سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە
تولۇق ئىسمى : سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى
دۆلەت بايرىقى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق يېشىل بايراق بولۇپ،بايراقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئاق رەڭ بىلەن 《لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇ
لۇللاھ》دىگەن ئەرەپچە كەلىمە يېزىلغان . ئۇنىڭ ئاستىغا بىر قىلىچ توغرىسىغا قويۇلغان.
ئۇ ھەقىقەت بىلەن كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى يەر بىلەن سۇ يۈزىگە تەككۈزۈشكە بولمايدۇ . بايراق قەتئىي يېرىم چۈشۈرۈلمەيدۇ .
دۆلەت گېربى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت گېربىدە ئۆز ئارا كېسىشىپ تۇرغان ئىككى قىلىچنىڭ ئۈستىدە بىر تۈپ خورما دەرىخىنىڭ سۈرىتى بار . قىلىچ ــــ كۈچ بىلەن جەڭگىۋارلىقنىڭ ، خورما دەرىخى ــــ ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى .
دۆلەت بايرىمى : 1932-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىبنى سەئۇد پۈتۈن قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ دۆلەت نامىنى 《سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى》- دەپ ئېلان قىلغان . مىلادىيە كالىندارى بويىچە بۇ كۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى .
پايتەختى : رىياد شەھىرى
قىسقىچە تارىخى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ــــ ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن ۋە تارقالغان ماكان .
مىلادىيە 7-ئەسىردە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن . ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز باسارلىرىدىن ئەبۇ بەكرى سىدىق (634-632) ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (644-634)، ئوسمان ئىبنى ئەففان (656-644) ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (661-656) قاتارلىق خەلىپىلەر ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بۇ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە يېرىم ئارالنى مەرگەز قىلغان ھالدا سىرىتقا قارىتا كېڭىيىپ ئەرەپ ئىمپىريىسىنى قۇرغان . 8-ئەسىردە ئەرەپ ئىمپىريىسى تازا گۈللىنىپ زىمىنى ئاسىيا ، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپادىن ئىبارەت 3 قىتئەگە كېڭەيگەن .
ئەرەپ ئىمپىريىسى 11-ئەسىردىن باشلاپ زەئىپلىشىشكە باشلىغان . 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان ئىمپىريىسى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى ئىستىلا قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىۋالغان .
15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئەجداتلىرى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى رايۇنىدىكى قەتىفدىن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نەجىد رايۇنىنىڭ دەرئىييە شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ بۇ رايۇندا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيىتكەن . 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نەجىد رايۇنىدىن چىققان ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب (1787-1703) ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ھەنەفى مەزھىپىنىڭ ۋاھھابىي ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
كېيىنچە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب بىلەن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق كۈچى ئۇلغايغان سەئۇدى جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ئابدۇلئەزىز ئىبنى سەئۇد 1773-يىلى رىيادنى ئىشغال قىلىپ نەجىد رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە ھىسا رايۇنىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ مەككە، مەدىنە شەھەرلىرىنى ئېلىپ 1811-يىلى سەئۇدى جەمەتىنىڭ تۇنجى ئەمىرلىكىنى قۇرغان .
1818-يىلى ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ مىسىردىكى باش ۋالىيسى مۇھەممەدئەلى ئەسكەر چىقىرىپ ۋاھھابىي ئېقىمىنى دەھشەتلىك باستۇرغان ۋە سەئۇدى ئەمىرلىكىنىڭ مەركىزى دەرئىييەنى تۈزلىۋەتكەن . سەئۇدى جەمەتى ھازىرقى كۇۋەيىتكە قېچىپ بېرىپ پۇرسەت كۈتكەن . كېيىن شىمالدىكى شەممەر تاغلىق رايۇنىغا جايلاشقان ھائىلدىكى ئىبنى رەشىد جەمەتى نەجىد رايۇنىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ 1891-يىلى رىيادنى بېسىۋالغان .
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنى 1902-يىلى سەئۇدى جەمەتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلئەزىز ئىبنى سەئۇد ئەسكەر توپلاپ بېرىپ رىياد ۋە باشقا قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرىۋالغان ھەمدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلىپ يېڭى ئەمىرلىكنى قۇرۇشقا ئاساس سالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەئۇدى جەمەتىنىڭ نەجىد رايۇنىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .
ئابدۇلئەزىز ئىبنى سەئۇدى 1920-يىلى ئىبنى رەشىد جەمەتىنى باش ئەگدۈرگەن .
1924-1920- يىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تائىف،مەككە،مەدىنە،جىددە قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ پۈتۈن ھىجاز رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .
1927-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئابدۇلئەزىز ئىبنى سەئۇدىنىڭ پارىس قولتۇقىدىن قىزىل دېڭىزغىچە پۈتۈن ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . 30 يىلغا سوزۇلغان جازا ئۇرۇشى ئارقىلىق ئابدۇلئەزىز ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ 1932-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنى قۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن .
1953-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان .
شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگۈچە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە .
ھاكىمىيەت تۈزۈمى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ھاكىمىيەت تۈزۈمى ـــ ھۆكۈمەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن پادىشاھلىق تۈزۈمدىن ئىبارەت .
《قۇرئان كەرىم》ۋە 《ھەدىس》دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى قىلىنىدۇ .
پادىشاھنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار .
ۋەزىرلەر كېڭىشى ۋە مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى پادىشاھنىڭ دۆلەتنى باشقۇرىشىغا ياردەملىشىدۇ .
يەر كۆلىمى : سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ 5/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ . ئومۇمىي يەر مەيدانى 2 مىليۇن 500 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر .
ئاھالىسى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاھالىسى 25 مىليۇن 570 مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 6مىليۇن 500 مىڭ چەتئەللىك ئىشچى بار . سەئۇدى ئەرەبىستانى نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %3.5 تىن %3.8 كىچە بولۇپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . يەنى ھەر يىلى 500 مىڭ نوپۇس كۆپىيىپ تۇرىدۇ . ئاساسلىق مىللەت ـــ ئەرەپ مىللىتى .
دىنىي ئېتىقادى : ئىسلام دىنى ـــ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت دىنىدۇر . سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار %85 نى ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار %15 نى ئىگەللەيدۇ .
دۆلەت ئىچىدە ھىجرىيە كالىندارى قوللىنىلىدۇ .
تىلى : ئەرەپ تىلى ـــ دۆلەت تىلىدۇر . ئېنگىلىز تىلى پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە ئېقىۋاتقان چەتئەل تىلىدۇر .
پۇلى : سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى دۆلەتنىڭ پۇل نامىدۇر . ئادەتتە قەغەز پۇل رىيال نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . تەڭگە پۇل ھەللە نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . بىر رىيال 100 ھەللىگە تەڭ .
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەر قانداق بانكىدا توسالغۇسىز پۇل ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ ياكى پۇلنى چەتئەلگە يۆتكەپ چىقىپ كېتىشكىمۇ بولىدۇ . بانكىلار ئەتىگەن سائەت 8دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 1 گىچە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 7 گىچە ئىش بېجىرىدۇ .
جۇغراپىيىلىك ئورنى : سەئۇدى ئەرەبىستانى غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان . غەرپ تەرىپى قىزىل دېڭىز بىلەن (دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلىقى 1800 كىلومېتىر)، شەرق تەرىپى پارىس قولتۇقىدىكى قاتار، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئوممان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ . فاھىد كۆۋرۈكى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بەھرەيىننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ .
شىمال تەرىپى ئىئۇردانىيە، ئىراق، كۇۋەيىت بىلەن ، جەنۇپ تەرىپى يەمەن بىلەن تۇتىشىدۇ .
يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى : غەرپ تەرىپى ئىگىزلىك،شەرق تەرىپى ئويمانلىقتۇر. ئوتتۇرا رايۇننىڭ كۆپ قىسمى تاشلىق بولۇپ، جەنۇپ-شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرى ئاساسەن قۇملۇقتۇر . قۇملۇقنىڭ كۆلىمى 1 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ دۆلەت ئىچىدە دەريا يوق .
ھاۋا كىلىماتى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، ياز كۈنلىرى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا℃50 تىن ئېشىپ كېتىدۇ . قىش كۈنلىرى سالقىن بولۇپ يامغۇر كۆپ ياغىدۇ .
ۋاقىت پەرقى : سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتىدىن 5 سائەت، ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن 3 سائەت كېيىن بولۇپ، دۆلەت بويىچە قۇربان ھېيىت ۋە روزى ھېيىتتىن ئىبارەت ئىككى بايرام بار .
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئادەتتە شەنبىدىن چارشەنبىگىچە 5 كۈن ئىشلەيدۇ . پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى دەم ئېلىش كۈنى ھېساپلىنىدۇ .
شەخسى كارخانىلار ۋە شىركەتلەر ئادەتتە شەنبىدىن پەيشەنبىگىچە 6 كۈن ئىشلەيدۇ .
تاموژنا ۋە چېگرا رەسمىيەتلىرى
ئادەتتە چېگرىدىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ شەخسىي مۈلكىگە ھېچقانداق باج ئېلىنمايدۇ .
لېكىن ھەر قانداق شەخىس تاموژنىدا قاتتىق تەكشۈرىلىدۇ . ھاراق،چوشقا گوشى قاتارلىق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئىمپورت قىلىنغان ماللاردىن ئاز مىقداردا باج ئېلىنىدۇ .
ھەر قانداق شەخىس سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسىدىن كىرگەندە قولىدا ئىناۋەتلىك پاسپورت ۋە ۋىزا بولۇشى كېرەك .
كاپالەتچىسى يوق چەتئەللىكنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىش تېپىپ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ .
سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەج قىلىش، سودا قىلىش ۋە ساياھەت-زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر ۋىزا ۋاقتى توشقاندا ئۆز دۆلىتىگە قايتىشى لازىم . ئەگەر بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ .
قانۇنلۇق ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسىغا كىرگەن ھەر قانداق چەتئەللىك ئۆز دۆلىتىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ياكى خەلقئارالىق ماشىنا ھەيدەش پىراۋىسىنى ئالغان بولسىلا سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە ماشىنا ھەيدىسە بولىۋېرىدۇ .
مەمۇرىي رايۇنلىرى
سەئۇدى ئەرەبىستانى 13 ئۆلكىگە بۆلىنىدۇ . ئۇلار : رىياد ئۆلكىسى، مەككە ئۆلكىسى، مەدىنە ئۆلكىسى، شەرقى ئۆلكە، قەيسۇمە ئۆلكىسى، ھائىل ئۆلكىسى، ھايىر ئۆلكىسى، ئەبھا ئۆلكىسى،
تەبۇك ئۆلكىسى، شىمالىي چېگرا ئۆلكىسى، جىزان ئۆلكىسى، نەجران ئۆلكىسى ۋە جەۋىف ئۆلكىسىدىن ئىبارەت .
ھەر قايسى ئۆلكىنىڭ باشلىقلىرىنى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ . كابېنىت كېڭىشى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، پادىشاھ تەيىنلەيدۇ .
ئۆلكە قارمىقىدا 1-دەرىجىلىك ۋە 2-دەرىجىلىك ناھىيىلەر تەسىس قىلىنىدۇ . ناھىيە قارمىقىدا بولسا 1-دەرىجىلىك ۋە 2-دەرىجىلىك يېزىلار تەسىس قىلىنىدۇ .
مۇھىم شەھەرلىرى
رىياد ـــــ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى ھەم دۆلەتنىڭ بىرىنجى چوڭ شەھىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان . نوپۇسى 2 مىليۇن 600 مىڭ بولۇپ، يەر مەيدانى 1650 كۇۋادىرات كېلومىتىر كېلىدۇ .
رىياد شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىياسىي،مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى. ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرىدىن خىمىيە سانائىتى،ئېلىكتىر سانائىتى،سىمونىت سانائىتى،
سۇلياۋ سانائىتى قاتارلىقلار بار . شەھەر سىرتىدا چوڭ تىپتىكى ھەشەمەتلىك ئايرودىروم ـــ پادىشاھ
خالىد خەلقئارا ئايرودىرومى بىلەن شەرقى رايۇنغا بارىدىغان تۆمۈر يول بار .
جىددە شەھىرى ـــــ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2-چوڭ شەھىرىدۇر . بۇ شەھەر قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى ھىساپلىنىدۇ . نوپۇسى 1 مىليۇن 250 مىڭ بولۇپ، يەر مەيدانى 1200 كۇۋادىرات كېلومىتىر كېلىدۇ . ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە سودا مەركىزىدۇر . جىددە شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشى ناھايىتى تەرەققى قىلغان . بۇ شەھەردە ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرى ئىنتايىن ئىلغار بولغان ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى بولۇپ، پورتتا 53 پىرىستان،48 سۇ تىرانسىپورت شىركىتى بار . ھاۋا تىرانسىپورتى جەھەتتە دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەتكە قاتنايدىغان زامانىۋى خەلقئارا ئايرودىرومى ــــ پادىشاھ
ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودىرومى بار . بۇ ئايرودىرومنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش نورمىسى 20 مىليۇن ئادەم قېتىمغا بارىدۇ . جىددە شەھىرىدە 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋاكالەتخانىسى بار . تاشيول قاتنىشىمۇ بەك تەرەققى قىلغان بولۇپ زامانىۋى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تۇتىشىدۇ . سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكىسپورت سودىسىنىڭ % 80 تى جىددە پورتى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . بۇنىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېڭىز تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
بۇ شەھەردە يەنە چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى 100 دىن ئارتۇق بانكا ۋە 20 مىڭدىن ئارتۇق سودا مەركىزى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ پۇلى بار شىركەتلەر 100 دىن ئاشىدۇ . جىددە شەھىرىدە يەنە خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئورگىنى بار .
جىددە شەھىرىنىڭ تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇئەسسەلىرى مۈكەممەل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تەنتەربىيە كۇلۇپلىرى ھەم مەيدانلىرى، چېنىقىش سارايلىرى، سۇ ئۈزۈش كۆللىرى بار .
جىددە شەھىرىدە يەنە خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن 5 يۇلتۇزلۇق رېستۇرانلار ۋە مىھمانخانىلار بار . بۇ شەھەردە يەنە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى،ئىسلام خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتىلىقى قاتارلىق 10 نەچچە تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى بار .
جىددە شەھىرى ئىككى مۇقەددەس جايغا بارىدىغان دەرۋازىدۇر . جىددە شەھىرى بىلەن مەككە شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، مەدىنە بىلەن بولغان ئارىلىقى 424 كىلومېتىر بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2 مىليۇندىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمانلار مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ . بۇ يەردىن ئۆتكەن چەتئەللىكلەر دىنىي پائالىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن يەنە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ . شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا جىددە شەھىرى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلقئارا مەركىزى ھېساپلىنىدۇ .
مەككە مۇكەررەمە شەھىرى ـــــ ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان جايدۇر . ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 3-چوڭ شەھىرى بولۇپ ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ .
مەككە ـــــ ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنجى مۇقەددەس جايى. بۇ مۇقەددەس جاي پۈتۈن دۇنيادىكى 1 مىليارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى مەركىزى. مۇسۇلمانلارغا شارائىتى يار بەرسە ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج-تاۋاپ قىلىش پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن . شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ھەر قېتىم ناماز ئۆتىگەندىكى قىبلە يۆنىلىشىنىڭ مەركىزى بەيتۇللا مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان .
مەككە ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ سەراھ تاغ تىزمىسى ئارىسىدىكى ھىجاز رايۇنىغا جايلاشقان .
مەككە ئىلگىرى ئادەم ئاياق باسمايدىغان قاقاس چۆللۈك بولۇپ، زەمزەم بۇلىقى پەيدا بولغاندىن باشلاپ كىشىلەر بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كۆپەيگەن . كېيىن بۇ جاي سۈرىيە،يەمەن،شەرقى شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنلىرى ئارىسىدا قاتنايدىغان كارۋانلارنىڭ سودا-سېتىق مەركىزىگە ئايلانغان . مەككە شەھىرىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق ھەم ئىسسىق بولۇپ يامغۇر ئاز ياغىدۇ.
مەككە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە كۆلىمى 190 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئۈچ قەۋەتلىك پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر ھەرەم مەسچىتى جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەسچىتتە بىرلا ۋاقىتتا 900 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ ھەم ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارالايدۇ . ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئاستىغا پۈتۈنلەي مەرمەر تاش يېيىتىلغان . جامەنىڭ 7 جايىدا دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە 7 كۈن سىمۋول قىلىنغان ئەزان ئېيتىدىغان، ئىگىزلىكى 92 مېتىر كېلىدىغان 7 مۇنار بار . ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلىقى 12.2 مېتىر،كەڭلىكى 10.2 مېتىر،ئىگىزلىكى 15 مېتىر بولغان كەئبە ـــــ بەيتۇللا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تاملىرى قوڭۇر كۈل رەڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئۇلى مەرمەر تاش بىلەن مۇستەھكەملەنگەن بولۇپ سۈرلۈك ھەم ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ . ئۇنىڭ شەرق تەرەپتىكى قوش قاناتلىق ئىشىكى 286 كىلوگىرام ساپ ئالتۇن بىلەن نەپىس قىلىپ ياسالغان .
بەيتۇللانىڭ ئۈستىگە 《 قۇرئان كەرىم 》ئايەتلىرى كەشتىلەنگەن يىپەك يوپۇق يېپىلغان . يوپۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا 47 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا 95 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن 120 كىلوگىرام كۈمۈش يىپ بىلەن 《 قۇرئان كەرىم 》ئايەتلىرى كەشتىلەنگەن . يوپۇق يىلدا بىر يەڭگۈشلىنىدۇ.
كەئبىنىڭ ئىچىگە 3 تال يوغان ياغاچ تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. كەئبىنىڭ ئىچىمۇ يىلدا بىر تازىلىنىدۇ .
كەئبىنىڭ شەرقى جەنۇپ بۈرجىكىدە 1.5 مېتىر ئىگىزلىكتە بىر كۈمۈش رامكا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە دىيامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر پارچە قارا تاش ئورنىتىلغان . مۇسۇلمانلار ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان 《مۇئەللەق تىلسىم تاش》دەپ قارايدۇ . زەمزەم قۇدۇقىمۇ كەئبىنىڭ شەرقى جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان .
يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەر كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى . ئاسمان-پەلەك بىنالار سېلىندى . كەڭ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى ۋە غايەت زور فونتانلار ياسالدى . ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ھەج تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى باشلانغان كۈنى مەككىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئادەملەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ .
مەككىدە سودا مۇلازىمەت كەسىپلىرىمۇ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان . نۇرغۇن كەسىپلەر ھەج قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋە دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . بۇ شەھەردە يەنە ئالتۇن-كۆمۈش، زىبۇ-زىننەت سودىسى ۋە يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى خېلى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان . مەككىدە يەنە ئالىي مىھمانخانىلار، دوختۇرخانىلار، ئۇنۋېرسىتىتلار، مەدەنىيەت كۇلۇپلىرى ۋە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار بار . مەككىدە تاشيول قۇرۇلۇشى خېلى تەرەققى قىلغان بولۇپ، مەككىدىن رىياد،جىددە،تائىف ۋە يەمەنگە بىۋاستە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار بار . سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار چىقىرىپ غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ بۇ شەھەرگە كىرىشىنى مەنئى قىلغان .
مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى ــــ ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنجى مۇقەددەس جايىدۇر . بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى 600 مىڭ بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان .
مەدىنە تارىختا مۇسۇلمانلارنىڭ پايتەختىمۇ بولغان . مەدىنە مۇنەۋۋەرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن ھىجرەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن كېلىپ ئورۇنلاشقان جايىدۇر .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ 13 يىلغىچە مەككىدىكى ئەرەپ قەۋملىرىنى ئاللاتائالانى بىر دەپ بىلىشكە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەرھەق پەيغەمبەر دەپ تونۇشقا ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق-راستلىقىغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلغان. لېكىن ئەشۇ 13 يىل جەريانىدا مەككىدىكى ئەرەپلەرنىڭ ئىمان ئېيىتقانلىرى ئىنتايىن ئاز بولغان . مۇسۇلمان بولغانلار مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ھەم بۆزەك قىلىشىغا چىدىماي ھەبەشىستانغا كۆچۈپ كەتكەن . 13 يىلدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىشنى نىيەت قىلغان. چۈنكى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىمان ئېيتىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە
يېتىپ كەلگۈچە مەدىنىلىك ئەرەپلەر (ئەنسارىلار) ھەر كۈنى قۇبا دىگەن يەرگىچە كېلىپ پەيغەمبەرنىڭ يولىغا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرىشاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كېلىپ، ئالدى بىلەن قۇبادا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قۇبا مەسچىتىنى بىنا قىلغان . ئاندىن مەدىنە شەھىرىگە كىرگەن . ئەبۇ بەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ مەسچىتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ھەر قايسى جايلارغا كېڭەيگەن . نەتىجىدە مەككە مۇكەررەمە ھەم پۈتۈن ئەرەپ يېرىم ئارىلى ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرى مەدىنە-مۇنەۋۋرەدە تولۇق نازىل بولغان .
ھەج قىلىش مىلادى 626-يىلى12-ئايدا مانا مۇشۇ شەھەردە پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىشنى ئىرادە قىلىپ پۈتۈن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلارغا ھەج قىلىشنى ئېلان قىلغان . شۇنىڭ بىلەن مىلادى 631-يىلى 100 مىڭ كىشى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يىغىلىپ رەسۇلۇللا بىلەن بىللە ھەج تاۋاپ قىلغان . بۇ قېتىمقى ھەج رەسۇلۇللانىڭ ئاخىرقى قېتىم ھەج قىلىشى بولغاچقا 《ھەج ۋىدا》يەنى ۋىدالىشىش ھەجى دەپ ئاتالغان .
رەسۇلۇللا بۇ قېتىمقى ھەجدە ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن ئەھكاملىرىنى بايان قىلغان . ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەن .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ــــ مىلادى 571-يىلى4-ئاينىڭ 21-كۈنى مەككىدە تۇغۇلغان. مەككىدە 13 يىل، مەدىنىدە 10 يىل ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان .
40 يېشىدا ئاللادىن پەيغەمبەرلىككە ۋەھىي كەلگەن .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 634-يىلى 63 يېشىدا مەدىنەدە ۋاپات بولغان .
مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە پەيغەمبەر مەسچىتى دىگەن چوڭ جامە بار. مەسچىتنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەبرىسى بار .
تائىف شەھىرى ــــ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىي سەراھ تاغلىق رايۇنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋا كىلىماتى سالقىن ۋە يېقىملىق ، نوپۇسى 400 مىڭ ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2000 مېتىر كېلىدۇ . بۇ شەھەردە تۈرلۈك دەل-دەرەخ ۋە گۈل-گىياھلار يىل بويى كۆكىرىپ ھەم ئېچىلىپ تۇرغاچقا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يازلىق دەم ئېلىش رايۇنىغا ئايلانغان .
تائىف شەھىرى مەككە ئۆلكىسىگە قارايدۇ . مەككە شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 88 كىلومېتىر كېلىدۇ.
مەنبە : مۇنبەرگە رەتلەپ يوللۇغۇچى ــــ خەنجەر
پايدىلانغان ماتىرياللار : دۇنيادىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر مەجمۇئەسى
سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ