|
|
|
|
ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاسانلا تۆۋەندىكىدەك سەككىز خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىكەن.
(1) ئاياللار ئاچچىقلانسا داغ پەيدا بولىدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان مېڭىگە ئۆرلەپ، قاندىكى ئوكسىگىن ئازلاپ، توكسىن كۆپىيىدىكەن، توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يەللىكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پەيدا قىلىدىكەن.
(2) ئاياللار ئاچچىقلانسا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە ئۆرلەپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ قان بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. بۇ چاغدا قان تەركىبىدىكى توكسىن ئەڭ كۆپ، ئوكسىگىن ئەڭ ئاز بولۇپ ،بۇ مىڭە قان ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەيدىكەن.
(3) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلاندا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ يۈرەك ۋە قان تومۇرغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىشتىھا ناچارلىشىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
(4) ئاياللار ئاچچىقلانسا يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يېتىشمەيدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئېقىپ يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازلاپ كېتىدىكەن، بۇ يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈچەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قانۇنىيەتسىز بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدىكەن.
(5) ئاياللار ئاچچىقلانسا جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، بەدەن «كاتېخۇ لامىن» دەيدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى شېكەرنى ئۆرلىتىپ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن. شۇڭا، ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. سۇ بەدەندىكى ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىنى ئازايتىدىكەن.
(6) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئۆپكىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
ئاياللار كەيپىياتى جىددىلەشكەندە، نەپىسى تېزلىشىپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى زىيادە تېزلىشىپ كېتىدىكەن. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ، ۋاقتىدا تارىيالمىغاچقا، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدىكەن.
(7) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئىممونتىت سېستىمىسىنى زەخمىلەندۈرىدىكەن.
ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولىستىرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل پوستلاقلىق ستىرولنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدىكەن. بۇ ماددا بەدەندە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممونتىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
(8) ئاياللار ئاچچىقلانسا ئېرىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/132961805.html
|
|
|
|
|
|