ئەزلارغا قوشاق ،ئەمما ئىنكاس يېزىپلا قايتا كىرمەيدىغان دوستلار بار ئىكەن ،مەن ھەممىگە قوشاق بىلەن ئىنكاس قايتۇردۇم!كۆرۈپ بېقڭلار!
مسىرانمدىكى بارلىق ئەزالانىڭ كەيپىياتنى تېخمۇ يوقرى كۆتۈرۈپ مىسرانم قوشاق سورنى قىزتىش مەقسىتىدە ئازراق قوشاق توقسام روخسەت قىلارسىلەر ،ئېغر كەتسە قوشاقلرىم دۈم يېتىپ يىلغلاسىلەر!
مىنى ئەمدى كىرگەن يېڭى كەلدى دەپ قالماڭلار جىمۇ ،ئەينى ۋاقىتتا مىسرانمدا نۇرغۇن ئېسلى ئەسەرلەرنى قالدۇرغان تىم، ھازىر ئىزدەپقۇ تاپالمىدىم. شۇنداق بولسۇم ئۈمدۋالىق بىلەن يەنە سىلەرگە ئاتاپ بىر قانچىنى يازدىم! لىكىن شەرت ھەممىڭلار قاتنىشڭلار جىمۇ ،ئازيىغىلسا كۆپ بولۇر ،شۇنىڭ بىلەن ھەممە شاتلىققا تولۇر!
مەن ئالدى بىلەن بىر قانچە ئەزلارغا يازاي قالغىنى داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭلار!
ئەمسە ئالدى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر مىسرانمنىڭ رەئىسى مىسران ئاداشتىن باشلايلى!
مىسرانىم
كىرىپ كەلسەم كەپەڭگە
قارمىدىڭ ئەي دوستۇم
بەك ئالدىراشمۇ ئۆزڭمۇ
يا تونمايلا قويدۇڭمۇ!
دوستلار ئارا مۇنبەردە
خۇشال چاقچاق قىلمىز
تەڭ كۈلسەك ھەمىمىز
قاراپ سىز بىزلەرگە
غەزەپ قلىپ يۈرەمسىز
مىسران ئاداش ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ بىزگە ۋاقىت چىقىرىپ قويلى يا بەك ئالدىراشمۇ !
كەتىرەن گە
كەترەن ئىكەن ئۆزىڭىز،
تىكەنلىكمۇ يۈزىڭىز.
بىلەلمىدىم بىر قاراپ ،
زىراپىدەك بويىڭز .
قوشاق قاتسام يىغلىماڭ
شۇنچە كىشنىڭ ئىچىدە
زىراپىدەك بوي تۇرۇپ
غادىيىپ بېقىڭ ئۆزگىگە
كەترەن چاقچاق قىلسام ئەمدى يىغلاپ يۈرمەڭ جىمۇ ،ئەمدىغۇ بويىڭزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلمدىم شۇ !
توغرۇل
توغرۇل دەپقۇ ئاڭلىغان
خان ئىكەنمىش ئۇ كىشى
سىز شۇنچىلىك ئەمەسسىز
يا توغرۇلخان ئەۋلادى.
جاسارەتلىكتۇر توغرۇلخان
يۇرتنى ئادىل سورغان
سىزدە بارمۇ جاسارەت
يا بولمىسا ئادالەت
ئەمدى شۇ قاملاشمىسمۇ ...كىم سىزنى بۇنداق قەدمىي ئىسملارنى قويۋالسۇن دەپتىكەن!
كۈن قىز
كۈن قىز ئىكەن ئۆزىڭىز
قۇياشتەكلا چىھرىڭز
بۇلۇت توسا شۈمشۇيىپ
يوقاپ كىتەر جسمىڭىز!
كۈن قىز دەپقۇ ئاڭلىغان
مىسرنىمدا بار ئىمىش
چاقناپ قوياي دىمەيدۇ
نۇرسىزمىكىن بۇ كۈن قىز
كۈن قىز مىنى يېڭى كەلدى دەپ ئەمدى گەپكە چېقۋالماڭ جىمۇ!
تارىم
ھەيۋەتلىكتۇر ئۆزى تارىم
شوخ ئاقدۇ سۇلار سۈزۈك
ئەمما مۇنبەردىكى تارىمجان
قايان كەتتى مەغرىپ تامان
تارىمىنىڭ بوي دەيدۇ،
شۇنچە گۈزەل بەك يېشىل
كۆرگۈمىزغۇ بار ئىدى
نىمە دەيدىكىن بۇ تارىم !
تارىم دەپ نامىڭىز ئېسل بولغاندىكىن تارىمنىڭ تارىخدىن بىزگە چۈشەنچە بىرەسىز دوستۇم!
تەكلىماكان
تەكىلماكان سىر دەيدۇ
بۇنى ھېچكىم بىلەميدۇ
تەكلىماكان دوستۇممۇ ،
بۇنى ئېنىق بلىمەيدۇ!
تەكلىماكان بويدا
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەن ئۆزۈم
دەپ بېقىڭە ئەي دوستۇم
بۇ يەرنى سىز چۈشنەمسىز!
دوستۇم تەكلىماكان بۇجاينىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن ،نۇرغۇن ئارخلوگلا ئەگەر تەكلىماكان بىلەن سەھراى كەبىر نىڭ سىر يېشىلسا دۇنيادا ئېچىلمىغان سىر قالمايتى دېيشىدىكەن !سىزنىڭچە تەكىلماكان دىگەن بۇ ئاتالغۇغا ئازراق ئېنىقلما بىرىپ باقارسىزمۇ !
تەنھا
تەنھالىقتا يىگانە
تەمتىرەپلا يۈرەمسىز
قاچانغىچەچوڭ بولماي
تەنھالقتا يۈرۈسىز
تەنھا ئىكەن بۇ دوستۇم
نىمە سەۋەپتىن تەنھا كىن
سىرداشساققۇ ئىككىمىز
غەم -قايغۇڭىز قالماسمىكىن.
تەنھا ئاداش تەنھا يۈرمەك بەك ئازاپ جىمۇ ،ئادەم دىگەن ئادەم بىلەن ئادەم تەنھالىق مۇھاببەتكىلا ئەمەس جەمىيەتكىمۇ قارتىلغان. جەمىييئەتتە تەنھا قالمىغاندۇق!
دىلسىر
شۇنچە مەنلىك ئىسمى بار
مۇنبەردىمۇ نامى بار
قانداق ئىكەن بۇ قىزچاق
نىمانداق كۆپ سىرى بار
دىلسىر ئىكەن ئۆزىڭز
دىلىڭزدا كۆپ سىرىڭىز
بۇ مۇنبەردە بار تۇرۇپ
يوقاپ كەتتى ئۆزڭىز!
دىلسىر ئەمدى مۇنبەرگە كۆپ كىرىپ مىنىڭ تملىرىمغىمۇ ئىنكاس يېزىپ قۇيارسىز ماقىما!
دىلناز
شۇنچە چوڭ مۇنبەردە
ئۇچىراتىم بۇ قىزنى
ئەمدى تىما يېزشىمغا
قايتۇرۇپتۇ ئىنكاسنى
يېقىملقتۇر ئىسمڭىز،
نازلىنىپلا يۈرەمسىز!
دىل ئىشكىڭىز ئۇچۇقمۇ
قاقسام جاۋاپ بىرەمسىز!
دىلناز ئەمدغۇ بۇ تېمنى كۆرەسىز ،يەنە ئىنكاس قايتۇرماي بېقىڭ قېنى !چاقچاق جىمۇ ھەي قىز ئەمدى خاپا بولۇپ يۈرمەڭ بىكار دىن مەندىن!
كەپسىز قىز
مۇنبەردە بار بىر قىزچاق
شوخ ھەم شۇنچە كەپسىز
باشقۇرمىساق ئەگەردە
بۇلار مۇنبەر پاتپىراق.
كەپسىزلىكتىن ئۆزڭىز
دائىم يىغلاپ يۈرۈيسىز
قاچانغىچە چوڭ بولماي
بۇلماق يەپلا يۈريسىز!
ئەمدى بۇلماق يمەيمەن دىگەن ناخشنى ئۆگۈنۈپ قويۇڭ، ھە ئەمدى بۇلماق دەپ يۈرمەڭ جىمۇ ؟
دوستلىرىم قالغنىڭلارغا ئىنكاس ئارقىلىق جىقىدە يازاي خاپا بولماي تۇرۇپ تۇرۇڭلار ماقىما !
دوستلارنىڭ خاپ بولماسلقنى ئۈمۈد قىلمەن!چۈنىكى قوشاققا قاتقاندىن كىيىن شۇنداق بولدۇ ئەمدى،سىلەر مۇ داۋام قىلىپ يېزىپ بېىقىڭلار!