مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2834|ئىنكاس: 35

يېرىم ئەركەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلخۇش  _ ئاۋام

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12032
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 09:30:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بەلكىم ماقالەمنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئەركەكمۇ يېرىم بولامدۇ دەپ ھەيران قالغانسىلەر ؟ ...........
ئەركەك ئەرلىك تۇرقى بىلەن كۆرۈنىشىدە يېرىم بولمايدۇ ، بەلكى يېرىملىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ، ئەرلىك غۇرۇرىدا ، ئىمانىدا بولىدۇ ، ئۇنداقتا << يېرىم ئەركەك >> دېگەن زادى قانداق ئەركەك ؟
بىز جەمىيەتكە قاراپ باقايلى ، دۇنيا ھاياتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن ئۆزگىنىڭ نەپسىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ، ئادىمىيلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان مۇنۇ
زېھنىمىز ، ۋىژدان - غۇرۇرىمىزغا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن مەسلىلەر ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا بىر ئاز رۇخسەت بېرەيلى ! .......... كۆردۇقكى بىز بىز بولماي قېلىۋېتىپتىمىز ، ئائىلىنىڭ ، جەمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولىمىش ئەركەكلىرىمىز ئاجىزلاشقا ( مەنىۋىي جەھەتتىن ) باشلاپتۇ . مېنىڭچە ئەمدى قۇرۇق پەلسەپە سۆزلىمەي ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلىگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ ،
كوچىغا چىقىپ قارايدىغان بولساق ئاياللىرىمىز كىيىم كەيگەن يالىڭاچ ، كۆپۈنچە قىز -ئاياللىرىمىز ئاياللىقىمدىكى بار دەسمايەم مۇشۇ شۇ ، كۆرۈپ بېقىڭلار ، باھالاپ بېقىڭلار دەپ ئۆزىنى خۇددى كۆرگەزمە بۇيۇمىدەك باشقىلارغا نامايەن قىلىدۇ ، تاس قالىدۇ مال - باھا ئىدارىسىگە باھا بېكىتكۈزگىلى بارغىلى . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە شەرمىي - ھايا دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ، يېڭىچە زامانىۋى جەمىيەتتە ئۇلار شۇنداق ئېچىلدىكى :
ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەسلىلەرنى تەپەككۈر قىلىشتىكى مەركىزىي ئاپاراتى بولىمىش مېڭىسى جايلاشقان كاللىسى ئېچىلدى ، ئېچىلدىيۇ بېشىدىكى چاچلىرى پاخپىيىپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، ئۇلار زىيالىي ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىسى دەۋىرنىڭ ئاۋانگارتلىرى دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق ناملار ئاستىدا ، ئۇلارنىڭ قىبلىنامىسى ، يولباشچىسى بولغان دارىۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەقىيات پەلسەپىسىنى مەركىىي نۇقتا قىلىپ ئېچىلىش دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ باردى . مەندەك بىر قۇرامىغا يېتىپ قالغان توي قىلمىغان ئەركەككە نىسبەتەن ئۇلارغا ئىمان - ھايا ، غۇرۇر - ۋىژدان دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ باقسا بۇمۇ ياخشى ئىكەن ،
چۈنكى ئۇلاردىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرغان مەخپىيەتلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن . ئەركەكلەرنى قىزلىق لاتاپىتى بىلەن ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئاشىق - بىقارا قىلىش ئورنىغا ، يىگىتلەرنى ئۆزىدىن پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا قىززىقتۇرىدىغان ئاشۇ مايمۇن سۈپەت گۈزەل خېنىملارنىڭ ئوچۇق بەدەنلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە ئادەمدە ئۇلارغا قىززىقىش بولمايدىكەن ، قوزغىلىدىغىنى پەقەت ھايۋانلاردىمۇ بولىدىغان شەھۋەتلا بولىدىكەن خالاس . ( اللە ساقلىسۇن ئۇنداق نائەھلى ھاياسىزلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ) . ھەيرانمەن بۇ ئۈرۈمچى دېگەن ئاجايىپ بىر يەر ئىكەن ، سوغوق ئەرلەردىن ، ئىسسىق ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن . ئەرلەر چاپان بىلەن يۈرىيدىكەنۇ ئاياللار بەدىنىنى يېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سەتلىكىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن بەدىنىگە چۈمبەل قىلىپ تارىۋالغان تار ، كالتە ، يىرتىق ئىشىك - دەرىزىلىك كىيىملەر بىلەن يۈرىۋېرىدىكەن . بۇنىڭدىنمۇ ئويلاپ باقسام بىز ئەركەكلەر ئاياللاردىن ئاجىزدەك ھېس قىلىپ قالدىم ، سوغوقتىن قورقىدىكەنمىز ئەمەسمۇ ؟ يا بۇ بىزگە كەلگەن يوقىلىش ، خارابلىشىشتىن ئالدىن سىگنالمۇ ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسىنى مەغلۇپ قىلىشتا غەرب مۇستەملىكچىلىرى ئاتا تۈرۈك مۇستافا كامالدەك بىر زىيالىينى تەربىيلەش بىلەن بىرگە << ئەگەر سەن بىر قەۋىم ئۈستىدىن غالىب كېلىمەن دەيدىكەنسەن ، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاياللىرىدىن باشلا ، ئايالى بۇزۇلغان قەۋىم تەبىي زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ >> دەپ ئۆگەتكەن ئىكەن ، جەمىيەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللىرى بۇزۇلغان قەۋىم قانداقمۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلىسۇن ، بۇنداق مەدەنىيەت ( كۈلتۈر ) دە باشقىلارغا بېقىنىپ ، مەدەنىيەتنى باشقىلاردىن ئېلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلىمىغان قەۋىمنى كىممۇ كۆزگە ئىلسۇن ، قېنى بىزنىڭ ئۆز ئىپپەت - نۇمۇسى ئۈچۈن جاندىن كېچەلەيدىغان سۆيۈملۈك ھەمشىرىلىرىمىز ؟ قېنى بىزنىڭ مەرىپەت ، مەدەنىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ، قەۋىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىمانلىق ، دىيانەتلىك ، ۋىژدانلىق ، غۇرۇرلۇق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالايدىغان ئانىلىرىمىز ؟ ئاياللىرىمىز بۇزۇلدى ، قىزلىرىمىز بۇزۇلدى ، دېمەك ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت تەربىيچىسى بۇزۇلدى ، نەتىجە شۇ بولدىكى ئاشۇ بۇزۇق ئانىلارنىڭ قولىدا بىر توپ نان قېپى ، داشقاللار مەيدانغا كەلدى .
ئەمدى بۇنىڭغا كىم مەسئۇل ؟.......... ، مەنمۇ ؟......... ، سىزمۇ ؟..... ۋەياكى ؟؟؟ ..............
بۇنىڭغا دەل سىزگە ۋە ماڭا ئوخشاش ئەركەكلەر مەسئۇل ! چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ساللاللھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم << سىلەر يەنى ( ئەرلەر ) ھەممىڭلار پادىچى ھېسابلىنىسىلەر ، سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن ھېساب بېرىسىلەر>> دېگەن . دېمەك بىز بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز .
مەسلەن : ئاددىي بىر مىسال ئالايلى ، سىز بىر ئەر ئايالىڭىزغا ئىگە بولالىدىڭىزمۇ ؟ قىزلىرىڭىزنى باشقۇرالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر ئوغۇل ئاچا - سىڭىللىرىڭىزنى يامان يولدىن توسالىدىڭىزمۇ ؟
سىز بىر پۈتۈن ئەركەك بولۇپ ئايالىڭىزنى ياخشى يوللارغا باشلىيالىدىڭىزمۇ ؟ سىز بىر زىيالىي ، خىزمەتتىن كېلىپ ئايالىڭىز گىرىم جازىسىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىسىز ( تاماق ئېتىشىڭىز ئەيىپ ئەمەس ) بىراق سىز ئۆيدە ئۆزىڭىز ئەتكەن تاماقلارنى بالىلىرىڭىز بىلەن يەيسىز ، ئايالىڭىز بولسا چىرايلىق ياسىنىپ مېزىلىك ئەتتىرلەرنى سۈرتۈپ باشقا ئەرلەرگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ( ھەرخىل ئولتۇرۇشلار مەقسەد ) ماڭىدۇ ، سىز سويمەك ئەركەكلىك ئىمتىيازىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئايالىڭىزنى توسالىدىڭزمۇ ؟ ۋە ياكى ئۆيدە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تازىلىقسىز مەينەت ھالەتتە تۇرىدۇ يۇ ، سىرتلارغا ، كوچىلارغا ياسىنىپ گۈزەل قەددى - قامىتى ، ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىقى بىلەن چىقىدۇ ، ئايالىڭىزنىڭ گىرىم بىلەن ئارلاشقان ئاشۇ گۈزەل رۇخسارىدىن بولسا باشقىلار ھۇزۇلىنىدۇ ، سىز پەقەت ئايالىڭىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئاددىي تۇرقىدىنلا بەھىرلىنىسىز . بىرەر قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ ھەقدارىم سەن بولغىنىڭدەك ، سېنىڭ ھەقدارىڭ مەن تۇرسام يەنە كىم ئۈچۈن ياسىناتتىڭ ؟ گۈزەللىكىڭ مەن ئۈچۈن بولسا كۇپايە ، دېگەندەك گەپلەرنىمۇ دېيەلمەيسىز ھەقاچان ، بەلكىم سىزمۇ ئايالىڭز كوچىلاردا راۋۇرۇس ياسىنىپ ماڭسا ، باشقا ئەرلەر ئايالىڭىزغا ئاچ قالغان بۆرىدەك شەھۋەتلىك كۆزى بىلەن تىكىلسە ئىچىڭىز ئاچچىق بولماقتا يوق ، ئايالىڭىزنىڭ گۈزەل ھۆسىن - جامالىدىن پەخىرلىنىپ كېتەرسىز . ئايالىڭىزغا مەنىۋى جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ماددىي جەھەتلەردىنلا ئىگە بولارسىز ؟ مانا مۇشۇ سىزدىكى مەسئۇلىيەت .
ھە راست ئۇنتۇپتىمەن ، سىز دېگەن زىيالىي زىيالىيلار ئۇنداق قاتمال ، مۇتەئەسسىپ بولسا بولمايدۇ . ئۇ دېگەن بىلىمسىز ، نادان سەھرالىق تومپايلارنىڭ ئىشى .
لېكىن ئويلىمايسىزكى : سىزگە ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئاۋانگارت زىيالىيسى ئېچىپ بەرگەن يوللاردا مەدەنىيەت جەھەتتە سىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ سىز گە ئەگىشىدىغانلىقىنى ،
سىز بەلكىم غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نىگىزى بولغان دارۋېن پەلسەپىسىنى جىق ئۆگەنگەچكە ، ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن دېگەن پەلسەپىگە ئىشىنەرسىز ، شۇڭا ئەسلىڭىزنى ئۇنۇتقىڭىز كەلمىگەندۇ ،
سىز بىر ئىشچى ، سىزنىڭمۇ خەقتىن قالغىڭىز كەلمىگەندۇ ، شۇڭا تاپقان - تەرگىنىڭىزنى ئايالىڭىزنى بېزەشكە سەرىپ قىلغانسىز .
سىز بىر ئوقۇتقۇچى ، بىلىپ قويۇڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ھەممىدىن ئېغىركى باشقىلاردىن يېنىك ئەمەس ، لېكىن سىزمۇ خەقتىن كەم ئەمەستە ؟ سىزمۇ قالمايسىز ؟
مەيلى سىز ئەر ئوقۇتقۇچى بولۇڭ مەيلى ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇڭ سىزنىڭ ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ قەلبى گويا ئۇرۇق سېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇنبەت زېمىن ، ئۇلارنىڭ قانداق مېۋە بېرىشى سىزنىڭ قانداق ئۇرۇق ئىشلىتىشىڭىز ، قانداق پەرۋىش قىلىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ( بۇ مەزمۇننىڭ تېما بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ) .
سىز بىر سودىگەر سودا قىلىپ ئىككى - تۆت تال پۇل تاپتىڭىز ، سىزنىڭ نامىڭىز (老板) شۇڭا سىزمۇ خەقتىن قالسىڭىز بولمايدۇ ، ئىناۋەت قوغلاشمىسىڭز بولمايدۇ .
سىز بىر دېھقان ، سەھنىلەردە ، سەھىپىلەردە سىزنىڭ نامىڭىز ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈكلۈك ، شۇڭا سىزمۇ يانمايسىز ، ئويۇن - تاماشاغا قانمايسىز . سىزنىڭمۇ شەھەرلىكلەردىن ھېچ نەرىڭىز كەم ئەمەس ، زادى دورىمىسىڭىز ، ئەگەشمىسىڭىز بولمايدۇ .
دېمەك ھەممەيلەننىڭ خەقنىڭ ئالدىدا مۇتەئەسسىپ ، قاتمال ، سەھرالىق ، خۇراپات بولغۇسى يوق شۇڭا ئاياللىرىنى ئاچا - سىڭىللىرىنى باشقۇرمايدۇ ، ئەر بولغانلارنىڭ ئايالى سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلسە ئېغىز بۇرۇنى جايىدا بولسىلا بولدى . ئاكا - ئىنى بولغانلار ئاچىلىرىمىز ياكى سىڭىللىرىمىز بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا باشقا ئەركەكلەر بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ يۈرسە بېرىپ تەستەك بىلەن سېلىش ئورنىغا خەقلەرنىڭ ئالدىدا ئۇياتقا قالماسلىق ئۈچۈن ئامال بولسا ئايلىنىپ ، ئامال بولمىسا يەرگە قاراپ كۆرمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كېتىمىز . ئۇلاردىن ھېساب ئېلىپ باقمايمىز ، جەمىيەتنىڭ داشقىلى ، قاتمال ، مۇتەئەسسىپ ، خۇراپات كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشتىن قورقۇمىز .
بىزدە ھەقىقى ئەركەكلەردە بولىدىغان قورقۇمسىزلىق ، دىيانەت ئەھلىلىرىدە بولۇدىغان راستچىللىق ، ھەقىقانىيلىق يوق ، بىز ئەركەكلەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا ئاياللارغا نېمە تۇرۇش ؟
بىز ئەركەكلەر ئېچىلالماي قالاقلىقتىن قۇتۇلالماي ، ئۆزىمىزدىكى روھىي ئاجىزلىق بولغان ئۆز قەلبىدىكىنى ئەمەس بەلكى خەقنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازنىلا ئويلاش ئېڭىنى بۇزۇپ تاشلىيالماي يا ئەسلىمىزنى تاپالماي يۈرسەك ئاياللار غا قانداقمۇ ئىگە بولاتتۇق ؟
دېمەك مەسئۇلىيەت كىمدە ئىكەن ؟
مېنىڭچە 80% مەسئۇلىيەت ئەرلەردە .
قېرىنداشلار ئەسلىمىزنى تاپايلى ! ئەسلىمىزگە قايتايلى ! يېرىم ئەركەكلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشايلى !
ئەي سۆيۈملۈك ئاچا سىڭىللار سىلەرمۇ ئەسلىڭلارنى تېپىڭلار ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز راۋۇرۇس غايىلىك ، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە يىگىتلەرگە ۋە ئۇنىڭغا ھەمتەڭ بولۇپ ماسلىشىپ بېرەلەيدىغان جۆرىلەرگە موھتاج .
ئەي مېھرىبان ، رەھىمدىل بىردىنبىر ئىلاھىمىز اللە بىزدەك ئازغۇن بەندىلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ھىدايەت نۇرلىرى بىلەن توغرا يولغا باشلىغىن ! امن . . . . . . .

مەن ئەسلىدىنلا ساھىبۇلقەلەم ياكى ناتىق بولمىغاچقا ، ماقالەمدە نامۇۋاپىق سۆز - ئىبارىلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي ، ھەر قايسىڭلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ، نامۇۋاپىق جايلىرىنى تەھرىرلەپ تۈزىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن . اللە ھەممىزگە ئىنساپ ، ھىدايەت ، تەۋپىق ئاتا قىلسۇن ، ئاياللىرىغا ئىگە بولالمايدىغان دەيۈزلەردىن بولۇپ قېلىشتىن اللە  پاناھلىق بەرسۇن !
ئەگەر مۇشۇ ماقالەم ھەربىر ۋىژدان ئەھلىنى ئازراق ئويغا سالالىسا بۇ ماقالەمنى يازغانلىقىمدىن رازى بولاتتىم .
ئاپتۇرى : ئادىل ھۇشۇر ئوغلانى
مەنبە : http://alhux.com/bbs

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
huxqiray + 50 نادېر تىما .......
gherip + 100 نادىر ماقالە
.tuz. + 100 ياخشى ماقالە

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 250   باھا خاتىرىسى

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 10:29:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم   ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز   ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ! قەلەم تۇلپارىڭىز توختاپ قالمىسۇن !
ئەركەك دىگەن نېمە ؟ قانداق ئىنساننى ئەركەك دەيمىز  
ئەركەك دىگەن مەيدىسىدە تۈكى بار ! يۈزىدە قىنى بار  ! قەلبىدە ئىمانى بار ! مانا بۇنى ئەركەك دەيمىز   ........... بۇنىڭغا قوشۇپ ئۆزىنىڭ تۇپرىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئايالىنى  قىزلىرىنى ، سىڭىللرىنى  ، يۇرۇتداشلىرىنى  توغرا يولغا يىتەكلەپ جان كەتسىمۇ  ھەق يولدا تۇرۇپ  ھەقنى سۆزلەپ قىلالىغان ئەركەك ئاندىن  ئەركەكتۇر !  ئەڭ  ياخشىسى مەن  كۆپ سۆزلىمەي   ئاللاھ  ھەممە ئەركەكلىرىمىزگە  ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ، ئىنساپ ، بىرەر  ھامان  بىر كۈنى چۈشىنەر

ئىمىنجان ھىدايەت

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 6144 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 10:32:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما!ھەرئادەم چۇقۇم ئۈزىگە مەسئۇل بولىشى كىرەك.
    تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37570
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2011-4-14
ئاخىرقى: 2011-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 11:01:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى جايىدا ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك تىما بۇپتۇ شۇ يىرىم يالىڭاچلار كۇرەمۇ  بۇ تىمىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26070
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1533 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 11:08:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما   كەن  رەخمەت [s:206] [s:206]

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 11:15:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت گەپ قىلسام مۇشۇنداق تېملاردىن بىزار بولدۇم.بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزەمگە ئېلىپ كەتكىنىم ئەمەس. مۇشۇنداق ئەرلەرنى-ئاياللارنى سۆكۈپ يۈرۈپ نىمىگەئىرشىمىز.يەنە شۇ گەپ بىز ئېھتىمال دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بىراق ئائىلىدىكىلەرنى ئۆزگەرتەلەيمىز.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221155
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11542 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 11:39:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەتzaparبىلەن2011-06-04 11:15 AMيوللانغان :
راسىت گەپ قىلسام مۇشۇنداق تېملاردىن بىزار بولدۇم.بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزەمگە ئېلىپ كەتكىنىم ئەمەس. مۇشۇنداق ئەرلەرنى-ئاياللارنى سۆكۈپ يۈرۈپ نىمىگەئىرشىمىز.يەنە شۇ گەپ بىز ئېھتىمال دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بىراق ئائىلىدىكىلەرنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
دەل مۇشۇنداق يېرىم ئەركەكلەرنى ، مۇشۇنداق بىھايا ئاياللارنى سۆكۈش كىرەك .

بۇرۇن بىر پادىشا 2 مەملىكەتنى ئالماقچى بولۇپ ، 2 ئادەمنى ئۇ مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىدۇ ،پادىشاھ ئۇلارغا سىلەر ئۇ يەرگە بېرىپ ، ھەر قانداق بىر ئاماللار بىلەن ،ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن ئارلىشىڭلار ، بىر يىلدىن كىيىن قايتىپ كىلىڭلار دەپ ئۇلارنى يولغا سالىدۇ .
بىر يىلدىن كىيىن ئۇلار قايتىپ كىلىدۇ ،پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ كىلىپ قانداق قىلدىڭلار دىگەندە : بىرى مەن بارغان مەملىكەتتە ئاياللارنى ئۇچۇق ئاشكارا كۆرگىلى بولمايدىكەن ،بىرەر ئايال بىلەن تۇرساملا ، ئىرى ياكى دادىسى ،ياكى قېرىنداشلىرى كىلىپلا مىنى ھەيدەيدۇ ، مەن بىر يىل ئىچىدە بىرەر ئايال بىلەنمۇ ئارلىشالمىدىم دەيدۇ .
يەنە بىرى ، مەن بارغان مەملىكەتتە ئاياللار ئەركىن ئىكەن ، ھەر قانداق ئايالنىڭ ئۆيىگە بىمالال كىرىپ چىقتىم ، ئەرلىرىمۇ ھىچنەرسە دىمەيدىكەن،ھەر قانداق ئەرلىرى ھىچقانداق ئىشنى ئېغىر ئالمايدىكەن دەپتۇ .
پادىشاھ مانا ماۋۇ مەملىكەتنى ئوڭايلا ئالالايمىز ،ئاۋۇ مەملىكەتنى مەڭگۈ ئالالمايمىز ،چۈنكى ئاياللىرىدىن قىزغىنىدىغان مىللەتنى مەڭگۈ مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدۇ دەپتۇ .

ئاياللىرىنى باشقىلاردىن قىزغانمايدىغان ئەركەكلەر ، يېرىم ئەركەككىمۇ كىرمەيدۇ ،ئاياللىرى بۇزۇلغان مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ ....

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 12:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى يۇقۇرى يازما بۇلۇپتۇ. رەھمەت.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6329
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 12:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھۋال شۇنىڭدەك بولدى . ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى تۇنىيالمىغان ئەرلەر ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ئەرلىك ، ئاياللىق ، بالىلىق بۇرچىللىرىنى تۈگۈتۈش بىلەن بىرلىكتە ھەم شۇ ئىبلىسنىڭ قۇشۇنى بولۇپ باشقىلارغا ۋىرۇس تارقىتىپ جەمىيەتنى بار كۈچى بىلەن بۇزۇشقا ، كىشىلەرنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىشكە تۇتۇشۇپ كەتتى . ئۇلار پەقەت ئۆز كىملىكىنى يوقاتقانلارنىلا ئازدۇردى ۋە شۇنىڭدەكلەرگە كۈچى يىتەتتى !
ئاللاھدىن تىلىدىم ؛ ماڭا ئەڭ بۈيۈك ئىلمىڭنى بەرگىن . مېنى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگىن . مىنى بۇ پىتنە - پاسات ئىچىدە قالدۇرمىغىن ! مېنى ئازغۇنلار قاتارىدىن قىلمىغىن . سەن ماڭا توغرا ئىلمىڭنى ، توغرا يولۇڭنى بەرگىن مەن ئاندىن سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن سېنىڭ رازى بولغان بەندىللىرىڭگە توغرىلىقنى سۆزلەي !
ئەمما ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى شۇ بولدىكى ، ھازىرچە ئۆيلەنمەسلىك ! ھىچ بىر ئايال زاتىغا كۆڭۈل بەرمەسلىك ! ئاشىقلىقنى پەقەت ۋە پەقەت بىر ئۆزىگىلا بىرىش !
جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللىرىنى ۋە باللىرىنى تىگىشلىك رەۋىشتە توغرا يولدا ئېلىپ ماڭالمىغان . نىمە ئۈچۈن دەمسىز ؟ ئۇلار شۇ توغرىلىقنى تۇنىمىسا ، توغرا - خاتالىقلارنى ئايرىيالمىسا قانداقمۇ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى توغرىلىقتا ئېلىپ ماڭالىسۇن ؟
جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق كۆپىنچە ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئەرلىك غورورىنى ئۆزلىرى توغرا دىگەن ئۇقۇمىي بىلەن كۈچەپ دەپسەندە قىلماقتا ! نىمە ئۈچۈن دەمسىز ؟ ئۇلار غورورنىڭ ۋە غورورنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش ، بارغانچە داۋان ئاشۇرۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ، تۇنىمىغان تۇرسا ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ نەپسىنىلا توغرا دەپ تۇنىغان تۇرىۋالسا ئۇلار ھەقىقىي رەۋىشتە بولغان ئىنسانىيلىككە قانداقمۇ ياردەمچى يولداش بولالىسۇن ؟
مۇشۇ ۋەج بىلەن ئازراق ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالاي ھە ! سۆزلەپ .
مۇشۇ دىيننى ئۇيۇن قىلىۋالغان ناكەسلەر بىلەن بىرەر سۇرۇندا ، يىغىنچىلىقلاردا بىللە ئولتۇرۇپ قېلىشتىن ئۆزەمنى تارتىدىغان بولۇپ قالدىم . نىمە ئۈچۈن دەمسىز ؟
‹‹ -قارىم ! سىلى كىزىك كېسىلى بولۇپ بىر ساقايغانما ؟ ئەمدى دەيمىنا ، سىلى بەكلا ئۇرۇق  .  - مۇشۇ قارىم تىگى - تىگىدىن ئەجەبمۇ ئاجىز . چوكانچاققا قانداقمۇ كۈچى يىتىدىغاندۇ ؟ ›› - ئۇلارنىڭ ماڭا بىر قارىشىدا دەرۋەقە ئايالىم ۋە 2 - 3 بالام بارلىق ھالىتىم بايان بولىدۇ . بۇنداق گەپنى ئاڭلىغاندا مەن ئازراق بولسىمۇ ئۆزەمنى ئاخلىمىسام بولمايدۇ - دە !
‹‹ مەن تېخى ئۆيلەنمىدىم ! ››
بۇ خىل كىشىلەر مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن بىرەر ئاجىزلىق تەرەپنى ئاڭلاپلا قالسا بولدى  كوچىلاپ ، سۆكىدىغان يەر بولسا سۆكۈپ ، دەرس بىرىدىغان يىرى بولسا دەرىس بىرىپ مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسا مەيلىكى ، بىز ‹ قارىي › لارنىڭ ئەدىپىنى بىر بىرىۋالمىسا ، شۇ ئارقىلىق كۆڭلىنى بىر ئېچىۋالمىسا بولدى قىلمايدۇ .
شۇ خىل ئاجىزلىقلىرىمغا قارىتا تېخى ئۆيلەنمىگەنلىكىمنى بايان قىلمىسام شۇ كۈيۈمچان ‹ ئەركەك › لەر ماڭا ، بولۇپمۇ مېنىڭ ئايالىمغا بەكلا ئىچى ئاغرىغىنى تۇرغانلا گەپ . ئۆيلەنمىدىم دىسەم ئايەت - ھەدىسنىڭ ئۆز نەپسىگە توغرا كېلىدىغان تەرىپىنى سۆزلەپ تولا گەپ قىلىپ يادىتىۋەتكەنلىكىدىن ، شۇنىڭدەك بىللە ئولتۇرۇشتىن يادايدىغان ۋە بەزى يىغىنچىلىقلاردىن ئۆزەمنى تارتىدىغان بولۇپ قالدىم . ئىككى مەسجىدتىكى پىتنىخۇر - تاماشىبىنلاردىن تېنىپ ياخشى بولغان شۇ مەسجىدكە بارساممۇ ، گەرچە مەسجىد ئىچىدە پىتنە - پاراڭ بولمىسىمۇ شۇنىڭدەك سۇرۇنلاردا ئەتەي چېقىۋالاتتى .  چۈنكى جەننەتنى توغرا تۇنۇپ ، توغرا رەۋىشتە يول تۇتۇپ ماڭغانلىق ؛ شۇنىڭدەك ماددى - مەنىۋى جەھەتلەردىكى ئوق - بومبىلارغا ئۆزىنى تۇتۇپ بىرىش - دىگەنلىكمۇ بولىدۇ .
شۇنىڭدەك دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققاندا ئىچ - ئىچىمدىن ‹‹ ئى رەببىم ! ماڭا ئايال بولۇپ سېنىڭ يولۇڭنى داۋان ئېشىشىمغا يولداش  بولالايدىغان بىرەر ئايال زاتى يوقمىدۇ ؟ ›› دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ كېتىمەن ! مەبۇدىم ، ئىلاھىم ئاللاھ كۆڭلۈمگە سالىدۇكى ‹‹ يوق . ھازىر گەرچە بار بولسىمۇ يەنىلا يوق . سەن بۇ خىل ئىنتىلىشتىن قايت ! ››
تۇنۇپ يىتىمەنكى ، مەن ھازىر بەزى بىر ئەركەكلىكىمنى ئايالىم ۋە مەن شۇنىڭدەك نوقۇل بولغان پادىلىرىمغا تۇلۇق رەۋىشتە ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن ۋە ئايالىممۇ ماڭا بۈگۈنكى ئىسلامىي تۇنىشى ئىچىدە  تىگىشلىك رەۋىشتە ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلالمايدىكەن . بولۇپمۇ ماڭا ئايال بولغۇچى مېنىڭ داۋاملىق دىيندا داۋان ئېشىشىمغا يولداش بولالماستىن بېشىمنى ئاغرىتىپ ، دىققىتىمنى چېچىپ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم بىر پەللە ئۆرلىشىمگە توسالغۇ بولىدىكەن . ( ماڭا بۇ يەردىمۇ  يەنە دەرس بىرىپ مۇنداق ئاياللارمۇ بارغۇ ! دەپ جاۋاب بەرمىگەيسىز ! )
ئاللاھ ھەر بىر زاماندا شۇ زامان ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاللىرىغا قارىتا توغرا شەرىئەتنى ، توغرا ئەمەل - ئىبادەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئالدىدا ئاشكارا ئايان قىلدى . ئەمما كىملەركى ئىبادەتتە ئاللاھدىن باشقا شەيئىلەرگە بۇرۇلۇپ كىتىدىكەن ، ( ئىبلىسلار )نىڭ كۆرسەتمىللىرىگە كىرىپ كىتىشى - بۇ ھەقىقەتتۇر ! ئاللاھ ھىچ كىشىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئەمەللەرگە تەكلىپ قىلغىنى يوق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاۋال ئۆزىنى ئاندىن ئۆزىنى نىمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىشى ئاندىن ئەمەللىرىگە قەدەم تاشلىشى كېرەك بولىدۇ . بولمىسا ؛ ئاللاھ چاھارپايلارنى بىكارلا يارىتىپ قويغىنى يوق . بەلكى ئۇلاردىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن ، بىزلەرنى ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە شۇنىڭدەك ھالىمىزنى بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا ئۆزگەرتىشكە شۇ خىل ئىمتىيازنى بىرىش بىلەن تېخىمۇ ئەقىل تېپىشىمىزغا ، ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىمىزنى ، تەبىئىتىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە قىستايدۇ .
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شەھەردە ياشىغاندىن كۆرە يېزا - قىشلاقلارغا كەتسە ، شۇ يەردە دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك قىلسا ئەڭ توغرا ياشاش يولىنى تاپالايتتى . كۆپىنە كىشىلەر تاغقا چىقىپ قوي باقسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولىدىغان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنالايتتى . ئەمما ئۇلار ئەنە شۇ نادانلىقى ، گۇمراھلىقى سەۋەبىدىن بۇ خىل تاللاشنى توغرا تاپمايدۇ بەلكى ، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ مېڭىۋىرىدۇ .
ئەگەر شۇلار ھەقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تۇنىسا ئىدى ، قانخور يىرتقۇچلارنىڭ ، دورامچى مايمۇنلارنىڭ ، قىلمىشىغا ئىگە بولمايدىغان  ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ ، ئەر تاللىماي تۇتۇپ بىرىۋىرىدىغان بېلىقلارنىڭ ............... سۈپىتىدە بولماستىن ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تىگىشلىك ئورنىنى تاپقان بولاتتى .
ھەر بىر شەيئىلەرنىڭ كۈچىيىشىدە شۇ ساھەلەردىكى ئۈلگىلىك ئالدىن قۇربانلىق بەرگۈچى كۆرەشچان ، دائىم ئىنتىلىشچان ، سائادەتمەن قەلىب ئىگىللىرىنىڭ ئالدىن قەدەم تاشلىشى ۋە ئۈنۈملۈك يول ھازىرلىشى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز داۋان ئاشىدۇ . مۇزىكانتلارنىڭ يول باشلىغۇچىللىرى كومپوزىتۇرلاردۇر ! ناخشىچىلارنىڭ شائىرلاردۇر ! گەپدانلارنىڭ ئىتۇتچى ، يۇمۇرچىلاردۇر ! ئەدىبلەرنىڭ يازغۇچىلاردۇر ، مۇتەپەككۇرلاردۇر ، تىلشۇناسلاردۇر ! مۆئىنلەرنىڭ خەلىپىلەردۇر ! ..................... شۇنىڭدەك ھەر خىل ساھەلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ياخشى - يامان باشلامچىللىرى ، يول سالغۇچىللىرى بولىدۇ . كىملەركى قايسى بىر يىتەكچىلەرگە ئەگىشىدىكەن ، ئۇ شۇنىڭ ۋە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر !
ئاللاھ ھەممىنى ھېكمەت بىلەن ياراتتى . ئەمدىكى شۇلارنىڭ قايسىنى تاللاپ يارىلىش ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگىلەرگە قېلىپلاشتۇرۇپ قايسىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشنى تاللاپ مېڭىشىڭىز ئۆزىڭىزدىندۇر . ئاللاھ مەبۇددۇركى ، سىز قايسىنى تاللاپ ماڭسڭىز شۇنى خاس بىر - بىرلىڭىزنى بىر بىرلىرىڭىزگە ئۇچىراشتۇرۇپ مۇلاقات قىلىپ بىرىشتۇر !
ئەھال شۇنىڭدەك بولدى . سىز كىم ؟ سىز نىمىلەرنى قىلالايسىز ؟ ئەمدى نىمىلەرنى قىلماقچى ؟ سىز ئۆزىڭىزنى تۇنۇمسىز ؟ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلەلەمسىز ؟ ھەق قايسى ناھەقچۇ ؟ ئايرىيالامسىز !
مانا بۇلار ھەر بىر ‹‹ ئەركەك ›› دەپ تۇنىۋاتقان ۋە شۇ خىل ‹‹ ئەركەك ›› لىكىنى نامايەندە قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك بولغان ئالدىنقى قەدىمىدۇر ! بۇنىڭسىز كىملەركى داۋان ئاشىمەن دەيدىكەن ، ھەقىقەتەن كېلەچەكتە قاتتىق پۇشايمانغا قالىدۇ !
ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ . ئىشەنمەيدىغانلار بولسا ئۆزىنىڭ ئۇيىنىنى ئوينايدۇ - گەپ تامام !

بىر قالماق ئېيتتى : - پالانى ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ ! چۈنكى ئۇ ئاتا - ئانىسىنى بەكلا قاخشاتقان .
بۇنى ئاڭلىغان بىر مۇسۇلمان ئېيتتىكى : سەن خۇدامىتىڭ ؟ ئۇنىڭ قانداق كۈن كۆرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىكىتىدىغان ياكى ئالدىن بىلەلەيدىغان !
قالماق ئېيتتىكى : سەن ئۇنداق دىمە ! بۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان بىر قانۇنىيەت . يامان ئىشنى قىلغۇچى تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ !
- ماڭغىنەۋە ، ھەممىنى خۇدايىم بىلىدۇ - دىيىش بىلەن مۇسۇلمان ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى !
كىمكى يېلەڭ ھالدا قەھرىتاندا سىرتقا چىقىدىكەن ۋە ئۇزۇن تۇرۇپ كىتىدىكەن ، ئاخىرەت قانداق بولىدۇ ؟
كىملەركى ئاچ يۈرىۋىرىدىكەن ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ ؟
كىملەركى ............................ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ ؟
قىيامەت دىگەن پەقەت مەھشەر كۈنىلا ئەمەس بەلكى مۇشۇ دۇنيادىمۇ ئاخىرقى ھېسابنى قىلىدىغان كۈن ھەم قىيامەتتۇر !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221155
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11542 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 12:49:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

كۆڭلۈم دولقۇنلۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4553
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6442
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 5056 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 01:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدىمۇ((يېرىم ئەركەك)) دەيدىغان گەپ بار ھەي تورداشلار...!
ئەركەك دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نىمە؟ۋەھالەنكى ئەر كىشىنىڭ ھەممىسى ئەركەك،ناچارلىرى يېرىم ئەركەك ھىسابلىنامدا؟ياق ئۇنداق ئەمەس،مەن ئەركەك دىگەنگە ئەركەك بوپ قالىدىغان ئىش بارما؟
ئەركەك دىگەن ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇپ قالمىغان،ئۆزىگە،ئۇرۇق تۇققان،قەۋم قېرىنداشلىرىغا ئىگە بولالايدىغىن،..چۈشەندۈرپ ئولتۇرسام ئۇزۇن گەپ چىقىپ كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ،ئىشقىلىپ ماۋۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسىغا مەن قەتئىي نارازى،قايىل بولمايمەن،لىكىن شىئېر ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق يېزىلغان....

قەدرىمىز ئۆتەلگەندە بىز يوق!

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 01:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئەمىيەتلىك ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا ۋە ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .رەخمەت قېرىندىشىم ...!
تىمىڭىزدا ھەقىقەتەن جەمىيەتتىكى ھەقىقى ۋە چىن ۋەقەلىك ئەكىس ئىتىپتۇ .ھەممىمىز ئويلىنىش بىلەن بىرگە ئىشنى ئۈزىمىزدىن ۋە يېنىمىزدىكى يېقىنلىرمىدىن باشلايلى ...جەمىيەت تەرەققى قىلسا قىلسۇنكى بىز ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى يوقاتمايلى ...

مانا مۇنىڭدەك تەربىيىۋى ئەمىيىتى  ،ئادەم بولىشنى ،قانداق ياشاشنى ئۈگىتىدىغان تىمىلاغا  كىرىپ  ئنكاس يېزىپ ئۆز قەلبىدىكىنى سۆزلەپ باقىدىغان قىزلاردىن بىرەسىمۇ كىرمەپتۇ ؟
قارغاندا قىزلانى جەلىپ قىلىدىغىنى تىمىسى مۇھەببەت ۋە ئېچىنىشلىق مۇھەببەت تېراگىدىيىسى بولغان تىمىلا ئوخشايدۇ ،،مۇشۇ ئەمىيەتلىك تىمىلا بىلەن بەزى بىر تىمىلاغا قاراپ شۇنداق دىگۇم كىلىدۇ...سىلەر..............!

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ۋەتەن  دىگەن  س

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 01:29:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەتzaparبىلەن2011-06-04 11:15 AMيوللانغان :
راسىت گەپ قىلسام مۇشۇنداق تېملاردىن بىزار بولدۇم.بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزەمگە ئېلىپ كەتكىنىم ئەمەس. مۇشۇنداق ئەرلەرنى-ئاياللارنى سۆكۈپ يۈرۈپ نىمىگەئىرشىمىز.يەنە شۇ گەپ بىز ئېھتىمال دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بىراق ئائىلىدىكىلەرنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلىساق، چوقۇم تۈزىلىپ كىتىدۇ. بۇنداق تىز ئۈمىدسىزلىنىپ كەتسەك بولمايدۇ، ئۈمۇد سىزلىك شەيتاندىن.

ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.

ئادەمگە بىلىم كى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 3570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162087
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 7732 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 03:58:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم ئىشنى ئۈزىدىن باشلىسا، ئىغىزدىلا دەپ قويماي ئەمىلىيىتدىمۇ ئەمەل قىلالسا بۇنداق ئىشلار تۈزلىشى مۇمكىن. لىكىن سۈكۈش بىلەن ئىش پۇتمەيدۇ.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 04:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ، ھەربىرىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك تىما يوللاپسىز .ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالىسىلا ، جەمىيىتىمىز ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ . ئائىلىنى ئۆزگەرتكەنلىك ، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكەنلىك .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش