مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1492|ئىنكاس: 10

كومپىيۇتېر كاشىلىلىرىدىن ھەر خىل سۇئال-جا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3137
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9785
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2010-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-13 11:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپىيۇتېر كاشىلىلىرىدىن ھەر خىل سۇئال-جاۋاپلار

سۇئال:كومپيۇتېرىمغا xp windows نىڭ sp2نۇسخىسى قاچىلانغان بۇلۇپ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچتا system idle process دەيدىغان بىر جەرىيان بار ئىكەن. بۇ دائىم cpu نىڭ 80% تىن ئارتۇق مەنبەسىنى ئىگىلىۋالىدىكەن. باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىدا بولسا پەقەت 6% ئەتىراپىدا بۇلىدىكەن. نىمىشقا مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا ئىگىلەش نىسپىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ بۇ زادى قانداق جەريان؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ cpu نىڭ مەنبەسىنى ئىگىلەش نىسپىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟
جاۋاب:system idle process ئەمەلىيەتتە سىستېمىنىڭ بوش بىكارلىق جەريانىدۇر. ئۇنىڭ رولى سېستىما بىكار ھالەتتە  cpu نى تەقسىم قىلىش ۋاقتىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن 80% تىن ئارتۇق cpu بايلىقى cpu ئەمەلىيەتتە بۇ جەرياننىڭ بۇنچە كۆپ cpu بايلىقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەستىن، ئەكسىچە 80% تىن ئارتۇق cpu بايلىقىنىڭ بوش، بىكار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سان قانچە چوڭ بولسا، cpu بايلىقىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ سان قانچە كىچىك بولسا، cpu بايلىقىنىڭ شۇنچە قىس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە بۇ باشقا جەريانلارغا ئوخشىمايدۇ.

سۇئال:كومپيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسى 40GB بۇلۇپ، ھەربىر دېسكا رايونى 10GB دىن تۆت دىسكا رايونىغا بۆلۈنگەن. C دىسكىغا بولسا پەقەت windows xp  مەشغۇلات سېستىمىسىلا قاچىلانغان. بىراق، مەنبە باشقۇرغۇچقا قارىسام، C دىسكىنىڭ چوڭلۇقى پەقەت 3.96GB لا قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوشلۇقمۇ 440MB لا قاپتۇ. بۇنداق بولغاندا دائىم سېستىما بايلىقى يىتىشمىگەنلىك ئۇچۇرى چىقىۋالدى. دىسكا پارچىلىرىنى رەتلىسەممۇ پەقەت 440MB لا بوشلۇق چىقتى. كەملەپ كەتكەن 6GB بوشلۇق قەيەرگە كەتتى؟ باشقا دىسكىلارغا قارىسام ھەممىسى نورمال تۇرىدۇ،بۇ نىمە .ئىش؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  جاۋاب:سېستىمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ھۆججىتى ئىگىلەپتۇ.سىستېمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىپ، ئەسلىگە قايتۇرۇش ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋېتىڭ.

  سۇئال: ئىش بىجىرىشكە قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن، شىركىتىمىزدىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ ھەممىسى تورغا ئۇلاقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك بىرقىسىم ماتىرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىلغان ماتىرىياللىرىمنى كىملەرنىڭ كۈرىۋاتقانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى، بۇنىڭغا مۇمكىن بولامدۇ؟

جاۋاب: كونترول تاختىغا كىرىپ، باشقۇرۇش قورالىدىكى كومپيۇتېرنى باشقۇرۇش تۈرىدىكى شاخچىسىمان مۇندەرىجىدىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى سۆزلىشىش تۈرىدىن نۆۋەتتە زىيارەت قىلىۋاتقان ئابۇنىچىنىڭ نامى،IP ئادىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم زىيارەتچىنىڭ زىيارىتىنى ئۈزىۋەتمەكچى بولساق، شۇ ئابونىتنىڭ نامىنى مائۇستا سول چىكىپ تاقىۋەتسەكلا بولىدۇ.

   سۇئال: مەن ئىشلەۋاتقاندا دائىم مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقىمەن. يەنى،بىرقىسىم يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلىغاندىن كىيىن،  بۇ يۇمشاق دىتاللارنىڭ قورال ئىستونى office نىڭ قورال ئىستونىغا چىقىۋالىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ قورال ئىستونىنى تاقىۋەتكىلى بولمىسىمۇ، كىيىنكى قېتىم office نى قوزغاتقاندا يەنىلا چىقىۋالىدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

    جاۋاب: نۇرغۇن دوستلار مۇنداق مەسلىگە يۇلۇققان بۇلۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. Word ياكى office نىڭ باشقا يۇمشاق دىتاللىرىنى ئاچقاندىن كىيىن،كۆرۈنمە سۈرەت  (视图)تىن قورال ئىستونى (工具栏)دىكى ئۆزى    بەلگىلەش  (自定义) ياكى تىزىملىك ئستونىدىكى قورال(工具)تۈرىدىكى ئۆزى     بەلگىلەش (自定义) گە كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى بۇيرۇقلاردىن   com يۈكلەنمە               تۇرلىرى com 加栽项) ) .   ( frontpage  يۈكلەنمە تۈرلەر )  نى تاللاپ، ئۇنى خالىغان يېرىگە سۆرەپ ئەكىلىمىز، ئاندىن ئۆزى بەلگىلەش سۆزلىشىش كۆزنىكىنى تاقايمىز. Com يۇكلەنمە تۈرلەرنىڭ باسساق، بىر سۆزلىشىش كۆزنىكى چىقىدۇ، بۇنىڭدا  office  يۈكلەيدىغان بارلىق تۈرلەربۇلۇپ، بىز بۇنىڭدىن بىزگە زۆرۈر بولمىغان قورال ئىستونىنىڭ ئالدىدىكى تاللاشنى بىكار قىلىۋەتسەكلا كىيىن قېتىم office نى قوزغاتقاندا بۇ ئىستونى چىقمايدۇ.

     سۇئال: مەن flashGet   تۈرىدىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرگەندە،دائىم 《قانۇنلۇق URL ئادىرىسى يوق 》دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ، ئەمما IE دا تۇرۇپ توردىن بىۋاستە چۈشۈرسەم بورمال چۈشۈرىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟

  جاۋاب: 1-چارە باشقا چۈشۈرۈش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر زادىلا flashGet   نى ئىشلەتمىسىڭىز بولمايدىغان بولسا، تور كۆرگۈچكە Maxthon نى ئىشلىتىڭ، بۇنىڭدا Maxthon نى قوزغىتىپ، تۈرلەر选项) ) دىن Maxthon تۈرلىرىنى (选项 Maxthon ) دىكى توردىن چۈشۈرۈش تۈرلىرى 下载选项)) غا كىرىپ، توردىن چۈشۈرۈش قورالىنى تاللاش选择下载工具) ) دىن flashGet نى تاللىغاندىن كىيىن، مۇقىملاشتۇرۇپ چىكىنىپ چىقىسىز. شۇنىڭ بىلەن Maxthon تور بەت زىيھرەت قىلغاندا ھۆججەت چۈشۈرگۈچكە توغرا كەلسە، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا flashGet نى قوزغىتىپ توردىن چۈشۈرىدۇ. 2-چارە، ئۈچىنجى تەرەپ يۇمشاق دىتالىدىن پايدىلىنىڭ. بۇنىڭدا توردىن چۈشۈرمەكچى بولغان ماتىرىيالنىڭ ھەقىقىي ئادىرىسىنى ئېنىقلاپ بىرەلەيدىغان يۇمشاق دىتالىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، URL Snooper بۇ يۇمشاق دىتالدا توردىن چۈشۈرمەكچى بولغان ماتىرىياللارنىڭ ھەقىقىي ئادىرىسىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كىيىن، كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق توردىن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى flashGet نىڭ كۆزنىكىگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

سۇئال: كومپيۇتېرىمغا windows xp قاچىلانغان بۇلۇپ،mp3 ھۆججەتلىرىنى مائۇستا ئوڭ چەكسەم،خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئېچىش دىگەن بىر قۇر خەت ئەڭ ئۈستىگە قوشۇلۇپ چىقىدىغان بۇلىۋالدى. قانداق قىلغاندا بارلىق mp3 ھۆججەتلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا media player دا قۇيۇلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

جاۋاب: خالىغان بىر mp3 ھۆججىتىنى تاللاپ، ئوڭ چەككەندىن كىيىن، ئېچىش شەكلى(打开方式) دېگەن تۈرنى تاللاپ، چىىققان كۆزنەكتىن media playerنى تاللاڭ. ئاندىن چوقۇم شۇ كۆزنەكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى بۇ خىلدىكى ھۆججتلەرنى باشتىن-ئاخىر تاللىغان مۇشۇ پىروگرامما ئارقىلىق ئېچىشنى تاللاپ قۇيۇپ، مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن چىكىنىپ چىقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىمۇ بولمىسا، مەنبە باشقۇرغۇچنى ئېچىپ، تىزىملىك ئىستونىدىكى قورال (工具) تىزىملىكىدىن ھۆججەت خالتىسى تۈرلىرىدىكى ھۆججەرت تۈرلىرى دىگەن كۆزنەككە كىرىپ، mp3 تۈرلىرىنى تاپقاندىن كىيىن، تەھرىرلەشنى بېسىپ، media player نى تاللاپ مۇقىملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

   سۇئال: Trojan.win32.undef.rtk  دىگەن قانداق ۋىروس؟ win32.mis08-067.c Hack. Exploit  دېگەنچۇ؟ بۈگۈن كومپيۇتېرىمدىكى رۈيشىڭ بۇنداق ۋىروستىن بىر مۇنچىنى تاپتى، بۇنىڭ كومپيۇتېرغا قانداق زىيىنى بار؟ يېقىندىن بۇيان تور بەتلىرىدە خاتالىق كۆپ چىقىدىغان بۇلىۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتىمۇ بەكلا ئاستىلاپ كەتتى، بۇ شۇ ۋىروسنىڭ سەۋەبىمۇ؟

    جاۋاب: ئالدى بىلەن ۋىروسنى تازىلاپ سىستېمىنى ئوڭلاپ سىناپ بېقىڭ.ئاندىن باشقا بۇزغۇنچى پروگرامما ۋە تىروجاننى مەجبۇرىي تازىلاش قورالىنى ئىشلىتىڭ. Windows تازىلاش ياردەمچىسى بۇزغۇنچى پىروگرامما ۋە تروجاننى تازىلىيالايدۇ. 《www.arswp.com》 بۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن ئەڭ يېڭى نۇسخىغا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاندىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ،F8 نى بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەر ھالەتتە كومپيۇتېرنى ئېچىڭ. ئاندىن بۇ يۇمشاق دىتالنى ئېچىپ، سىستېمىنى تەكشۈرۈشنى بېسىڭ، تەكشۈرۈشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تاللاپ قۇيۇڭ،تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ، تازىلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر زاپاسلاش توغرىسىدا ئەسكەرتمە چىقسا، سىز قوشۇلسىڭىز بولىدۇ (بۇنىڭدا تازىلاشتا تاساددىبىي خاتالىق كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن سىستېمىنىڭ ۋەيران بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تازىلاپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىدا غەيرىي ئەھۋال كۈرۈلمىسە، ئاندىن ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ). ئاندىن كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ. يۇمشاق دېتالنى يەنە سىستېمىنى نورمال ھالەتتە قوزغىتىپمۇ ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. ئاندىن تۆۋەندىكى تەرەپلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

1.    كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ F8 نى بېسىپ تۇرۇپ، ئالىي دەرىجىلىك تۈرلەر چىققاندا ئاندىن ققويۇپ بېرىڭ ئۇنىڭدىن يېقىنقى بىر قېتىملىق توغرا سەپلىمە ھالىتىنى تاللىسىڭىز سىستېما ئوڭلىنىدۇ.

2.     كومپىيۇتېرنى قوزغىتىڭ F8نى بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەر ھالەتتە كومپيۇتېرنى ئېچىڭ ئاندىن قايتا قوزغىتىش ياكى كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئېچىش ئارقىلىق نورمال ھالەتتە قوزغىتىڭ بۇنداق قىلغاندا تىزىملىك جەدىۋىلىنى ئوڭلىغىلى بولىدۇ.

3.     ئەگەر كاشىلا ئوڭلانمىسا سىستېمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ياكى باشقا ئەسلىگە قايتۇرۇش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلىغان بولسىڭىز شۇنىڭ سىستېمىنى كاشىلا يۇزبىرىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتۇرۇپ بېقىڭ (ئەگەر نورمال ھالەتتە سىستېمىنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمىسا بىخەتەر ھالەتتە ئەسلىگە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ).

4.     ئەگەر بۇنىڭدا  كاشىلا ئوڭلانمىسا سىستېىمىنىڭ قاچىلاش دېسكىسى ئارقىلىق ئوڭلاپ بېقىڭ. ( بۇنىڭدا كومپيۇتېرنىڭ ئوپىتىك دېسكا قوزغاتقۇچىسىغا windows xpنىڭ قاچىلاش دېسكىسىنى سالغاندىن كىيىن بۇيرۇق قۇرى ھالىتىنى ئېچىپ ياكى ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ SFC / SCANNOW دېگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزسىڭىز (SFC بىلەن / SCANNOW دېگەن خەتنىڭ ئارىسىدا بىر بوشلۇق بار،قالغان يەردە بوشلۇق يوق)، بۇزۇلغان سىستېما ھۆججەتلىرى ئاپتۇماتىك ئوڭلىنىدۇ.

5.    ئەگەر كاشىلا يەنىلا ئوڭلانمىسا، كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ BIOS قا كىرگەندىن كىيىن، ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى تۇنجى قەدەمدە زىيارەت قىلىدىغان قوزغاتقۇچ قىلىپ بەلگىلىگەندىن كىيىن، ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچىغا windows xp نىڭ قاچىلاش دىسكىسىنى سېلىپ، R كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئوڭلاپ قاچىلاش تۈرىنى تاللاپ بىر قېتىم قاچىلاپ كۆرۈڭ.

6.    ئەگەر كاشىلا بۇنىڭدىمۇ ئوڭلانمىسا، سىستېمىنى قايتا قاچىلاڭ. ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسىلا، ئوڭلاپ قاچىلاڭ. بۇنداق بولغاندا ھەم سىستېمىنى ئوڭلىغىلى، ھەم سىستېما رايونىدىكى پروگرامما ۋە ھۆججەتلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئەگەر IE بۇزۇلغان بولسا، IE نى قايتا قاچىلاڭ.

IE دىن كاشىلا كۆرۈلۈپ قايتا قاچىلىغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى نەشىر نۇسخسى قاچىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كونترول تاختىسىدىكى 《 پروگرامما قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈش》كە كىرسەك، بۇنىڭ ئۆچۈرۈش تۈرىنى تاپالماي قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشلاشتىن ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە regedit نى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تىزىملىك جەدىۋەل تەھرىرلىگۈچنى ئېچىپ،                version  wevtor SOFTWARE\Microsoft\Internet Explorer\HKEY-LOCAL-MACHINE\ تۈرىنى تاپقاندىن كىيىن، ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىكى IE نىڭ كۇنۇپكا قىممەت تۈرىنى قوش چىكىپ، چىققان كۆزنەكتىكى قىممىتىنى نۆلگە ئۆزگەرتىپ قويىمىز، ئاندىن كوپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساقلا، IE نى قايتا قاچىلاشقا بولىدۇ.

سۇئال: vista دىكى 《 ئىجرا قىلىش 》 كۆزنىكى باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئىچىدە بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، بۇ باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنى چىقىرىشنىڭ ئۇسۇللىرى بىر نەچچە خىل:

1. باشلاش تىزىملىكىنى ئوڭ چېكىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خسلىقىغا كىرىپ ، 《 ئۆزى بەلگىلەش 》 تۈرىنى ئاچىمىز ۋە رەسىمدىكىدەك قىلىپ تەڭشەيمىز. قىزىل ئىستىرېلكا بىلەن كۆرسىتىلگەن 《 ئىجرا قىلىش بۇيرىقى》 دېگەن قۇرنىڭ ئالدىدىكى تاللاشنى تاللاپ قويىمىز.

2. Win+R بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى باسساق ئىجرا قىلىش كۆزنىكى قوزغىلىدۇ.

3. 《 ئىزدەش》كۆزنىكىگە بۇيرۇق يېزىپ، كۆزنەكتە كۆرۈنگەن مۇناسىپ پروگراممىنى قوزغاتساق بولىدۇ.

سۇئال: gturl.htm دىگەن ھۆججەت ۋىروسمۇ، ئەمەسمۇ؟                           

   جاۋاب: gturl.htm بولسا  Thunder نىڭ HTML ھۆججتى بۇلۇپ، تور بەتنىڭ ئۇلتىرا يېزىق تىلى بىلەن يېزىپ چىقىلغان، Internet قا ئۇلىنىپ Thunder نىڭ ئېلانلىرىنى چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ۋىروس بولسا، بىر قىسىم ۋىرۇس تازىلىغۇچى دېتاللار مەلۇم قىلالىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ۋىروس تازىلىغۇچى دېتاللار مەلۇم قىلالمايدۇ. ئەگەر راستىتىنلا ۋىرۇستىن قوقسىڭىز ھەم Thunder نىڭ ئېلانلىرىغا قىزىقمىسىڭىز، ئۇنداقتا program Files تىن Thunder قاچىلانغان مۇندەرىجىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى program دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى geturl.htm ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىدا ئېچىپ، ئىچىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كىيىن، ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

     سۇئال: كومپيۇتېرىمنىڭ تور سۈرئىتى بەكلا ئاستا بۇلۇپ، ھەربىر تور بېتىنى ئېچىشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئېچىلمايدۇ. بۇ نېمە ئىش؟ كومپيۇتېرنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ياكى تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىنمۇ؟

      جاۋاب: تور سۈرئىتى ئاستا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى بىر نەچچە خىل.   

1.تورنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە                              

سىز ئۇلىماقچى بولغان تور بىكىتىدىكى مۇلازىمىتىرنىڭ تور كەڭلىكى يېتىشمىگەن ياكى يۈكى ئارتىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىنتايىن ئاسان، يەنى باشقا ۋاقىتتا تورغا چىقىپ ياكى باشقا تور بېكەتلىرىگە چىقىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.                        

2.تور سىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە

شۇنى بىلىمىزكى، قوش ئوراملىق سىم تۆت جۈپ سىمنىڭ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە زىچ ھالدا بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭدا ئارىلىشىش كاشىلىسىنى ۋە شاۋقۇننىڭ تەسىرىن ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ سىملار ئۆلچەم بويىچە چېتىلمىسا، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىمۇ تور تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور لىنىيە سىمى ۋە تور كارتىسىنىڭ سۈپىتىگە كاكاپالەتلىك قىلىش ۋە تور لىنىيە سىمىنى ئۆلچەم بويىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

3.توردا كونتۇر بولغانلىقتىن تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش

تورنىڭ ئۇچىرىشىدىغان تۈگۈنلىرى كۆپ بولمىسا ھەم تورنىڭ قۇرۇلمىسى بەك مۇرەككەپ بولمىسا، بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق، بىر ئاز مۇرەككەپرەك توردا ئارتۇقچە زاپاس لىنىيە قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق لىنىيىلەرگە چېتىلىپ قالسا، توردا كونتۇر يۈز بېرىپ، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تور سىمى تور مەركىزىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق ككومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان، ئاندىن بىرىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا ئۇلانغان بولسا، ئادەتتە ئېھتىيات يۈزىسىدىن تور مەركىزىدىن ئىككىنچى نومۇرلۇق كومپيۇتېرخانىغا بىۋاستە يەنە بىر زاپاس لىنىيە تارتىپ قويۇلىدۇ. ئەگەر نۇنداق بىر نەچچە لىنىيە بىرلا ۋاقىتتا چېتىلىپ قالسا، توردا قونتۇر يۈز بېرىدۇ-دە، تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى تور تور لىنىيە سىمىغا ئېنىق بەلگە سېلىش، زاپاس لىنىيىنىڭ .ورنىنى خاتىرىلەپ قويۇش بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كاشىلا يۈز بەرگەندە، ئادەتتە بۆلەكلەر بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈش چىرىسى قوللىنىلىدۇ.

4. تور ئۈسكىنىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تور ئاستىلاپ كېتىش

ئېنىقسىز ئۈسكىنىنى بايقاش  ئۈچۈن توردا دائىم سىگنال يوللىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ئېنىقسىز ئۈسكۈنىلەرنى بايقاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، توردىكى كومپيۇتېر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق سىگنال تېزلىكتە ئېشىپ بارىدۇ، ئەگەر سىگنال بولىقىنىڭ سانى 30% تىن ئېشىپ كەتسە، تورنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجەدە ئاستىلايدۇ، ھەتتا تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدىن گۇمانلانساق، ئاۋۋال سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتورنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەردە كاشىلا بولمىسا، سىم  توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوكممۇتاتورنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ تۇرۇپ،   DOS ھالەتتە  ping بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇ توردىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ. كاشىلا كۆرۈلگەن كومپيۇتېرنى تاپقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تور كارتىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتسەك كاشىلا ئوڭلىنىدۇ. تور كارتىسى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ياكى كوممۇتاتور تاو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىچىدە كاشىلا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈسكۈنىلەردۇر.

5. توردىكى مەلۇم ئېغىزنىڭ توسالغۇسىدىن بولغان تور سۈرئىتى ئاستىلاش

ئەمەلىيەتتە روتېرنىڭ ئىنتېرنېت تور ئېغىزى، دائىرىلىك تور ئېغىزى، سىم توپلاشتۇرغۇچ ئېغىزى، كوكممۇتاتور ئېغىزى ۋە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسى ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسى توردا توسالغۇ شەكىلللەندۇرىشى مۇمكىن. تور سۈرئىتى ئاستىلاپ قالسا، بىز تور ئېقىمىنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدە تور باشقۇرغۇچى دېتالار ئارقىلىق سىم توپلاشتۇرغۇچ، قوممۇتاتور، مۇلازىمېرىر ئېغىزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى تەكىشۈرۈپ باقساق  بولىدۇ، ياكى Net stat بۇيرىقى ئارقىلىق ھەرقايسى ئېغىزلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىم ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىساق، شۇ ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقداتىدا توسالغۇ شەكىللەندۈرگەن ئۈسكۈنىنى تاپساقمۇ بولىدۇ، ئاندىن ئەھۋالغا قاتاپ بىز ماس كېلىدىغان چاتىنى قوللىنىپ ھەل قىلىمىز. ئادەتتە مۇلازىمېتىرنىڭ تور كارتىسىنى 100M ياكى 1000M لىققا ئالماشتۇرۇش، تور كارتىسىنى كۆپەيتىش، VLAN غا كۆپرەك بۆلۈش، روتېرنىڭ تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

6. قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى

ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللانمىسى ئارقىلىق تاقىلىدىغان قۇرۇت ۋىرۇسىنىڭ تور سۈرئىتىگە بولغان تەسىرىنى بارغانسېرى ئېغىر بولماقتا. بۇنداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئابۇنىچىلار تورغا چىقسىلا، بۇ ۋىرۇس توردىكى باشقا كومپيۇتېرلارغا توختىماستىن پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدۇ. ۋىرۇس يۇقۇملانغان ئابۇنىچىنىڭ ئالاقىلىشىش دەپتىرىدىكى ئادىرېسلار بويىچە كومپيۇتېردىن خالىغان بىر ھۆججەتنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىپ ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. نەچچە مىڭلىغان پوچتا يوللانمىسى يوللىنىشنى كۈتۈپ سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا . يەنە قايتۇرۇلغان نۇرغۇن پوچتا يوللانمىسى توپ- توپى بىلەن يىغىلىپ مۇلازىمېتىرغا توپلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە تايانچ تور بېكىتىدە قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ،تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ھەتتا دائىرىلىك تور پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى قاچىلاپ، ۋاقتىدا دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشىمىز،سىستېما ياماقلىرىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ قاچىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە زۆرۈر بولمىغان ئېغىزلارنى ئېتىۋېتىشىمىز كېرەك.

7. ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىدىن كىلىپ چىققان تور ئاستىلاش

ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېمىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىمۇ تور سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئارتۇقلىرىنى ئۆرۈپ ،ئىقتىدارى ياخشىراق بىرنى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

8. سىستېما بايلىقى يېتىشمەسلىكتىن بولغان تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى


سىز بەلكىم ئارقا سۇپىدا ئىجرا قىلىنىدىغان پروگراممىلارنى بەك كۆپ يۈكلىۋەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، يۈكلەيدىغان پروگراممىلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇڭ ياكى ئىشلەتمەيدىغان پروگراممىلار ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.

   ئۇندىن باشقا، كەڭ بەلۋاغلىق توىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇڭ.

ئەلالاشتۇرۇشتىن بۇرۇن 《 ping》بۇيرۇقى ئارقىلىق تورنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامېتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىڭ ياكى 《 TCP Optimizer》 دىگەندەك يۇمشاق دېتاللار بىلەن تور سۈرئىتىنى ئۆلچىۋېلىڭ.

ئاندىن تىزىملىك جەدىۋەلنى ئەلالاشتۇرۇڭ ( تاساددىبىىي ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدىن زاپاس ساقلىۋېلىڭ ). ئۆزگەرتسەك بولىدىغان كۇنۇپكا قىممەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

MaxMT ئەڭ چوڭ يوللاش بىرلىكىنى بېكىتىدۇ. DefaultRcv Windows ۋە DefaultTTL ئارقىلىق يوللاش بىرلىكىنىڭ ئاستىلاتقۇچ رايونىنىڭ قىممىتى ۋە TCP/IP تارماق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆمرىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. DNS نىڭ سۈرۈششتۈرۈشتىكى ئالدىنلىق   دەرىجىسىنى بېكىتىش ئارقىلىق TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان RAM نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ.  TCP/IP ئىشلىتىلىدىغان ئاستىلاتقۇچنىڭ قىممىتىنى ئاشۇررۇش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ يوللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قالدۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەڭلىكىنى بىكار قىلىش، ئاۋۋال باشقۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كومپيۇتېرغا كىرىپ،《gpedit.msc》دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، گۇرۇپپا ئىستىراتېگىيىسىغا كىرىڭ. ئاندىن تەرتىپ بويىچە كومپيۇتېر تەڭشىكىنىڭ باشقۇرۇش قېلىپىدىكى توردىن QoS سانلىق مەلۇمات بولىقىنى تەڭشەش پروگراممىسىغا كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى قالرۇرۇپ قويۇلىدىغان تور كەولىكىنى چەكلەشنى تاللىغاندىن كىيىن، ئوڭ چىكىپ خاسلىقنى تاللىساق، ئۇنىڭ خاسلىق كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.. بۇنىڭدىن بىز چەكلىدىنىغان تور كەڭلىكىنىڭ مۇناسىپ قىممىتىنى 0 گە ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ.

                                           مەنبە :  تۇرپان تورى پايدىلىق بولغانلىقى ئۇچۇن يوتكەپ كىلىندى .

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 01:08:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت پايدىلنىش ماتىريال ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3231
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8770
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2011-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 01:16:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېما،تېما ئىگسىگە تەشەككۈرلەر   ! ساقلىۋالاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12768
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 07:07:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرىكەن ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ھايات ئادەمگە پە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 07:35:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن، پايدىلىنىش قىممىتى باركەن، تمىڭىزغا رەخمەت

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 10:39:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يەرلىرىنى چۈشىنىۋالدىم، ئەمما ئاستىدىكىسىنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن. رەھمەت ھە........ [s:49]

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەخلاق~ئادەم زىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 01:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدلىق تىمىكەن رەخمەت...

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 01:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،يەنە مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز بولسا يوللاپ تۇرارسىز. [s:47]  [s:49]  [s:34]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 02:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ پەرسانارىممۇ ، قۇرۇت ۋېروسىدىن يۇقۇملاندى. بىراق ھازېرغىچە يۇيىۋېتەلمىدىم.  سېستىمنى نەچچە قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقتىم ، يەنە ئوخشاش دىسە. [s:52]  [s:52]  [s:52]

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-14 03:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي رەھمەت  ماڭا بەك كۆپ ئۇچىرايىتتى بۇ كاشىلىلار. [s:50]

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش