مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 20

سىگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 02:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


   سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ 2010-يىلىدىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا قارىغاندا دۇنيادا تەخمىنەن 10مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە، ياۋروپادا تەخمىنەن 5مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە سىگان بار ئىكەن. ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30مىلىيۇن، ياۋروپادا 15مىلىيۇن سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.
   سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى  تەخمىنەن 2مىلىيۇندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
 ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىتان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5_ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10-ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ  ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
  مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ 2010-يىلىدىكى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.



         بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
      ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا.     سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسىدۇر.

  
ئەسلى مەنبەسى :  ئوكيان تورى
http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10996

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2431
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9260
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1765 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 02:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ... ئۆزى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان مىللەت ھامىنى ھالەك بولىدۇ ..!!!

ئەڭ يېڭى خاككىرلىق بىلىملىرى ،پىروگىرامما تۈزەش بىلىملىرى(android,php,js/css/jquery ...) ،سۈرئەتلىك دەرىسلىك نىشانىم تورىدا http://www.nishanim.com

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 03:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مائارىپىمىزمۇ.......نەگە قارسا ھازىر ناخشىچى،كىچىكىدىن،چوڭغىچە ناخشىچى،ئۇسۇلچى،تىخى ئىيتىۋاتقان ناخشىلىرنى بىر پايدىلىق بولسا بىزنىڭمۇ سىگاندەك بولۇپ قلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن....

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 03:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق مىللەتنىڭ ،[s:207] ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەدىنىيىتىمۇ ھەرخىل بۇلىدىكەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈستى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 03:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈتىگە قويايلى!ياراتقۇچىمىزمۇ ئەقىل قاچىلىنىدىغان بىشىمىزنى ھىسيات قاچىلىنىدىغان يۈرەكنىڭ ئۈستىگە ياراتقان. ئىشەككە ئوڭلاپ مىنەلمەيتۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەرئىشنىڭ يولى بار ئۈگىنىش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيس

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 03:30:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى قايتا تەھرىرلەپ قويوڭلار ، ئككى بۆلەك مەزمون قايتىلىنىپ كېتىپتۇ .

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 04:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللىمىزنى  سىلكىۋېتىپ  ياشمىساق  بىزنىڭمۇ  شۇ  كۈنلەرگە  قېلشىمىز  تۇرغان گەپ  ،  باشقىلارنىڭ  ھالاكىتىدىن  ساۋاق  ئالايلى  !

بىزنىڭ  دىيارىمىزمۇ  ھاراق ـ شاراپ  ،  ناخشا  ـ ئۇسۇل  ماكانى  بولۇپ  قالمىسۇن...
بىزنىڭمۇ  نۇرغۇن  قىممەتلىك  مەدەنىي  مىراسلىرىمىز  ،  چەتئەللىكلەرنىڭ  مۇزىيخانىلىرىدا  ئوغۇرلىنىپ  ياتىدۇ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30717
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6692
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 7067 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 05:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپقا كۇڭۇل بولمىسە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۇنى قاشاقلىقتا ئۇتىدۇ دە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 05:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھتىن خەلقىمنىڭ بەختىنى تىلەيمەن. بىزنى بۇ كۈنلەردىن يىراق قىلغايسەن.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9269
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 06:51:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بىز نى بۇنداق كۇن لەردىن ساقلىغىن .................[s:203] [s:203] [s:203] [s:203]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش