مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 5

«ئوغۇزنامە» ھەققىدە مۇشائىرە خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 09:22:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



«ئوغۇزنامە» ھەققىدە مۇشائىرە خاتىرىسى

تارئۇرۇم:
ھوزۇرلۇق چۈشكە مەھكۇممەن قەلب كۈي ئىختىيارىدىن،
ۋوجۇت مۈلكۈمدە گەۋھەرچە ئاگاھلىق تىلتۇمارىدىن.
نازى:
ئۇدۇم شەۋقى بەنت ئەيلەپ تامامى ئىشتىياقىمنى،
قىلىچ،قالقان،«جىدا»، يالمان تۇتۇپ مەۋھۇم قۇرالىدىن.
تائۇرۇم:
ئانا«ئايخان» تەۋەللۇدتا...چۈشۈپ بىر «ئۇد» سۈپەت ئوغلان،
زىمىن كۈلدى، قەۋم كۈلدى بۇ ھامىي ئىپتىخارىدىن.
نازى:
ئۆڭى كۆك ھەم قارا ساچى،لېۋى ئاتەش،كۆزى ھالرەڭ،
ئانا كۈلدى تەخت ئۆزرە  قۇچاقلاپ ئەتىۋارىدىن.
تارئۇرۇم:
ئاتار ئوقيا، سالار سالما، ئۇچارغا دۇلدۇلى تەييار،
بىلىنگەي تاغ يۇلار بىر كۈچ يىگىتلىك نەۋقىرانىدىن.
نازى:
بېلىنى ئەل ئۈچۈن باغلاپ، زۇلۇمنى قەھرىدە تىلغاپ،
تالاپەتتىن خالاس ئەتتى «قىئات»نىڭ جان قىيارىدىن.
تارئۇرۇم:
ئايال زاتى تەخت ئۆزرە ئىدى ئالتە ئىرا ئىلگىر،
ئىمىشنى رەت قىلىپ ئوغلان؛سوراركى غەمگۈزارىدىن:
نازى:
«سۈتۈڭنىڭ ھۆرمىتىدىنكىم «ئوغۇز» ئاتلىق بولاي ئوغلان،
قەۋمنى «تۇر»غۇزاي دەيمەن، «ئىران»نىڭ شەر-مىسارىدىن».
تارئۇرۇم:
بىرى «ئۇيسۇن»، بىرى «يۇن»دىن ئېلىپ ئىككى ۋاپادارنى،
نىيەت مەخسەتتە جەمئىيلىك مۇھەببەت ئىشتىياقىدىن.
نازى:
سىناپ خوشنا ۋاپاسىنى، تۇتار دەپ بۇرچ ئاداسىنى،
يېزىپ ‹مەكتۇپ› بايانىنى، ‹جاكار› ئول ئىمتىھانىدىن.
تارئۇرۇم:
شەھەر،قەلئەلىرى ھەيۋەت «ئۇرۇم»(«يۇن»)دا بويۇنتاۋلىق،
شىرەملەرگە كۆتۈردى تىغ جېدەلخورلۇق خۇمارىدىن.
نازى:
ياشايدۇ پاسىلى ئايرىم، بۇ شىرلار ھۆكىرەپ ھەريان،
ھاياتنىڭ رەڭ جۇلاسىدا قالار ئۆز ئىتىبارىدىن.
تارئۇرۇم:
كۆنەلگە-«قور»-ئويۇتتۇرماق؛ ئوغۇز لەۋھەسىدە بۆرە،
ئەجەپ ھۇۋلايدۇ «خۇزقور»دەپ؛ «قور»ى-بىرلىك ئۇدارىدىن.
نازى:
توتېم «ئۇد» خوشلىشار يىغلاپ، يېتەكلەر بۆرىلەر ھوۋلاپ،
«ئاتاساغۇن»(ئوغۇز) توۋلاپ؛ «تۇران» ئۆملۈك شۇئارىدىن.
تارئۇرۇم:
رەقىپلەر رەشكىنى چەيلەپ،«ئۇرۇم»،«ئالتۇن»نى جەم ئەيلەپ،
قېرىنداشلار كۆزن نەملەپ قۇچاقلاشتى پىغانىدىن.
نازى:
كىرچ تارتىلسا يا بىرلە، ئوقى ئۇچقاي نىشان بىرلە،
چۈشۈمدە چال ئايان بىرلە، سۆزى ھېكمەت بايانىدىن.
تارئۇرۇم:
ئېلىپ نامى-ئەمەللەردىن؛ بىرى «قانقا»، بىرى «ساقلاپ»،
بىرى «قاغۇز»، بىرى «قاغۇل» ھۈنەرلىك «ئۇز» كامالىدىن.
نازى:
سۈيۈمدە ئاققىنى «ئوغۇز»، ئوتۇمدا كۆيگىنى «ئوغۇز»،
دىلىدىن سۆيگىنى «ئوغۇز»، ساناپكىم غەمگۇزارىدىن.
تارئۇرۇم:
ياراشتى جۈرى- جەمئىيلىك تۈگەل ئول يىلتىزى بىرلىك،
ئىشارەت-بەلگىسى «ئىم»لىك... ئۈزۈلمەس رشت تانابىدىن.



مەنبە: مەن ۋە نازى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 10:52:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى نازى ئۇ، مۇشۇ مۇنبەردە بارما؟ بولسا ئىنكاس شەكىلدە بىر مۇنازىرە قۇرساڭلار بوپتىكەن [s:206]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 01:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت1قەۋەتئاھۇبىلەن2011-06-03 10:52 AMيوللانغان :
قايسى نازى ئۇ، مۇشۇ مۇنبەردە بارما؟ بولسا ئىنكاس شەكىلدە بىر مۇنازىرە قۇرساڭلار بوپتىكەن [s:206]  
ئەينى مۇددىئا ... مۇنبەردە بار بولسا چاقىرىڭە ... نەق مەيدان ماھارىتىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى .ھى ھى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12371
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32609
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4441 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 11:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ پاساھەت بىلەن ئىشلىتىلگەن تىللاردىن ئوغۇزخاننىڭ قىياپىتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 11:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى مۇشائىرە دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ.نازى  غۇ  شائىر ساجىدە سۇلايمان شۇ....
ماۋۇ تار ئۇرۇم  كىم بولغيدى .ئەكىلىڭا  بۇرادەر قۇلىڭزنى  بىر كۈرۈشۈپ قۇيايلى[s:173]

0998ۋارىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 12:38:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ‹ۋارىس›

  مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر ئادەم خالاس... ئەمما، ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىدىن ھوزۇرلىنىش ھەممىمىزنىڭ ئىشتىياقى... بىز مانا مۇشۇ تەقەززادا مۇشائىرىنى باشلىۋەتكەن...
  مۇشائىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى  تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئەللىك پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان بولسا، بىز شۇنىڭدىن كۆپ خۇرسەن...

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش