مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1633|ئىنكاس: 23

ئالەمگە نەزەر (سۇرەتلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13708
تۆھپە نۇمۇرى: 1015
توردا: 1853 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 01:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرىنچى، ئالەم ھەققىدە چۇشەنچە


ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ؟ شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئىنساننىڭ ھازىرقى بىلىش ئىقتىدارى بىلەن قارىغاندا ﺑﯘ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﺎﻟﻪﻡ _ بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇشۇ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﯞﻩ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پىلانىتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئالەمنىڭ ﻳﺎ ﺑﯧﺸﻰ، ﻳﺎ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ چەكسىز پىلانىتلار توپى. ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ، ﺧﺎﻻﺱ.


(سامان يولى سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلار)


ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ 3 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯕﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻼ ﺧﺎﻻﺱ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﻰ 6 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 7 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﻗﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 300 ﻣﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ 200 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﻗﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪﻙ ﮬﻪﻡ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﺎﺭ.


(سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى)


ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﺳﯩﺰ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻛﯚﺯﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.(  http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=7294 ) ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ - ﺋﺎﻳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ. قاراپ بېقىڭ تۆۋەندىكى يەر شارىدا ئادەم قانچىلىك چوڭلۇقتا بولار؟  تۆۋەندىكىسى ساما يولى سېستىمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۇ يەردە بىز بىلىدىغان قۇياشقا ئوخشاش سېستىمىدىن كامىدا 200مىڭى بار...

ئىككىنچى، قۇياش سىستىمىسى ھەققىدە چۇشەنچە


قۇياش سىستېمىسى قۇياشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئوت ھالىتىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەركەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسەن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. توققۇز چوڭ سەييارىنى ۋە بۇ سەييارىلەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاي قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق ھەمراھنى،10 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك سەييارىنى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنى، ئاقار يۇلتۇزلارنى، شۇنىڭدەك يۇلتۇزلار ئارا گاز جىسىملار ۋە چاڭ - توزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە قۇياش ئەڭ چوڭ بولۇپ، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى مەلۇم ئوربىتا بويىچە ئۇنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزىدە بىرقانچە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئاقار يۇلتۇزنىڭ تاسادىپىي سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا قۇياشنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي قۇياشنى سوقىچاق شەكلىدە ئايلىنىدۇ. قۇياش خۇددى بىر شەكىلسىز ئارغامچا بىلەن پۈتۈن ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ بىللە ئايلاندۇرۇۋاتقان چەكسىز بوشلۇقتىكى شارلار توپىغا ئوخشايدۇ. بۇ «ئارغامچا» دەل «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» دېيىلىدۇ.


http://blog.sina.com.cn/s/blog_693847db0100lr7q.html
قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر
( مائۇسنى سەييارە ئۇستىگە توغۇرلاپ چەكسىڭىز مۇناسىۋەتلىك سانلىق مىقدارلار كۆرىنىدۇ)


قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە قۇياش ئالاھىدە «نوپۇز» غا ئىگە. ئۇنىڭ ماسسىسى پۈتۈن قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %9.99 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ھەم قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۆزىدىن يورۇقلۇق تارقىتالايدىغان بىردىنبىر تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر، ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىقلا نۇر تارقىتالايدۇ.قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقتا ئىگىلىگەن دائىرىسى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر قۇياشقا ئەڭ يىراق سەييارە — پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتى دەپ ھېسابلىساق، ئۇ چاغدا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئالەمدە ئىگىلىگەن دائىرىسىنىڭ دىئامېتىرى12 مىليارد كىلومېتىر كېلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، قالغانلىرى رەت تەرتىپى بويىچە ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتونلاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا يەنە يېڭى بايقالغان ئىككى سەييارە بولۇپ،ئۇلارغا سىمىل ۋە كارلا دەپ ئىسىم قويۇلغان.يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان كىچىك سەييارىلەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا توپلاشقان، ئەگەر توققۇز چوڭ سەييارىنى چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە قاتار تىزساق، ئەڭ چوڭى يۇپىتېر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، يەر شارى، ۋېنېرا، مارس، مېركۇرىي كېلىدۇ. پلۇتوننىڭ  دىئامېتىرى 3000 كىلومېتىردىن  3600 كىلومېتىرغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە، ئەگەر مۇشۇ سان ئېتىراپ قىلىنسا، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە پلۇتون ئەڭ كىچىك سەييارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە تۇرۇپ قۇياشقا نەزەر سالغاندا، قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6462).
   قۇياش سىستېمىسى ئۆز نۆۋىتىدە  سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇپ، قۇياشنىڭ ئۆزىمۇ سامان يولى سېستىمىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس ھەم سامانيولى سىستېمىسىنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
   ئالەمدە «قۇياش سىستېمىسى» پەقەت بىرلا ئەمەس.1983 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئالىملىرى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر «قۇياش سىستېمىسى» نىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ ئارقىلىق بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش ئارقىلىق ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى «قۇياش سىستېمىسى» نى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى.

ئۇچىنچى، قۇياش ھەققىدە چۇشەنچە


قۇياش يەر شارى ۋە باشقا پىلانېتىلارنى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارغا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېرىپ تۇرىدىغان قۇياش سىستېمىسىدىكى مەركىزىي ئاسمان جىسىمى، شۇنداقلا   يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، جىمى ھاياتلىق قۇياش بولمىسا داۋاملىشالمايدۇ. قۇياشنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ330 مىڭ ھەسسىسىگە، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ1 مىليون300 مىڭ ھەسسىسىگە، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ109 ھەسسىسىگە (تەخمىنەن1 مىليون390 مىڭ كىلومېتىرغا) توغرا كېلىدۇ. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن، چەكسىز يۇلتۇزلار دۇنياسىدا قۇياش پەقەت ئاددىيلا بىر ئەزادىن ئىبارەت.


(فىلىم - قۇياشنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتى)


    قۇياش سىرتقى يۈزىدە توختىماي پارتىلاش ھادىسسى يۈز بېرىپ تۇرغان، چوغدەك قىزىپ تۇرغان گاز شارى بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى6000 سېلىسىيە گرادۇس، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى17 مىليون سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. قۇياش ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تەركىب تاپقان. ماسسىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھىدروگېن تەخمىنەن %71 نى، گېلىي تەخمىنەن %27 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ئوكسىگېن، كاربون، ئازوت، تۆمۈر، سىلىتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت قاتارلىقلارمۇ بار.
   قۇياش ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان يادرو مەركىزى رايونى، رادىئاتسىيە رايونى ۋە كونۋېكسىيە رايونى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان، ھىدروگېننىڭ توپلىشىپ گېلىيغا ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى يادرو مەركىزى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئېنېرگىيە رادىئاتسىيە، كونۋېكسىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىردا، قۇياش يۈزىدىن چېچىلغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قۇياشنىڭ سىرتقى قەۋىتى ئادەتتە «قۇياش ئاتموسفېراسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە ئىچىدىن سىرتقا قاراپ فوتوسفېرا، خروموسفېرا ۋە قۇياش تاجى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. فوتوسفېرا قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى نېپىز قاتلام بولۇپ، قېلىنلىقى500 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇياشنىڭ دىئامېتىرى مۇشۇ يۇمىلاق يۈزگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. فوتوسفېرانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن6000 سېلىسىيە گرادۇس بولۇپ، قۇياشنىڭ نۇرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ جايدىن تارقىلىدۇ. بۇ نېپىز قەۋەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرلارنى بىلىشكە ئامالسىز قالماقتا.


(قۇياشنىڭ تۈزىلىشى)

    خروموسفېرا قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى2000 كىلومېتىر كېلىدۇ. زىچلىقى فوتوسفېرا زىچلىقىدىن تۆۋەن بولۇپ، ناھايىتىمۇ سۈزۈك. خروموسفېرانىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىڭ سېلىسىيە گرادۇستىن نەچچە ئون مىڭ سېلىسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ، لېكىن خروموسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇر فوتوسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇرنىڭ بىرقانچە1000 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە بىز ئۇنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تۇتۇلغاندا ياكى خروموسفېرا تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، يەنى قۇياش فوتوسفېراسى ئاي تەرىپىدىن تامامەن توسۇۋېلىنغان چاغدا، قارامتۇل ئاي ھالقىسى ئەتراپىدىن خۇددى ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى ئىنچىكە بىر قىزىل نۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل قۇياش خروموسفېراسىنىڭ نۇرىدۇر.
    قۇياش تاجى قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، قېلىنلىقى نەچچە مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قاتلامنىڭ ئاتموسفېراسى تېخىمۇ شالاڭ بولۇپ، يەر يۈزى ئاتموسفېرا زىچلىقىنىڭ تەخمىنەن مىلتيۇندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياش تاجىنىڭ نۇر تارقىتىشى خروموسفېرادىن خېلى ئاجىز بولۇپ، ئادەتتە ئاددىي كۆز بىلەن ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، قارامتۇل ئاي ھالقىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كەڭ كۆلەمدە كۈمۈش رەڭلىك نۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ دەل قۇياش تاجىسى قەۋىتىنىڭ ئۆزىدۇر.
    قۇياش تاجىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،1 مىليون سېلىسىيە گرادۇس كېلىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھىدروگېن ۋە گېلىي ئاتوملىرى ئىئونلىنىپ مۇسبەت زەررەتلىك پروتونلار (يەنى ھىدروگېن ئاتوميادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك يادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، زەرەتلىك زەررىچىلەر قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقىغا قاراپ ھالقىپ چىقىدۇ. بۇنداق شەكىللەنگەن زەرەتلىك زەررىچىلەر ئېقىمىنى كىشىلەر «قۇياش بورىنى» دەپ ئاتايدۇ.
    قۇياش تاجىنىڭ شەكىل - ھالىتى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى قۇياش داغلىرى پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇياش داغلىرى پائالىيىتى كۈچەيگەن يىللاردا قۇياش تاجى يۇمىلاق ھەم يىراققا سوزۇلغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ؛ئاجىزلىغان يىللاردا قۇياش تاجى ئۇزۇن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
    قۇياشمۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى قۇياش يۈزى ئېكۋاتورىدا25 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىككى قۇتۇپقا يېقىنلاشقانسېرى بۇ دەۋر ئۇزىرايدۇ، ئىككى قۇتۇپ رايونىدا تەخمىنەن35 كۈن بولىدۇ.

توتىنچى،يەر شارى ھەققىدە چۇشەنچە


يەر شارى چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولغان سامان يولى سىستىمىسىدىكى قۇياش سېستىمىسىغا قاراشلىق بىر ئاددى پىلانىت. يەر شارىدا سانسىزلىغان جانلىقلار بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ. ئالىملار بىردەك ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارى پۈتۈنلەي ئۈزلۈكسىز پارتىلاپ تۇرغان يانار تاغلار ۋە يانار تاغ لاۋلىرى بىلەن قاپلانغان ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تىز بولغان، ئوت دىڭىزى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ھىچقانداق ھاياتلىقتىن ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كېيىن مەلۇم تارتىش كۈچى نەتىجىسىدە يىغىلىشى بىلەن يەر شارى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ.


(يەر شارىنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئورنى)


   1.يەر شارىنڭ ئېغىرلىقى(6000.000.000.000.000.000.000.)توننا يەنى 6×10^24 كىلوگىرام كېلىدۇ
2.قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 1يېرىم مىلىيون كىلومېتىر، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربىتاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 924 مىلىيۇن 375مىلىيۇن 700كىلومېتىر كېلىدۇ.
3.قۇياشنىڭ ھەجىمى يەر شارىنىڭ ھەجىمىنىڭ 1مىلىيون 300مىڭ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ
4.يەر شارى يادروسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 5700سېلسىيە گىرادوس كېلىدۇ.
5.يەر شارى تەخمىنەن 4مىليارت600مىلىيۇن ياشقا كىردى.
6.يەر شارى سىكۇنتىغا 29.7كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ، سىكۇنتىغا 11.186كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 365كۈندە قۇياشنى بىر قېتىم غەرپتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ چىقىدۇ.
7.يەر شارى ئايلانغاندا ئېكۋاتورنى نۆل دەپ قارىغاندىكى 23.26گىرادۇسقىچە قۇياش نۇرىغا تىك چۈشىدۇ، يەر شارى بىر يىل ئىچىدە جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىككى قېتىم قىيپاش بولىدىغانلىقتىن جەنۇبى ۋە شىمالى تىروپىك سىزىقى مۇشۇ ئىككى گىرادۇسنى ئۆلچەم قىلىپ شەكىللەنگەن بولىدۇ.


    8.يەر شارىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان رادىئۇسى 6356كىلومېتىر، غەرپتىن بولغان ئېكۋاتور رادىئۇسى تەخمىنەن 6371 كىلومېتىر ، ئايلانمىسى 40مىڭ 75كىلومېتىر، ھەجمى 1تىرلىيۇن 83مىليارت 200مىلىيۇن كۇپ كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى ھازىرقى سائىتىگە 800كىلومېتىر ئۇچىدىغان ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا يەر شارىنى تولۇق ئايلىنىش ئۈچۈن 50سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
9.يەر شارىنىڭ يۈزى 510مىليۇن كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ يۈزى 361مىليارت 745مىلىيۇن كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ70.8 %نى ئىگەللەيدۇ، قۇرۇقلۇق يۈزى 148مىلىيارت 939كىلومېتىر بولۇپ 29.2 % نى ئىگەللەيدۇ.
10. يەر شارى ئاتموسفىراسىدا ئازوت 78.5% نى، ئوكسېگىن 21.5%نى ئىگەللەيدۇ. يەر شارىدا تەخمىنەن 7 مىلىيادقا يېقىن ئىنسان بار.

(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=7221  )  



بەشىنچى، ئاي شارى ھەققىدە چۇشەنچە


ئاي- يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھى، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تەبىئىي ئاسمان جىسمى.
    ئاينىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى384400 كىلومېتىر بولۇپ، يېقىن ۋاقتىدا 363مىڭ كىلومېتىر، يىراق ۋاقتىدا 405مىڭ500كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاي شارى ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، بىز كۆرگەن ئاي نۇرى ئاي يۈزىدقن قايتقان قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت.
   ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ48 /1، ىگە تەڭ، كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ.
    ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرى 3476كىلومېتىر بولۇپ يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ 11دەن ئۈچىگە توغرا كېلىدۇ.
   ئاي شارىنىڭ ماسسىسى 735مىليارد توننا بولۇپ يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن81 /1 ىگە، زىچلىقى يەر شارى زىچلىقىنىڭ5 /3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى يەر شارىدەك ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەس.


(ئاي يۈزىنىڭ ئالدىدىن ۋە ئارقىسىدىن كۆرىنىشى)


   ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىنىڭ 6دەن بىرىگە تەڭ بولۇپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ بەدىنىنىڭ يېنىكلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ يول ماڭغاندا خۇددى ئۇچقاندەك بىلىنىدۇ،3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇ ماددىلاردىن ھەم10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىلاردىن بىر سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەر شارىدا100 كىلوگرام كەلگەن ماددا ئاي شارىدا17 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ، كىشىلەر ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېغىر ئالەم كىيىمى بىلەن ئاي شارىدا ماڭغاندا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
    ئاي شارى ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاۋا، سۇ دېگەنلەر يوق، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ.
    ئاي شارىنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن يۈزىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا127 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن183 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى300 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىلەر بىۋاسىتە ئايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي شارائىتتا ئاي شارىدا يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق ياشىيالمايدۇ.


(ئاي شارىدىكى تۇنجى ئاياغ ئىزى)

   ئاي يۈزىنى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شەكلى يەر شارىدىكى يانار تاغ ئېغىزلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلاردىن جەمئىي30 مىڭدىن كۆپرەكى بار. ئادەتتە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى ياكى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئاي شارىدا يەنە ئون نەچچە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى6400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى9000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بىز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان ئاي يۈزىدىكى قارا داغلار »ئاي دېڭىزى« دېيىلىدۇ، ئۇ ئاي شارىدىكى تۈزلەڭلىك ياكى ئويمانلىقتىن ئىبارەت(http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6417).


(ئاي فازىلىرىنىڭ ھاسىل بولىشى)


   ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەڭ، يەنى3 .27 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈز يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاي ھەمىشە يەر شارىغا ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ.1969 - يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئا ق ش ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروئىگ بىلەن ئالدىرىن ئولتۇرغان »ئاپوللو −11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى75 سائەت50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئاخىر تۇنجى بولۇپ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىنسانلار ئاينىڭ پەيدا بولۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاي جىنسلىرى تەركىبىدە ئاليۇمىن، كالتسىي، سېلىتسىي، تىتان، ماگنىي، كالىي قاتارلىق66 خىل ئېلېمېنت بارلىقى، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

مەنبە: ماتېماتىكا تەييارلىدى

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yanmas + 100 مول بىلىمگە ئىگە
abdukirim.jan + 10
BOZAR + 30 نادىر
زەپەر + 20 نادىر
xopur + 100 نادىر ئەسەر
Uyghun + 40
al.ansar + 100 جاپا چەكتىڭىز، مەن ياقتۇردۇم
deris + 99 .....
ilim-pen + 100 نادىر تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 599   باھا خاتىرىسى

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

بارمۇمەنمۇ يادى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 754
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8009
تۆھپە نۇمۇرى: 278
توردا: 2280 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 03:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تېما بوپتۇ،مەن مۇشۇنداق ئاستۇرنۇمىيە بىلىملىرىگە بەك قىزىقىمەن،ھەم بۇ تېمىدا مول بىلىملەر باركەن،داۋامىنى ساقلىۋىلىپ ئوقوپ چىقاي.
بوسا مۇشۇنداق پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلار نادىرلانسا.   توردىشىمىز ماتىماتىكىغا تەشەككۈر!

بىر ئالىم جاۋاپ تاپالماسلىقتىن ئەمەس بەلكى سوئال تاپالماسلىقتىن قورقسۇن...

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6798
تۆھپە نۇمۇرى: 2218
توردا: 2108 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 04:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل تىمىكەن  ....قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ........رەھمەت .............[s:206] [s:206] [s:206] [s:166] [s:166] [s:166] [s:166] [s:166] [s:132] [s:132]

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20525
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7817 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 04:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېمىكەن فىلەش سۇرەتلىرمۇ شۇنچە سۇزۇك ھەم ئېنىق .ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەركەتلىك.
  مىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىيال قىلىپ قالدىغىنىم، مارىس بىلەن يوپىتىر ئارلىغىدىكى ئۇششاق پارچە يۇلتۇزلار، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە  نىمە سەۋەپ بولغان. بەزى ئالىملار  60مىليون يىللار ئىلگىركى بىر قېتىملىق پىلانىتلارنىڭ بىر بىرى بىلەن سوقۇلىشىدىن شەكىللەنگەن دەيدۇ ، ئۇنداقتا 60مىليون يىللار ئىلگىركى دىنازاۋېرلارنىڭ نەسلى قۇرۇشنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ بەزى ئالىملار يوپىتىر بىلەن قۇياش ئارلىغىدىكى بۇ ئورۇندا پىلانىتنىڭ ھاسىل بۇلشى ئىمكانىيىتى يوق، ئەگەر بار بولغان تەغدىردىمۇ قوياش بىلەن يوپىتىرنىڭ تارتىشىشى سەۋەبىدىن بۇ پىلانىت پارچىلىنىپ يەنىلا ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىپ قالغان بۇلاتتى دىيىشىدۇ.بۇتوغرىدىكى مۇنازىرىلەر قانداقراق بولىۋاتقاندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5811
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 04:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالمىدكدەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.....ساقلىۋالدىم!!

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35868
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 867
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 8648 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 04:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىلدىكى ماتىرياللار كۆپرەك ئوقۇلسا نەزەر دائىرىمىزمۇ خىلى ئىچىلىپ دۇنياغا باشقىچە كۆزبىلەن قارايتۇق.بىرونونى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن ياۋروپالىقلار ئۆزقىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى سەزگەندىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە 300يىلدىن ئىشىپتۇ .ئۆزخاتالىقىنى سەزگەندىن كىيىن مانا مۇشۇنداق غايەت زورئۇتۇققا ئىرىشتى.شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئايرىم بىر ئىش،خاتلىقتا جاھىللىق قىلىپ چىڭ تۇرۋىلىشمۇ ئايرىم بىرئىش،خاتالىققىنى تۇنۇشمۇ ھەم ئايرىم بىرئىش ئىكەن.تىمىڭىزغا رەھمەت.

ھەر كىچىنىڭ كۈند

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12196
تۆھپە نۇمۇرى: 1137
توردا: 6874 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 05:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن، جاپا تارتىپسىز، رەھمەت..

قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ !!!

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6438 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 06:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر شارى ھەققىدە تولۇق چۇشەنچىگە ئىگە بولدىغان تېما بوپتۇ .[s:141]

ئابدۇ.....

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8735
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4074 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 06:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكياخشى تىمىكەن مەننۇرغۇن ئىشلارنى چۇشنىۋالدىم رەخمەتسىلەرگە.

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6552
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 07:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل بىر قېتىملىق دەرىسلىككەن ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش