رەھبەر بولسا ئەگەر مەكتەپكە
(ساتىرىك شىئىر)
يوقىلما يوق ئىشقا كېلىشكە،
كەچلىرى ھەم بالدۇر كېتىشكە.
ياۋاشنى ھەم بوزەك ئىتىشكە،
«نوچى»لارغا خوش -خوش دىيشىكە،
رەھبەر بولسا ئەگەرمەكتەپكە.
خوش ياقسا ھەم دەرس ئۆتىسەن ،
ئۆتۈپ كىرىپ ئۇخلاپ ياتىسەن.
رەھبەر دىسۇن پۇخرا مېنى دەپ ،
ئانچە مۇنچە تىللاپ قويىسەن ،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
ئىش ئاقمىسا يىغىن ئاچىسەن،
يىتەكلەشكە دوللار چاچىسەن .
يىغىلغاندا «سەدىقە» پۇلى ،
قاپىقىڭىنى ئاندىن ئاچىسەن،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
بىرى قىلسا پىكىر ئەگەردە،
ئوتتۇز رەھبەر قىلسەن زەردە.
نۆۋەتلىشىپ زەربە بىرىشىپ ،
كەيدۈرىسەن موزا ھەم دەپسە،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
پۇلى يوققا تۇرىسەن گىدىيىپ ،
ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىپ .
يولى بارغا تۇرىسەن ھىجىيىپ ،
ئىشلىرىنى تىز-تىز بىجرىپ،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
كۆرسىتىسەن ئۆزۈڭنى قاردەك ،
باشقىلار بىر ساقايماس تازدەك.
ئورۇنلاشتۇرۇپ تالاي ئىشلارنى ،
سەزدۈرىسىەن ئىشلار چالىدەك ،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
پۇل چۈشسىلا بالدۇر كېلىسەن ،
كەچلىرى ھەم كەتمەي ياتىسەن.
توختىماستىن ئايلىنپ مەكتەپ،
پۇل خەجلەشكە ئامال تاپىسەن،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە .
بىر سىنىپتا ئون بەشتىن بالا،
پارتىلاردا ئادەم يوق ئالا.
كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ،
سان قوشىسەن قارىسى سىيا،
رەھبەر بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.
يۇقرىدىن گەر كەلسە تەكشۈرۈپ،
ئارقسىدىن تىنماي يۈگۈرۈپ.
چاتاق ئەگەر چىققۇدەك بولسا ،
مەردانە ھەم تۇرىسەن يىگۈزۈپ ،
باشلىق بولساڭ ئەگەر مەكتەپكە.