مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2138|ئىنكاس: 44

سەييارە دىن مۇنبەردىكىلەرگە يۇمۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 10:28:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                    شاگىرىت تەربىيلەش
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى سىنارىسىت ئەلەفەسىي ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئىز باسارغا بىرەر شاگىرىت تەربىيلەپ قويۇشنى ئويلىشىپ قالدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنسارمۇ شاگىرىتلىققا كىرىپ ئەلەفەسىينى ئۇستاز تۇتۇپ سىنارىسىت يېزىشنى ئۈگىنىشكە بەكلا ئىشتىياقى بار ئىدى .
شۇڭا ئەنسار بۇ خىيالىنى ئەلەفەسىيگە ئېيىتتى، ئەلەفەسىيمۇ قوشۇلدى ، ئۇلار دەرىسنى باشلىېۋەتتى
__ سىنارىيە يېزىشتا مۇنداق ئىشلارغا دېققەت قىلىمىز :_  ۋاقىت، موھىت ۋە پىرسۇناجلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى ماس كېلىشى ھەم ھىكايە،رومانلارغا قارىغاندا،،،،،،،،،،،،،
ئەلەفەسىي ئەنسارغا دېققەت قىلماي قولىدىكى كىتاپقا قاراپ سۆزلەۋېرىپتىكەن ، ئەنسارغا قارىسا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ،بىر خىلدا مۈگىدەپ ئولتۇرغىدەك ، بۇ ھالەتنى كۆرگەن ئەلەفەسىي  ئۇستازنىڭ ئاچچىقى تازا كەپتۇ دە :
__ ھەي ،ئەنسار !!! نىمە قىلىق بۇ ؟ ئادەمنى كۆزگە ئىلماي ، ئۈگىنەمسىز يوق ؟باياتىن بېرى مەن تامغا ،روھ-ئەرۋاھلارغا سۆزلىدىمما ؟ ،،،،،،،،،
ئەنسار كۆزىنى ئۇۋىلاپ ،تۇمشۇقىنى ئۇشلايتىپ تۇرۇپ
__  ئەلەفەسىي  ئۇستاز مەن باياتىن بېرى سىزسۆزلىگەن قائىدىلەربويىچە خىيالىمدا بىر سىنارىيەگە تىزىس تۈزەۋاتاتىم ،دېققىتىمنى چېچىۋەتتىڭىز ،،،.
__ ھە ، مۇنداق دەڭ ، ئۇنداقتا ياخشى .
ئەلەفەسىي ئۇستاز شۇنداق دەپ قويۇپ يەنە دەرىسنى داۋاملاشتۇردى ، بىرھازا سۆزلىگەندىن كىيىن :
_ مۇشۇ قائىدىلەر ، باياتىن بېرى ئۆزىڭىز تىزىۋالغان تىزىس  بويىچە بىر سىنارىيە يېزىپ بېقىڭ ،  قىسقا، ئاددىراق بولسىمۇ ،چۈشنىشلىك بولسىلا بۇلىدۇ ،،،،،،،،،
يەنە بىر مۇنچەگەپلەردىن كىيىن شۇنداق بېشىنى كۆتۈپ ئەنسارغا قارىسا ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ قېتىپ كەتكەن ،ئۇنى يەنە سۆزلىگىنىم بويىچە سىنارىيە تىزىسى تۈزەۋاتامدىغاندۇ دەپ چىرايىغا بىردەم قاراپ تۇرسا ،بىرنەرسە خىيال قىلىۋاتقان چىراي ئەمەس  ، چۈش كۆرۈپ ئۆزى بىلەن ئۆزى پىخخلداپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ ، غەزەپ ئاچچىقى كەلگەن ئەلەفەسىي ئۇستاز ئۈستەلگە كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ ، قاپاقلىرىنى مۇشتەك تۈرۈپ ، بار ئاۋازى بىلەن :
ھەي گۆش باش ،،،!!! چىك! چىك! چىك! قانداق قىلسام بۇلار ھە ؟ قانداق قىلسام بۇلار !!! كىمگە سۆزلىدىم مەن ،  بولدى ،ئۈگىنەلمىگۈدەكسىز ، مەنمۇ سىزگە ئۈگىتەلمىگۈدەكمەن، بولدى دەرىسمۇ تۈگدى ، كەتسىڭىز بۇلىدۇ ، بۇندىن كىيىن كەلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
ئەلەفەسىينىڭ كۈچىنىڭ بارىچە ئۈستەلگە ئۇرىشى ،بۇ قاتتىق ۋارقىراپ گەپ قىلىشلىرى بىلەن ئەنسار چاچراپ ئويغاندى ، بىراق بۇ جانۋار بەكلا قورقۇپ كەتتى بولغاي ، كۆزلىرى پىيالىدەك يوغىناپ ،پۇت-قوللىرى تىترەپ ، ئاغزى ئاران گەپكە كەلدى :
__ مەن،  مەن ، ئاۋۇ ، ،،، ئى ~~~ ھېلىقى تىزىس تۈزىۋالغىنىم بويىچە سىنارىيە كىرىشتۈرۈپ ، مۇنبەردىكى ئەزالارنى رولغا تەقسىملەپ ،بۇخارا شەھىرىدە رەپىتىس قىلىۋاتاتتۇق شۇ .
__ ھە ،شۇنداقمۇ ؟سىنارىيەنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ،مۇنبەردىكى ئەزالارنىمۇ تەقسىملەپ بولدۇم دەڭ . قالتىس چاققان .
ئەلەفەسىينىڭ تەنە گەپ قىلغىنىنى سەزمىگەن ئەنسار :
__ ھەئە ئۇستاز ، شۇ ،مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالارنى تەقسىملەپ بولدۇم ئەمما رول ئالىدىغان ئەزا كاملاپ قالدى ، باشقا مۇنبەردىن بىرنەچچە ئەزانى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلسەك بۇلامىكىن دەيمەن ، سىزچە قانداق؟

               ئىئانە

يېزىلىق ھۆكۈمەت بىر ئېتىزلىققا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياسىماقچى بۇلۇپ دېھقانلاردىن ئىئانە توپلىماقچى بولۇپتۇ.كۆلچەك قۇرۇلىشىغا مەسئۇل خادىم ئەلتېكىن دېھقان ئەلزاماننىڭ  ئۆيىگە كىرىپ سوراپتۇ:   
-سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قۇرلۇشىغا نىمە ئىئانە قىلماقچى بۇلىۋاتىسىز؟     
-ئىككى چىلەك سۇ ئىئانە قىلايمىكىن دەيمەن.


         ئەرىز قىلىمەن

گۈلبىكە ئىشتىن چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىقىپ ئۆيىگە كېتىپ بارسا يولدا گۈلبەر يۈز- كۆزلىرىنى بۈركەپ ، ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ يىغلاپ ، شۇنداق تېز كېتىپ بارغۇدەك .
گۈلبىكە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئەنسىرەپ سوراپتۇ :
__ ۋاي گۈلبەرمۇ سەن ئاداش ، نىمە بولدۇڭ ؟ نىمە يىغلايسەن ؟
گۈلبىكەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلبەر ئۇنىڭغا ئېسىلىپ باشقىلەدىن تېخىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى
__ ھۈ~~ ھۈ ~~ جېنىم ئاداش ،ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ، تېخى ياپياش تۇرۇپلا مۇشۇنداق بۇلۇپ قالامدىمەن ، ھۈ~~ ھۈ ~~
__ ۋاي ئاداش نىمە بولدى ساڭا ، تېزرەك دىگىنە ؟بۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭ ؟ مۇشۇ ئىسسقتا نىمىشقا ئاغزى-بۇرنۇڭنى ئۇنچىۋالا يۆگىۋالىسەن ،ئەزەلدىن بۇنداق يۈرمەيتىڭغۇ ؟،،،،،،،،،،
__ سوتقا ماڭدىم ئاداش ، ئەرىز قىلىمەن .
__ سوتقا نىمىشقا ماڭدىڭ ؟ كىمنى ئەرىز قىلىسەن ؟
__ كۆزۈم بىلەن شاتئاينى ئەرىز قىلىمەن ، ھۈ~~  ھۈ ~~
__ ئۇ ئىككىسىنى نىمە ئۈچۈن ئەرىز قىلىسەن ، نىمە ئىش بولغان ؟ شۇنداق ياخشى دوستلادىن ئىدىڭلارغۇ ؟
__ قارا ئاداش ، مۇنداق ئىش ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆزۈم بىلەن شاتئاي مۇنبەرگە يۇمۇر ئەكىلىپتۇ ، < سىزمۇ بار >دەيدۇ ، قىززىقىپ كىرىپ ساپتىمەن ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي راسا كۈلدۈم ، كۈلۈپ يىقىلىپمۇ قاپتىمەن ،ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ ،،،،ۋاي بولدى قىلە ئاداش ، ئۇف ~ شۇ كۈلكىنىڭ زىينىنى مانا يەتكۈچە تارىتتىم ، قانداقمۇ قىلارمەن ، قانداقمۇ قىلارمەن ،،،،،
گۈلبەر شۇنداق دىگەچ يۈزىنى ئورىۋالغان رومالىنى ئاچتى .
__  ئوھ ! ۋاي خۇدايىم نىمە بولغىنى بۇ ،يۈزلىرىڭ،،،ئاداش بۇ ، يۈزلىرىڭ ،،،يۈزۈڭگە نىمە بولدى؟
__ ھۈ~~ ھۈ~~ شۇ قانداق قىلىمەن ئاداش ، كۈلىۋېرىپ بولغان ئىش مۇشۇ ، يۈزلىرىمگە قورۇق چۈشۈپ كەتتى ،< كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ > دىگە نۆلگە تەڭ گەپكەن ، بۇنداق بۇلارىنى بىلگەن بولسام كۈلۈشتىن ئاۋال ئىككى قولۇمدا ئېغىزىمنى چىڭ تۇتىۋالاتتىم ، ئەرىز قىلىمەن بۇ ئىككى شەرەپسىزنى .ئاداش بولدى سەنمۇ ئۆيۈڭگە مېڭىۋەرگىن ،كىيىن كۆرۈشەرمىز ، ئالدىراپ ماڭغانتىم ، سوتتىن ياناشىمدا يېنىڭغا كىرەمەن يە ، شۇ چاغدا ئەھۋاللىشايلى .
گۈلبەر شۇنداق دىگىنىچە ئالدىراپلا كەتتى ، گۈلبىكەمۇ گەپ قىلالماي جايىدا تۇرۇپلا قالدى .


             بېلىق تۇتۇش

مىرئادىل ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ  ﺑﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ  ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﺭﯗﻕﻗﻮﻝ ﻗﺎﻳﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﻳﻮﻕ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﺎﻻﻱ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ،ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗﺗﯩﻠﻼﭖﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ:"ھېي سولتەك ،مىنى نىمە كۈرەپ قالدىڭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻣﭽﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﯖﻐﺎﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ."

                  يازما يوللاش

گۈلىستان تەھرىر بۆلۈمىگە ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرىنى ئەۋەتىپتىكەن باشقۇرغۇچى خوك تەرپىدىن ئۆچۈرلۈپتۇ ،گۈلىستان بىر ھەپتىدىن كېيىن باشقۇرغۇچى خوكقا ئۇچۇر يوللاپتۇ ،
__ مېنىڭ ئۇ ئەسىرىمنى نېمىشقا تەستىقلىمايدىغان بولدۇڭلار؟
__ ئەسىرىڭىزنىڭ مەزمونى بەك چېچىلاڭغۇ ، نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ، قايسى مەزموننى ئايدىڭلاشتۇرماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولمايدۇ، تاققا-تۇققۇ يېزىپ قويۇپسىز شۇڭا ئۆچۈرۈلدى .  
__ ئۇنداق بولسا «تاققا-تۇققۇ » سەھىپىسىدە ئېلان قىلساڭلار بولمامدۇ؟


مەنبە __ ئۆزۈم ۋە ئاڭلىغانلىرىم .

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئاز گەپ قىلماق -

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31296
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 2384 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2013-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مەن يوقكەنمەن ، [s:207]
بىراق بەك قىزىقارلىق ئىكەن [s:228]

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11506
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8622 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۈم  بىلەن  شاتئاي كۆردۇڭلارمۇ سىلەرمۇ ئادۇكات ئۇقشۇپ قويۇڭلار    جۇمۇ  [s:186] [s:186] [s:186] (قانداق بىلۋالغاندۇما سەييارە يۈزۈمدىكى قورۇقنى ۋە يۈزۈمنى يۆگىۋالدىغانلىقىمنى)ھى...ھى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:42:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ شاگىرت تەربىيلەشكە باشلاپتىمەندە، ئەجەپ ئۆزەم ئۇقمايدىكەنمەن بۇنداق شاگىرت تەربىيلىگىمنى[s:199] [s:185] [s:211]

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(gulbar5) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

شۇ گۈلبىكە گە يۈزىڭىزنى كۆرسەتكەندە كۆرىۋالغانتىم ، يېنىمدا پەقەت گۈلبىكە لا بار باشقا ھېچكىم كۆرمىدى دەپ ئويلاپ قاپسىز ھە [s:231]

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

كصشص كصشصگة مؤهت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29944
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13678
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 5821 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي سىزمۇ يۇمۇرغا قالتىسكەنسىز  جۇمۇ سىڭلىم،قاتتىق كۈلدۈرۋەتتىڭىز مىنى،بولۇپمۇ ئاۋۇ بېلىقنىڭكى بەك قىززىق ئىكەن،كۈلۈۋېرىپ چىرايىم گۈلبەرنىڭكىدەك بولۇپ قالسا مەنمۇ ئەرز قىلماي سىزنى يەنە[s:211] [s:211]

كصشصنص كصشصگة مؤهتاج قصلصشتصن خؤدا ساقلصسؤن

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116818
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېسىمنىڭ دەردىدىن دېھقانلارمۇ چېچەن بوپ كېتىپتۇ جۇمۇ، قاراڭلا ، دوپپامغا جىگدە سالىمەن دېگىنىنى.

يومۇرلىرىڭىزنىڭ بەزىلىرى ئىجادىيەتمۇ نېمە، ئاڭلىمىغان يومۇرلار ئىكەن. سىزگە كۆپ رەھمەت، كۈلدۈرگىنىڭىزگە !


دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11506
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8622 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:2قەۋەتتىكى(gulbar5) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ئىشلىتىدىغان قەۋەت4قەۋەتcayyaraبىلەن2011-05-30 11:44 PMيوللانغان2قەۋەتتىكى(gulbar5) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
شۇ گۈلبىكە گە يۈزىڭىزنى كۆرسەتكەندە كۆرىۋالغانتىم ، يېنىمدا پەقەت گۈلبىكە لا بار باشقا ھېچكىم كۆرمىدى دەپ ئويلاپ قاپسىز ھە [s:231]  
گۈلبىكەنىڭ كەينىدىرەك بۇغداي ئۆڭ ھىندىستانلىققا ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان بودەكتىن بىرسى تۇرغاندەك قىلغان ئەسلىدە سىزكەنسىزدە [s:190]

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 11:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(Eltekin) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ھە ئە بەزىلىرىنى ئاڭلىغانلىرىم قالغانلىرىنى ئۆزۈم يازغان [s:228]

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

@مەن بەك بەك ئۇشش

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42532
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3037
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-5-30
ئاخىرقى: 2011-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 12:04:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي تاتلىق قىز بۇندىن كىيىن مىنىمۇ قېتۋلىشنى ئۇنۇتماڭ جۇمۇ..ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرىۋالىمەن بولمىسا[s:190] [s:190]

پىكىر يالىڭاچ ئېيتىلماي،بەدىئى ماھارەت بىلەن ،پوئىتىك ئۇسۇل بىلەن ئېيتىلسا،كىتاپخانىغا قاتتىق تەسىر قىلالايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش