ئاكا-ئۇكىنىڭ سەرگۈزەشتىسى
(چۆچەك)
ئاپتورى: راھىلە ئابلەت
بۇرۇنقى زاماندا تاغلىرى ياپيېشىل ،دەريالىرىدا سۇلار شىلدىر لاپ ئاقىدىغان،گۈزەل،ئاۋات ماكاندا بىر دىھقان ئۆتكەن ئىكەن.بۇ دېھقان ئۈچ ئوغلى بىلەن بىرگە ياشايدىكەن.چوڭىنىڭ ئىسمى باتۇر،ئوتتۇرانچىسىنىڭ قەيسەر ،كىچىكىنىڭ يولۋاس ئىكەن.بۇ ئاكا-ئۇكىلار بىر-بىرىدىن باتۇر،كۈچلۈك،زېرەك دادىسىغا ۋاپادار ئىكەن.ئۇلار دادىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،بۇ ئاكا-ئۇكىلار بىر -بىرىدىن قاۋۇل،بەسىتلىك،قاملاشقان يىگىتلەرگە ئايلىنىپتۇ.ئۇلار ئىلگىركىدەك دادىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىدىكەن.دادىسىغا ئىسىل نازۇ-نىمەتلەرنى ئىتىپ بىرىپ دادىسىغا ناھايىتى ياخشى قارايدىكەن.بىر كۈنى ئۇلارنىڭ كىچىكى يولۋاس ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.نۇرغۇن تېۋىپلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ كىسىلى زادى شىپا تاپماپتۇ.بۇنى كۆرۈپ دادىسى ۋە ئىككى ئاكىسى قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ.ھەمدە چوڭ ئاكىسى باتۇر مەن پۈتۈن جاھاننى كېزىپ بولسىمۇ،ئىنىمنىڭ كىسىلىنىنى داۋالىيالايدىغان تىۋېپ تاپىمەن دەپ قەسەم ئىچىپ،دادىسى ۋە ئىككى ئىنىسى بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىپتۇ..ئۇ نۇرغۇن يوللارنى يۈرۈپ بىر شەھەرگە يىتىپ كەپتۇ.بۇ شەھەرنىڭ بىر تەرىپى كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق ئىكەن.ھېرىىپ چارچىغان باتۇر شەھەر ئىچىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە كىرىپ كەپتۇ.بۇ شەھەر شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك ئىكەنكى بىر كەلگەن ئادەمنىڭ بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمەيدىكەن.باتۇر ئاستا قەدەم تاشلاپ ،شەھەر رەستىلىرىدىن ئۆتۈپ ،بىرەرسىدىن ئۇكىسىنىڭ كىسىلىنى داۋالىيالايدىغان تېۋىپ سوراش مەقسىتىدە ئەترەپقا قاراپتۇ.ئەمما بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ناھايىتى غەلىتە ئىكەن.ناتۇنۇش كىشىلەرنى كۆرسە خۇددى چاشقان مۈشۈكنى كۆرگەندەك ئادەمدىن قاچىدىكەن،گەپ سورىسىمۇ گەپ قىلمايدىكەن.باتۇر قانداق قىلىشىنى بىلمەي،تەمتىرەپ ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ.ئۇ ئۆيىدىن ئايرىلغىلى خېلى كۈنلەر بولغاچقا،يېنىدا ئېلىۋالغان ياماقلىرىمۇ تۈگەي دەپ قاپتۇ.ئۇ ئەمدى باشقا جايلارغا بېرىپ ئىزدەش نىيىتىگە كىلىپ ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپتۇ.قارىسا تام سېپىلىنىڭ قېشىدا ناھايىتى كونا كىيىملەرنى كىيگەن،چىرايىدىن يوقسۇللىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر تىلەمچى ئايال ئولتۇرغىدەك.باتۇرنىڭ بۇ ئايالغا ئىچى ئاغرىپ،ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەھۋال سوراپتۇ.ئەسلىدە بۇ ئايال ياقا يۇرۇتلاردىن بۇيەرگە ئوغلىنى ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ،ئوغلىنى تاپالمىغاندىن سىرىت،يېنىدىكى خىراجەتلىرىمۇ تۈگەپ قېلىپ ئامالسىزلىقتىن تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. تاماق يىمىگىلى خېلى ۋاقىتلار بولغاچقا بۇ ئايال ھالسىزلىنىپ ،جېنى ئاران قاپتۇ.بۇنى كۆرگەن باتۇر قېشىدىكى ئازغىنە يارماقلىرىنى ئايالغا تۇتقۇزۇپ، ئوغلىنى بالدۇرراق تېپىۋىلىشىنى تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا،تىلەمچى ئايال باتۇردىن سوراپتۇ:
-ئوغلۇم، سىزمۇ ياقا يۇرۇتلۇق ئوخشىمامسز؟
-ھەئە،مەن باشقا بىر يۇرۇتتىن بۇ يەرگە تېۋىپ ئىزدەپ كەلگەن.
-ئۆيىگىزدە بىرەرسى ئاغرىق ئوخشىمامدۇ؟
-مىنىڭ كىچىك ئىنىم قاتتىق ئاغرىپ قالدى،بىزنىڭ يۇرۇتتىن ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالىيالايدىغان تېۋىپ تېپىلمىغاچقا،مەن تېۋىپ تېپىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم،ئەمما بۇ يەردىكى ئادەملەر ناتۇنۇش كىشىلەرگە پەرۋا قىلمايدىكەن شۇڭا مەن باشقا يەردىن تېپىش مەقىسىتىدە بۇ يەردىن كەتمەكچى بولىۋاتىمەن.
تىلەمچى ئايال باتۇرغا ئىچى ئاغرىتىپ،ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
-ئەگەر خالىسىگىز مەن ئۇكىڭىزنىڭ كىسىلىنى داۋالاپ قوياي،مىنى ئۆيۈڭىزگە ئاپىرىڭ.
تىلەمچى ئايالنىڭ بۇ گىپىدىن ھەيران بولغان باتۇر ئۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ:
-سىز كىسەل داۋالىيالامسىز؟ بۇ گىپىڭىز راسمۇ؟
تىلەمچى ئايال بىر تىنىۋەتكەندىن كىيىن،ھاسىرغان ھالدا باتۇرغا مۇنداق دەپتۇ:
- مەن ئىلگىرى يۇرتۇمدا تېۋىپ ئىدىم.ئوغلۇمنى ئىزدەيمەن دەپ ،مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم.
بۇنى ئاڭلىغان باتۇر خوشاللىقىدا يىغلىۋىتەيلا دەپ قاپتۇ،ئۇ تىلەمچى ئايالنى ئاشىخانىغا باشلاپ ،قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ،ئۇنى ئېلىپ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.نۇرغۇن يوللارنى يۈرۈپ ئانا يۇرتىغا،سۈيۈملۇك دادىسى،ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەپتۇ.
تىلەمچى ئايال يولۋاسنىڭ كىسىلىنى كۆرگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ پەقەت نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى تاغ باغرىنىڭ يېنىدىكى كونا قۇدۇقنىڭ سۈيى بىلەنلا ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى،بۇ سۇنى پەقەت پىيادە يول يۈرۈپ،ئەجىر قىلىپ ئەكەلگەندىلا ئاندىن شىپا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھەمدە ئەگەر سۇ ئەكەلگۈچى يولدا ئۇسساپ قالسا ياكى بىرەر ناتۇنۇش كىشىگە بۇ سۇنى ئىچكىلى بەرسە،سۇنىڭ شىپالىق رولى قالمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپتۇ.تىلەمچى ئايالنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان يولۋاسنىڭ دادىسى ۋە ئىككى ئاكىسى خوشال بولۇپتۇ.بۇ قىتېم ئىككىنچى ئوغۇل قەيسەر سۇ ئەكىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىوتۇ.
قەيسەر ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىككى كۈن ماڭغاندىن كىيىن، كۆز ئالدىدا پايانسىز قۇملۇق پەيدا بوپتۇ.ئۇ ئىگىز بىر دۆڭلۈككە چىقىپ قارىغان ئىكەن،كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ.بۇ قۇملۇق شۇنداق چوڭڭىكى،ئەتراپتا ئادەم تۈگۈل،بىرەر گىياھنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.قەيسەر بىر ھازا تەمتىرەپ قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلەلمەي قاپتۇ.ئۇ كۆڭلىدە،ئەگەر ئۇكام مەن ئەكەلگەن سۇنى ئىشمىسە ھايات قالمايدۇ،ئۇكام ئۈچۈن بولسىمۇ ھەرقانداق جاپا -مۇشاقەتتىن باش تارىتماسلىقىم كىرەك دەپ ئويلاپتۇ.ھەمدە باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دەپ ئالدىغا قاراپ مىڭىۋىرىپتۇ.ماڭغاندىمۇ مول يۈرۈپتۇ.شۇنداق مېڭىپ بەش كۈن بولغاندا،ئۇنىڭدىن ئون نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتا بىر تاغ كۆرىنىپتۇ .ئۇ تىلەمچى ئايال ئېيىتقان تاغ شۇ بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ خوشاللىقىدا ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ.ئۇ كۈن ئ.ولتۇراي دىگەندە مەنزىلگە يىتىپ كەپتۇ.ئۇ قۇدۇقنى ئىزدەي دىسە،ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتكەچكە ئەتىسى ئىزدەش قارارىغا كىلىپ ،ئۇخلاپ قاپتۇ.ئۇخلىغاندىمۇ ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ، قەيسەر قۇدۇقنى ئىزدەشنى باشلاپتۇ،ئۇ چۈش بولاي دىگەندە ھېلىقى كونا قودۇقنى تېپىپتۇ.ئۇ قۇدۇق ئىچىگە شۇنداق قارىغان ئىكەن،قۇدۇقىنىڭ ئىچى ناھايىتى چوڭقۇر ،قۇدۇق ئېغىزى ناھايىتى كىچىك ئىكەن.ئۇ قۇدۇققا كىرەي دىسە ،قۇدۇق ئېغىزىغا پاتماپتۇ. نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغان ۋاقتىدا،تۇيۇقسىز ئارقىسىدا بىر ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي پەيدا بوپتۇ.قەيسەر بوۋاينى كۆرۈپ قورۇققىنىدىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.بۇنى كۆرگەن بوۋاي قەيسەرنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپتۇ. ھەمدە مىھرىبانلىق بىلەن مۇنداق دەپتۇ:
_ سەن بۇ قۇدۇقتىن سۇ ئالماقچىمىدىڭ ؟
قورقۇپ كەتكەن قەيسەر بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كىيىن ئىسىگە كىلىپ،بېشىنى لېڭشىتىپتۇ.
بوۋاي ئۇنىڭغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن،قۇدۇق قېشىغا كىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
قەيسەر بوۋاينىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭغا سالام بىرىپ بولغاندىن كىيىن ،بوۋايدىن سوراپتۇ:
_ بوۋا،بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىلىشنىڭ بىرەر ئامالى يوقمۇ ؟ مەن زادى ئىلاجىنى قىلالمىدىم.ماڭا ياردەم قىلالامسىز؟
_ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى نىمە قىلاتتىڭ ؟ بوۋاي قەيسەردىن سورىدى.
قەيسەر يەرگە قاراپ تۇرۇپ،بوۋايغا ھەممىنى ئېيىتتى.ھەمدە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى.
بوۋاي بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ،قەيسەرگە مۇنداق دېدى:
_ مەن ساڭا ياردەم قىلىپ قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ بىرەي ئەمما ، مىنىڭ بىر تەلىپىم بار،سەن شۇنى قىلىشقا قۇشۇلساڭ مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن.
_ نىمە تەلەپ ئۇ ؟ دېدى قەيسەر ئەجەپلىنىپ.
_ سەنمۇ بىلىشىڭ مۇمكىن بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى پەقەت كىسەل كىشىلەر ئىچىشى كىرەك،ساق ئادەملەر ئىشسە ،شىپاسى قالمايدۇ.شۇنى بىلەمسەن؟
قەيسەر تىلەمچى ئايالنىڭ ئېيىتقانلىرىنى ئىسىگە ئېلىپ،بېشىنى لېڭشىتىتى.
بوۋاي قەيسەرگە قاراپ ،جىددىي تەلەپپۇزدا :
- مىنىڭ ئىچىدىغان سۈيۈم تۈگەپ كەتتى ، شۇڭا سەن ماڭا ئىچىدىغان سۇ تېپىپ بىرىسەن،بۇنى قىلالىساڭ مەن قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ بىرىمەن.
بوۋاينىڭ گىپىنى ئاڭلىغان قەيسەر بۇنىڭغا بىر ئىشىنىپ ،بىر ئىشەنمەي مۇنداق دەپتۇ:
_ لىكىن بۇ ئەتراپتا بىرەر ئادەمزاتنى ياكى بىرەر مەھەللىنى ئۇچچىراتقىلى بولمىسا مەن سۇنى قانداق تاپىمەن؟
_ قەيەردە سۇ بارلىقىنى مەن ساڭا ئېيتىپ بىرىمەن بۇنىڭدىن ئەنسىرمە دەپتۇ. ۋە بۇ تاغنىڭ كەينىگە ئۆتسەڭ بىر بۇلاق بار ئەمما بۇ بۇلاققا بىر پەرىشتە قارايدۇ .سەن ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاپ بەرسەڭ ئۇ ساڭا سۇ بىرىدۇ.دەپتۇ بۇۋاي قەيسەرگە قاراپ.
قەيسەر ماقۇل بۇلۇپ ،تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپتۇ، قارىسا بوۋاي دىگەندەك سۇلىرى سۈپسۈزۈك بىر بۇلاق تۇرغۇدەك،بۇلاق بېشىدا ئاجايىپ بىر گۈزەل قىز ئولتۇرغىدەك.قەيسەر ئاستا بېرىپ ھېلىقى پەرىشتە قىزغا سالام بىرىپ ،كىلىش مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ. پەرىشتە قىز قەيسەرگە بىر قۇر سەپسالغاندىن كىيىن،مۇنداق دەپتۇ:
_ سىز ماڭا تاغدىن يىمەكلىك ئەكىلىپ بەرسىڭىز ،مەن سىزگە بۇلاق سۈيىدىن بىرىمەن.دەپتۇ.
قەيسەر پەرىشتە قىزغا ماقۇل بولۇپ ،تاغقا يامىشىپ تاغنىڭ چۇقىسىغا چىقىپتۇ.تاغ ئۈستىدە نۇرغۇن ياۋا مىۋىلەر بار ئىكەن. ئۇ ياۋا مىۋىلەردىن ئېلىپ بۇلاق قېشىغا كىلىپ پەرىشتىگە بىرىپتۇ.پەرىشتە ۋەدىسى بويىچە ئۇنىڭغا سۇ بىرىپتۇ.
سۇنى ئالالىغىنىغا خۇشال بولغان قەيسەر كونا قۇدۇقنىڭ قېشىغا كىلىپ ،سۇنى بۇۋايغا بېرىپتۇ.بۇۋايمۇ ۋەدىسى بۇيىچە قەيسەرگە كونا قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ بىرىپتۇ.خوشال بولغان قەيسەر بوۋايغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتپ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
قەيسەر نۇغۇن يوللارنى جاپالىق بېسىپ ئۆتۈپ ،ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.ئۇ ئەكەلگەن سۇنى ئۇكىسى يولۋاسقا ئېچكۈزگەن ئىكەن،دىگەندەك ئۇكىسى ئۇزۇنغا بارماي سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ مېھرىبان ئاكا-ئۇكىلار دادىسى بىلەن ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىگىچەبەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
مەنبە: ئۆزۈم (راھىلە ئابلەت)