مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 592|ئىنكاس: 9

بىزگە قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3731
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5941
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 785 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 02:40:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە قايسى خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېرك؟
                        قايسى كەسىپنى تاللىشىمىز كېرەك؟
ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە كەسىپ تاللاش بولسا ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىنلا يولىقىدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر سىز ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىڭىز بۇ بىر ناھايىتى ئاددى ئىش. يەنى ئۆزىڭىز ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپنى ۋە ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تولدۇرسىڭىزلا كۇپايە. پەقەت تىرىشىپ ئۆگەنگەن ، ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىڭىزلا چاقىرىق كېلىۋېرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەقىقەتەن جۇڭگودىكى ئەڭ ئادىل ئىمتىھان. سۇئال تەكشۈرۈشمۇ ئىنتايىن ئادىل، توغرا يازغان بولسىڭىز توغرا قىلىدۇ، خاتا يازغان بولسىڭىز خاتا قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئۆلچەملىك جاۋاب كېلىدۇ. شۇ چاغدا جاۋابلىرىڭىزنى سېلىشتۇرسىڭىزلا قانچە نۇمۇر ئالالايدىغىنىڭىزنى ئاساسەن بىلەلەيسىز.
بىراق ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىمتىھاننى ئۇ دەرىجىدە ياخشى بېرەلىشى ناتايىن. ناۋادا سىز ئىمتىھاننى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگەن بولسىڭىز يەنىلا ئەنسىرشىڭىزنىڭ لازىمى يوق. چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولدىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش- قەتئىي ئوقۇش ئىرادىسى بار ئادەمگە نىسبەتەن بەرىبىر. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئادەم بولسىڭىز مەيلى چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇڭ مەيلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇڭ بەرىبىر دەۋىرداشلىرىڭىز ئالدىدا ئۈزۈپ چىقالايسىز. شۇڭا ئىمتىھان نەتىنجىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىسىمۇ ئانچە ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەڭ!ھەرقانداق ئادەمنى ھامان بىر تەغدىر كۈتۈپ تۇرىدۇ.
مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر بارلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى بالىلار تەبىئى پەندە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنى تاللاپتۇ. بەزىلىرى ئۆزى قىززىقمىغان باشقىلارنىڭ« كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ئاسان كەسىپ »دېگەن گەپلىرى بويچىلا قىززىقمايدىغان كەسىپلەرنىمۇ تاللاپتۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بويچە ئۆزى خالىمىغان كەسىپلەرنى تاللاپتۇ. يەنە بەزىلىرى شەھەرنى دەپلا كەسىپلىرى كام ھەم ياخشى ئەمەس ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاپتۇ. . . ئومۇمەن ئۆز ئارزۇسى ۋە ئۆز قىززىقىشى بويچە ئارزۇ تولدۇرغانلار بەك ئاز سالماقنى ئىگلەيدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىڭىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئاياغلاشتى. بۇ 12 يىلدا سىز ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىۋېلىشنى مەقسەد قىلىپ ئۆگىنىش قىلغان بولسىڭىز ئەمدى ھازىردىن باشلاپ جان بېقىش ۋە باشقا ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ ئۆگىنىش قىلىسىز. سىزنىڭ بۇ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى سىز كەلگۈسىدە شۇغۇنلىندىغان كەسىپتە قانچىلىك نەتىجە قازىنالىغانلىقىڭىز ئارقىلىق بەلگىلىندۇ. سىزنىڭ كەسىپتە نەتىنجە قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقىڭىز سىزنىڭ شۇ كەسپىڭىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىڭىز، كەسپىڭىزگە قانچىلىك قىززىقىدىغانلىقىڭىز، ئالىي مەكتەپتە كەسپىڭىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىگەنلىگەنلىكىڭىز ئارقىلىق بەلگىلىندۇ. ئالىي مەكتەپتە تاللىغان كەسپىڭىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كەسىپ تاللاشتا يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن ئېتىشقان بۇلۇپ قالىسىز. ئارزۇ تولدۇرۇش سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىڭزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىڭلار لازىم.
ئەگەر قىززىقىش بولمىسا ھىچقانداق كەسىپنى ياخشى ئىگىلىيەلمەيسىز. قىززىقمايدىغان نەرسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سىز باشقىلارغا باققاندا تېخىمۇ كۆپ جاپالارنى چېكىشىڭىز، ئورۇنسىز قىيىنچىلىقلارنى تارتىشىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا چۇشلۇق نەتىنجە قازىنالمسلىقلارغا كۆنەلىشىڭىز، تۇرمىشىڭىزنى غەم-قايغۇ بىلەن ئۆتكۈزىشكە كۆنۈپ كېتىشىڭىز، دائىم ئىچىڭىز ئاچچىق يۈرگەچكە مىجەزىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ دوستلىرىڭىزنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە چىدىشىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ جەمىئەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلىشىڭىز، شۇنچە جاپالارنى تارتقانغا چۇشلۇق كەلگۈسىدە تۈزۈك خىزمەتمۇ تاپالمىغاندا يەيدىغان پۇشايمانغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ قويىشىڭىز كېرەك!شۇڭا سىزگە كەسىپ تاللاشتا بېرىدىغان بىرىنچى مەسلىھەتىم ئېزىپ-تېزىپ ھەرگىز قىززىقمايدىغان كەسىپنى تاللاپ سالماڭ!قىززىقمىغان كەسىپنى تاللاپ ئۆمرىڭىزنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە مەكتەپتە ئوقۇماي باشقا ئىش قىلغان ئەۋزەل!ئەگەر ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى بىرەر قىززىقمايدىغان كەسىپنى تاللاشقا زورلىسا ئۇلارغا يۇقارقىلارنى چۈشەندۈرۈڭلار!ھېچقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلمايدۇ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئازابلارغا ئۇچىرشىنى كۆرۇشنى خالىمايدۇ!
ناۋادا سىز ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تاللىسىڭىز ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ!ئازراقلا ئۆگىنىش قىلسىڭىز ھەسسىلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز. ھېچقانداق قىيىنچىلىق ھېس قىلمايسىز. قانچە ئۆگەنگەنسىرى يەنە شۇنچە ئۆگەنگىڭىز كېلىدۇ، كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارادا پەيدا بولغان يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن چەتئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىپ كېتىسىز. ئېرىشكەن مۇۋەپپىيەتلىرىڭىز بىلەن تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ رەڭگارەڭلىشىپ دوستلىرىڭىزمۇ كۆپىيىپ كۈنلىرىڭىز بەخىت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىڭىزمۇ ئېرىشكەنلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىدۇ. كەلگۈسىدە كەسپىڭىزدە ئاجايىپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيسىز. بىز ھازىرغىچە بىلىدىغان مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزى قىززىقىدىغان كەسىپلەرنى تاللاپ شۇ خىل كەسىپلەر بىلەن ئۇتۇققا قازانغانلاردۇر. ھېچكىممۇ باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزى قىززىقمايدىغان كەسىپ بىلەن زورمۇزور شۇغۇنلىنىپ تۇرۇپ ئۇتتۇققا قازانغان ئەمەس!چۈنكى قىززىقىش سىزنىڭ پوزىتسىيەرىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل. پوزىتسىيە بولسا ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ!ئەمدى سىلەرگە بېرىدىغان بىر مەسلىھەتىم سىزگە تەبئىي پەنگە نىسبەتەن ئازراقلا قىززىقىش بولسا چوقۇم تەبئىي پەننى تاللاڭ!
بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر رايۇننىڭ تەرەققىي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ ئېغىر سانائىتىنىڭ تەررەققىياتى بەلگىلەيدۇ. ئاكا-ئۇكا موسابايوفلارنىڭ زاۋۇتى يوقالغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان 100 يىللار مابەينىدە بىز ئۇيغۇرلاردا ئېغىر سانائەت بولۇپ باقمىدى. بىز قاچانلىققا تەرەققىي قىلىمىز؟جاۋاب شۇكى بىزدىمۇ يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئىلم-پەننى سۆيىدىغان ئادەت، ئۇلاردىكىدەك نۇرغۇن نوبىل مۇكاپىتىنىڭ ئېرىشكۈچىلىرى، ئۇلاردىكىدەك ئېغىر سانائەت ۋە تەبئىي پەن سانائەتلىرى، تەبئىي پەن ئالىملىرى بارلىققا كەلگەندىلا ئاندىن تەرەققى قىلالايمىز. تەبىئىي پەن جاھاننىڭ نەرىدە بولسا شۇ جاي تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ تارىختىن بۇيان ئىسپاتلانغان قانۇنىيەت. مەسىلەن 14-ئەسىردىن ئىلگىرى تەبئىي پەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەرەققىي قىلغان، زىمىنىمىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئۆمەر ھەييام، ئىبىن سىنا، فارابى، ئۇلۇغبەگ، ئەل خارازىمى، بىرۇنى، جامالىدىن، تۇسى، ئەسلىدىن، پەھىردىن، سەدىردىن، ئەختەرىدىن. . . . قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەندە تەڭ يېتىشكەن ئاستىرنوم، ماتىماتىك، قۇرلۇش ئىنژىنېرلىرى. . . چىققان. ئەينى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان جايى ھېسابلانغان. كېيىنچە تەبئىي پەن ياۋرۇپادا تەرەققىي قىلدى. نىيۇتون، گالىلىي، برونو، پاسكال. . . قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە غەرىب دۇنياسى تىز تەرەققى قىلىپ دۇنيانى كونترول قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ غەرىب دۇنياسىدا ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ۋات، ئېينىشتىيىن، ئىدىسون، فارادىي. . . قاتارلىق تەبىئي پەن ئالىملىرى بارلىققا كەلدى. تا ھازىرغىچە تەبئىي پەننىڭ كۈچى بىلەن غەرىب دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ خوجىسى بۇلۇپ كەلمەكتە. گەرچە ئىجتىمائىي پەنمۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، ئۇ جەمىئيەتكە تەبئىي پەندەك زور تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئالىمىمىز ئابدۈشكۈرمۇھەممەتئىمىن «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» دېگەن ئەسىرىدە ئېچىنغان ھالدا ئۇلۇغبەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى 400 يىل مابەينىدە بىز ئۇيغۇرلاردىن تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك، بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىكلىرىمىز چىقىپ باقمىدى. بېكار كۈنلىرىمىز توخۇ سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرۇپ، . . مەسچىدلەردە ئۇزاقتىن-ئۇزاققا سوزۇلغان قىرائەتنى ئاڭلاشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. . . . . . . . . . . . . . . . . دېگەن. گەرچە ئۇلۇغبەگنىڭ ۋاپادىن كېيىنمۇ، ئەلشىر نەۋائىي، خاندەمىر، بابۇر، ئاماننىساخان، سەككاكى، زەلىلى، بىلال نازىمى. . . قاتارلىق شائىر، تارىخچىلىرىمىز چىققان بولسىمۇ، بىراق جەمىيتىمىز دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قېلىۋەردى. چۈنكى تەبىئي پەن بىزدىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئىدى.
مەنمۇ ئىلگىرى ئاشۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىدىن تەبئىي پەننى تاللىغان ئىدىم. سىز ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز، سىزنىڭ ھازىرقى ئارزۇيىڭىز ھەرگىزمۇ بىر كىشلىك ئاددىي خىزمەت تېپىپ 20~30 يىل شۇ يەردە ئىشلەپ پىنسىيەگە چىقىپ كېتىش بولماسلىقى كېرەك!ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدىڭىز دېگەنلىك ئىلىم-پەن ئارقىلىق يۇرتىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللىدىڭىز دېگەنلىك، يەنى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ۋەزىپىسى سىزنىڭ زىممىڭىزگە يۈكلەندى دېگەنلىك. شۇڭا زىمىنىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يۈكسەك نىشان تۇرغۇزىشىڭىز، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ دۇنيادا پەيدا بۇلىۋاتقان ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكىلارنى ئىگىلىشىڭىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بولدى قىلماستىن كەسپىڭىزدە دوكتۇر، ئاسپىرانىت بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭىز، زىمىنىمزدا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرشىڭىز، نۇرغۇن پەن-تېخنىكا شىركەتلەرنى قۇرۇپ دېرىكتور بولۇپ ياشىشىڭىز!مىللىتىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنى دۇنياغا تونۇتىشىڭىز!باشقا مىللەتلەرنى باشقا رايۇنلارنى بىزگە مەسلىگى كېلىدىغان بىزدەك تەرەققىي قىلغۇسى كېلىدىغان قىلىشىڭىز كېرەك!زىممىڭىزدە مانا مۇشۇنداق زور ۋەزىپە بار!ھەمدە سىزدىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلغۇدەك كۈچ-قۇدرەت بار!سىز تەبىئىي پەننى تاللىغاندا ئەتىراپىڭىزدا چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە بۇ كەسىپنى تاللىماسلىقنى ، بۇ كەسىپنىڭ ناھايىتى تەسلىگىنى دېيىشىدۇ. بىلىپ يېتىڭكى بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر سىزگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. تەسكەن دەپ قىيىنچىلىقتىن قېچىش ھەقىقەتەن بىر قورقۇنچاقلىق. ھەقىقەتەن زور بىر نومۇس. سىزدە قىيىنچىلىققا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ تۇردىغان، قىيىنچىلققا يۇلۇققاندا مىيقىڭىزدا كۈلەلەيدىغان روھ ئىرادە بۇلۇش كېرەك!
ئەگەر سىزدە تەبئىي پەنگە ئازراقلا قىززىقىش بولسا چوقۇم تەبئىي پەن ياكى سانائەت پەنلىرىنى تاللاڭ!ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىق تەبئىي پەن ئالىملىرىمىز بىزگە تەبئىي پەن ئۆگىنەلىشىمىزنىڭ ئۈمۈد چىرىغىنى يېقىپ بەردى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭە قۇرلىشى، بەدەن تۈزلىشلىرىمىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا خېلىلا تەرەققىي قىلغان، بىز باشقىلار ئۆگىنەلىگەن نەرسىنى چوقۇم ئۆگىنەلەيمىز.
مەنبە : ئوكيان تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
moghal + 200 ئەھمىيەتلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116075
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6786 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 05:07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنداق قارايمەن . دۇنيانىڭ كەلگۈسى ، ئۇزۇق بىلەن كېسەل داۋالاش يەنى ئوزۇقشۇناسلىققا بەكمۇ ئىھتىياجلىق دەپ قارايمەن . مۇشۇنداق كەسىپلەر بولسا تاللاپ ئوقۇسا دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى جىق بولۇدۇ بۇنىڭدىن كېيىن.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ozung  bilgan  yolni atang

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19333
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1244
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5836 سائەت
تىزىم: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 10:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن جەنۇپتىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مەكتەپ تەشۋىقاتى ئۈچۈن بارىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا  بىزدە ئەڭ قىزىق كەسىپ دەپ قارالغانلىرى: پىداگوگىكا كەسىپلىرى، تىبابەت كەسىپلىرى ، ساقچىلىق كەسىپلىرى ۋە تىل كەسىپلىرى. ئۇندىن باشقا كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن نەزىرىنى سېلىپ قويمايدۇ، بولۇپمۇ سانائەت كەسىپلىرىنى تاللايدىغانلار بەكمۇ ئاز، ئۇلارنىڭ جاۋابى : بۇ يەردە سانائەت كارخانىلىرى يوق، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق ئەمەس.
  سانائەت، ئىقتىسات كەسىپلىرى نۆۋەتتە بىزدىكى ئەڭ ئاجىز كەسىپلەر، بولۇپمۇ سانائەت كەسىپلىرى شۇنداق.
دۆلەتنىڭ شىنجاڭ يىغىنى › دىن كېيىن شىنجاڭدا قەشقەر، قورغاس قاتارلىق ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلىرى قۇرىلىۋاتىدۇ، بۇ  يەرلەرگە كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان سانائەت ، ئىقتىسات كەسىپ ئىگىلىرى لازىم بولىدۇ، شۇڭا كەسىپ تاللىغاندا بىر  نەچچە كەسىپكىلا سىغدىلىپ كىرىۋالماسلىق كېرەك.

ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8295
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12779 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:02:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كەسىپنى ياخشى تاللىمىغاننىڭ زىيىنىنى ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتىمەن،ئەدۇۋكات،دوختۇرلۇق،مالىيە خىزمىتى بىلەن شوغۇللۇنۇش مىنىڭ سەبى چاغدىكى ئارزۇلۇرۇم ئىدى،لېكىن ماشىنسازلىق كەسپىدە ئوقۇپ ئۆزەم قىزىقمايدىغان كەسپنى قىلىۋاتىمەن ھازىر،اللە خالىسا 2پەرزەنتىمنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرۈدۈغان كەسپلەردە ئوقۇتۇش   خىيىلىم با.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:03:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(moghal) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سىزنىڭ دېگىنىڭىزدە بىزنىڭ ساۋاقداشلىرىمىز قاراماي نېفىتچىلىك دەپ مۇناسىۋىتى زىچ كەسىپنى تاللىغان، ئاخىرسىدا «ئۆزىمىزنىڭ قاراماي نوپۇسىدىكى بالىلاردىن باشقىلارنى ئىشقا ئالمايمىز»دېگەن شوئارنى دۈمبىسى بىلەن توسىۋېلىپ،قاراماي تۇرۇپ تۇرسۇن شىنجاڭغا كېلىپمۇ باقمىغان پىدائىيلىرىمىزدىن ئاپتۇ،ھېلىقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى قايتىپ كېلىپ ئىشچىلىققا ئىمتىھان بەرسە، بەزىلىرى كۇرس ئېچىپ دېگەندەك،ئارىسىدىكى .ەڭ ياخشى ئوقۇغىنى خېلى ۋاقلارغىچە ئىشسىز يۈردىمىكى، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئوقۇغىنىغا چۇشلۇق ئېرىشەلمىدى.
شۇڭا باشقىلارنىڭ خىيالىنىمۇ خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، تۈركلەردە «كەلگۈسىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالماس»دېگەن بىر گەپ باركەن. ئەمما ئۇيغۇرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە «كەلگۈسىنى ئويلىمىغان قەھرىمان بولالماس» دېسەك خاتا كەتمەيدۇ. چۈنكى... ... ... ۋاي بولدى قىلاي ھە  [s:204]

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

قەدىرلە قەدرىڭن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40288
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 780
تۆھپە نۇمۇرى: 8
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچىدىن ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللاش ،ئىككىنچىدىن بۇ كەسىپنى تاللىسام كىيىن خىزمەت تاپالامدىن دىگەننى ئويلىغان ئاساستا كەسىپ تاللاش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18751
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3336
تۆھپە نۇمۇرى: 225
توردا: 7534 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 11:34:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچەھازىرقى دەۋىردە  بىزگە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقالايدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپرەك كېرەك .

چوڭ بولغانسىرى ئاشۇ غەمسىز بالىلىقىمنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم دىسە !

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11033
تۆھپە نۇمۇرى: 331
توردا: 7428 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 01:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق  بۇلىشىدىن  قەتتئى     ئالدى  بىلەن قىزىقىش  ئاساس  ،ئۇندىن  قالسا  تىرىشىش  
ئەگەردە  ئىدىيىڭىزدە  مىللىتىم  ئۈچۈن  ئازىراق  ئىش  قىلاي  دىسىڭىز    تەبئى  پەن  كەسىپلىرىنى
تاللغان  ياخشى ،   بىزگە  بەكرەك  لازىمى تەبئى  پەن  كەسىپلىرىدىكى  ئىنجىنىر  دوكتورلار .......

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

قەدىرلەيمەن قەد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1445
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6391
تۆھپە نۇمۇرى: 273
توردا: 2307 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 08:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپنى تاللىسا دەيمەن ....
مانا ئۈچ يىل بوپتۇ ،  ئىمتىھاننى مەن بەرسەم ، ئارزۇنى ئۆزۈمنى تاللىغىنى قويماي ،ئۆيدىكىلەرنىڭ  ئارزۇسى بويىنچە ئوقۇدۇم .... [s:203] [s:203] [s:203]
قىزىقىش بولمىسا مىڭ تىرىشقان بىلەنمۇ  كۆڭۈلدىكىدەك  نەتىجىگە  ئىرىشىشى تەس ئىكەن [s:203] [s:203] [s:203]
ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بىرىپ ،تەبئىي پەن كەسىپىدە ئوقۇدۇم .....[s:219][s:219][s:219]

ھەرقانداق بىر ئادەم سېنىڭ يىغلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ ، سېنىڭ يىغلىشىڭغا ئەرزىيدىغان ئادەم سېنى ھەرگىز يىغلاتمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42862
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2011-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 10:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاخىرقى بىر ئابزاستىكى بىر ئىسىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن.
« ئاكا-ئۇكا ماسابايوفلارنىڭ  زاۋۇتى يوقالغاندىن  تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 100 يىللار مابەينىدە  ئۇيغۇرلاردا ئېغىر سانائەت بولۇپ باقمىدى. بىز قاچانلىققا تەرەققى قىلىمىز؟؟؟؟؟؟...........................نادان قېرىندىشىم ! لېكىن سوئالنىڭ قويۇلىشى توغرا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش