مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 583|ئىنكاس: 4

تارىختىكى بۈگۈن (7-ئىيۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 04:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2006-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چۇڭچىڭ شەھىرى بىلەن چېڭدۇ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغان.

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدان ھۆججىتى»نى ئېلان قىلغان.

1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «شەھەر بازارلارنىڭ تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى چىقارغان.

1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسرائىلىيە ئېراقنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى پارتلاتقان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئېراقنىڭ رېئاكسىيە جۇغلانمىسىنى پارتلاتقان. 1959-يىلى، ئېراق يادرو رېئاكسىيە جۇغلانمىسىنى قۇرماقچى بولغان. ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كىچىك، ئاددىي بولغان يادرو رېئاكسىيەسى جۇغلانمىسى قۇرماقچى بولغان، بىراق ئىلگىرلەش بولمىغان، 1970-يىللاردىن باشلاپ، ئېراقنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئېراق تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزگەن.

1951-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ ئىككى ئىز دېرىكى بولمىغان دىپلوماتى جاسۇس دەپ قارالغان. چۈنكى بۇ ئىككەيلەن شۇ يىلى 1-ئىيۇن رۇخسەت سورىمايلا بىر ھەپتە يوقاپ كەتكەن، ئەنگلىيە تەرەپ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى توختاتقان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئىككەيلەن فرانسىيەلىك ئىكەن.

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئازاتلىق گېزىتى» شەرقى شىمالدىكى ھەر قايسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك كۆرەش باسقۇچىدا تۇرماقتا» ماۋزۇلۇق باش ماقالىنى ئېلان قىلغان.

1922-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،«خانىم قىزلار ژۇرنىلى» جۇڭگودا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

1915-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو، روسىيە ۋە تاشقى موڭغۇلىيە كېلىشىم تۈزگەن. جۇڭگو تاشقى موڭغۇلىيەگە ئىگە بولمىغان.



مەنبە- جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201106/t20110607_118645.html

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 04:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1922-يىلى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن خانىم -قىزلار ژۇرنىلىدا [s:200]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7133
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1922- يىلى ئوتتۇرغا قويغانمىكەن بۇ پىلانلىق تۇغۇتنى ؟

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30717
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6692
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 7067 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 06:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر 200 يىل ئىلگىرى خانىم قىزلار ژورنىلى يوق بولغىمىتتى [s:206]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 12:27:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندە بىزنىڭ ئېغىلدىكى سورىتلۇق كالىمىز چىرايلىققىنە ، ئوماق بىر قىز موزاي تۇغقان ئىدى .

ھازىر بويىدا بار ، ئەگەر مۇشۇ كۈندە يەڭگىگەن بولسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى ....

بۇ كۈندە جىق ئىشلار يۈز بىرىپتۇ بىلىۋالدۇق ھە -؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش