
رەھمەت 79 قېتىم، ھىدايەت 79 قېتىم تەكرارلانغان.
نامراتلىق 13 قېتىم، بايلىق  13 تەكرارلانغان .
”دە“ سۆزى 332 قېتىم، ”دېدىلەر“ سۆزى 332 قېتىم تەكرارلانغان.

كۆرگىنىمىزدەك، قۇرئاندىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇچراش سانى ئوخشاش. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىزگە قارىتا سوئاللىرىدىن بىرسى ئايەت نومۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى، بۇ سوئا لنى بۇ يەردە جاۋابلاپ، ئاندىن ئۆرنەكلەرگە ئۆتىمىز. قۇرئاندىكى ئايەت نومۇرلىرى 14 ئەسىردىن ئاۋۋالقى ھالىتىگە ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە تاملانغانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇرۇندىنلا ئايەتلەرنىڭ نومۇرلاندۇرۇلۇشىغا زۆرۈرىيەت تۇيۇلمىغانىدى، چۈنكى ئايەتلەرنىڭ تەرتىپى ئەسلىدىنلا مەلۇم ئىدى . يەنى بۈگۈن 40 -ئايەت بۇرۇندىنلا 40 -تەرتىپتە ئىدى. ئايەت تەرتىپى تېخىمۇ ئاسان بىلىنسۇن ئۈچۈن مەتبەئەلەردە ئايەتلەرنىڭ يېنىغا نومۇرلارمۇ قوشۇلغانىدى. بۇنداق بولمىغاندىمۇ بىرەر كىم قۇرئانغا ئۆزىچە نومۇر قوشۇپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەر قانداق بىر موزېيغا بېرىپ يۈز يىللار ئاۋۋال كۆچۈرۈلگەن بىر قۇرئان بىلەن قولىڭىزدىكى قۇرئاننى سېلىشتۇرسىڭىز، ئايەت تەرتىپلىرىنىڭ (نومۇرلىرىنىڭ) ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.

ئايغا چىقىش تارىخى

« قۇرئان كەرىم »دىكى”قەمەر“ سۈرىسىدە ئايغا بارماقنىڭ مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر بار . ”قەمەر“ سۆزى تىلىمىزدا ”ئاي“ دېمەكتۇر. سۈرىدە ئاي سۆزى بىرىنچى ئايەتتە ئورۇن ئالماقتا : << قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى >> (« قىيامەت » سۈرىسى، 1-ئايەت). مانا بۇ ئايەتتىن « قۇرئان كەرىم » نىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەق 1389 ئايەت بار . ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 1389 -يىلى مىلادىيە بويىچە 1969 -يىلىغا تەڭ كەلمەكتە، بۇ ئايغا چىقىش تارىخىدۇر .
قىسقىسى، ئاي (قەمەر) سۈرىسى ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىياتىدىن بىرى بولغان بۇ ۋەقەنى ئالدىن خەۋەر بەرمەكتە . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرىقى ئايەتتە قوللىنىلغان”شەققە (يېرىلدى)“ سۆزى ئوخشاش ۋاقىتتا” تۇپراقنىڭ يېرىلىشى، قېزىلىشى “ مەنىسىدىمۇ قوللىنىلماقتا. شۇنىڭدەك، ئايغا بارغان ”ئاپوللو 11 “ ئالەم كېمىسىمۇ ئاي تۇپرىقىدىن نۇرغۇن پارچە ئېلىپ دۇنياغا قايتقانىدى. بۇنىڭدىمۇ بىر ماس كېلىش (پارالىللىق) بار.

ئاينىڭ ئوربېتىسى

قۇرئاندا ئالەم جىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاي (قەمەر) سۆزى تولۇق 27 قېتىم ئۇچرايدۇ. ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدىكى ئىللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشىمۇ 27 كۈندۇر. پەقەت قەدىمقى دەۋرلەردە ياشىغان ئىنسانلار بۇنىڭدىن بەك خەۋەردار ئەمەس ئىدى. چۈنكى يەر يۈزىدىن قارىغان ھەر قانداق بىر كىشى تولۇن ئايلار ئارىسىدا 29 كۈنلۈك مۇددەت بولغانلىقتىن ئاينىڭ بىر ئايلىنىشىنى 29 كۈن دەپ ئويلايتتى. ھالبۇكى، ئاي يەر شارى ئەتراپىدا ئايلانغاندا يەر شارىمۇ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ . يەنى يەر شارى ئايلانغانلىقتىن، ئاي ئۆزىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىككى كۈن كېچىكىپ تاماملايدۇ. بۇ مۇھىم بىلىم ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا ئورۇن ئالغان.

دېڭىز-قۇرۇقلۇق نىسبىتى

« قۇرئان كەرىم » دە ئۇچرايدىغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كەلىمىلىرىنىڭ سان بويىچە بىر بىرىگە نىسبىتى بۈگۈن زامانىۋى بىلىمدىكى نىسپەت بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاشتۇر . ھالبۇكى، ئۇ يىللاردا قىتئەلەر تېخى نامەلۇم ئىدى ۋە قۇرۇقلۇق-دېڭىز نىسبىتىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئېنىقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، ئامېرىكىدەك چوڭ بىر قۇرۇقلۇق پارچىسىنىڭ بارلىقى پەقەت -15 ئەسىردە بايقالدى. قۇرئاندا جەمئىي 13 قېتىم”قۇرۇقلۇق“ (بەر، ياباس) ئىپادىسى
ئۇچرىماقتا. دېڭىز (بەھر) سۆزى 32 قېتىم ئۇچرىماقتا. يەنى دېڭىز نىسبىتى4532 ھالدا بېرىلمەكتە . قۇرۇقلۇق نىسبىتى بولسا 4513 ھالدا بېرىلمەكتە. يۈز نىسبەتكە ئايلاندۇرغىنىمىزدا دېڭىز نىسبىتى % 71 ، قۇرۇقلۇق نىسبىتى %29 بولماقتا. زامانىۋى بىلىمنىڭ نەتىجىلىرىدىنمۇ دېڭىز دۇنيانىڭ %71 ىنى، قۇرۇقلۇق بولسا % 29 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

خۇلاسە سۈپىتىدە ‹‹قۇرئان كەرىم›› دۇنيانىڭ %71ىنى دېڭىزلارنىڭ ، %29 ىنى قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئىگەللىگەنلىكىنى ئەسىرلەر ئاۋال خەۋەر بەرمەكتە . ھازىرقى ئالىملار بولسا بۇنداق ئىنچىكە ھېسابلاشلارنى سۈنئىي ھەمراھ فوتو ئاپىراتى ۋە كومپىيوتېر بىلەن ئېلىپ بارماقتا .
ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ...

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
nurjula + 20 بةك ياقتذردذم، داإامصغا تةشنامةن!
elijan + 10 ئامركنڭ ئايغا چىققىنى يالغان دىگەنغۇ
مەلىكە + 500 ئىسىل يازما! داۋامىنى ساقلايمەن.
Uyghun + 30 داۋامىنى كۇتمەكتىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 560   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش