مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3941|ئىنكاس: 56

خوتۇن دىگەننى كۈنلىگۈلۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يول سورىغان يولد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2579
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 4993 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇن دىگەننى كۈنلىگۈلۈك



بىزدە كۈنلەمچىلىكنى ھار ئالىدىغان،كۈنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۈشىنىۋالىدىغان ئادەت بار.كۈنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەلۇم بىرىنى بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بولۇپ،ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس پاكلىقنى قوغداش،ھايا ۋە شەرىمنىڭ ئىززىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ.كۈنلەمچىلىكنىڭ تىگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس ،بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش،سۆيۈش،يالغۇز ئىگىلەش تۇيغۇسىغا تۇتىشىدۇ.ئەگەر نىكاھ يالغۇز ئىگىلەش ،ئەر خوتۇننىڭ بىر بىرىدىن  يالغۇز بەھىرلىنىشىنى ئاساس قىلمىسا ،نىكاھتا ھىسىيات،مۇھەببەتنىڭ چىچىلىشى ۋە سۇسلىشىش كۆرۈلۈپ بىر بىرىدىن يالتىيىپ قالىدىغان ھاللار سادىر بولىدۇ.بىر چاغلاردا «كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس» دەيدىغان ناخشىلارمۇ پەيدا بولغان.بىز بۇنىڭغا مىيىقىمىزدا كۈلۈپ قويغۇچىلارمىز.گەرچە ئۇ خوتۇنىغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھەتتا ھەددىدىن زىيادە تىزگىنلەش،گۇمانخورلۇققا،نىسبەتەن ئىيتىلغان ناخشا بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئومومى ئۇدارىغا نىسبەتەن سەلپەل تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ زىيىنى يوق.

بۇرادەر ئايالىڭىز مەيلى خىزمەتدىشى بولسۇن ياكى بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى بولسۇن ۋە ياكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە بولسۇن يات بىر ئەر بىلەن بىرگە يۈرسە سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش،كۈنلەش كەيپىياتى پەيدا بولمىسا بۇنى نىمە دىگۈلۈك؟ئەجابا مۇنەۋۋەر،لاياقەتلىك،ياخشى بىر ئەر خوتۇنىنىڭ يەنە بىر ئەر بىلەن بولغان ئەركىن باردى-كەلدىسىگە ئارلاشماسلىقى،توغرا چۈشۈنۈشى كىرەكمۇ؟بەزىلەر بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ يۈز بىرىش مۇقەررەرلىكىگە زامان،دەۋىرنىڭ ئۆزگۈرۈشى،تۈرلۈك ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى باھانە-سەۋەپ قىلىدۇ.ئەمما ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ئۆز ئىرىگە ۋە ھاياسىغا بولغان ساداقىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ئايال ھەرگىمۇ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بىرگە يۈرمەيدۇ،ئۇچراشمايدۇ.ھەدىسلەردە بىر يات ئايال بىلەن يات ئەر بىرگە تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قىشىدا شەيتانمۇ بىرگە ھازىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.سالىھ ئايال دوسلىرىدن بىرەرىنى ياكى ئۆزگىرىشىنى ھەمراھ قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بولغان ئىجتىمائى ئالاقىنى نورمال ئىلىپ بىرىشنى ئىرىگە بولغان ئىززەت،ئائىلىسىگە بولغان نۇمۇس دەپ بىلىدۇ.


بۇرادەر،ئايالىڭىز يەنە بىر يات جىنىس بىلەن قول تۇتۇشۇپ ،بەلتارتىشىپ قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىسا سىزدە ئازراقمۇ قىزغىنىش ،كۈنلەش ھىسىياتى،ئارامسىزلىنىش،قىزىرىش،ئۇيىلىش كەيپىياتى ئويغانمامدۇ؟ ئايال ئەر كىشى ئۆزىلا بەھىرلىنىدىغان ،مەنپەئەتلىنىدىغان مۇتلەق نىمەت.«ئاياللار ئەرلەرگە جانابى ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر» .ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە جايىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىڭ ساقلىماق زۆرۈردۈر.ئامانەتنى خالىغان بىرىگە كۆرسىتىپ ،تۇتقۇزۇپ،سىيلاتقۇزۇپ،ھوزۇرلاندۇرىۋەرسىڭىز ئامانەتكە خىيانەت،جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىسىز.جەزمەنكى،يات جىنىسلارنىڭ تىنى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال ئەڭ ئوڭاي بۇزىلىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز ساپمۇساق،تولۇپ پىشقان ئالمىنى ھەر كۈنى تۇتۇپ ،سىيلاپ قويۇڭ.تۇتىۋەرسە ھەپتىسىگە ساق ئالمىمۇ سېسىيدۇ.

بۇرادەر،ئايالىڭىز قىسقا،تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماڭسا،يوتا كىندىكلىرى ئوچۇق تۇرسا،يات ئەرلەر تۈكۈرۈكىنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇپ ئارقىسىدىن ئوغرىلىقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۈرسە سىزدە كۈنلەش،قىزغىنىش،غەزەپ ھىسىياتى ئويغانمامدۇ؟ئايالىڭىزنىڭ  ھەركەتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىشى سىزنى نومۇسلاندۇرمامدۇ؟ياكى ھەممە ئىغىزىنى تامشىتىپ تىل چاكىلدىتىپ ئايالىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى چىرايلىقلىقىنى ماختاپ قويسا خوشلۇقتىن كىرىلىپ كىتىدىغان مەنتەڭ مىجەز ئەرلەردىنمۇ سىز؟...


ياراتقۇچىدىن ھايا نۇمۇس تىلەيمەنكى جىنىم ئەرلەر خوتۇنۇڭلارنى ئاز-تولا كۈنلەپ قويۇڭلار.ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقى سۆيسەڭلار ۋە ئىززەتلىسەڭلار ئۇلارنى يامان كۆز ئىپلاس غەرەز بۇزۇق نىيەتلەردىن ساقلاڭلار.بۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك ئەمەس.بەلكى ئىشىنىشنى چىڭىتىش نىكاھقا گۇمان ئەمەس نىكاھقا مەسئۇلىيەت ۋە تەلەپتۇر.بۈگۈن ئايالىڭىزنىڭ بىھايالىقىنى ئازراقمۇ كۈنلىمىسىڭىز بەلكىم ئەتە ئۇنى كۆرۈشكىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۈمكىن.تاپتىن چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدە خوتۇنلىرىنى كۈنلەشنى بىلمەيدىغان خوتۇنىنىڭ ھەر قانداق ھەركىتىگە لاتىلارچە ھۆرمەت،خۇمسىلارچە ئىلمىيلىك بىلەن يول قويۇۋىرىدىغان ،قىسقىسى خوتۇنىنى ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن سۆيۈش،قەدىرلەش،خوتۇنىنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ساقلاش،قوغداشنى بىلمەيدىغان يارامسىز ئەرلەر باردۇر.

باشقىلار كۈنلىمەڭ،ئۇمۇ بىر تىرىك جانغۇ،دەيدۇ.مەن لايىقىدا كۈنلەڭ،چۈنكى ئۇ تىرىك جان دەيمەن.



مەنبەسى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101تەكلىپ دىگەن كىتاۋى.
بذ يازما ظوكيان تورىغىمۇ ئىلان قىلىنغان.

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان تىمىكەن. رەھمەت.

*  قىلىچ  تەڭلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40639
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 602
تۆھپە نۇمۇرى: 54
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،  خوتۇنىنى كۈنلىمەيدىغان ئەرنى ئەر دىگۈچە...
ھازىر تەرەققىيات دەپ قويۇپ ھەرخىل ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدىغان بولىۋالدۇق، ئۆز ھالال جۈپتىمىزگە بولسىمۇ ئىگە بولۇپ قويايلى ! ئەركەكلەر~~~~[s:206]

ئازغۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنىنى بىلىدۇ،      بىراق توغرا يولغا قايتىشقا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ؟

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7542
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈنلەش كېرەك، ۋۇجۇدى نورمال بىر ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن ھەر قانداق ئەر كىشى ئايالىنى ئۆزگە ئەردىن كۈنلەيدۇ، كۈنلىمەسلىك نورمال ئەمەس. ھەممىنى توغرا چۈشىنىدىغان غەيرى رەسمىي ئىلمىي ئەرلەردىن پاناھ بەرسۇن ئاللاھ[s:196]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:17:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈنلىمىسە نىمىگە ئوخشاپ قالىدۇ ئۇ ئەر.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:23:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيدۇ ...مەنمۇ بەزىدە خېلى كۈنلەپ قۇيىمەن،ئىنسان بولغاندىكىن بەزىدە كۈڭۈل كۈتۇرمەيدىغان ئىشلا بولسا لايىقىدا كۈنلىگۇلۈك ،كۈنلىمەيمەن دەپ ھەممە ئىشنى قۇيۇۋەتسەك بىز نىمىگە ئوخشاپ قالىمىز .. دىگەندەك ھەممىمىز ئاياللا -ئەرلىرمىزدىن ،ئەرلەر -ئاياللىرمىزدىن ئۆز لايىقىدا كۈلىسەك بۇنىڭ خاتاسى يوق ..

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3338
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:24:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا!!!
ھەممەيلەن ھەمراھىمىزنى،ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى لايىقىدا باشقۇرۇپ  ،ئۇلارغا ئىگە بولۇپ تۇرمىساق بولمايدۇ،
ئەر دىمەك-مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر![s:228]

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43048
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2011-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر،ئايالىڭىز قىسقا،تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماڭسا،يوتا كىندىكلىرى ئوچۇق تۇرسا،يات ئەرلەر تۈكۈرۈكىنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇپ ئارقىسىدىن ئوغرىلىقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۈرسە سىزدە كۈنلەش،قىزغىنىش،غەزەپ ھىسىياتى ئويغانمامدۇ؟

    ئايالىنىڭ بۇنداق كىيىنىپ يۇرىشىگە يول قويغان ئەرنىڭ ئايالىنى كۈنلىگۈدەك تۈكى بامىدۇ؟

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇنىڭىزنى كۈنلەڭ ، لىكىن كۈنلەشنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ كۈنلەڭ .
كۈنلەش پەقەت ئايالىڭىزنىڭ باشقا ئەر بىلەن يالغۇز پاراڭلىشىشى ، تانسا ئۇسۇل ئوينىشى ، كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىشى ............... بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىسۇن . ئەڭ مۇھىمى ئايالىڭىزنى ھىجاپلاندۇرۇڭ ،ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ، يۈزى ئوچۇق ھالەتتە بولسىمۇ ئىسلامچە كىيىندۈرۈڭ   . ئايالىڭىزنىڭ نازۇك بەدىنىدىن سىزلا ھوزور ئېلىڭ . ئىسلامچە كىيىنگەن ئايالغا باشقا ئەر كىشى ئاسانلىقچە يامان نىيەتتە بولمايدۇ . ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى يات ئەرلەر تۇتسا قەتئىي بولمايدۇ ، ھەتتا چېچىنىمۇ يات ئەرلەر كۆرۈپ قالسا ، بۇ ئايال جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ . ( جەننەتنىڭ پۇرىقى 500يىل نېرىسىدىن پۇراپ تۇرىدۇ .) سىلەر ئەرلەر ئايالىڭلارنى ئالدىم دىيىش بىلەن زىممىڭلاردا ئۇلارنى باشقۇرۇش يۈكى ئېغىرلىشىدۇ ، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەم ئايالىڭلارنىڭ ئاخىرەتلىگى ئۈچۈن ئاياللىرىڭلارنى ئىسلام تۈزۈمى ئىچىدە باشقۇرۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛ ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم خوشنىسىغا ئەزەيەت يەتكۈزمىسۇن ، ئاياللارغا ئېتىۋار بىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، تەۋسىيەمنى قۇبۇل قىلىڭلار ، ئۇلار ئەگرى قۇۋۇرغىدىن يارىتىلغان ، قۇۋۇرغىنىڭ يۇقۇرى تەرىپى ئەگرى كىلىدۇ ، ئەگەر ئۇنى تۈزلىمەكچى بولساڭ سۇندۇرۋالىسەن ، ئەگەر ئۇنى ئۆز پېتىچە قويساڭ ئەگرى پېتى تۇرۇۋىرىدۇ ، ئاياللارغا ئېتىۋار بىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ۋەسىيىتىمنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ بۇيىچە ئىش قىلىڭلار .
   سىلەر ئايالىڭلارنى قۇلنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالىماڭلار ،  دۇمبالاپ بۇلۇپ شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بۇلۇشىڭلار مۇمكىن .ئۆزىنىڭ ئەر ئايال بەندىسىنىڭ پاھىشە قىلىشىنى ئاللادىن ئارتۇق كۈنلەيدىغان ئادەم يوق . ئى مۇھەممەتنىڭ ئۈممىتى سىلەر مەن بىلگەننى بىلىدىغان بولساڭلار چوقۇم ئاز كۈلەتتىڭلار ، چوقۇم كۆپ يېغلايتتىڭلار .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38219
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 683
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 431 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2011-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئەجەپ كۈلگۈم كەلدى مېنىڭ، ھۇي يازغۇچى  سىز باشقىلارنى ئايالىنى كۈنلەشكە ئۈندىمىسىڭىزمۇ، چاقىرىق قىلمىسىڭىزمۇ، كۈنلىگۈسى كەلگەن ئەرلەر قۇشقاچلاردىنمۇ كۈنلەيدۇ خوتۇنلىرىنى، بۇ تېمىڭىزنى كۆرگەن ساپاسى تۆۋەن بولغان ئەر تورداشلىرىمىز ئەمدى خوتۇنلىرىغا كۈن كۆرسەتمەيدىغان بولدىدە، نىمە قىلىسىز كىشىلەرگە داشاڭ قىلىپ كۈنلىگۈڭىز كەلسە كۈنلەۋەرسىڭىز بولمامدۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىنى، قارىغاندا سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بىچارىنىڭ كۈنى بەكلا تەسكەندە بىر ئايال يەنە بىر ئانا بولغۇچىدا ئۆزىنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىر ئانا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپلا قالمىسا مېنىڭچە كۈنلەيدىغان ئىش بولمايدۇ.
مۇشۇ تېمىڭىز مېنىڭچە نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئۇرۇش ، جەڭگە-جىدەل پەيدا قىلدىغۇ دەيمەن.

مەن گۇلگە ئامراق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 2236 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ كۇنلەش كېرەك كۇنلەش ئارقىلىق ئوزىنىڭمۇ مۇھەببتىنى، ھەم قارشى تەرەپنىڭمۇ مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك،ئەسلىتىپ تۇرۇش كېرەك، ،كۇنلىمىسە قانداقمۇ مۇھەببەت بولسۇن؟مىنىڭ يولدۇشۇم مىنى كۇنلسە مەن خوش بولىمەن چۇنكى ئۇ مىنى ياخشى كورىدىكەن، مىنى ئاسرايدىكەن دەپ بىلىمەن.

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ۋەتەن  دىگەن  س

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت9قەۋەت楼兰公主بىلەن2011-06-07 06:03 PMيوللانغان :
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئەجەپ كۈلگۈم كەلدى مېنىڭ، ھۇي يازغۇچى  سىز باشقىلارنى ئايالىنى كۈنلەشكە ئۈندىمىسىڭىزمۇ، چاقىرىق قىلمىسىڭىزمۇ، كۈنلىگۈسى كەلگەن ئەرلەر قۇشقاچلاردىنمۇ كۈنلەيدۇ خوتۇنلىرىنى، بۇ تېمىڭىزنى كۆرگەن ساپاسى تۆۋەن بولغان ئەر تورداشلىرىمىز ئەمدى خوتۇنلىرىغا كۈن كۆرسەتمەيدىغان بولدىدە، نىمە قىلىسىز كىشىلەرگە داشاڭ قىلىپ كۈنلىگۈڭىز كەلسە كۈنلەۋەرسىڭىز بولمامدۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئايالىنى، قارىغاندا سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بىچارىنىڭ كۈنى بەكلا تەسكەندە بىر ئايال يەنە بىر ئانا بولغۇچىدا ئۆزىنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىر ئانا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپلا قالمىسا مېنىڭچە كۈنلەيدىغان ئىش بولمايدۇ.
مۇشۇ تېمىڭىز مېنىڭچە نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئۇرۇش ، جەڭگە-جىدەل پەيدا قىلدىغۇ دەيمەن.
سىز نىڭ گىپىڭز تازا قاملاشمىدىمۇ قانداق، بۇنى بىلدۈرۈپ قويغاننىڭ نىمە يامىنى بار. ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز خوتۇنىڭىزنى كۈنلىمەيدىغان ئوخشايسىز. خوتۇننى كۈنلەش توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام‹سەللەلاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم› نىڭ ئىنىق كۆرسەتمىسى بار. مۇنبەردە تويقىلمىغان ياشلارمۇ تويقىللىپ بوغانلارمۇ بار. تويقىلمىغان ياشلار كۆرسە ئۈگىنىدۇ تويقىلغاندىن كىيىن پايدىلىنىدۇ. تويقىلىپ بولۇپ خوتۇننى كۈنلىمەيدىغانلار ئەقىللىقاراق بولسا ياخشى پايدىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا سىزگە ئوخشاش ئويلاپ كىيىن تىزلا ئۇنتۇپ بۇرۇنقى تۇرمۇش تەرتىپىگە قايتىدۇ.

ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42570
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-30
ئاخىرقى: 2011-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدىزە
كۈنلەۋەمە ....
چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت ....
ئاق كۆك سېرىق يىشىل دەپ ناخشا توۋلىغانلار ئېغىر گۇناھكار بولىدىغان بولدى

ئانا  رازى  ﷲ  

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18537
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇغال بالدەك گەپ قىپلا جۇما!!!

مىسكىن قىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38349
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2099
تۆھپە نۇمۇرى: 165
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى ئېرىم  پەقەت  كۈنلىمەيدۇ  ،لېكىن  مىنى  بەكلا  ياخشى  كۆرىدۇ، بۇنىسى  ماڭاا ئايان  
بۇنى  نىمە  دىگۈلۈك  ئەمدى

www.kaqkuz.comسىلەرنى قارشى ئالىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش