مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1633|ئىنكاس: 15

2011 – يىل _ ئۇيغۇر بلوگ يىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2351
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27669
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، بۇ يىل ( 2011 – يىل ) ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر.
بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ خۇسۇسىي تور نەشىر قۇرالى ئەڭ دەسلەپ 1997 – يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، 2002 – يىلى جۇڭگوغا كىرگەن، 2005 – يىلىغا كەلگەندە مودا بولۇشقا باشلىغان. بلوگ ئۇقۇمى ئۇيغۇرلاردىمۇ 2005 – يىلىدىلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى 2008 – يىلىغا كەلگەندە رەسمىي باش كۆتۈرگەن بولۇپ، تازا تەرەققىي قىلىش پەيتىدە 2009  – يىلى 7 – ئايدا بارلىق بلوگگىر ( Blogger ) لار ‹‹ يىللىق دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن. 2010 – يىلى 5 – ئايدا ھەممەيلەننىڭ دەم ئېلىشى توشۇپ ، كونا – يېڭى بلوگگىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قايتىدىن بلوگچىلىققا كىرىشكەن.
ئەلقىسە ، دىيارىمىزنىڭ تور سىمى قايتىدىن خەلقئارالىق تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىمۇ  زىمىستان قىشتىن كېيىنكى باھاردەك ئويغىنىش، ياشناش، بەستە – بەستە گۈللەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ‹‹ 2010 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەندى. 2011 – يىلى 3 – ئاي ‹‹ ئىككى يىغىن ›› پەيتىدە، شۇجى جاڭ چۈنشىيەننىڭ مىكروبلوگ ئېچىشى ۋە تورداشلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، تورداشلارنىڭ پىكىر – ئىنكاسلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىشى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ دىققەتنى بىردىنلا بلوگچىلىققا قارىتىشىغا بىۋاسىتە ئىلھام بولدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ‹‹ بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› پروگراممىسىنى ئىشلىدى، پەن ۋە تۇرمۇش پروگراممىسىمۇ ئالىم مۇئەللىم، بايراقدار بلوگگىر تەدبىركار ئەپەندىنى ۋە شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ  بلوگ ۋە ئۇنى ئىشلىتىش توغرىسىدا زىيارەت فىلىمى ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسمۇ يەكشەنبىلىك سۆھبەت پروگىراممىسىدا ئالىم ئەھەت، قىسمەت ئەپەندى ۋە كەمىنە يۈكسەلنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹ رادىئو دولقۇنلىرىدا بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› ئاڭلاتتى. ئارقىدىنلا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىمۇ پېقىر يۈكسەل ۋە تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئىشتراكلىقىدا بلوگ ھەققىدە زىيارەت سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. گېزىت – ژۇرناللىرىمىزدا بلوگ ( Blog ) دېگەن بۇ ئاتالما كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
دۇنيا بلوگچىلىق تارىخىنى بىخلىنىش دەۋرى ( 90 – يىللار )، باشلانغۇچ تەرەققىيات دەۋرى ( 2000 -  2006 )، يۈكسىلىش دەۋرى ( 2006 – يىلىدىن ھازىرغىچە )  دېگەندەك 3 دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى باشقىلار 10 يىللاپ سەرپ قىلىپ تاماملىغان ئاۋالقى 2 باسقۇچنى تېز سۈرئەتتە ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شۇ تاپتا يۈكسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى بولغان ‹‹ ئۇز بلوگ ئۇلىنىشلىرى ›› غا قوشۇلغان مەزمۇنى رەڭدار، ئۆزى جەلبكار ، بىر – بىرىدىن ئۇز بولغان  يۈزدىن ئارتۇق بلوگنى كۆرسىتىمىز. بۇ بلوگلارنىڭ ئىچىدە تور دۇنياسىدا بەلگىلىك نوپۇز ۋە تەسىرگە ئىگە بلوگلار 20 ئەتراپىدا بولۇپ، مەزمۇنى ئىزچىل يېڭىلىنىۋاتقان ، سۈپىتى يۇقىرى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان بلوگلار 50 دىن ئاشىدۇ. ‹‹ ياخشى تورى ›› ستاتىستېكىلىغان ئۇيغۇرلاردىكى 100 چوڭ تور بېكەتنىڭ ئىچىدە تورخۇمار، يۈكسەل ، 80 خالتا ، ئىلقۇت قاتارلىق بلوگلار بار. كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرگىنى شۇكى، ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ تالانتلىق دىكتورى ئابدۇرېشىت ئەپەندى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن بلوگگىرلار سېپىمىزگە قوشۇلدى.
2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە يۈكسەلدى. بلوگلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بولۇپمۇ، مۇستەقىل تور نام ، مۇستەقىل بوشلۇقتا  ، WordPress كە ئوخشاش دۇنياۋىي ئىلغار بلوگ نەشىر قىلىش سىستېمىسىدا بلوگ نەشىر قىلىدىغانلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. بلوگلار بارغانسېرى كەسپلىشىشكە، سەرخىللىشىشىقا قاراپ يۈزلەندى. ھازىر ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدىن ئەدەبىي يېزىقچىلىق، مەدەنىيەت- مائارىپ، ئىقتىساد ، سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش، تور – تېخنىكا، تىل – تەرجىمە، كۆڭۈل ئېچىش، سوغۇرتا ، قانۇن، تەنتەربىيە … دېگەندەك تۈرلۈك ساھەلەرگە ئالاقىدار بلوگلارنى ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن.
ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە بىر توپ بولۇپ، بۇلاردىكى ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، ئۆز – ئارا ياردەملىشىش ئېڭى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ خىل ئۇيغۇرغا خاس ئۇيۇشقاقلىق روھى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ جۇش راۋاجلىنىشىدىكى يەنە بىر تۈپ سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكى سۆزسىز! جۈملىدىن، 2011 – يىلى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، قىسمەت، تەدبىركار، يۈكسەل ، ئىلقۇت، شاھ ئۇيغۇر، كۆك كەپتەر، ئۆركەش ، پرېستان ، ئۇيغۇر بەگ، ۋەتەن … قاتارلىق بلوگگىرلار ئوخشىمىغان جايلاردا بىر قانچە قېتىم باش قوشۇپ، ئۆز – ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، ئۆگەندى. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدە قىزغىن پىكىرلەشتى. سۆھبەتلەردە كۆپرەك ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ 2011 – يىلىدىكى تەرەققىياتى تىلغا ئېلىندى ۋە مۇشۇ يىلغا ‹‹ ئۇيغۇر بلوگ يىلى ›› دەپ نام بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەممە بىردەك بۇ پىكىرنى ياقىلاشتى.
دېمىسىمۇ، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر بلوگ گۈلستانلىقىدا بىر – بىرىدىن ئۇز بلوگلار پورەكلەپ ئېچىلدى،بۇ گۈللەرنىڭ كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بېغىشلىغۇچى خۇشپۇراق ھىدى جاھاننى بىر ئالدى، نامى ئەلگە يېيىلدى. خۇددىي ھەممە تىللار بلوگ دەپ سايراۋاتقاندەك، گويا بارچە تورداش بلوگ ئارىلاپ كېتەلمەيۋاتقاندەك!…
ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر !

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 2011 – يىل _ ئۇيغۇر بلوگ يىلى

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىلا قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2011 – يىل _تور دۇنياسى ئۇيغۇر بلوگ يىلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

بۆرەيار

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9719
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7852
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3516 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرە تېگىن تەرجىمە فىلىم بىلوگى دوستلارنى قارشى ئالىدۇ ، پات پات كىرىپ خەتلىك تەرجىمىلەردىن ھوزۇر لىنىڭلار:
ئادرىسى:  http://boretegin.com/http://boretegin.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇر غۇچىلار  تىما قۇلۇپلاشقا ئاران تۇردۇ تەكرار تىمىنمۇ  تەستىقلاۋېردىكەنسىلەر

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:44:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2010- يىلىدىكى 10 چوڭ بىلوەنى يوللاپ قويساڭلا ، بىلىۋالساق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33226
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4648
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 886 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 08:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولدۇم[s:185]

لوست --ئازغۇن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12237
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13199
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 1707 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 09:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ماس قەدەم دە مىكرو بىلوگمۇ يولغا قۇيۇلدى ، بىلوگىر دوستلار مىكرو بىلوگنى بىلوگىڭلار بىلەن ماسلاشتۇر ۋېلىڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2351
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 27669
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 1418 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 09:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى مىسرانىم مۇنبىرىدىن تاپالمىدىم. ئىلگىرى يوللانغانمۇ ياكى يوللانمىغانمۇ تۈزۈك دىققەت قىلماپتىكەنمەن. مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىدىن ئىزدىگەندە بۇ تېما تېپىلمىدى. شۇڭا مىسرانىم تورىغا يوللانسا بولىدۇ دەپ قارىدۇق.

ئۇيغۇر بلوگ يىلىدا تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر بلوگلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىنى تاشلىشىنى  ئۈمۈد قىلىمىز. ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئاۋانگارت قوشۇن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىلا قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12301
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 10:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ توربەتچىلىك قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقلىرى ھەقىقەتەن مول نەتىجىلەرنى بېرىۋاتىدۇ .گەرچە بىز ئۇيغۇرلار تور دۇنياسى بىلەن 90-يىللارغا كەلگەندە كېچىكىپ تونىشقان بولساقمۇ ئەمما قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە تور ئۇيغۇر جەمىئىيتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ ئۆزىگە خاس بىر يولنى پەيدا قىلماقتا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 10:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما ، مىنىڭ بۇ تىمىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ، تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر ...!

http://blog.sina.com.cn/esma88
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش