|
|
|
|
تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت
ئاپتورى:جېين ئاۋستېن
سېتىلىش باھاسى:46.00
جۇڭگو ئىچىگە پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ
1335820354:QQ
2010-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:9787228140008
كىرىش سۆز
جېين ئاۋستېن (1817-1775) ئەنگىلىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى رېئالىستىك يازغۇچىسى . ئۇ تۆت يىل ئىچىدە تۇنجى ئەسىرى «ئىدراك ۋە ھېسسىيات» ناملىق روماننى يازغان . يىگىرمە بىر يېشىدا «تەپەككۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» ناملىق رومانىنى روياپقا چىقارغان . ئۇنىڭ «ماسفرىد قورۇقى» «ئېما»قاتارلىق رومانلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنغان . ئاۋستېن ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان ، 1817-يىلى قىرىق ئىككى يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
«تەپەككۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» رومانىدا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان : بېننېت ئەپەندىنىڭ تېخى بېشى باغلانمىغان بەش قىزى بار ، بۇ بەش قىزغا كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تېپىش بېننېت خانىمنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالىدۇ ... بىنگلى بىلەن ئۇنىڭ يېقىن ئاغىنىسى دارسېينىڭ بۇ يېزىغا كېلىشى تىنچ ئۆتۈۋاتقان بېننېت ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ . قىزى بار ئائىلىلەرنىڭ بۇ يىگىتلەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىشقا ئالدىرىشىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بېننېت خانىم ئېرىنى بىنگلى ئەپەندىنى يوقلاپ كېلىشكە ئالدىرىتىدۇ .
«بىرەر ئىشقا نىيەت باغلىساڭ ، خۇدامۇ نىيىتىڭنى يەردە قويمايدۇ » دېگەندەك ، شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تانسىدا بېننېت ئەپەندىنىڭ چوڭ قىزى گېئىن خانقىز بىنگلى ئەپەندىنىڭ قەدىرلىشىگە نائىل بولىدۇ ... كاتتا باي ، قەددى - قامىتى كېلىشكەن دارسېيغا بىر مۇنچە قىزلار زوق بىلەن كۆز تىكىشىدۇ . لېكىن ، تەكەببۇر بۇ يىگىت قىزلارنى تانسىغا تارتمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، گېئىننىڭ سىڭلىسى ئېلزابېت دارسېينىڭ ئۆزى توغرۇلۇق قىلغان بەزى يامان گەپلىرىنى تاسادىپىي ئاڭلاپ قالىدۇ - دە ، كۆڭلىدە بۇ تەكەببۇر يىگىتكە ئاداۋەت ساقلايدۇ . بىراق ، ئۇزاق ئۆتمەي ، ئېلىزابېتنىڭ ئاجايىپ جەلپكارلىقى دارسېينىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ . يەنە بىر قېتىملىق تانسىدا ئۇ ئېلزابېتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تانسىغا تارتىدۇ ، لېكىن ئېلزابېت ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ... دەل شۇ كۈنلەردە بېننېت ئەپەندىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ، بۇ ئائىلىنىڭ مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش تەمەسىدە يۈرگەن پوپ كوللىنىس ئېلزابېتقا توي تەكلىپىنى قۇيىدۇ . ئەپسۇس ، ئېلزابېت ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋېتىدۇ . كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن دارسېي ئېلزابېتنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . ئەمما ئېلزابېت ياش ئوفىتسېر ۋىكخامنىڭ دارسېي توغرۇلۇق ئېيتقان غەيۋەت - شىكايەتلىرىگە ئىشىنىپ قالىدۇ .ۋە دارسېيغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ . كېيىن ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلىنىدۇ . بېننكېت ئائىلىسىنىڭ يېنىك مىجەزلىك كىچىك قىزى لىدىيە ۋىكخامنىڭ دامىغا چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا دارسېي ۋىكخامنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەپ ، لىدىيە بىلەن ئىككىسىنىڭ تۇيىنى قىلىپ ، بېننېت ئائىلىسىنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ ... بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئېلزابېتنىڭ دارسىيغا بولغان ھېسسىي قاراشلىرى سەمىمىي مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ ، ئاداۋىتىمۇ پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ . ئاخىر بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقلار مۇرادىغا يېتىدۇ ... بېننېت خانىم ئۈچ قىزىنى ياتلىق قىلىۋالغاچقا ئىككى قىزىغا ئەر چىقماي قىلىشىدىن غەم يېمەيدۇ ....
مەنبە : ئوغۇز كىتابخانىسى WWW.OGHUZ.BIZ
|
|
|
|
|
|