مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 888|ئىنكاس: 7

ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 04:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى قورغاس ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قورغاس مازار دېگەن يەرگە جايلاشقان. قەدىمكى شەھەر ئالمىلىق ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇھىم تەتقىقات نۇقتىسىغا ئايلاندى.

    20–ئەسىرنىڭ 50–، 60–يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىلىكىنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمىنىڭ شىمالى تەرىپى كېگەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جەنۇبى تەرىپى كېگەن سېيىغا، شەرقى تەرىپى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىغا، غەربى تەرىپى قارا ئويغا تۇتاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، قايسى دەۋردە بىنا قىلىنغانلىقى ۋە قايسى خانلىقنىڭ پايتەختى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ خىل قاراشلار بار. بىراق، تارىخىي پاكىتلار ۋە بۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ مىلادىيە 5–ئەسىردىن تارتىپ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

    ئالمىلىق شەھىرى 12–ئەسىردىن 14–ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر شەھەر بولغان. ئالمىلىق شەھىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك تارىخى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شەھەر چاغاتايخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىسىدا تازا گۈللەنگەن. مىلادىيە 1262–يىلى قۇبلايخاننىڭ ئىنىسى ئارىخ بۇقىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئالمىلىق شەھىرى ئېغىر ۋەيران بولۇپ، 16–ئەسىرگە كەلگەندە خارابىلىككە ئايلانغان.

    ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 19–ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرۈپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان ۋە بۇ يادىكارلىقلار ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

    چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم شۈ سۇڭ قەدىمكى ئالمىلىق شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش داۋامىدا فارفۇر قاچىلار ۋە رەڭلىك كاھىشلارنى تاپقان. 1958–، 1959–يىلى ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش داۋامىدا تۆشۈكسىز كۈمۈش پۇلدىن تۆت دانە، خىرىستىيان دىنىغا ئائىت شام (سۈرىيە) يېزىقى چۈشۈرۈلگەن ئۈچ ئابىدە قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. خۇاڭ ۋېنبى ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە، بۇ پۇللارنىڭ چاغاتاي دەۋرىگە ئائىت پۇللار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. كېيىن يەنە ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن پالتا، خەنجەر، پىچاق، تىللا ۋە كۈمۈش پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مېتالچىلىق، سودا مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگلار يەنە قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىشلىتىلگەن ئەينى زاماندىكى پادىشاھلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش پۇل ۋە مىس پۇللارنى قېزىۋالدى. بۇ پۇللارنىڭ نۇسخىلىرى قەشقەردىكى خان ئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت پۇللارنىڭ نۇسخىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك خۇسۇسىيەت جانلىق نامايان قىلىنغان.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگلىرى 1975–، 1977–يىللاردا ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى قېزىش ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا چاغاتاي دەۋرىگە تەۋە ئالتە دانە كۈمۈش پۇل، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر تال مىس پۇل ۋە باشقا ماددىي نەرسىلەرنى تاپقان. بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان بۇ قەدىمكى پۇللار ئەينى ۋاقىتتا يۈەن سۇلالىسى بىلەن چاغاتاي خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان چاغاتاي خانلىقىغا ئائىت پۇللار ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتىدا، دالىيەن شەھىرىدىكى لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

مەنبە- شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىىرى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_195792.htm

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 05:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا كۈرۈپ باقمىسام.

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:04:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئورنى قورغاستىكەندە،بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ قىزۋىلشى مۇمكىن.

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7991
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1426 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تارىخ شۇ ئۆتمىشلەر كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكەندەك بولدى ،تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىز ئۈچۇن تەشەككۇر ....

يەنە ئويغا سەپ قويدى ..مۇشۇنداق تارىخى قىممىتى با تىمىلاغا كىردىغانلا يەنىلا ئاز ،،بۇرۇنمۇ دىگەنتىم ھازىرمۇ دەيمەن سىلەرگە ئىشقى- مۇھەببەت ،ئېچىنىشلىك ھىكايە رومانلار بولسا بولامدۇ ..سىزنىڭ تارىخنى بىلمىگىنىڭىز ،ئۈگەنمىگىنىڭىز ،ئەۋلادىڭىزنى شۇ تارىختىن مەھرۇم قىلغىنىڭىز ،بۇنى نىممدەيمىز .ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ ؟

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22059
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10073 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 07:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ ئەجىرلەر بىلەن تارىخى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32037
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2011-2-27
ئاخىرقى: 2011-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 12:17:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمالىق شەھىرى،قورغاس ناھىيەسىدىن23 كىلومىتىر يىراقلىقتا،ئۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئىسمى مازار ياكى سەكسەن ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6657
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8123
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-8 02:30:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇيدۇڭ، كۇكسۇ بازىرىدىن ئۇتۇپ 60-پولىك تەرەپكە ئۇتۇپ 3 چاقلىق موتۇغا ئولتۇرۇپ پولىك بازىرىدىن 2 سوملۇق يول ماڭسىڭىز يېتىپ بارىسىز، ئۇ يەردە تۇغلۇق تۇمۇرخان مازىرى بار.

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن چوققىلاپ قويدۇم.

.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش