مىسرانىم 6-ئىيۇن خەۋەر قىلىدۇ :
شەرىق تورىنىڭ 6-چىسىلادىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا :
5-ئايدىن باشلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسىدىكى ئالى مەكتەپ قىزلىرى ئۆزلىكىدىن يىغىلىپ گۇرۇپا بولۇپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، كوچىلاردا تېزلىكتە تاماكا تارتىۋېلىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىشىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. 30دىن ئارتۇق گۈزەل قىزلار بىلەن قۇرۇلغان بۇ گۇرۇپا تەشكىللەنگەندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە 500 دىن ئارتۇق كىشىگە ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۇنۇتۇپ ئۇلارنى تاشلاشقا ئۈندەپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشالىغان. تۆۋەندىكىسى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :
ئىككى مۇناخ بانكا بۇلىدى !
ئامىرىكا ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ 5-چىسلادىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر ئەر بىلەن بىر نەپەر ئايال كىشى مۇناخ قىياپىتىدە ياسىنىپ ئامىرىكا چىكاگودىكى تۇرۇشلۇق بىر بانكىنى بۇلىغان. ئەھۋالغا قارىغاندا ساقچى تەرەپ تېخىچە بۇ جىنايەتچىلەرنى تۇتالمىغان. مەزكۇر دىلو 29-چىسىلا شۇ يەر ۋاقتى 2 دە يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئەر - ئايال پۈتۈن نىقاپلانغان، ئۇچىسىغا مۇناخلارنىڭ كىيمىنى كىيىپ TCF بانكىسىنى بۇلىغان. قۇراللىق ھالدا بانكا خادىمىغا تەھتىد سېلىپ ئۇلارغا پۇلنى خالتىغا قاچىلاشنى بۇيرىغان. پۇل لىق بىر خالتا بولغاندا ئىككى كىشى قېچىپ كەتكەن.
<بانكا خادىمىغا تەھتىت سېلىۋاتقان ئايال بۇلاڭچى >
زىيانكەشلىكە ئۇچىرغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا :
بۇلاڭچى ئەر : بوي ئىگىزلىكى : 170 ، پۇتىدا ئاق-قارا رەڭلىك تەنھەركەت ئايىقى بار، قارا پەلەي كىيىپ سول قولىدا تاپانچا تۇتقان ئىكەن.
ئايال بۇلاڭچى؛ ئېگىزلىكى 165 ئەتىراپىدا ، ئۇزۇن كىيىنگەن، ئاق رەڭلىك پەلەي، يېرىم ئاپتۇماتتىك قۇرال تۇتقان ئىكەن.
FBI خادىملىرىنىڭ تەھلىلىچە ، بۇ ئىككىسى 2010-يىلى ئامىرىكىدا ناھايىتى قىزغىن مودا بولغان <شەھەردىكى بولاڭچى> فىلىمىدىن ئىلھام ئالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناخ قىياپىتىدە ياسىنىپ بانكا بۇلالىغان ئىكەن. بەخىتكە يارىشا بۇلاڭچىلىق يۈز بەرگەن بانكا شۇ كۈنى نەق سودا توختاتقان بولۇپ يارلانغان كىشىلەر يوق ئىكەن.
مىسرانىم تور باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن نەزەر تەرجىمىسى.
(بۇنىڭدىن كىيىنكى بىكەت يېڭىلىقلىرىنى بىكىتىمىز خادىمى نەزەر ئەپەندىم تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنغۇسى!)
تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-30 01:32 PM):
مىسرانىم تور بكتىى