مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 976|ئىنكاس: 12

سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوغدىلار مىلادىيە 2-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە قوللانغان ئۈزۈك تاۋۇشلۇق يېزىق. ئۇ سۈرىيە يېزىقىدىن كەلگەن. خەت نۇسخىلىرىدىن قەدىمكى سوغدىچە نۇسخا، بۇددا نوم نۇسخىسى، قەدىمكى سۈرىيە نۇسخىسى ۋە مانى دىنى نۇسخىسى قاتارلىقلار بار. ھەرپلىرىنىڭ سانى دەۋرلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلىق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 غا يېتىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلار y ياكى w بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئوڭدىن - سولغا قاراپ يۈز يېزىلىدۇ. يۇقىرىدىن – تۆۋەنگە قارىتىلىپ يېزىلغانلىرى ئازراق. 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنخۇاڭدىن بىر يۈرۈش خەت – چەكلەر تېپىلدى. ئۇنىڭ يىل دەۋرىنىڭ ئەڭ ئىلگىرىكىلىرى شەرقىي خەن سۇلالىسى جيەنئەننىڭ تۇنجى يىلى (196-يىلى)غا توغرا كېلىدۇ.


                                          

بۇددا دىنى ۋەسىقىلىرىنىڭ يىل دەۋرى 8-، 9- ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سالمىقى بىر قەدەر چوڭراق سانسكرىتچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ‹‹شاھزادە سۇدامانىڭ ھاياتلىق سۇتراسى›› بولۇپ، 34 بەت 1500 قۇر. يەنە باشقا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ‹‹بۇددا ئېيىتقان ياخشى – يامانلىقنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرىنىڭ شەرھىسى››، ‹‹مانى دۇرۇتلىرى›› بار. مانى دىنى ۋەسىقىلىرى بولسا بىراخما تىلى ياكى ئارساك تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق، يىل دەۋرى 8 ~ 10–ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرىدىن ‹‹دىۋىنىڭ رىۋايىتى››، ‹‹گوسپېل›› قاتارلىقلار بار. نېستورى دىنىنىڭ ئەسەرلىرى بولسا سۈرىيە يېزىقىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق. يىل دەۋرى ئاساسەن 6 ~ 11–ئەسىر ئارىلىقىدا مۇھىملىرىدىن ‹‹ئىنجىل›› قاتارلىقلار بار. قەبرە پۈتۈكلىرى ئىچىدە مۇھىمراقلىرى 1899- يىلى موڭغۇلىيەنىڭ قارا بالاساغۇن دېگەن يېرىدىن تېپىلغان 9–ئەسىرگە تەۋە بولغان ‹‹توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى›› 1956–يىلى موڭغۇلىيەدە بايقالغان ‹‹بۈگۈت مەڭگۈ تېشى››دۇر. 1980-، 1981–يىللىرى تۇرپاندىن بىر قسىم قوليازمىلار، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھەربىي ئات فېرمىسىدىن تۈركلەرنىڭ بالباللىرىغا سوغدىچە يېزىلغان 20 نەچچە قۇرلۇق تۈرك خانىنىڭ پائالىيىتى بايان قىلىنغان ۋەسىقىلەر تېپىلغان، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 40 نەچچە پارچە قوليازمىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنى مەزمۇنىدىكى پۈتۈكلەر. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەمەرقەنت شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى مۇغ تاغدىن سوغدىچە ۋەسىقىلەر تېپىلغان.

    سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر: 1980–يىلى تۇرپاننىڭ بېزەكلىك مىڭئۆيىدىن قېزىۋېلىنغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پۈتۈلگەن، جەمئىي 10 نەچچە پارچە. ئاساسلىقى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچە - پۇراتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مانى دىنىنىڭ ئۈچ پارچە ئۇزۇن قوليازما ۋەسىقىسى بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى، مانى دىنىنى تارقاتقۇچى سەپلىيار زادەھۇنىڭ شەرقىي رايونلارنىڭ ئېپىسكوپى مار ئارۇ يامان پوپوغا يازغان مەكتۇپى بولۇپ، ئۇنىڭ 25–قۇرى بىلەن 26–قۇرى ئارىسىغا رەڭلىك قىلىپ مۇئەككەللەرنىڭ مانىنىڭ ئوبرازى بولغان ئاق تاجنى ساقلاۋاتقانلىقى سىزىلغان، ئۇنىڭ ئاستىغا ئالتۇن ھەل بىلەن ‹‹موجاكلارنىڭ شەرىپى›› دەپ يېزىلغان. ئىككىنچىىسى، مانى ۋايماننىڭ مار ئارۇيامان پوپۇرغا يازغان مەكتۇپىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا مانى مۇخلىسى شاپ ۋېيسىپۇرنىڭ پوۋار زادەغۇغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدۇر. بۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مانى دىنى شەرقىي رايونىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، خاننىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كونكرېت ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھازىر تۇرپان ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ساقلانماقتا.



مەنبە-شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى
         http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_195784.htm                                      

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قىزغىن + 200 ئەھمىيەتلىك يازما، تەشەككۈر.
matimatika + 100 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمقى ئۇيغۇرچە مۇشۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، سوغدىلارغا ئائىت نۇرغۇن ۋەسىقىلەر، تارىخنامە، بايانلار، سودا-سېتىق ھەققىدىكى ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سوغدىلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ، سودىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان بىر ئۇلۇس ئىكەنلىكىنى تارىختىن خەۋىرى بار ھەر بىر زىيالى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق شانلىق تارىخى ئەسلىمىلىلىرى ساقلىنىپ قاپتۇيۇ ، ئەمما ئاشۇنداق  قەدىمقى مەدەنىيەتلىك سوغدى قەۋمىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدىن غايىپ بولىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ......[s:207]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت1قەۋەتئاھۇبىلەن2011-06-07 05:11 PMيوللانغان :
قەدىمقى ئۇيغۇرچە مۇشۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، سوغدىلارغا ئائىت نۇرغۇن ۋەسىقىلەر، تارىخنامە، بايانلار، سودا-سېتىق ھەققىدىكى ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، سوغدىلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ، سودىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان بىر ئۇلۇس ئىكەنلىكىنى تارىختىن خەۋىرى بار ھەر بىر زىيالى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق شانلىق تارىخى ئەسلىمىلىلىرى ساقلىنىپ قاپتۇيۇ ، ئەمما ئاشۇنداق  قەدىمقى مەدەنىيەتلىك سوغدى قەۋمىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدىن غايىپ بولىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ......[s:207]  

مىنىڭچە سۆزىڭىزنىڭ بىشى توغرا، يەنى، قەدىمقى ئۇيغۇر يتىزىقى مۇشۇ سوغدا يىزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
بىراق سوغدىلار يەر يۇزىدىن يوقاپ كەتمىدى. بەلىكى ئىچكى ئاسىيادىكى ئىران...قاتارلىقلاردىكىلەر دەل مۇشۇ سوغدىلاردۇر.
تارىختا ئەرەپ پارىسلارنىڭ شەرقىي ئاسىيادا سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىرىنىڭ ھەممىسى سوغدى ئاتالغان.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلمەيدىكەنمەن بىلۋالدىم رەھمەت.

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا ئەرەپ پارسلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللانغىنىنىڭ سوغدى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ شەرقىي ئاسىيادا سودا قىلغانلىقىنى مەن ھىچبىر ماتىرىيالدىن كۆرمەپتىكەنمەن، ئەڭ ياخشىسى ماتىرىيال كۆرەي، ئاساسسىز گەپ قىلىشتىن ساقلىنىپ

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7991
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1426 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قىززىقتۇردىغان ۋە ئويلاندۇردىغان تارىخى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم ...ئەجرىڭىزگە رەخمەت ..سىز ئارقىلىق بىلمىگەنننى بىلىۋالدۇق .. تارىخقا بەكمۇ قىززىقىمەن ..بولسا مۇشۇنداق تارىخى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز ..[s:206]

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16252
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4389 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:27:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارىسلار جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ۋە تۈرۈك مەدەنىيىتىنى بىز ياراتقان دەيمىش .

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوغدىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋىدىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14587
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1530 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 09:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك تېما ئىكەن ....

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31074
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7740
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 3847 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 11:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوغدىلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر، ئۆزبېكلەرنىڭ ئېتىنىك تەركىبىگە سىڭىشىپ كەتكەن. قەدىمقى سوغدىلار ھازىرقى بىرقانچە مىللەتكە سىڭىشىپ كېتىپ ، باشقا يېڭى مىللەت ھالىتىدە مەۋجۇت بولماقتا.

اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر قېلىپ قالغان بىر سائەت بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش