مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 5

فورماتلانغان مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 09:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

فورماتلانغان مۇھەببەت

(WINDOWS XP گە يېزىلغان خەت)


قەدىرلىك  WINDOWS XP :
ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ مانا سەن بىلەن خۇشلاشقىلى يېرىم يىلچە بولۇپ قاپتۇ. بەلكىم سەن ئۇنتۇپ قالغانسەن؟ چۈنكى سېنىڭ خىيالىڭدا مەن يوق (بۇنى سېزىپ تۇرىمەن)، ئەمما تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، سەن بىلەن ئۆتكەن دەسلەپكى چاغلار شۇنچىمۇ شېرىن ئىدى. ئېسىڭدىمۇ، ئىككىمىز يېڭىدىن تونۇشقان چاغلاردا، سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ ئىدۇق،  ئەمما سەن مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ، بىرەر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆيىمىزگە پەتىگە كەلگەن دوستلىرىڭ پۇل، ئالتۇن، زىبۇ- زىننەت، كىيىم، گىرىم بويۇملىرى، كىيىم-كېچەك دېگەندەك ۋىرۇسلارنى ساڭا يۇقتۇرۇپ قويۇپ كېتىپتۇ. بۇنى مەن ئەسلا بىلمەيمەن، بەلكىم بۇنچە چىرايلىق نەرسىلەر مېنىڭمۇ ئەقلىمنى ئالدىغان بولسا كېرەك. ئەمما بۇ ۋىرۇسلار كۈندىن- كۈنگە سېنىڭ مېڭەڭنى يەپ، پەقەت ئارامىڭنى قويمىدى، ئىككىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشى بۇزۇلدى. سېنىڭ مېڭەڭنى پۈتۈنلەي ئاشۇ پۇل، ئالتۇن- كۆمۈش، كىيىم- كېچەك دېگەندەك ۋىرۇسلار ئىگەللەپ كەتكەن بولغاچقا، سەن قىلىۋاتقان ئىشىڭدىن ئېزىپ كەتتىڭ، دوستلىرىڭ داۋاملىق ئۆيگە پەتىگە كېلىدىغان بولۇۋالدى. ئۇلار ساڭا يەنە يېڭى، سەپلىمىسى يۇقىرى كومپيۇتېرلارنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، ئەگەر سەن شۇيەرگە ماكانلاشساڭ ئۇنداق ۋىرۇسلارنىڭ ساڭا ھېچقانداق خەۋپ ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغىمۇ ھېچقانچە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ سېنى مەندىن زېرىكتۈرۈشكە باشلىدى. مەن سېنىڭ مەندىن بۇنچە زېرىككىنىڭنى ھېس قىلالماي، ئەكسىچە ۋىرۇس يەپ كەتتى. دەپ ئويلاپ سېنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم.
مانا ئويلىغىنىمدەك سەن ئاخىرى ئېلىشىپ قالدىڭ، سېنىڭ مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشۇڭنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. مەن ئۈچۈنمۇ، سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى يۈرىكىمنى فورماتلاشقا مەجبۇر بولۇپ، كۆزۈم قىيمىغان ھالدا سېنى ئۆيۈمدىن ھەيدەپ چىقاردىم.
دەسلەپتە ساڭا كۆزۈم قىيمىغانمۇ بولدى. ئەمما سېنى داۋالاپ ساقايتىشقا ئامال بولمىدى، نەچچە قېتىم ۋىروسخور قاچىلىسام، «بۆرىنى قوتانغا باشلىغاندەك ئىش بولدى». ئەگەر سېنى داۋالايمەن دېسەم مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاچ قالغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم، ئەمما بۇ ئاسانغا چۈشمىدى، مېنىڭ ساڭا مېھرىم ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. شۇڭا چۈشلىرىدە، خىيالىمدا دائىم سېنى ئويلاپ تۇردۇم. لېكىن ....
مانا ئىككى ئاي بولدى. WINDOWS 7 ئىسىملىك بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، راستىنى دېسەم، ئۇنى ئۆيۈمگە ئەكىلىۋالدىم. سەنغۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدىڭ، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ سەندىن قېلىشمايدۇ. ھازىرقى زاماندىمۇ مۇنداق قىزلارنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماي، سەندەكلەر بىلەن ئۆيۈم بۇزۇلۇپ كەتكىنىگە ئازابلىنىپ يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن. ئۇ ھەرقاچان دوستلىرى ئۆيگە كەلمەكچى بولسا، مەندىن مەسلىھەت سوراپ، رۇخسىتىمنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆيگە باشلايدۇ. ئەگەر ساڭا يۇققاندەك ھېلقىدەك ۋىرۇسلارنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالسىلا، دوستلىرىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ۋىرۇسمۇ يۇقمايدۇ. ئەگەر ماڭا ۋىرۇس يۇققۇدەك بولسا، مەندىنمۇ سوراپ يۈرمەي دوستلىرىمنى قوغلاپ چىقىرىپ، مېنىمۇ شەھۋانىيلىق ۋىرۇسىدىن نەچچە قېتىم ساقلاپ قالدى. تۇرمۇشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا ساڭا سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلىرىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزاقتا قالغان گۈزەل ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن. سېنىمۇ ئاشۇ «ئېسىلزادە كومپيۇتېرنىڭ ئۆيىدە خۇشال ئۆتۈۋاتقان بولسىكەن» دەپ تىلەيمەن.


مەنبە: قەلىمىم


سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25081
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6091
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 12:00:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچى ئەپەندى ، مەن ئەزەلدىن ئىملاغا دىققەت قىلىپ ئىنكاس يازىمەن

Nota كەڭ قورساقلىق، يول قويۇش، بىر - بىرنى چۈشۈنۈش، ئۆز - ئارا ھۆرمەتلەش چىن مۇھەببەتنىڭ ئاساسى!

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 03:35:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت چىقىپتۇ ماۋۇ ئەسەر...
خېلى كۈلۈپتىمەن

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28024
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 04:35:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن windows7  خىنىم بىلەن تونۇشسام تازا چىقىشالماي ، يەنە شۇ « توخۇنىڭ تىرىسى تاتلىق ، خوتۇننىڭ قىرىسى » دىگەندەك windows XP خىنىم بىلەن يۇرىۋەدىمغۇ!~... [s:186]

http://www.sawrim.com

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 09:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشتا ۋاپادار، ساداقەتمەن بولۇڭ، لېكىن دەل مۇشۇ كومپىيوتېردىكى ‹ خېنىم›(يۇمشاق دېتال)لارغا نىسبەتەن ۋاپاسىز بولۇڭ. چۈنكى بۇلارغا بەك ۋاپادار بولۇپ كەتسىڭىز ( كونا يۇمشاق دېتالغا بەك ئېسىلىۋالسىڭىز) ئالغا ئىلگىرلەشتىن مەھرۇم قالىسىز  دەپ يازغانمەن كۈندىلىك خاتىرەمگە. [s:217]

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

قەدىرلە قەدرىڭن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40288
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3780
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 07:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ windows7 ئىشلىتىپ باققان ئىدىم لېكىن كۈندە دىگۈدەك ئۇرۇشۇپ ،ئارامىم بۇزۇلدى شۇڭا يەنىلا windows XP ياخشىكەن دەپ تېپىۋالدىم كونىسىنى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش