مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 28797|ئىنكاس: 118

«شور پىشانە ياش  جۇۋاننىڭ پىغانى » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنسىر ئالغا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33296
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 08:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«شور پىشانە ياش  جۇۋاننىڭ پىغانى »



مىسرانىم   مۇكاپاتلىق  ئەسەر  پائالىيتىگە
كۆزلۈرۈمدىن  ئەلەملىك ياشلىرىم سىرغىپ چۈشۈپ ،ياستۇقۇمنىمۇ ھۆل قىلىپ بولدى ،شۇنچە ئۆزۇمنى تۇتۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئۇنداق قىلالمايۋاتاتىم ،ئەتگەن تۈرمە ساقچىسى ئەكىرىپ بەرگەن ئاپامنىڭ خېتى يۈركۈمنى قان -زەرداب قىلىپ مىنى قان قۇستۇرماقتا ئىدى
ئاپام خېتىدە :-
بالام بالا بولماي« بــالا» بولدۇڭ ،ئۆزۇڭلا« بـــــــالا »بولغان بولساڭ مەيلىتى ظأزڭنىڭ  پۇشتىغىمۇ  «بالا» بولدذث ،ئوغلۇڭمۇ سېنى دوراپ ئىچكىر ئۈلكىنىڭ يوللىرىدا لىق پۇللار چېچلىپ يېتىپتۇ ،يوغان يول سۈپۈرۇش سۈپۈرگىسى بىلەن سۈپۈرۋېلىپ كېلىمەن دەپ كېتىپ ئىككى ئاي بولغاندا ئوغۇرلۇق قىلىپ ساقچىغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ ،ساقچىلار ئاكاڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ بالاڭنى قېشمىزغا قايتۇرۇپ بەردى ،بىراق بالاڭ يەنە ئۆيدە جىم ئولتۇرماي 15 -چىسلا  ناھىيە خەلىق مەيدانىدا كوچا لۈكچەكلىرى بىلەن سوقشۇپ پىچاق يەپ ئۈلۈپتۇ ،ئۇنداق دېسەم كۆڭلۇڭگە كەلمىسۇن بالام ،ئەسكىنىڭ قارنىدىن ياخشى بالا چۈشمەيدىكەن ،قىزڭنىڭ خاپسى تېخىمۇ يامان ظاكسى تۈگەپ ئوزاق بولماي 14 گە كىرگەن قىزىڭ جەميەتتە لاغايلاپ يۈردىغان بىر داشقال بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ ،توۋا بالام سىنى تۇغۇپ خاتا قىلغان ئوخشايمەن ،سەنمۇ بىر توپ جەمئىيەت ئەخلەتلىرىنى تۇغۇپ خاتا قىلغان ئوخشايسەن ،تۈرمىدىن چىقساڭمۇ ساڭا ياخشى كۈن يوق ،ھېلىمۇ 5 يىل بولدى سەن تۈرمىگە چۈشكىلى يەنە ظون  بەش يىلدا ۋاقتىڭ تۇشۇپ سەن چىقىچە مەن بارمۇ يوق، شۇڭا ئاخىرقى قېتىم ساڭا خەت يېزىۋاتىمەن ،ئەمدى مىنىڭ باللىرڭىغا قارغۇدەك ھالىم يوق ،بۇ سوقۇندىلىرىڭ ئەمدى يوق ،شۇڭا كىيىنكى كۈنۈڭ ئۆزۇڭگە، ئۆزگۈرۈپ چىقىپ قىزىڭنى تاپامسەن ياكى ئوغلۇڭ قېشىغا كېتەمسەن ۋە ياكى يەنە شۇ نىجىس ئاق خۇمارىڭ بىلەن ھەممە كىشىنى پاراكەندە قىلامسەن ئۆزۇڭ تاللا ،ئەمدى ساڭا ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرمايمەن .
خەيىر -خوش
                        ئاپاڭ :ھاشىرخان

خەت مەزمۇنى ئىنتايىن قىسقا بولسىمۇ ئاپامنىڭ زەھەردەك سۆزلىرى يۈركۈمگە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلىماقتا ئىدى ،بىر ھازا يىغلاپ ئاپامغا ئۆچلۈكۈم كەلدى ،يەنە تۇرۇپ بىچارە مۇمايغا ئېچىم ئېچشاتتى
                                                                               « 1 »

ئەمدى ئەقلىمنى بىلگەن سەككىز ياش مەزگلىمغۇ دەيمەن ،مەكتەپ دەرستە ياخشى، تازلىق سۈيدىغان ،ئىشچان ئوقۇغۇچلاردىن تاللاپ پىئونېرىلىققا قۇبۇل قىلماقچى بولدى ،بىزنىڭ سېنىپقا ئاران بىر سان كەلگەن بولسىمۇ بۇ سان مىنىڭ خۇشپىچىم ،تېرىشچانلىقىم بەدىلىگە ماڭا تەقسىم قىلندى ،بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالەمچە شاتلاندىم ،قېىن -قېىنمغا پاتماي ئۆزۇمنى جاھاندا بىر چاغلاپ بارلىق قايغۇ -ئەلەملەرنى ئۇنتۇپ كۆكتىكى قۇشتەك پەرۋاز قىلغۇم كەلدى
پىئونېرىلىققا قەسەم بېرىش كۈنى يېقىنلاشقانسېرى بەخىت قۇشى مىنىڭ بېشىمغا كېلىپ قونغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم ،ئەتە پىئونېرىلىققا كىردىغان كۈنى كەچتە مۇئەللىم مىنى سېنىپتا ئېلىپ قېلىپ
ئەتە چۇقۇم رەتلىك ،پاكىز كىينىپ كېلىڭ ،بولسا پۇتىڭىزغا بىر ئاياغ سېتۋېلىپ چاچلىرىڭزنى ياستىپ ياكى يۇيۇپ -تاراڭ دېدى
بىزنىڭ ئۆيدە دادام ئاپامنى قوشقاندا ئون بىر جان بار ئىدۇق ،مىنىڭ ئىككى ئاكام ،ئۈچ ھەدەم، ئىككى سىڭلىم ۋە بىر ئىنىم بولغاچقا جان سانىمىز كۆپ كىرىم ئاز ئىدى ،بىز توققۇز بالا دادامنىڭ كەمپۈت زاۋۇتىدا كەمپۇت ئۇراپ تاپقان پۇلى بىلەن ئاپامنىڭ كوچىدىكى يايمىسدا پىچىنە -پىرەنىك ،گازىر سېتىپ تاپقان پۇلىغىلا قاراشلىق ئىدۇق ،ئارتۇق پۇل بولمىغاچقا ،مەن ئاكا -ھەدەمدىن ئاشقان كىيملەرنى كىيەتتىم ،مەندىن كىچىكلەر مەندىن ئاشقاننى كېيەتتى ،
مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بۇلۇپلا ئاپامنىڭ تۆت كوچىنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇلغان يايمىسىغا يېتىپ كەلدىم، ھەم كىچكلىكتىمۇ ئەيتاۋۋۇر ئاپامنىڭ ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئۈتۈندۇم ،مەن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاپام بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن  يايمىنىڭ باج ھەققى توغۇرلۇق سوقشۇپ قاپتىكەنتۇق ،مىنىڭ ئاياغ ئېلىپ بەر دېگەن گېپىمنى ئاڭلاپ ماڭا چېچىلىپ ،ۋاقىراپ كەتتى ،مەن ئاپامنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقىنى بىلمىگەچكە ئاپام بىلەن تەڭ تۇرۇپ سوقۇشتۇم .
ئەزەلدىن باللارنى ئۇرۇپ تەربىيلەشكە ئادەتلەنگەن ئاپام ،مىنىمۇ قۇلىغا  بىيجىڭ قۇمچى سۈپۈرگىسنىڭ ياغچى ظېلىپ شۇ ياغاچ  بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى ،مەن قاچاتتىم ،بۇ ۋاقىت ئاپامنىڭ 35 ياشلىق قىران مەزگلى بولغاچقا مىنى قوغلاپ بىردەمدىلا يىتشۋالدى ،ھەم قۇلدىكى ياغاچ بىلەن ئوبدانلا ساۋاب قويدى ،ئاپام مىنى ئۇرۇپ ھارغاندا يايمىسى ئېسىگە كەلدى بولغاي
_يائاللا خەپ سوقۇندىلا ،مۇشۇ سوقۇندىلانى دېمسەم ، تۇل خوتۇندەك كوچىدا ئۈزۈمنى بازارغا سېلىپ ئولتۇرماس  ئىدىم  ،ئەر بولغان ئادەم ئەر كىشىگە ئوخشىمغان ،باللار تېخى ئادەمنىڭ ھالىغا يەتمەي ئاغزىدىن پۇلدىن باشقىنى چۈشۈرمىگەن جاق تويدۇم بۇ تۇرمۇشتىن دېگىنچە يايمىسى  يېنىغا كەتتى
ئاپامغا تۇنجى قېتىم نەپرەتلەندىم ،ئۆز پۇشتى بولغاندىن كىيىن ئىككى يۈئەنلىك سىلياۋدىن ياسىغان ئاياغدىن بىرنى بولسىمۇ ئېلىپ بەرسە بولمامدۇ ،نىمىشقا مىنى بۇنچە ئۇردىغاندۇ دەپ پەريات چېكەتتىم ،
ئاپامدىن تاياق يەپ بۇلۇپ ئۈمىدسىز ھالدا ئۆيگە قايتتىم ،ئىككى ھەدەم ئالبۇرۇن توي قىلىپ چىقىپ كەتكەن ،چوڭ ئاكام زىيالىي ياش بۇلۇپ يېزىغا چۇشۇپ كەتكەن ،كىچىك ئاكام دادامنىڭ كەمپۈت زاۋۇتىغا ئوغۇرلۇقققا چۈشۈپ 20 يۇئەن قىمىتىدىكى زاڭ مالىنى ئوغۇرلىغاچقا ئىككى يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلىنغان بولغاچقا ئۆيدە تۈتىنىجى ھەدەم ھەم ئەڭ كىچىك سىڭلىم بار ئىدى .
تۈتىنجى ھەدەم كىچىك سىڭلىمنى ئۇخلۇتۇپ قۇيۇپ كەچلىك تاماق قىلۋاتقان بولغاچقا ئۆيگە كىرپلا مىجەزىم يوق دەپ كىچىك سىڭلىمنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتتىم ئۇڭغۇچە سىڭلىم بىلەن ئىنىممۇ مەكتەپتىن قايتتىپ  كېلىپ ۋاقىرشىپ بىر نەرسىلەرنى تالشىپ سەينا ئىچىنى بىر ئالدى
ئاپاممۇ بالدۇرلا يايمىسىنى يېغىپ كەلدى بولغاي ھەدەم بىلەن بىر نىملەرنى دېيشىپ تاماقنى بىردەمدە پۇشۇردى
ھەدەم مىنى تاماق يېيىشكە چاقىرغاندا مىنىڭ ئۇلار قېشىغا چىقىم كەلمدى ،كەچلىك تاماقىنىمۇ يېمەي ،بايقى تاياق تەككەن يەرلەرنى تۇتۇپ يىغلاپ ياتتىم
ئاپاممۇ يېنىمغا كىرىپ قويمىدى(بەلكىم  مىنىڭ تاماق يېمەي  بى كىشلىك تاماقىنى تېجەپ بەرگىنىمگە خۇشال بولغان بولسا كېرەك ) ،كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئاپام ھەم ھەدە سىڭلىرىم سەينادىكى سۇپىدا  يېرتىلغان كىيملەرنى يامىغاچ پاراڭ سېلىپ ئولتۇراتتى ،تۇيۇقسىز دادام ئىشكىنى تەپكەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلدى ،ئىش -ھەرىكەتلىرىدىن قارغاندا ئېغىر مەستەك قىلاتتى.  
_ ھاشىرخان ئېيتە بۈگۈن بازاردا نىمە سەتچىلىك قىلدىڭ دېدى دادام دەلدەڭشىپ ئاپام قېشىغا كېلىپ
مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەيناغا چىقتىم
ئاپام ھاپىلا -شاپىلا قۇلدىكى نەرسىلەرنى قۇيۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ دادامغا ۋاقىردى
_نىمە قىپتىمەن نىمە ؟
_ماۋۇ ئىتنىڭ كۈچكىنى قارا مەندىن بەكرەك ۋاقىراۋاتسىنا ،نىمە قىلغىنىڭنى ئۆزۇڭ بىلدىغانسەن ،كىملەرگە قاش ئېتىپ ،كىملەر بىلەن سوقۇشتىڭ بۈگۈن دېدى دادام
_ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل سەندەك ئىشەك سۈيدىكى پۇراپ يۈردىغان ئادەم ئىتنىڭ كۈچكى دېدى ئاپام بوش كەلمەي
دادامنىڭ ئاچىقى بەك كەلدى بولغاي ئاپامنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كېلىپ ئاپامنى  بىر مۇش قويدى.
_ھۇ ئادەم بولمايدىغان مۇناپىق ،ئىسىت ساڭا تەكىچە  كوچىدىكى لالما ئىتقا تەگسەمچۇ ،توققۇز سۇقۇنداڭنى دەپ زۇلۇم قىلساڭ چىدىسام ئەمدى ،كوچىدىكى ئىتلاردىن كۈنلەۋاتامسەن 12 يېشىمدا قۇلۇڭغا چۇشۇپتىمەن 23 يىلدىن بېرى ساڭا قۇل بولدۇم ،ياشلىق باھارىم قۇرۇپ 40 كىرمەي تۇرۇپ قېرى موك-موك بولدۇم ،بۈگۈن بازار باشقۇرۇشنىڭ ئىتلىرى كېلىپ منىڭ يايمامنى تاقماقچى  بولۇپ بۇزەك قىلغاندا يېنىمدا يوق تۇرۇپ يەنە مەن بىلەن سوقۇشامسەن دېدى ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ
_ۋاي ئادەم بولمايدىغان توڭگۇز چىقە ماڭ خولۇق كۆرمىگەن بولساڭ
دادام شۇنداق دەپلا ئاپامنى قوغلىغلى تۇردى ،ئاپام سېرتقا قاراپ قاچىتى ،كىچىك سىڭلىم چىقىراپ يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كەيدى ،مىڭشە ھارامدىن بولغان شۇملار ئاپاڭ بىلەن تەڭ كۆزۇمدىن يۇقۇلۇش
دادام شۇنداق دېگىنچە قۇلىغا تاياقىنى ئېلىپ بىز بەشىمىزنى قوغلاپ ئۆيدىن چىقاردى
ھەممىز سېرىتقا چىقىپ ئاپامنى ئىزدىدۇق ،ئاپام مەھەللمىزنىڭ چېتىدىكى بىر ئەسكى دوڭغاق قېرى دەرخنىڭ كامىرىغا كىرىپ لاغلىداپ تىترەپ يىغلاپ ئولتۇرپتۇ
ئاپامغا قاراپ بايقى ئۆچلۈكۈم قاياقلارغىدىندۇر ئۇچۇپ كېتىپ ئۇنىڭغا ھىسداشلىقىم قوزغالدى
توۋا دېدىم ،اللاھ بىرىگە ھاراقكەش ئەرگەيەنە  بىرىگە قىمارۋاز ئەرگە تىگىپ قېلىشتىن ساقلىسۇن دەپ ئاللاھقا نالە قىلدىم ،شۇ كۈنى كەچ  بىز  ئانا -بالا ئالىتىمىز  شۇ دەرخ كامىرىدا كۈزنىڭ توخو ئەت پەيدا قىلدىىغان ئىزغىر شامالىدا ،ئاي ھەم يۇلتۇزلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ،ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرىنى ئەللەي ناخشىسى بىلىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۇق ،ئەتسى ئەتگەندە مەن  ھەم ئىنى -سىڭلىرىم ئاپامنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن ناشتىمۇ قىلماي  شۇ دەرخ كامىردىن مەكتەپكە كەلدۇق
بۈگۈن مەكتەپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلاش يىغىنى ھەم يېڭى پىئونېرى يېتىشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىبارەت قوش يىغىن ئاچماقچى بولغاچقا مەكتەپ باشقىچە جانلىنىپ كەتكەن ئىدى ،ھەممە ئوقۇغۇچى -ئوقۇتقۇچنىڭ چېھرىدە بىرخل مەمنۇنلۇق ھەم شاتلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى
مەن مەكتەپكە كېلىپ ئۇدۇل سىنىپقا كىردىم ،بۇ چاغدا مۇئەللىم ئالبۇرۇن كېلىپ بولغاچقا مىنى كۆرۇپلا ھوشۇدىن كەتكىلى تاس قالدى
_ۋاي ئانام پەرىخە يۈزىڭىزدىكى نىمە شالتاق ئۇ ،كىيملىرىڭىزمۇ نىمانداق پاسكنا ،چېچىڭىزچۇ تېخمۇ  پاخپىيىپ كېتىپتۇ ،مېىڭىڭ دەرھال مەكتەپ سۇخانسىغا بېرىپ يۈز -كۆزىڭىزنى  يۇيۇپ كېلىڭ دېدى مۇئەللىم
مەن سىنپتىن چىقىپ مەكتەپ سۇخانسىغا بېرىپ يۈز -كۆزۇمنى يۇدۇم ،پۇتۇم يالاڭ ئاياغ ،كيىملىرىم ھەم كونا ھەم يېرتىق ئىدى ،يۈزۈمنى يۇيۇپ بۇلۇپ سىنىپقا كىردىم
بۇ مەزگىل 70 -يىللاردىكى سېىرىق تال مەزگلى بولغاچقا مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچى دېگۈدەك ئەسكى كىيملەر بىلەن يالاڭ ئاياق مەكتەپكە كېلەتتى ،بۇنى ھىچكىم ئېغىرمۇ ئالمايتتى ،
بىراق بۇ قىلىق بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە سىغماي  قالدى ،يۈزلۈرۇمنى يۇيۇپ كەلگەندىن كىيىن مۇئەللىم ئۈستى -بېشىمغا بىر قارۋەتكەندىن كىيىن
_بولماپتۇ ،بۇنداق يىرتىق كىيىم بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقسىڭىز بولمايدۇ ،چاچلىرىڭىز ،تۇرقىڭىز پەقەتلا ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا ئوخشىمدى ،دېدى مۇئەللىم
غۇژىدە ئاچچىقم كەلدى
_چېرايلىق كىيىم كەيسىلا ئەلاچىغا ئوخشامدۇ مۇئەللىم دېدىم ئاچچىقىتا
_نىمە دىگىنىڭىز بۇ ،ئىشقىلىپ سىز بۇ قېتىم پىئونېرى بولماي تۇرۇڭ ئۈچۈنجى يىللىققا چىقاندا ئاندىن بۇلۇڭ ھە ھازىرچە رەنا بۇلۇپ تۇرسۇن ،قاراڭ ئۇنىڭ رەتلىك ،پاكىز تۇرقىغا ئەلاچى ئوقۇغۇچى شۇنداق بولمامدۇ دېدى مۇئەللىم
ئارتۇق گەپ قىلماي سېرىتقا چىقىپ كەتتىم ئوزاق ئۆتمەي يىغىن باشلىنىپ يېڭى پىئونىېر بولدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ ئۇلارنى سەھنىگە چىقىپ گىلاستوك تاقشىنى ئوقتۇردى ،بۇ يېڭى پىئونېرىلار قاتارىدا مىنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىدى ،مەن مۇئەللىمنىڭ سىز بولماي تۇرۇڭ دېگەن سۆزىگە پىسەنىت قىلماي سەھنىگە بىرنجى بۇلۇپ چىقتىم ،شۇندىلا بىزنىڭ سىنىپ مەسھۇلىمىز سەھنىگە يۈگرەپ چىقىپ
چۈشۈڭ پەرىخە سىز قايسى ھالىڭىزغا پىئونىر بولسىز ،دەپ ۋاقىراپ قۇلۇمدىن تارتىقىنچة سةهىنىدىن  قايتۇرۇپ چۈشتى .
پۈتۈن مەكتەپتىكى 1000 گة يېقىن ئوقۇغۇچى ماڭا قاراپ ھەيران بولدى
ئۆزۇمنىڭ بۇنچىلىك ئوسال بولغۇنۇمغا قاراپ پاڭىدە يىغلىغان پېتى مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ ئۆزۇمنى ئاتتىم .شۇ يۈگۈرگەن پېتى ناھىيمزنىڭ چېتىدىكى بىر قۇمۇشلۇققا كېلىپ ئۈن سېلىپ راسا يىغلىدىم ،ئەتگەندىن بېرى ناشتىىز بولغاچقا ماغدۇرۇم ئۈزۈلدى ،ئاسمانغا قاراپ قۇمۇشلار ئارسىدا كەچ كىرگىچە ياتتىم ،ھەسرەت -نادامەت ،نامراتلىق ئىچىدە سەبىي كىچىك قەلىبم ئۆرتەنمەكتە ئىدى ،پۈتۈن دۇنياغا ،دادام -ئاپامغا ،مۇئەللىمگە هةتتا بۇلۇت ،قۇياش ،ظىزغىر شاماللارغىمۇ نةپرةت بىلەن  قاراۋاتاتتىم ،ظاسماندىكى هةرخىل  شةكىلدىكى بۇلۇتلار ماثا مۇئەللىمنىڭ  سۈرۈن  چصرايدةك
_سةن دصگةن بىر  نامرات ،نامرات ،پۇلسى ظادةمنىڭ  پىئونېرى بولۇشقا شةرتى توشمايدۇ دصگةندةك قاراشلىردىن  بىزار  بۇلاتتىم  
كەچ كىرگەندە سالپىيىپ ئۆيگە كەلدىم ،سىڭلىم بىلەن ئىنىم بۈگۈن مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى ئاپامغا ئېيتقان بولسا كېرەك ئىشكتىن كىرشىمگە ظاپام   مىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى ،كۆزلۈرۈمدىن يەنە ياش ئەگىشكە باشلىدى ،
ئاپامۇ ئاخشامقى خورلۇقىنى مۇشۇ كۆز يېشى ئارقلىق ئۇنۇتماقچى بولغاندەك راس بىر يىلغىدى ،بىزگە قاراپ ھەدەم ھەم سىڭلىرمۇ يىغلىدى ،
ھەممىز يىغلاپ ھارغاندىن كىيىن كەچىلىك تاماقىنى ئۈنسىز يېدۇق ،دادام بۈگۈن يەنە ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى
ئەتسى ئاپام مىنى ئويغۇتۇپ مەكتەپكە بار دېگەندە مەن مەكتەپكە بېرىشقا قەتئىي ئۇنمۇدۇم ،ئاپام يەنە مىنى ئۇرۇشقا باشلىدى
_ئەتگەندە نىمانداق نىرۋامغا تىگىسەن ئوقىماي نىمە ئىش قىلسەن مەندەك يايما ئاچامسەن ،ياخشلىقچە مەكتەپكە ماڭ بولمىسا بۈگۈن كۆرگۈلكىڭىنى كۆرسەن دېدى ئاپام
قايسى يۈزۈم بىلەن مەكتەپكە بارىمەن ،مۇئەللىمنىڭ شۇ قىلقى ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقىمايمەن دەپ تۇرۋالدىم
ئاپام بىر كۈن يايما ئاچماي مىنىڭ كۆزۇمگە كىرۋالدى ،مەنمۇ ئوقىمايمەن دەپ چىڭلا تۇردۇم
ئاپام مىنى قايىل قىلالمايدىغانلقىنى بىلدى بولغاي ،كەچىلىك تاماققا تۇتۇش قىلغاچ
_ئوقىمساڭ ئوقىما ئەتىدىن باشلاپ ياشلار كىنوخانسىنىڭ ئالدىدا چوكا مۇز بىلەن بۇيالغان پىشىق توخۇم ساتسەن دېدى
ماقۇللا دەپ ئارتۇق گەپ قىلمدىم
ئاپام ھەم مەن دېگىنمنى قىلىپ شۇ كۈندىن كىين مەكتەپتىن چىكنىپ كىنوخاننىڭ ئالىدا تۇخۇمچىلىك ھەم چوكا مۇزچىلىك قىلدىم ،ھەر ھالدا تېجارىتىم ياخشى بولدى
قىش كىرگەنسېىرى چوكا مۇز ئورنىغا گازىر ،تۇخۇملارنى ساتتىم ،ساۋاقداشلىرىم ھەر قېتىم  كىنوخانا ئالدىدا مىنى كۆرگەندە ئاتا -ئانىسىغا مىنى كۆرستۇپ تۇرۇپ مىنىڭ سەھنىدىن قانداق قوغلاپ چىقىرىلىغانلقىمنى  ،شۇ كۈندىن كىيىن مەكتەپكە بارماي تۇخۇمچىلىق قىلۋاتقىمنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ مېىڭپ مىنى يەنە ئازاب دېڭىزىغا ئېتىرىپ ئۆتمشنى ئەسلىتىپ يۈركۈمدىكى يارامنى قوزغايتتى
كۈنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ 9 يېشىمدا ئۇستا تىجارەتچى بولدۇم سودا يولىغا ،تۇخۇمچى يولىغا كېرىپ بىر يىلدىن ئاشقان قىش پەسلىدە دادام ھاراقىنى ھەدىدىن ئارتۇق ئىچۋېلىپ كوچىدا مۇزلاپ ئۆلۇپ كەتتى
ئاھ چەكتىم ،دادامنىڭ ئۈلمىدىن ئېچىندىم ،بىراق بىر تۇرۇپ دادامغا ئىچىم ئاغرىماي ئۈلۈپ كەتكىنىگە خوشمۇ بولدۇم
ھەر قېتىم مەس كەلگىندە ئاپام بىلەن بىز بەش بالىنى قۇشۇپ قىشنى قىش دېمەي ،يازىنى ياز دېمەي ئۆيدىن ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىراتتى ،ئۆيدىكى بار -يوق نەرسىلەرنى قىمارغا تېكىپ ،ئاپام تۇسىسا ئاپامىنى ئۇراتتى ،ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندا دادامىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن بۇغۇزلىۋەتكىم كېلەتتى ،ياراتقۇچى ئادىل ئۈزىگە ئۈزى قىلىپ قازا قىلىپ شۈك بولغىنغا بىر ھىسابتا بوپتۇ دەپ قالدىم
مەنلا ئەمەس ،ئاپامدىن تارتىپ ئاكا -ھەدە ،سىڭلىرىمغىچە ئانچە قايغۇ يەپمۇ يۈرمىدى
شۇنداق قىلىپ ئايلار يىللارنى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى ،مەنمۇ كۈندىن -كۈنگە چوڭ بۇلۇشقا ،ئەينەككە قاراپ ياسنىپ گۈزەللىكىنى چۈشۈنىشكە باشلىدىم ،چوڭ ئاكام زىيالىي ياشلىقتىن قايتتىپ خىزمەتكە قاتنىشىپ مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى توي قىلدى ،يەڭگىمىز مۇئەللىم بۇلۇپ توي قىلىپ ئىككىنجى يىلى بىر ئوغۇل يەڭگىدى ،ئىككىنجى ئاكاممۇ تۈرمدىن چىقىپ ئاپامنىڭ ئىشلىرىغا قاراشتى ،تۆتىنجى ھەدەمنىڭمۇ تويىنى قىلدۇق ،بۇرنقىغىغا قارغاندا ئۆيىمىز خېلى پۇللۇق ئائىلە بۇلۇپ قالغان ئىدى ،
مەن كىنوخاندا تۇخۇم سېتىش جەرياندا كىنوخاننىڭ كىنوچىسى بىلەن مۇھابەتلىشىپ قالدىم ،ئەمدى ئون ئىككى ياشقا كىرىپ مۇھاببەتلەشكەچكىمكىن ئاپام ھەم ھەدىللىرىمنىڭ قارشىلقى بەك كەسكىن بولدى ،بۇنى ئاز دەپ مەن مۇھاببەتلەشكەن ئادەمنىڭ ئىككى بالسى ھەم ئايالى بار ئىدى ،مەن ئۇ كىشگە يىغلاپ تۇرۋېلىپ ئۇ كىشنى ئايالىدىن ئاجىراشتۇردۇم ،بىراق ئاپام يەنلا ئۇ كىشى بىلەن مىنىڭ توي قىلىشىمغا قۇشلۇلمدى ،سەۋەبى ئۇ مەندىن 10 ياش چوڭ ھەم ئىككى بالسىنىڭ بارلىقى ئىدى
شۇندىمۇ مەن چىڭ تۇرۋېلىپ ئۇ كىشى بىلەن باشقا يۇرۇتقا قېچىپ كەتتىم
مىنىڭ بەختسىزلىكىم دەل مۇشۇ پەيتتىن مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاندى
بىز قېچىپ كېتىپ بىر ئاي ئۇ كىشى بىلەن ياقا يۇرۇتتا ھايات پەيزىنى سۈرۈپ يۈردۇق ،بىراق بىر ئاي بولغاندا چوڭ ئاكام مىنىڭ بار يېرىمنى بىلىپ قېلىپ مىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى ،مەن يېنىپ كېلىپ ئەتسى ئۇ كىشمۇ يېنىپ كىلىپلا ئايالى بىلەن يېنىشتى ،شۇنداق قىلىپ مەن بىر بەخىتسىز جۇۋان بولدۇم ،
بۇ ئىشلار ماڭا ئېغىر كەلدى ،ئۇرۇقلاپ شۇراپ تاشلۋەتكەن پەمدۇرغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم ،ئۆيۈمدىكلەرنىڭ مىنىڭ ھالىمغا قاراپ ئىچى ئاغرىدى بولغاي مىنى قارمايدىكى دادامنىڭ سىڭلىسنىڭ ئۆيگە بېرىپ شۇ ئۆيدىكى نەۋرە ھەدەمنىڭ بالسىنى بېقىپ بىرشكە ئاپىرىپ بەردى ،دەسلەپ بارغاندا قويغان تۇتقۇنۇمنى بىلمەي ھېلقى نامەرت ئەرنى ئويلاپ ئولتۇردۇم ،كيىنچە تەقدىرىگە تەن بېرىپ كىچىك قىزچاققا قاراپ كەيپىياتىمنى ياخشىلدىم ،مەن تۇرۋاتقان  ئۆيدىكى نەۋرە ھەدەم دوختۇر ،يولدىشى ساقچى بولغاچقا ئانچە ئۆيدە تۇرالمايتتى مەن دادامنىڭ سىڭلىسى بىلەن كىچىك قىزغا قاراپ تاماق قىلىپ يەپ كۈن ئۆتكۈزەتتۇق ،بىكار بولسام كىتاب كۆرەتتىم ياكى خەنزۇتىلى ئۆگىنەتتىم ،بۇ ئۆيدە ھەدەمنىڭ بالىسىغا قاراپ ئىككى يىل تۇردۇم ،بۇ ئىككى يىل جەرياندا ئۆيگە بىر قېتىملا باردىم ،كۈنلىرىم ئوخشاش رېتىمدا يېڭلىق يوق ئۆتۈپ كېتىۋەردى ،مەن بېقىۋاتقان قىزچاق تۆت ياشقا كىرگەن يىلى قىزنى يەسلىگە بەردۇق ،مىنى نەۋرە ھەدەم بىر كىيىم ماگزىنغا پىركازچىك قىلىپ ئەكىرىپ بەردى ،شۇنىڭ بىلەن ئايدا مۇئاش چىقدىغان خىزمەتچى بولدۇم ،كۈنلۇرۇم شۇنچىلىك جىددىي مەنلىك تەكرار ئۆتۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىردە رىشات ئىسملىك مال يەتكۈزۈش خادىمى بىلەن تۇنشۇپ قېلىپ تۇنۇشقان كۈننىڭ ئەتسىدىن باشلاپ مۇھاببەتلەشتۇق ،بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىدەك يىنىكىلىك قىلمدىم ،ئۆزۇمنى بېسۋېلىپ سوغوققانلىق بىلەن ئىش كۆردۇم ،بىز رىشات بىلەن يۈرۈپ بىر ئاي بولغاندا رىشاتنىڭ ھەم بىزنىڭ ئۆيدىكلەرنىڭ قۇشۇلشى بىلەن توي قىلدىم ،مەنمۇ ھەم رېشاتمۇ چەكسىز شاتلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزدۇق،بۇ جەرياندا رىشات ئىككمىز بىر ئوغۇل پەرزەنتلىكمۇ بولدۇ،شۇ چاغدا ئاپام ئىككى ھەدەم ھەم چوڭ ئاكامنى ئېلىپ كىلىپ مىنى يوقلاپ كەتتى ،رىشات قامەتلىك ،پەزىلەتلىك ،قاملاشقان يىگىت ئىدى ،دادسى كىچكىدىن تۈگەپ كەتكەچكە بىر ئاپسى بىلەن ئۆزى يالغۇز كۈن كەچۈرەتتى ،مەن بۇ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن بۇلار بىلەن ھەمنەپەس بۇلۇپ 80 كۇۋادىرات مىتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي سېتۋالدۇق ،ئۆينى ئالىي بىزەپ ياشلىق باھارىمنى قىزىل گۈلدەك ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم ،بىراق يىتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك ،چوڭ ئاكامنىڭ ئايالى ئاپام بىلەن تۇلا ئۇرشۇپ ئاپامنى زادىلا پاتۇرىمغاچقا ئاپام ئاچىچىق يۈتۈپ ئاغرىپ قاپتۇ ،مەن بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ خىزمەت ئورنۇمدىن ھەم يولدۇشۇمدىن روخسەت ئېلىپ ئىككى كىچە -كۈندۇز يول يۈرۈپ يۇرتۇمغا كەلدىم ،ئاپام مىنى كۆرۇپ كۆز يېشى قىلىپ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى ،ئاپامنىڭ يېنىدا شۇ كۈندىن باشلاپ تۇرۇپ قالدىم ،ئىككى ئاكام ئاياللىرى بىلەن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى ،ئۈچ ھەدەممۇ  توي قىلغاچقا يولدىشىنىڭ ئۆيدە ئىدى ،ئىنىم تۇلۇقسىز مەكتەپىنى پۈتتۇرۇپ ساقچى ئوفىسىرلار مەكتۋىدە ،ئىككى سىڭلىم بولسا باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا ئاپامنى بىر ئايچە يېنىدا تۇرۇپ ئاش -تامقىنى ئېتىپ ،كىر -قاتلىرنى يۇيۇپ ياخشى باقتىم ،بىراق يولدۇشۇم ماڭا تۇلا تېلفۇن قىلىپ يېنىپ كېلشىمنى دەپ تۇرۋالدى ،ئامالسىز ئاپامنى قېرىنداشلىرمنى يەنە بىر قېتىم تاشلاپ قارمايغا قاراپ يولغا چىقتىم ،ئۆيگە كېلىپ ئىككى يەڭگەمنىڭ ئاپامغا ئىتقا مۇئامىلە قىلغاندەك قىلغان مۇئامىلىرى ،ئاپامنىڭ ئۇلارنىڭ قىلقلىرنى كۆتۇرىمەي ئۇلار بىلەن سوقۇشلىرى ،ئاكىلىرىمنىڭ ئاپسى ھەم خوتۇنى ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي  ئايالىغا يان بېسىپ ئاپام بىلەن سوقۇشلىرى ،ئاپامنىڭ نارازىلىق كۆز ياشلىرى ،ئۈچ ھەدەمنىڭ يولدىشنىڭ ساپاسىز ھاراقكەشلىكى ،بىكار بولسىلا دادامغا ئوخشاش قىمارخاندىن چىقماي ھەدىلىرمىگە زۇلۇم سېلىشلىرىنى ئويلاپ كىچە -كۈندۇز غەمدە قالغان ئىدىم
ئاپامىغا تېلفۇن قىلساملا يىغلاپ مىنى يېنىپ كېلشىكە دەۋەت قىلشى تېخمۇ ئىچىمنى ئاچچىق قىلاتتى
كۈيۈمچان قېيىن ئانامنى ،قەدىردان يولدۇشۇمنى ،ئوماق ئوغلۇمنى تاشلاپ كېتىشكە زادىلا قىيمايتتىم ،بىراق ئاپام ماڭا كۈندە تېلفۇن قىلىپ زادى مىنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولدى ،ئامال يول بالامنى قېيىن ئاپامغا قاراشقا بېرىپ قۇيۇپ يەنە ئاپامىغا قارايمەن دەپ يۇرۇتقا كەتتىم ،مەن بىر كەتكەچكە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئۆيگە قايتىمىدىم ،بۇ جەرياندا يولدۇشۇم رىشات سېىرتىتا سەتراچخانا ئاچىدىغان بىر نايناق بىلەن تېپشۋاپتۇ ،بۇ خەۋەرنىمۇ قېيىن ئاپام ماڭا يەتكۈزدى ،يەنە رىشات قېشىغا باردىم ،بىراق بۇ قېتىم رىشات ماڭا پسەنىت قىلماي چۇقۇم ئاجىرشىمەن ،ساڭا ئاپاڭ مۇھىم بولسا يۇرتىڭغا قايىت دەپ تۇرۋالدى ،يۇرۇتقا ئەمدى قايتا بارماسلىققا ،رىشاتىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەسلىككە شۇنچە ۋەدە قىلساممۇ ئۇ پەرۋا قىلمدى ،شۇندىمۇ رىشاتنىڭ ئۆيدىن كەتكىلى ئۇنمىدىم ،بىراق رىشات مەيلى كۈندىزى ياكى كېچىسى بولسۇن ھېلقى سەتىراچنى كۆزۇمچە سۈرەپ يۇرۇپ مىنى ئازابلىدى ،شۇنچىلىك سىلىق سۆزلەرنى رىشاتقا قىلدىم ئېرىمدى ،بىر كۈنى ئۇ ھېلقى سەتراچنى ئۆيگە ئەكىرىپ شۇنىڭ ئالدىداىلا
_ئۆيدىن چىق ئەمدى سەن بىلەن ئۆي تۇتمايمەن ،دېدى
ئۇنماي تۇرۋالدىم
_چېرايلىقچە يۇرۇتىڭغا قايتىپ ئاپاڭغا قارا ،بولمىسا كىچىچە ساڭا بىر ئىش بۇلۇپ قالسا مەندىن ئاغرنىما ،بۇ شەھەردىكلەرگە سىنى يۇرتىغا كەتتتى دەيمەن ،ئاپاڭ مىنىڭ يېنىمدا دەپ چۈشۈندۇ شۇنداق قىلىپ دۇنيادىن غايىپ بۇلسەن دېدى رىشات
ھەي ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا بەك سادا ئىكەنمەن ،بىر كوچىغا چىقىپ قالغان مەينەتكە ئۆيۈمنى ھەم بالامنى تاتۇرۇپ قۇيۇپ سالپايغان پېتى ئۆيگە يېنىپ كەپتىمەن
مەن رىشاتىن 10 مىڭ سوم ئېىلىپلا بالامنى ،ئۆيۇمنى تاشلاپ ئاپام يېنىغا قايتىپ كەلدىم ،ھەدەم ھەم ئاپام رىشاتنىڭ ماڭا سالغان زۇلىمنى ئاڭلاپ
بۇ جاھان شۇنداق جاھان ،ھىچكىمنىڭ ھېچكىمدە قالمايدۇ ،سەنمۇ ئەينى چاغدا كىنوچىنى ئايالى ھەم بالسىدىن ئايرىغان ئىدىڭ ھازىر ئۆزۇڭ شۇ كۈنگە قاپسەن دېدى
ئويلاپ باقسام بۇ ھەقىقەت ئىكەن ،«بىر چاغلاردا باغ ئايلانسا يەنە بىر چاغلاردا تاغ »ئايلىندىكەن ئەمەسمۇ. ھەي ھايات! ھەي بىۋاپا جاھان سەن كىملەرگە ۋاپا كىملەرگە جاپا قىلغانسەن.
                                                                             "2 "

شۇنداق قىلىپ ئۆيدە جۇۋان ئاتلىپ مەينەتلەرگە ئۆيۈمنى تاتۇرۇپ قۇيۇپ قان -زەرداپ يۈتۈپ ئولتۇردذم .ئون سەككىزگە كىرىپ ئىككى ئەرنىڭ قۇلدىن چىقان جۇۋان ئاتلىپ ئولتۇرۇپ قالدىم ،بۇرۇن قارمايدىكى چاغدا يېنىمدا بولساڭچۇ دەيدىغان ئاپام ئەمدىلىكتە كۈندە مەن بىلەن سوقشۇپ ھېلى جىق تاماق يېدىڭ، ھېلى سۇنى كۆپ ئىشلەتىڭ ،ھېلى مۇزىكا ئاڭلاپ توك پۇلىنى ئاشۇرۋەتىڭ دەپ سوقۇشقىلى تۇردى ،رىشاتىن ئالغان ئون مىڭ سوم بىلەن تىجارەت قىلماقچى بۇلۇپ ئاددىي ئىشتىن باشلىدىم ،
دەسلەپ شەھەرگە بېرىپ كىچىك باللارنىڭ كىيىم -كېچكىنى ئەكىلىپ ساتتىم ،بىراق ئاكام ،ھەدەملەرنىڭ  باللىرى ،تۇنۇش بىلىش دېگەنلەرنىڭ نىسى نەرسە سېتۋېلىشى بىلەن يىلغا قالماي ئون مىڭ سوم قۇلۇمدىن ئۇچۇپ ئىككى مىڭ سومغا قەرىز بولدۇم ،بۇ چاغدا ئاپام تېخىمۇ ماڭا نەشتىرىنى سانجىغىلى  تۇردى ئامالسىز  بىر زەرگەر خەنزۇنىڭ دوكىندا تەرجىمان بۇلۇپ ئېيىغا ئىككى يۈز سومغا ئىشلەپ يۈردۇم ،بۇ جەرياندا ئىچكىر ئۆلكىگە كىرىپ چىقدىغان توي قىلمىغان ياش يىگىت بىلەن تۇنشۇپ قېلىپ ناھايتتى ئاسانلا چىقشىپ قالدىم ،لىكىن يىگىتنىڭ ئاپسى بۇ ناھىيدە ئۇچىغا چىقان كۈكەرمە بولغاچقا مىنى تۇلا ئىزدەپ كېلىپ ئوغلىدىن تەزدۈرمەكچى بولدى ،بىراق ئالىم ماڭا شۇنچە چاپلاشتى ،بىزنىڭ ئۆيدىكلەرمۇ ئۇ ئايال ھەم ئالمنىڭ ئىچكىر ئۆلكىدە ئاق سودىسى بىلەن شۇغۇلىندىغانلقىنى بىلگەچكە ئالىم بىلەن باردى -كەلدى قىلشمىغا قۇشۇلماي تۇرىۋالدى
شۇندىمۇ مەن ئالىم بىلةن بىرگە ئىچكىر ئۆلكىگە قاراپ قاچتۇق .
بۇ مىنىڭ ئىككنىجى قېتىم ئەر كىشى بىلەن قېچشىم ئىدى ،يولدا كېتۋېتىپ شۇ خىياللار ئىلكىدە تۇرمۇشۇمنى ،ئۆتمۈشۈمنى خىيال قىلىپ ماڭدىم ،توۋا خاتا يولدا بىر ئۈمۈر ماڭدىغان ئوخشايمەن دېگەن خىيال ئىلكىدە ئالىمنىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قۇيۇپ يېتىپ ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇم
ئالىم پاكار بوي ،دىقماق ،كۆزلىرى خومار كۆز ،بىلكىدىن باشلاپ مۈرە ھەم دۇمبە ،قۇرساق قىسملىرىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەجدىرىھانى چىكۋالغان ،20 ياشلىق بالا ئىدى ،ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر خىل قانىخورلۇق چىقىپ تۇرسىمۇ مەن يەنلا ئالىمنى ياخشى كۆرەتتىم
ئىچكىر ئۆلكىنىڭ پويىز ئىستانسىغا كەلگەندە ئالىم مىنى ئويغاتتى ،ئاستا كۆزۈمنى ئېچىپ ئالىمنىڭ پىشىگە ئېسلىپ پويىز ۋاگونىدىن چۈشتۈم ،بىز پويىزدىن چۈشىمىزگە ئالىمدىن ئېگىز كەلگەن ئىككى ئادەم بىزنى كۆتۋالغلى كەلگەن بولسا كېرەك يېنىمىزغا كىلىپ بىز بىلەن تىنىچ ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن قۇلىمىزدىكى يۈكتاقىمىزنى ئالدى ھەم ئالىمغا
_ئاكا ئۆينىمۇ تەييارلاپ بولدۇق ،بېرىپ كۆرۇپ بېقىڭ دېدى
مەن ،ئالىم ھەم ھېلقى ئىككى ئادەم بىرىگە بىر ماشىنىغا چىقىپ  شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر خالتا كوچىىغا  كېرىپ ماشىندىن چۈشتۇق ،
ئالىم مىنىڭ قۇلۇمدىن يۈتلەپ ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىردى ،بۇ ئۆي كىچىك ھويلىسى بىلەن قۇشۇلۇپ بەش ئېغىز ئىدى ،بىز ھويلا ئىچىگە كىرشىمىزگە ئۆي ئىچىدىن تۆت كىچىك بالا چىقىپ بىز بىلەن كۆرۇشتى ،ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە كىرىپ ئالىم بىلەن ئورۇنلاشتۇق ،بىز ئورۇنلۇشۇپ ئوزاق ئۆتمەي مەن دېمەتلىك ئىككى قىزمۇ ئۆيگە كىرىپ ئالىم بىلەن كۆرشۇپ تاماق تەييار بولغانىلقى دەپ چىقىپ كەتتى ،بىز ھويىلىغا چىقىپ ھويلا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق ،ئىككى قىز ئۈستەلگە نۇرغۇن نازۇ -نىمەتلەرنى تىزدى ،ھېلىقى ئىككى ئادەم بىلەن تۆت بالا كۆرۇنمەيتتى ،
ئارتۇق گەپ سورىماي ئالىم بىلەن غىزالىنىپ بالدۇرلا ئوخلاش ئۈچۈن بىزگە تەييارلىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ،ئەمدى شىرىن ئۇيقۇ قەسىرىدە تۇرسام يېراقتىن ئاڭلىنۋاتقان پىغانلىق يىغا مىنى ئويغاتتى ،ساپما كەشىمنى كىيىپ سېىرتقا چىقىپ ھەيران قالدىم ،ئالىم تۆت كىچىك بالىنى تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئۇرۋاتاتتى ،ھېلقى ئىككى قىزمۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇراتتى
ئالىمىنىڭ ئىككى دوستى بولسا قوللىرىدا تاياق تۇتقان ھالدا بۇ ئاجىزلارغا پۇپۇزا قىلشىپ تۇراتتى
_ئالىم نىمىش بولدى دەپ سوردۇم مەن ئالىمدىن
_سىز ئارلاشماي ئوخلاۋېىرىڭ دېدى ئالىم قۇپال ھالدا
_نىمىشقا ئارلاشمايمەن ،بۇ كىچىك باللارغا نىمە بولدى ،بۇ كىمنىڭ باللىرى؟ بۇلار قانداق گۇناھ قىلدى؟ ئاتا -ئانسى نەدە ؟
مەن ئالىمغا سۇئالىنى ياغدۇرۋاتقاندا بۇ تۆت كىچىك بالا پاڭىدە يىغلىۋەتتى ،بۇلارنىڭ چوڭى ئون ياشتا كىچىكى بەش ياشتا ئىدى
_ئارلاشماڭ دېدىمغۇ ،بۇلار مىنىڭ باللىرىم ،ئاپسى سىز دادسى مەن دېدى ئالىم
ئارتۇق گەپ قىلماي قىيدىغان پېتى ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېتىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ ئولتۇردۇم ،يېقىدىن بېرى تېلۋۇزۇردا كۆرۋاتقان ،ئادەم بىدىكلىرى ،ئاق سودىسى بىلەن شۇغۇلىندىغان كىچىك قىزلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلۇشقا باشلاپ ئازىراق قورقۇپ قالدىم
شۇندىلا ئاپام ھەم ھەدىلىرىمنىڭ
ئالىم دېگەن ياخشى نەرسە ئەمەس ،ئۇ دېگەن تۇنسا راۋابنىڭ بالسى ،بۇلار ناھىيمىزدىكى ھەم خوشنا ناھىيدىكلەرنىڭ باللىرنى ئالداپ ئىچكىر ئۈلكىگە ئەپچىقىپ ساتىدۇ ،بۇنى ئاز دەپ نۇرغۇن يېقىن دوسلۇرىغا ئاق چەكتۈرۈپ زەھەرلەپ ئۆزىنىڭ زەھىرىنى پۇلغا سېتۋاتقان ئەبلەخلەر دېسە ئىشنەمەي ئالىمدىن سورغىنمدا ئۇ غېمىدا يوق
_ئۇنداق ئىش يوق ئاپىقىم كىشلەر بىزنىڭ باي بولغىنمىزنى كۆرەلمەي شۇنداق دەپ قۇيۇپتۇ دېگەن بىر ئېغىز سۆزىگە ئىشنىپ ئۇنىڭ كەيىندىن ئىچكىر ئۈلكىگە چىقىنمغا پۇشايمان قىلۋاتقان ئىدىم
ئىشىك غىچىرلاپ ئېچلىپ ئالىم كېرىپ كەلدى ،ھەم كىرپلا چاچلىرىمنى سىلاپ يىقىنچىلىق قىلىپ مىنى ئەركىلەتتى
_ئېيتىڭە ئالىم بۇلار كىملەر دېدىم ئالىمغا تەرىمنى تۈرۈپ
_ساڭا ئېيتىپ بىرەي ئاۋۇ تۆتى بىزنىڭ شوركىمىز ،ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تاپىدۇ ،ئاۋۇ ئىككى قىز بولسا بايلارغا ھەمراھ بۇلۇپ ئاق ساتىدۇ دېدى ئالىم پەرۋاسىز
بېشىمدىن بىرى بىر چېلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ،بىراق ئالىم پەرۋاسىز ھالال تېجارەت قىلىپ مەغرۇر ياشاۋاتقان بايۋەتچىدەك تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى .
كۆزلۈرۈمدىن پۇشايمان يېشى سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى ،شۇ كىچسى ئالىمغىمۇ گەپ قىلماي بىر كىچە ئويقۇسىز تاڭنى ئاتقۇزدۇم ،ئالىم ئەتگەندە ھېلقى بىر توپ كىشلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
ئۆيدە شۇنچىلىك سىقىلدىم ،بۇرقتۇرىما بۇلۇپ ،ئۆزۇمنى تەستەكلەپ ،چاچلىرىمنى يۇلاتتى ،يۈركۈمنى ئېغىر بىر تاش بېسۋالغاندەك تەستە نەپەس ئالاتتىم ،قانداق كەچ كىرگىنى بىلمەيلا قاپتىمەن ،بىر چاغدا ئالىم ھېلقى ئىككى قىزنىڭ  چېچىدىن تۇتقان پېتى ئۆيگە ئەكىرىپ يەرگە ئىتىرىپ يېقىتى ھەم
_ھۇ ئۈلمگۈر بۇزۇقلا ،كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ پۇللۇرۇمنى چۈنتىكىڭگە سالاي دېگەنمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ،ھەر قايسىڭنىڭ قەرزىڭ بار مەندە شۇنى تۈلەپ بولمىغىچە ئالقىنمدىن چىقمەن دېيىشمە دەپ ئۇلارغا زەردە قىلدى
ئۇنىڭ مەن ياخشى كۆرگەن ئالىم شۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قېلۋاتاتتىم ،ئۇنىڭ ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بۈگۈن تېخىمۇ ياۋۇزلۇشۇپ قارىغان ئادەمنى ھازىرلا نابۇت قىلدىغاندەك كۆرنەتتى ،شۇ پەيىتە ئالىمنىڭ ھېلقى ئىككى ئاغىنسى ئۈچ بالىنى يېتىلەپ قايتىپ كەلدى ھەم جىددىي تۈستە
_ئاكا ئىلشاتىنى ساقچىلار تۇتۋالدى دېدى
ئالىم بىر تال تاماكۇنى تۇتاشتۇرۇپ كۆچەپ -كۈچەپ شورىغاندىن كىيىن ھېلقى ئىككىسنى باشلاپ سېرىتقا چىقىپ كەتتى
مەن ھېلقى ئىككى قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇ ئىككىسىنى يۈلەپ تۇرغۇزدۇم ھەم ،ئۆزۇمنڭ ياتاق ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئۇلارغا چاي قۇيۇپ ئۇلاردىن نىمىش بولغانلقىنى سوردۇم
ئۇلار دەسلەپ مەندىن  سەل ھەزەر ئەيلدى بولغاي گەپ قىلغلى ئۇنمىدى ،كىينچە مىنىڭ ئالىم بىلەن تۇنۇشىلقى ئەمدى ئىككى ئاي بولغنىنى ئاڭلاپ سۆزنى باشلىدى
_ ئىسىم مىھرىگۈل بۇ يىل 17 ياشقا كىردىم قەشقەرنىڭ ** ناھىيسىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئەمدى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپىن پۈتتۇرپ تۇرشۇمغا تۇيۇقسىز ئالىم بىلەن بىر راڭپىزا خاندا تۇنشۇپ قېلىپ ئۇنىڭ قىزقتۇرشى بىلەن ئىچكىر ئۈلكىگە كەلگەن ئىدىم ،بۇ ئىككى يىل جەرياندا پاكلىقىمدىن ئايرىلغاننى ئاز دەپ نۇرغۇن باشقا مىللەت كىشلىرىگە ھەمراھ قىز بۇلۇپ ئۇلارغا باش چايقىتىش كومىلچى ھەم خروئىننى ئازدۇرۇپ چەكتۇردۇم ،ئالىمغا نۇرغۇن خېرىدار تېپىپ بەردىم، بىراق ئالىم رازى بولماي ھە دېسە مىنى ئۇردى ،بىز ئىككىلا قىز ئىدۇق مەن باللارنىڭ كىچىكى بولغاچقا دادام ئاپام مىنى بەك ئەتىۋارلاپ يامان ئۆگتۇپ قويدى ،شۇڭمۇ بار كۈنۈمگە شۈكىرى قىلماي ئىچكىر ئۈلكىدە نىمە ئىش باردۇ دەپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ...
قىز قاتتىق يىغلىدى .
ئۇنىڭ ئارقىسىدنلا يەنە بىر قىز ئۆزىنى تۇنۇشتۇرىدى
_ئىسىم رەنا 22 ياشقا كىردىم ،ئالىم بىلەن ئىككمىز بىر كەچىلىك كۇلۇپتا تۇنشۇپ ئىككى ئاي ئارىلىشىپ توي قىلىش ئۈچۈن ئاتا -ئانام قېشىغا بارغاندا ئاتا-ئانام قۇشۇلماي تۇرۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ تەكلىۋېى بۇيۇنچە كۈنمىڭگە قېچىپ كەلدۇق ،كېلىپلا مىھرىگۈلىنى كۆردۇم ،كەلگەن كۈنۈمدىن باشلاپ مىھرىگۈلگە ھەمراھ بۇلۇپ شۇنچىلىك ئىپلاسلىقلارنى قىلدۇق ،بۇ تۇرمۇشتىن تۇيۇپ قاچماقچى بولدۇق بىراق ئالىم بەك يامان ھەممە يەردە كۆز قۇلقى بولغاچقا نەچچە قېچۋاتقان يەردە تۇتۇلۇپ قېلىپ قايتۇرۇپ ئەكلىنىپ قاتتىق تاياق يەپ ھازىرقىدەك بىپەرۋا بۇلۇپ قالدۇق دېدى ئۇ قىز
ئۇلارغا قاراپ ئېچىندىم ،ئۇلاردىن ئۆزمنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم ،ھېلقى ئىككى كىشى بىلەن تۆت كىچىك بالىنىڭ ئەھۋالىنى سوردۇم
_ھەي ئۇ ئىككى ئادەم ئالىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئوزاق يىلدىن بېرى سىناقتىن ئۆتكەن بۇرادىرى ،بىرنىڭ ئىسمى سولايمان ئالىمنىڭ يۇرۇتدېشى يەنە بىرى زۇلقەر ئۈرۈمچلىك ،ئۇلارمۇ ئالىمغا ئوخشاش« ھارام بىردەم بولسىمۇ جانغا ئارام »دەيدىغانلاردىن ،تۆت كىچىك بالا بولسا ئالىمنىڭ شىنجاڭدىن ئوغۇلارپ ياكى ئالداپ ئېلىپ چىقان باللىرى ،ئۇلار كىچە -كۈندۇز ئوغۇرلۇق قىلىپ ئالىمغا پۇل تاپدۇ ،خۇددى بىز ئالىم ئۈچۈن زەھەر ساتقاندەكلا ئىش دېدى مىھىرىگۈل
مىھرىگۈل ھەم رەناغا قاردىم، چېرايى شۇنچىلىك خۈنۈك ،ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ لاتاپىتىنى يوقاتقان ،گەرچە ئۇلارنىڭ تۇغما چېرايلىق ھۆسىنى بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ چىھرىدىن گۈزەلكىك ئۆچكەن ئىدى.
ئۇلارغا قاراپ ئېچىندىم ،تۇيۇقسىز ئېچىنشىقا تېگشلىك ئادەمنىڭ ئۇلار ئەمەس ئۈزۈمنىڭ  ئىكەنلىكىنى  چوڭقۇر  ھىس قىلماقتا ئىدىم .
ھەي بۇ ئىچكىرنىڭ ھاۋاسى دېگەن جۇمۇ
كۈندە شىلدىرلاپ يېغۋاتقان يامغۇر ،ئادەمنىڭ ئىچنى سىقىپ مىنى تېىخىمۇ بۇرۇقتۇرىما قىلاتتى ،شۇندىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئىككىنجى رەنا ھەم مىھرىگۈل بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالىمغا قوپال تەگمەي ئۇنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ئارلاشماي نىمە دېسە ماقۇل دەپلا تۇردۇم ،بىراق ئالىمنىڭ ھەر قېتىم تۆت كىچىك بالا بىلەن ھېلقى ئىككى قىزنى جازىلىغان قانخور ھالىتىنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۈچلۈكۈم كېلەتتى ،ئۇنى ئۆز قۇلۇم بىلەن بوغۇزلاپ ئۆلتۇرۇپ تۈمەنلىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغىچىلارنىڭ ئۈچىنى ئالغۇم كېلەتتى ،بىراق چاشقاندەك قورقۇنچاق يۈركۈم ئۇنداق قىلالمايتتى
ئالىم بىلەن بىرگە تۇرۇپ ئىككى ئايدىن ئاشقاندا بۇيۇمدا قالدى ،بۇ خەۋەر ئالىمنى قەۋەتلا خۇشال قىلۋەتتى ،ئۇ ماڭا ئۇ ئىككى قىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايتتى ،
ئۇ دائىم ،سەن مىنىڭ پەرىشتەم ،مەلىكەم ،كۆزۈمنىڭ گۈھىرى دەيتتتى ،ئۇنىڭ قانخور ئادەمدىن رومانتىك ئادەمگە ئۆزگۈرشىگە قاراپ ئۇنى مىنى ھەققىي ياخشى كۆردىكەن دېگەن ھىسياتقا كەلگەن ئىدىم ،ئۇ ماڭا بولغان مۇھاببتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇرسۇقۇمدىكى بالا بەش ئايلىق بولغاندا مىنى يۇرۇتقا ئاپسى قېشىغا يولغا سالدى ،بۇرۇن ئالىم بىلەن باردى -كەلدى قېلشىمغا قارشى تۇرغان ئالىمنىڭ ئاپسى بۇ قېتىم مىنىڭ ئايرىپلان بىلەن شىنجاڭغا چۈشدىغىنىمنى ئاڭلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئالدىمغا چىقتتى
ئالىمنىڭ ئاپسى بىلەن بىرگە يۇرۇتقا قايتىم ،بىراق كېلىپ بىر ئايغىچە ئۆيدىن سېرىتقا چىقالمدىم ،ئىككى ئايدىن ئاشقاندا نىمە كۇن كۆرسەم كۆرەي دەپ ئۆيۇمگە ئاپامنى يوقلاپ باردىم ،دەسلەپ ئاپام ماڭا ئوچۇق چېراي ئاچمىدى ،قورسقۇمدىكى بالامنى كۆرۇپ يېنىدا يەڭگىشىمنى ئېييىتى ،ئىككى ئاكام مەن ئۆيگە كەلگەندە بالسى بىر نىمە بۇلار مۇ دېمەي سەينانىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە مىنى قوغلاپ ئۇرۇپ كەتتى ،شۇ پەيىتە قۇرسقۇم تۇيۇقسىز ئاغرىپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ،كۆزۇمنى ئاچسام دوختۇرخاندا يېتىپتىمەن ،بالامدىن ئەنسىرەپ يېنىمدا مۈگدەرەپ ئولتۇرغان ئاپامدىن سوردۇم ،تەلىيمگە بالام سەككىز ئايدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپتۇ ،
بالامنىڭ قىز ئىكەنلكىدىن شاتلىنىپ ئالىمغا تېلفۇن قىلدىم ،ئالىم شۇ كۈننىڭ ئەتسىلا يېنىمدا پەيدا بولدى ،ئالىمنىڭ ئاپسى ئىككى ئاكام سەۋەبلىك بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتكىنى ئالىمغا ئېيتقان چېغى شۇ گەپىنى ئاڭلىغان كۈنى كەچتە ئىككى ئاكام باشقىلار تەرپىدىن تاياق يەپ ئورمانلىققا تاشلىنىپ ياتقان يېرىدىن باشقىلار دوختۇرخانغا ئېلىپ كەپتۇ ،ھەنىم بولسا بۇ ئىككى ئاكامنىڭ بۇ دۇنيادا يەيدىغان رىسقى بولسا كېرەك دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش قىلىپ ئىككى ئاكامنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ
ئۇھ ....ھاردىم تۇرمۇش دەتلىرىمنى سۆزلەپ ھاردىم
شۇندىمۇ سېلەرگە ئۈزۈلدۇرمەي سۆزلەپ بىرةي يازغۇچى قىزىمۇ توختىماي يېزىپ بەرسۇن ،مىسرانىم مۇنبرى ئويۇشتۇرىغان مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ...

                                                                                   « 3 »

بالام تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا بالىغا ئىسمىمغا ماسلاشتۇرۇپ سەبىخە دەپ ئىسىم قويدۇق.بالام  بالدۇر تۇغۇلغۇنغا باقماي ناھايتى ساغلام ئىدى  ،ئاپام ئالىمنىڭ ئىككى ئاكامنى ئۇرغانلقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنلا مىنى ئۆز ئۆيۇمگە قايتۇرۇپ كېلىپ قىرقىم توشقىچە باقتتى
بىراق ئاپامنىڭ يېنىدىكى قىرىق كۈن ماڭا قىرىق يىلدەك تۇيۇلدى ،ئالىم بىلەن ئاپسى ئېسىل سوغا- سالام ،پۇل- پۈچۈك بەرگەن كۈنى ئاپامنىڭ گۈل -قەقەللىرى ئېچلىپ ماڭا ياخشى قارايتتى شۇنداق پۇل ئۈزۈلۈپ قالدىغان بولسا
بىردە بالام يىغلاڭغۇ ئاپامنى خاتىرجەم ئوخلاتمىغان، بىردە چىچقاق قىزىم ئۆينى بۇلغاپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلشتۇرىغان بۇلاتتى
ھەي توۋا ھايات ھەقىقىتى،تۇرمۇش نىزامى شۇمىدۇ ؟؟؟
ئاپامغا رەنجەي دېسەم نىمگە رەنجىيمەي ،سېخى تەبىئەت جېنىدا بارلىق خۇش ھىدى بىلەن كىشلەرگە تۆت پەسلىنى ئاتا قىلىپ ھوزۇر بەخىش ئەتكەن بىلەن يازدا قاتتىق يامغۇر ،پىژغىرىن ئىسىق بىلەن قىشتا قەھىرتان سوغوق ،قىراۋ ئۈشىكى بىلەن ،ئەتىيازدا بۇرانلىق كىچىسى بىلەن كۈزدە ساپسېرىق سوغوقلىرى بىلەن ئادەم قىينايدۇ ئەمەسمۇ .
شۇڭىمۇ ئاپامنىڭ قىلغىنى ئانچە ئېغىر ئالماي بۇ ئۆيدە تۇرۋەردىم ،ئىككى ئاكام سەل ساقىيىپ دوختۇردىن چىقاندا ئالىم مىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتتى ،ئۆيگە بېرىپلا بىرىنجى بۇلۇپلا ئالىمدىن ئاكىلىرىمنى ئۇرغان ياكى ئۇرمىغانلقىنى سوردۇم ئالىم غەم تەرتماي
_ئۇرسام نېمە بوپتۇ ،ئەگەر بالامغا بىر ئىش بولغان بولسا بۇ ئىككى ئاكاڭنى بۇغۇزلىۋېتەتتىم دېدى ،
ئالىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئالىمدىن قورقۇپ قالدىم ،كېيىنچە ماڭا ۋاپا قىلمايدىغانلقىغا كۆزۇم  تېخىمۇ يەتتى ،شۇندىمۇ قىزىم سەبىخەننى دەپ ئۇنىڭ بىلەن نىكاھ قىلدۇرۇپ ،توي خېتى ئېلىپ يەنە ئىچكىر ئۈلكىگە قاراپ يولغا چىقتىم
بۇ قېتىم بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ھەم قانۇنى ھەم دىنىي جەھەتتىن ھەققىي ئەر -خوتۇن بولغاچقىمكىن ئۇ مىنى ئىچكىردىكى چوڭ لوبەنلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن بولغان ئولتۇرشلارغا ئاپىردىغان ،ئىچكىر ئۈلكىنىڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئاپىرىپ قىزىم بىلەن سەيلە قىلدۇردىغان ،ئالتۇن جابدۇقلارنى ،داڭلىق ماركىلىق كىيملەرنى ئېلىپ بېرىدىغان بولدى ،ئۈزى سودا قىلدىغان ھەم ھېلقى شوركىلىرى تۇردىغان ئۆيدىن قىزىم ئىككمىزنى ئايرىپ ئاۋات رەستە كوچىدىن  ئىككى يىللىق ئىجارىگە ئۆي ئېلىپ بېرىپ ئۆزىلا بۇ ئۆيگە كېلدىغان ،قالايمىغان ئادەملەرنى باشلاپ كەلمەيدىغان بولدى ،ئۇنىڭ بۇ ئەقىدىسىدىن خېلى تەسىرلەندىم ،بىراق ئىچكىر ئۈلكىگە چىقىلى بىر يىلدىن خېلى ئاشقان بىر كېچىسى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خومارى تۇتۇپ ئۆينى بېشىغا كەيدى ،قىزىم ئىككىمىز قاتتىق قورقۇپ كەتتۇق ،دەسلەپ ئالىمنىڭ زەھەر چېكىدىغىنى بىلمىگەن ئىدىم ،شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۈپۈكچى بىلەن شالى ئېقىپ بۇرۇنلىردىن سۇ قۇيۇلاتتى ،پۈتۈن بەدىنى تېتىرەپ ،تۈگلۈپ سەبىخە ئىككمىزنى قورقۇتۇپ  جېنىمىزنى  ئالغان  ئىدى  ،مەن ئالىمنىڭ ھېلقى شوركىسى زۇلقەرگە  تېلفۇن قىلدىم ،زۇلقەر  شۇنچە تېزلا يېنىمىزغا كېلىپ ئالىمغا بىر نىملەرنى پۇراتتى ،شۇندىلا ئالىم سەل ئۆزىگە كەلدى
ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ توختىماي يىغلايتتىم ،ئېسىل كېيىم -كېچەك ،زىبو -زىنەتلەر كۆزۇمگە سەت كۆرۇنگلى تۇردى ،ئەتسى ئالىمنىڭ خومارى بېسىقىپ ئۆزىگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا قاپاق ئاچمىدىم بىراق ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولدى بولغاي
_پەرىخە ،سەبىخە مىنى كەچۈرۈڭلار «كىشىنى قەسلىگەن ئۈزىنى قەسلەر »دەپ بىلمدىم ،مال ئېلىش جەرياندا تۇلا تېتىپ بېقىپ بۇ نىجىسقا ئۆگۈنۈپ قاپتىمەن چوقۇم تاشلايمەن دەپ قەسەم قىلدى ،ئالىمغا ئىشەندىم بىراق بىچارە زادىلا تاشلىيالمدى ،ئۇ قاچان زەھەرگە خۇمار بولدى شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ ئالتۇنلۇرۇمۇ يوق بولدى ،ئۇنىڭ سودىسىمۇ كۈندىن -كۈنىگە كاسات بۇلۇپ شوركىلىرى بىر - بىرلەپ تۇتۇلۇپ قالدى ،مىھرىگۈل تۇتۇلۇپ قالغاندا ئالىم مىنى ھەم سەبىخەنى ئېلىپ ئالدىراش شىنجاڭغا قايتتى ،
كىيم زۇلقەردىن  ئاڭلىساق مىھرىگۈل ھەممنى ئىخرار قىپتۇ ،شۇڭا ئىچكىر ئۈلكىنىڭ ساقچىلىرى ئالىمنى ئىزداۋاتقۇدەك
ئالىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ سېرىتقىمۇ چىقمدى ،بىراق بىزنىڭ ئىچكىر  ئۈلكىدىن ئېلىپ چىقان ئاق تاماكىمىز ناھايتتى تىزلا تۈگدى ،تاماكا تۈگشى بىلەن ئالىم ماڭا تاماكىنى تاشلايدىغانلىق توغرىسدا قەسەم قىلدى ،مەن ھەر قېتىم ئالىمنىڭ خومارى تۇتقاندا ئۇنى ئاپسى بىلەن بىرىلىشىپ باغلاپ قويدىغان بولدۇق ،بىچارە شۇنچىلىك قىيلىناتتى ،ئالىمغا قاراپ ئالىمنىڭ ئاپسى مەن ھەم ئەمدىلا تىلى چىقان سەبىخە تاراملاپ تۈكىلەتتۇق
ئادەم بۇ جاھاندا جېنىدىن جۇدالا بولمىسا بارلىق ئىشلارنى، ئادەم خىيالىغا كەلتۇرمەيدىغان ھەممە ئىشلارنى كۆرىدىكەن ،
بىر كۈنى ئالىمنىڭ خومارى بەك تۇتۇپ قىيلىنىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئاپسى ئۇنى بۇشۇندۇرۇپ پۇل بېرىپ سېرىتقا چىقىرۋەتتى
شۇ چاغدا مەن ئالىمنىڭ ئاپسى بىلەن سوقۇشتۇم
_ساراڭ بولدىڭىزمۇ ئاپا ئۇ سېرىتقا چىقسا يەنە ئۇ نىجىسنى چېكىدۇ ،يەنە تاشلىيالمايدۇ
_شۇنداق مەن ساراڭ بولدۇم ئوغلۇم ئۈچۈن ساراڭ بولدۇم،سەن قېرى جۇۋاننى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرىپ ئوغلۇمنى نەس باستى ھەممسى سېنىڭ كاساپتىڭ دېدى مۇماي
_مىنڭما ؟مەن قانداق قىلدىم ،ئوغلۇڭنىڭ ئاغزىغا زورلاپ تىقمىغاندىمەن تاماكىنى دېدىم ئاچىقتا
تۇنسا راۋاب ..تونسا راۋاب دېسە بۇ ناھىيە تەۋەلىكدە تونمايدىغان ئادەم يوق ئىدى ، قېيىن ئاپامنىڭ دادسى بۇرۇن قيىنچىلىق مەزگىلدە  مەھەللىمۇ -مەھەللە يۈرۈپ راۋاب چېلىپ تېلەمچلىك قىلغان ئىكەنتۇق ،قېيىن ئاپام شۇنچىلىك قامەتلىك ،ئېگىز ،سىمىز ،بۇرنىنىڭ يېنىدا يوغان مېڭى بار ،قېرىغىندمۇ قېشىغا ئوسمىنى دەمدەك قۇيۇپ ،ئاقارتىش مېىيىنى قېىنق سۈرۈپ جاھاندا مەنچە نوچى ئادەم يوق دېگەندەك سېۋىتنىڭ قىمىمەت باھاللىق كىيىم –كصېچەكلىرنى  ،شاڭخەينىڭ داڭلىق ئاياغلىرىنى ،تۈركىيەنىڭ ياغلىقلىرنى ئارتىپ يۈردىغان ،ئۇرۇش دېسە قىلچە ئىكىلەنمەي ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىدىغان ئايال ئىدى
_توۋا ...توۋا بالام مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالسا قاراپ ئازابلىنپ ئولتۇرامدىم ،چەكسۇن ،قانغۇچە چەكسۇن ،ئوغۇل بالا بولغاندىن كىيىن چەكسۇن دېدى قېيىن ئانام
_چەكسۇن دېگەن بىلەن ئۇنىڭغا قازا يىتىپ قالسا بالام ئىككمىز قانداق قىلمىز دېدىم ئاچىقتا
قېيىن ئانام يۈگرەپ كېلىپ ئاغزىمغا بىرنى سالدى
توۋا بىكاردىنلا تاياق يەمدىم بۇ خوتۇندىن ،
مەنمۇ كاپىدە قىلىپ ئۇنىڭ چېچىغا ئېسلىدىم
ئەللىككە يېقىنلاشقان شەرەنداز خوتۇن بولغاچقا ماڭا ئوخشاش ئىگىز بولسىمۇ ۋىجىك ،ئايالىنى شۇڭقار قۇشقاچنى ئاستىغا باسقاندەك تېگىگە بېسىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە تازا قويدى ،ۋايجان -ۋايەي بىلەن ئۇنىڭ ئاستىدىن تەستە قوپتۇم
ھازازۇل قېرى توختىماي مىنى تىلايتتى ،قىزىمنى ئېلىپ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭدىم ،يۈز -كۆزۇم قان ،سەبىخە توختىماي يىغلايتتى ،ئۇنىڭ يىغسىغا قاراپ ئىچىم ئۆرتىنەتتى ،ھېلقى ئىسمىنى تېلىمغا ئالغۇم كەلمەيدىغان كىنوچىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە مانا  ئۈچ ئەردىن ئىككى بالىغا ئانا بۇلۇپتىمەن ،بىراق جاھاندىن، تۇرمۇشتىن ئازراقىمۇ خۇشاللىق ھىس قىلماپتىمەن ،دۇنيادىكى بارلىق ئادەم رەزىل بۇلۇپ كەتكەندەك ھەممە ناچار ئەرلەر ماڭلا ئۇچراپتۇ ،ھەسرەتلىك ياشلىرىمنى ئېقىتشقا باشلغىنىمدا ئەتىياز ئېينىڭ باھار يامغۇرى ماڭا قۇشلۇپ تەڭ كۆز يېشى قىلۋاتاتتى
بەلكىم ئېچىنۋاتقاندۇ ،مىنىڭ شۇم تەقدىرمگە ئېچىنۋاتقاندۇ دېدىم ئۆز -ئۆزۇمگە پىچىرلاپ
بىردەمدىلا ئاپامنىڭ ئۆيگە يېتىپ كەلدىم ،ئاپام چېرايىمنى كۆرۇپلا سۆزلەپ كەتتى
_خوپ بولدى ..ۋاي ...ۋاي ..ۋاي تازا خوپ بولدى ،ئاق ساتىدۇ ،ئىچكىرىچى بالام ھاي ..بالام ھاي دېسەم ئۇنماي قېچىپ تەگدىڭ ،قارا تۇرقىڭغا
مانا ئۈچ ئەرگە تەگدىڭ قايسىدىن راھەت كۆردۇڭ ،ئۆزۇڭنىڭ شور پىشانىلىقث ئۈزۈڭگە ،تاپقان ئادەملىرىڭ بىر -بىردىن ئۆتە لۈكچەك توۋا دەيمەن شۇ ئالىمنىڭ نەرى ياخشى ھە ،توۋا توۋا
ئاپام توختىماي مىنى ئەيىپلەيتتى
سەبىخەننى ئاپام قېشىدا قۇيۇپ قۇيۇپ سېرىتقا چىقتىم ،ھەممە ئادەم بۈركۈتتىن قورقۇپ كەتكەن قۇشقاچ باللىردەك ئۆزلىرىنى يامغۇردىن ئېلىپ قېچىپ يۈگۈرشەتتى ،ئۇلارغا قاراپ ھەۋەستە ئىدىم ،بىردىنلا يامغۇر قارا بورانغا ئايلاندى ،خۇددى غەربىكە ساياھەت فېلمىدىكى پاسىق سۈڭەك ئالۋاستى كېلۋاتقاندا چىقدىغان بوراندەك بوران كۈچەيمەكتە ئىدى ،شۇ بۇرانغا قاراپ بوران قاينىمىغا كىرىپ قاياققىلاردىندۇر ئۇچۇپ كەتكۈم كەلدى ،تۇيۇقسىز ئەمدىلا ئۈچكە كىرگەن قىزىم سەبىخە ئېسىمگە كەچتى .
بىچارە قىزىمنىڭ دادسىدىن ،مەندىن باشقا ئىچى كۈيەر ئالدىمى يوق ئىدى .تۇنسا راۋاب ئالىم بار چاغدا ئۇنىڭغا كۈيۈپ ئېقىپ كەتسە شۇنداق ئالىم چىقىپ كەتسە سەبىخەننىڭ ئۇيەر -بۇ يەرلىرىنى چىمداپ يىغلىتاتتى ،مەندىن ئالالمىغان دەردىنى بالامدىن ئالاتتى ،ئاپام بولسا مەندە پۇل بولسا بالامغا كۈيەتتى بولمىسا قىزىڭ پوق پۇرايدۇ دەپ يېنىغا يېقىن يۇلىمايتتى .
ئاستا قەدىمنى ئاستلىتىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ  ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،ئۆيگە كىرگەن ۋاقتىمدا چاچلىرىم چاڭ -توزندا پاخپىيىپ ئاجايىپ سەت بىر ھالەتتكە كىرىپ قالغان ئىكەنمەن ،ئاپام بىلەن كىچىڭ سىڭلىم مىنى كۆرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .
ئەينەككە قاراپ مەنمۇ ئۇلارغا قۇشۇلۇپ كۈلدۇم ،بۇ چاغدا قىزىم ئالبۇرۇن ئوخلاپ قالغان بۇلۇپ مەن يۈز -كۆزلۈرۈمنى يۇيۇپ ئەينەككە قاردىم ،چېرايىم ئازراق تاتارغان ،تۇنسا راۋابنىڭ مەڭزىمنى تاتلىۋالغىنى ھېسابقا ئالىمغاندا تېخى چېرايلىق ھۈسنۈمدىن كەتمىگەن ئىدىم ،شوخ ئويناپ تۇردىغان بىر جۈپ كۆزۇم ،تەبەسۇمنى يوقاتمىغان ئوتقاشتەك لەۋلىرىم ،ئەگىم ئايدەك بۇرنۇم ،گارمۇندەك نەچچە قاتلاق قاپقىم ،ئۈزۈمگە پىچىرلىدىم
توۋا چېرايلىق ئاياللار بەختسىز كېلدۇ دەپ ،مۇشۇ چېرايىم دۈشمەن بولدىغۇ ئۈزۈمگە دەپ پىسڭڭىدە كۈلۈپ قۇيۇپ چېراقنى ئۈچۆرۈپ ئويقۇغا كىرشتىم
ئوخلاپ ئوزاق بولماي بىر چۈش كۆردۇم چۈشۈمدە دەسلەپ ئالىم بىلەن تۇنۇشقان چاغ ،ئالىم ماڭا قاراپ
خەپ سىنى ئىچكىرگە ئاپىرىپ پۇل تېپىش قۇرالى قىلمەن دېگۈدەك ،مەن ياق دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرشۋاتقىدەكمەن ،ئۇ مىنىڭ يىغلاپ -قاخشىغان نالەمگە قاراپ ئىچى ئاغرىدى بولغاي ماڭا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالغۇدەك ،سەبىخە ئىككىمىز ئالىمنىڭ كەيندىن يۈگۈرۈپمۇ ئۇنىڭغا يىتشەلمەي قالغۇدەكمىز ،
تۇيۇقسىز سەبىخەننىڭ ئۇساپ كەتتىم دەپ يىغلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ چېراقىنى يېقىپ سەبىخەگە سوغوق چاي ئېلىپ بېرىپ ئۇنى ئوخلۇتۇپ قويغاندىن كىيىن چېراقىنى ئۆچۈرۈپ خېلى بىر چاقىچە بايقى چۈشۈمنى ئويلاپ بىئارام بۇلۇپ ئوخلىيالمدىم،قايسى چاغلاردا ئوخلاپ قالدىم بىلمەيمەن ،بىر چاغدا ئاپامنىڭ
_يائاللا... قىز  ۋاقتىڭدىن باشلاپ قېرى جۇۋان بولغۇچە بىرەر قېتىمۇ سەھەر تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىنىڭنى بىلمەيمەن  ،شۇڭىمۇ نەچچە ئەرگە تەگدىڭ ،مۇشۇنداق كاپىر پېتى يۈرۈۋەرسەڭ يەنە نەچچە ئەرگە تېگىسەن خۇدايىم ئۈزى بىلدۇ دېدى ئاپام
ئەتگەندىكى ئاپامنىڭ قارغىش سۆزلىرى يۈركۈمگە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلدى
_ئاپا بەك قارغا ھېلىمۇ سىنىڭ قارغىشىڭ تۈپەيلى مۇشۇ كۈنگە قالدىم دېدىم
_مىنىڭ سەۋەبمدىنمۇ خىڭ.. ئۆزۈڭنىڭ ئەقىلسىزلىكىڭ سەۋەبدىن بولدۇڭ سەن داداڭنىلا دوراپ چۈشۈپتىكەنسەن ئەقىلسىز دېدى ئاپام
_شۇنداق مەن ئەقلسىز بولغاچقا سەندەك پۇلىنىلا تۇنىيدىغان خوتۇننىڭ بالسى بۇلۇپ قالغان دېدىم ئاچىقتا
_كۇپۇر بولسەن ،كاپىر بۇلسەن ئاۋۇ گەپىنى قايتۇرۋال دېدى ئاپام
_سەن تاهارةت  بىلەن ئادەم قارغىساڭ كۇپۇر بولماي مەن بۇلامدىم دېدىم ئاپام بىلەن تاكالىشىپ شۇنداق دەپ ئولتۇرشىمىزغا كىچىك ھەدەم ھاسىراپ -ھۈمدەپ ئۆيگە كىرىپ
_پەرىخە ..پەرىخە چاققان بول ئالىمنى بىرسى قەسلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن ئوخشايدۇ ،چاققان ئاق دۈڭنىڭ يېنىغا بار ساقچىلار ئالىمنىڭ جەستىنى شۇ يەردە بايقاپتۇ دېدى
پۇت قۇلۇمدا ماغدۇر يوق ،بېشىمغا بىركىم توقماق بىلەن ئۇرغاندەك دەلدەڭشىپ دېگۈدەك كىچىك ھەدەمنىڭ يۆلەشتۇرشى بىلەن ئاق دۈڭگە باردىم
بۇ ئاق دۈڭ دېگىنى ناھىيمىزنىڭ بۈرجىكىدىكى ئەسكى دۈڭلۈك بۇلۇپ ناھىيمىزدىكى بارلىق ئىچەرمەن ،چېكەرمەنلەر ،خوراز سوقۇشچىلار ،ئىت تالاشتۇرغۇچىلار مۇشۇ يەرگە كېلىپ قىمار ئويناپ كېتشىدىغان قاراقچىلار ئۇۋسى ئىدى ،
مەن ئاق دۈڭگە كەلگەندە تۇنسا راۋاب ئالبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىكەن، ئۇ ئالىمنىڭ جەستىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇغان بۇلۇپ مىنى كۆرۇپلا يۈگرەپ كېلىپ ياقامغا ئېسلىدى ھەم بالامنى تۈلە دېدى
تۇنساغا گەپ قىلشىقا رايىم يوق ئىدى ئالىمىغا قاردىم ،ئۇ قېتىپ قالغان بۇلۇپ تۈگۈلگەن پېتى ياتاتتى ،نىجس چېۋىنلەر ئۇنىڭ ئوچۇق ئېغزىغا كېرىپ گاژىلداپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرلدۇراتتى .
شۇنچە ئادەمنى ئالدىدا يىقتىپ ظايقىنى يالتىدىغان ،مەندىن نوچى ئادەم  يوق دەپ ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان بۇ نوچىنىڭ بۈگۈن ئىپلاسلىققا تولغان پوق چېۋىنلىرىنىمۇ قوغلاشقا قۇربى يەتمەي ئېچىنشلىق ياتقان ھالىغا قاراپ ئېچىم ئۆرتۈنۈپ كۆزلۈرۈمدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلدى ،يغلاۋاتاتتىم ،خىيالىم ئالىم بىلەن ئۇنىڭغا توختىماي قۇنۋالغان بىزەڭ چېۋىندە ئىدى .
ئالىمنىڭ ئاپسى مىنى تىلاپ ،يۈزلۈرۈمگە تۈكۈرۈپ ،ئۇرۋاتاتتى ،ھەدەم توختىماي تۇنسا راۋاب بىلەن سوقشاتتى ،ئۇلار تىلشۋاتاتتى
ئارىدا ساقچىلار كېلىپ ئالىمنىڭ جەستىنى ماشىنغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى ،مەن ھەم تۇنساخان ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدۇق ،ساقىچلار مىنى ھەم تۇنسا راۋابىنى سوراق قىلدى ،كالامدىكى بارلىق گەپلەرنى ساقچىلارغا ئېيتىپ بەردىم ،سۆزلۈرۈم تاقا -تۇقا بولغاچقا ساقىچلار مەندىن ئارتۇق گۇمان قىلماي مىنى قۇيۇپ بەردى ،كىينچە تۇنسامۇ ئۈلۈم بىلەن مۇناسۋەتسىز بۇلۇپ ئەركىنلىككە قۇيۇپ بېرىلىپتۇ
مەن ئالىم ئۆلۈپ كېتىپ بىر ئايغىچە خۇدۇىمنى بىلمەي يۈرۋەردىم ،بىر ئايدىن كىيىن سەبىخەنىڭ چۈچمەل تېلىرى بىلەن ئېسىمگە كەلدىم ،
شۇڭغۇچە ئاپام ماڭا نېمە دېدى ،سەبىخەننى قانداق باقتى بىلمەيمەن ،بىر ئايدىن كىيىن سەبىخەنىڭ دادسىز ،ئۈزۈمنىڭ ئەرسىز قالغىنى ھىس قىلدىم ،تەقدىرگە تەن بەرمەي نە ئىلاج ،ھاياتنىڭ ئوخشاشلا قورسىقى ئېچىپ ،چېرايلىق يۈرگىسى كېلدىكەن ،بارچە ئەلەم يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلەرگە بۇلدىكەن .
ئالىمنى ئاستا -ئاستا ئۇنتىشقا باشلىدىم ،بىراق پات -پات سېرىتلارغا چىقىپ قالسام تۇنسا راۋاب مىنى كۆرگەن يېرىدە تىلاپ ئادەم بولغۇنۇمغا پۇشايمان قىلدۇراتتى
ئادەم كۈندىن -كۈنىگە چوڭ بۇلۇپ پىشىپ يېتىلىدىكەن ،ئالىم ئۈلۈپ كېتىپ بىر يىلدىن ئاشقاندا سەبىخەگە ئاياغ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ  يولدا تۇنسا بىلەن يەنە ئۇچۇرشۇپ قالدىم ظذ ماڭا قاراپ تۈكۈرۈپ تۇرۇپ
_ھۇ شورى قورغۇر شۇر پىشانە ،شۇملۇق يۇلتۇزى ،ئوغلۇمنىڭ بېشىىغا چىقاننى ئاز دەپ نەۋرەمىنى يىتىم قىلدىڭ دەپ تىلدى
ئەتگەندە سەبىخەننىڭ بىر چەينەك سۇنى يەرگە تۈكۋەتكىنى ئۈچۈن ئاپامدىن تىل -دەشنام ئاڭلىغان ئىدىم ،ئاران تۇرغاندا تۇنسانىڭ بۇ سۆزلىرى ئاچىقىمنى كەلتۇدى
_نىمە كارىڭ ،سىنىڭ نىمە ئىشىڭ ،ئوغلۇڭىنىڭ ئۈمرى شۇنچىلىك ئىكەن ،بالدۇر ئۈلۈپ بالسى بىلەن مىنى جاپا دا قويدى ،سەن كانايچى قېرىمۇ قول ئىلكىڭدە بولغاندىن كىيىن نەۋرەڭگە بولسىمۇ راپئەت قىلمىدىڭ ،شۇ قىلقىڭ سەۋەبلىك بەلكىم ئالىم گۈرىدە ئۈرە ئولتۇرغان بولشى مۇمكىن دېدىم
بۇ گەپ تۇنسانىڭ تىتان تۇمۇرىغا تەگدى بولغاي چىچاڭشىپ كەتتى
_ھۇ پەس دىۋانە ،نەۋرەمىنى باقالمىساڭ ماڭا بەر، سەن پەس جۇۋاننىڭ قۇلدا چوڭ بولسا سەندەك شەرمەندە بۇلۇپ چىقدۇ دېدى تۇنسا راۋاب
_راس دەيسەن مەن راۋاب چېلىپ كوچىمۇ -كوچا تىلەمچىلىك قىلغان دىۋانە ،سەن خان سارايدا چوڭ بولغان بايۋەتچە شۇنداق بولغاندىن كىيىن تۇتە مانا نەۋرەڭ دېگىنممچە سەبىخەنى تۇنسا راۋابنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئالدى -كەينىمگە قارىماي كېتىپ قالدىم
بۇ چاغدا سەبىخە ئاپــا  دەپ چىقراپ يىغلغان پېتى تۇنسانىڭ قۇلدا قالدى ،يۈركۈم پىچاق  بىلەن تىلغاندەك  ئۆرتۈنۈپ تۇرسىمۇ سەبىخەنى يۈگرەپ بېرىپ تۇنسانىڭ قۇلدىن ئېلۋالالمايتتىم ،ئۆزۇم تۇل ئولتۇرۇپ ئاپامغا ئاكا -ھەدىلىرىم ئەكلىپ بەرگىنى يەپ ئولتۇراتتىم ،بىر موچەنلىك سېرىتىن كىردىغان كىرىمىم بولمىغاچقا ئاپام بۇ ئاجىزلىقىنى تۇتۋېلىپ ھە دېسە مەن بىلەن سوقشاتتى ،ئالىمنىڭ ئۆيدىن بىر كۆينەك بىلەن يېنىپ چىقاچقا ،ھەدەملەرنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان ياكى كونىرىغان كېيىملىرىنى كىيىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بۇلاتتىم ،سەبىخەمۇ دادسىدىن ئايرىلغاندىن بېرى بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيىپ باقماي ،ئاكا -ھەدىلىرمنىڭ باللىرىدىن ئاشقان كىيملەرنى كىيىپ بىر يىلىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى ،تۈگۈن چوڭ ئاكام سەبىخەننىڭ ئايغنڭ يىرتىلىپ باش مارداق پۇتىنىڭ چىقىپ قالغىنى كۈرۈپ 50 سوم بەرگەن ئىدى ،بۈگۈن شۇ پۇلغا سەبىخەگە ئاياغ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سېرىتقا چىققان ئىدىم ،كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوبدان ئىشنى تۇنسا راۋاب يوق قىلغان ئىدى .
خەپ دەيتتىم ئىچىمدە
بوپتۇ بالام ئۆپكەڭ ،يۈركۈڭ ساق بولسىلا پۇل تېپىپ سىنى قايتۇرۋالىمەن دەپ ئۆز -ئۆزمگە تۈگمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتتىپ كېلىپ ئاپامغا راسا يىغلدىم
_بەلەن بوپتۇ بالام ،سەن مول ھوسۇللۇق ئېتىز بولغاندىن كىيىن تۇغۇپ باشقىلارغا بېرىۋەر، ھامان بىر كۈنى باللىرىڭ پوق قۇرتىدەك يېنىڭغا جەم بۇلدۇ دېدى ئاپام
ئاپامنىڭ گەپلىرى شۇنچىلىك ئورغامنى قايناتتى ،
شۇ كۈنى كېچسى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ پۇل تېپىش ،تاپقاندىمۇ جىق تېپىپ چوڭ ئوغلۇمنى ھەم قىزىمنى يېنىمغا قايتۇرۇپ كېلىش نىيتىگە كەلدىم
ئەتسى ،ئۆگۈن ئىككى كۈن پالاقشىپ يۈرۈپ بىر كىيىم سېتىش ماگزىندىن پىركازچىكلىق خىزمىتى تاپتىم، دەسلەپ خۇجايىن بىلەن ئايدا  تۆت يۈز سوم  بېرىدىغان بۇلۇپ پۈتۈشتۇم ،خۇجايىن 45 ياشتىن ئاشقان سالاپەتلىك ئادەم بولغاچقا ئادەتتە مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايتتىم ئۇ خۇجايىنمۇ ماڭا سىڭلىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى ،بۇ ماگزىندا ئىشلەپ ھەپتە بولماي خۇجاينىڭ ئايالى سەۋەبسىزلار ماگزىنغا كېلىپ خۇجايىن بىلەن سوقشۇپ مىنى ئىشتىن قوغلاندى قىلدۇردى
خۇجايىن ئايالنىڭ قارشىچە مەن ئۇ ماگزىندا ئىشلىسەم خۇجايىنى ئازدۇرۇپ كېتەرمىشمەن ،
ھەي توۋا ...شور پىشانە ئەردىن تەلىي كەلمىگەن ياش جۇۋانلار شۇنچىلىك يامان ئادەمىدۇ،ئۇلارنىڭ مەخسىتى يالغۇز ئادەم ئازدۇرۇش بىلەن ئائىلە بۇزۇشمىدۇ ،ئېرى بولىمغان ئايالغا بۇ جاھاندا كۈن يوقمىدۇ دەپ ئوزاقىچە پىغان چەكتىم
ئاپام يەنە كۆپ يەۋالدىڭ ،جىق ئوخلاپ كەتتىڭ ،ئەتدىن كەچكىچە خىيال سۈردىڭ دەپ مىنى ئۆيگە پاتۇرمىغلى تۇردى ،ئامالسىز ئاپامغا ئۆينى تاشلاپ بېرىپ ئالىم بىلەن بىرگە چىققان ئىچكىر ئۈلكىگە بېرىپ تەلەي سىناش قارارىغا كېلىپ ئۈچ ھەدەمدىن مىڭ يۈئەندىن قەرىز ئېلىپ ئاپامغا بۈلدۈرمەيلا غىپىدە ئىچكىر ئۈلكىگە قاراپ يول ئالدىم

                                                                              «4 »


.


















































مۇشۇ خەتنى  شىنجاڭغا ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدۇم ،بىراق باش  ئاخىرى ماسلاشمىغان بۇ خەتنىڭ كىشلەرنى ئويغۇتالىشىغا كۆزۇم  يەتمىدى ،شۇڭا **ئارقىلىق بۇ ھىكايىنى ئاپتۇرىغا ئەۋەتىپ ،بارلىق ئازغۇن ياشلارنى مەنىدىن ئىبرەت ئىلىپ تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزشى ،زەھەردىن ،نادانلىقتىن ،ئادەمى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرشىدىن ئاگاھلاندۇررۇش مەخسىدە ھىكايە شەكىلدە توردىكى دوسلارغا سۇندۇم ،مەندىن ئىبرەت بولسۇن قېرىناشلار ،زەھەردىن يېراق تۇرۇپ باللىرىڭلارنى  ياخشى تەربىيلەڭلار ،مەسھۇليەتسىز ئاتا ،بىۋاپا ئانا بۇلۇپ قالماڭلار

تىما ۋەقەلىكى تۇرمۇشىمىزدىكى مەلۇم كىشلەر بىلەن  زىچ  مۇناسۋەتلىك بولشى مۇمكىن ،****ئاپاشىنى كۆزدە تۇتۇپ كىشى ئىسملىرى ئۆزگەرتىپ ۋەقەلىكىگە  ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مىسرانىم مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر  پائالىيتىگە يولاندى ،ئەسەر ھوقۇقى مىسرانىم  مۇنبىرى ۋە ئاپتۇرغا تەۋە  ،ئاپتۇرنىڭ روخسىتىسىز تېمىنى يېتىم  قېلىپ باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلمغايسىز

ئاپتۇرى :كەپسىز قىز (مېھرىگۈل مەمەت)



مەزكۇر ئەسەرنىڭ رەسىم شەكلىدە چىقارغان قىسمىنى،ۋاقتىم قىس بولغاچقا ئىدارىنىڭ كومپېيوتېرىدا ۋورتتا ئۇرغان ئىدىم.مۇنبەرگە يوللسام خەت شەكلىنى تونىمىدى،ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەي رەسىم شەكلىدە يوللىۋەتتىم.توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
吾日古丽 + 100
دىلسىرى + 100 ئاداش سىزمۇ كەم دىدار بۇلۇپ كەتتىڭىز
abdurxit29 + 100
maggulukayrilix + 11
OTYAK + 200
nijat0903 + 10 ياخشى چىقىپتۇ  بەك تەربىيۋى ئە
kamran + 100
تاڭنۇر + 500
YuqunAdam + 200 ئانىلارغا قىلىنغان تەربىيەكەن!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1321   باھا خاتىرىسى

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2546
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 83598
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9803 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 09:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوقۇپ بولدۇم. ئەجىرىڭىز كەلگەي! قەلەم قۇۋۋىتىڭىزغا ئاپىرىن!!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40627
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8653 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 09:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق بولسا داۋامىنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا نىيەت قىلىپسىز،  رەھمەت سىزگە.  جاپا تارتتىڭىز.

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22872
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6852 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللانمىڭىزدىكى ئاپا  دېگەن سۆزنى ئانا دەپ ئالغان بولسىڭىز  بوپتىكەن.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

بىرسى دىدى تۇخۇم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئىنكاستا  ساقلىۋېلىپ  ئالدىرىماي ئوقاي.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:17:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمىزدە بولۇۋاتقان ئاجايىپ ئىشلار ..........
ئاللا  ئەۋلاتلارعا ئىنساپ بەرگەي

سىرلىق دۇنيا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9975
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7731 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئىنكاستا  ساقلىۋېلىپ  ئالدىرىماي ئوقاي.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

كۈنسىر ئالغا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33296
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:57:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانسىغا بىر ھەپتە قالغاچقا ۋاقىت قىس ،شۇڭا ئالدىراش يولاندى
يولايدىغان كۈنى توك يوق ،توك كەلسە مۇنبەر خەت شەكلىنى تۇنماي دېگەندەك مىڭ جاپادا يولاندى ،ئىملا خاتالىق ،لوگىكىلىق خاتالىق ئېغىر ،شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ مىنى توغرا چۈشنىشنى سورايمەن

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41455
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3375
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1840 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2011-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئوقۇمىغىلى ، بەك يارىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21525
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8288
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 4027 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 11:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، جاپا چىكىپسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش