مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4679|ئىنكاس: 14

ئۆي تۇتۇشنى ئۆگىنىش ئاياللار ھۈنىرىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14626
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6351
تۆھپە نۇمۇرى: 637
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 02:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىلىچ تۇتقان سەركەردىدىن يىڭنە تۇتقان ئايال ئارتۇقتۇر.
                                                                   --- (شەرق ھېكمەتلىرىدىن)

ئۆي ئىشلىرى، ئۆيدىكى ئەزالارغا قاراش، تېگىدىن ئېيتقاندا بىر ھۈنەر بولۇپ، بۇ خوتۇنلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياش قىزلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىشكە كىرىشىشى زۆرۈردۇر، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ھۈنەردۇر.
بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىشتىن مەقسەت، مۇمكىن قەدەر ئاز خىراجەت بىلەن كۆپ بايلىق ۋە مال تاپقانغا ئوخشاش، بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگەن خوتۇن ئۆز نۆۋىتىدە چېۋەرلىك بىلەن ئىش قىلىشنى، ئېھتىياتچانلىق، پاكلىق، كۆركەم تەرتىپ، ئىشچانلىق، ئۆينىڭ پايدىسىغا تىرىشىشقا ئوخشاش بىر نەچچە خاسىيەتلەرنىمۇ بىلىۋالالايدۇ.
بىز بۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خاسىيەتلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش تۇتۇش ۋە ئائىلە كىرىم چىقىمى توغرىسىدا سۆزلەيمىز. ئۆيىڭىزدە مۇكەممەل بىر قائىدە– تۈزۈم بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى ئاڭلاڭ:
ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە بىر ھېساب دەپتىرى تۇتۇۋېلىڭ. ئەگەر ئېنىق بولسا، كىرىمىڭىزنىڭ ھەممىسىنى شۇ دەپتەرگە يېزىڭ. ئاندىن بىر يىلدا قانچە خىراجەت قىلىش كېرەك بولىدۇ، شۇنى يېزىڭ، لېكىن كىرىمىڭىزنى يازغاندا باي بولمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ناھايىتى باي بولۇش ئۈمىدى بىلەن ھېساباتتا يېڭىلىشمەسلىككە ھەرىكەت قىلىڭ.
خىراجىتىڭىزنى ئۈمىد قىلغىنىڭىزدىكىدەك ئەمەس، قولىڭىزدىكى بايلىقىڭىزغا قاراپ سەرپ قىلىڭ. بىر يىل ئىچىدە قانچىلىك ئىقتىساد قىلالىغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز، پېقىرلارغا بېرىدىغان ياردىمىڭىزنىمۇ ئۇنتۇماڭ، شۇندىلا ئايدا ياكى كۈندە قانچە پۇل خەجلىگەنلىكىڭىزنى بىلىسىز، كىرىمىڭىزنى ھېسابلىغاندىن كېيىن (ئەگەر بولسا) يېمەك– ئىچمەك، كىيىم– كېچەككە خەجلەيدىغان خىراجىتىڭىزنى تەييارلاپ قويۇڭ ھەم ئۇنى خەجلىۋەتمەسلىككە تىرىشىڭ. ئەگەر كىرىۋاتقان كىرىمىڭىز چىقىمىڭىزغا يەتمىسە، ئىشلەپ پۇل تېپىڭ. بىر كىشى خەجلەيدىغان نەرسىسى بولمىغانلىقى بىلەنلا پېقىر بولۇپ قالمايدۇ، ئىشلىمىگەنلىكى بىلەن پېقىر بولۇپ قالىدۇ، ئىش تىرىشقان كىشىنى ھەر ۋاقىت تەربىيە قىلىدۇ، ساقلايدۇ. ئەگەر ئارتۇق چىقىملىرىڭىز بىلەن يانچۇقىڭىزدىن چىقىپ تۇرغان بىھۇدە پۇللارنىڭ كۆزىگە قارىمىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇسىز ۋە پۇت– قولىڭىز باغلانغان قەرزدارغا ئايلىنىسىز، بۇ چاغدا سىزگە كۆپ زىيان بولىدۇ. ئۆي تۇتقاندا كىچىككىنە قەرزمۇ كىيىمدىكى يىرتىققا ئوخشايدۇ. ھازىرچە ئانچە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمىسىمۇ، يامالمىسا بارا– بارا چوڭىيىدۇ، ھاسىلكالام شۇكى، كۈچىڭىز يەتكىچە قەرزنى تۆلىۋېتىڭ، ياخشى قىلغان بولۇرسىز.
ئەمدى سىز تۇتقان خىراجەت دەپتىرىدىن سۆز قىلايلى. بىر ئۆيدە ئۆي بېشى بولغان خوتۇن تۇتۇلغان خىراجەت دەپتىرىگە كۈندىكىنى كۈندە يېزىپ قويىدۇ، مىڭ تۈرلۈك مېھنەت– مۇشەققەتلەر ئىچىدە بولسىمۇ، بىر كۈن ئىچىدە تۇتۇلغان پۇلنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويماي، ئۇيقىسىراپ ئولتۇرماسلىققا ئادەتلىنىش لازىم. ئۆي بېشى بولغان خوتۇن غەپلەتتە قېلىپ، تۇتقان خىراجىتىنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر دەپتەرنى ھۇجرىسىدا، كۆز ئالدىدا، ياخشىسى يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرۈشى لازىم. قايسى ۋاقىتتا ئۆي تۇتۇشقا، ئىشنى ئىنچىكىلەپ ئىشلەشكە تىرىشمىغان خوتۇنلارنىڭ: «كىشى سەرپ قىلغان خىراجىتىنى كۈندىكىنى كۈندە دەپتەرگە يېزىپ قويۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، قانچە تۇتۇلغىنىنى كۆرۈپ قورقۇش ئۈچۈنمۇ، تۇتۇلغىنى ئۈچۈن يازغان نەرسە قايتا ئورنىغا كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە توغرا پىكىر ئەمەستۇر، بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كىشى قىلغان چىقىملىرىنى يېزىپ قويسا، چۆنتىكىدىن چىققان پۇلىنىڭ سانىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بىر ھەپتە ئارىسىدا تۇتۇلغان پۇلنىڭ سانى شۇ ھەپتىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك مىقداردىن ئاشسا، پۇلنى قىسىپ خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. كېيىن ئېرى غەللىدە خەجلەيدىغان ئاقچا قالمىغىنىنى كۆرۈپ ئەجەبلەنسە، ئۆي تۇتقۇچى خوتۇن ئۇنىڭغا سېتىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ۋە بۇلارغا كەتكەن پۇل بىلەن يېمەك– ئىچمەككە كەتكەن پۇللارنىڭ سانىنى يازغان دەپتىرىنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدۇ. تەجرىبىلىك خوتۇن قىلغان خىراجەتنىڭ تۈرى بويىچە دەپتەردە ئايرىم بەت ئاچىدۇ. مەسىلەن، كىيىم كېچەك، نان، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ۋە باشقىلار ئۈچۈن مەخسۇس بەتلەرنى ئاجرىتىدۇ. يىل توشقاندىن كېيىن ھەممىسىنى جەملەپ ھېسابلاپ چىقىدۇ، بىر ياقتا كىرىم، يەنە بىر ياقتا چىقىم يېزىلغان بولىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا ئايال (ئائىلە ئەزالىرى) ئۈچۈن خۇشاللىق ياكى خاپىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر چىقىمى كىرىمىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆيى ناھايىتى تېز خارابلىققا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە چىقسا، كىرىمنىڭ چىقىمدىن ئاشقىنى قولىدا قالغان بولسا، ئېرى ياكى بالىلىرى ئۈچۈن بىرەر كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا بىردىن– بىردىن تۇتۇپ يىغقان پۇلى ئۇنىڭغا يەتسە قانداق ياخشى. «كىرىمىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىش ئەقىلسىز كىشىنىڭ ئىشى، كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ يېتىۋېلىشمۇ ئەقىلسىزنىڭ ئىشى، ئورۇنسىز چىقىمنى ئاز قىلىش ئەقىللىق كىشىنىڭ ئىشىدۇر» دېگەن ئادەملەر ناھايىتى توغرا ئېيتقان. كىرىم بىلەن چىقىمنى ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئەر بىلەن خوتۇن بىر قارارغا كېلىۋالىدۇ. ئەگەر كىرىم ۋە چىقىمدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە، ئۆيدە قىلىنغان چىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن– بۇنىڭدىن چىقىرىۋېلىشنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىدۇ، ھەر ئىككىسى كېرەك بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىقنى، زۆرۈر بولمىغاندا پۇل خەجلىمەسلىكنى قارار قىلىدۇ، بۇ كەمچىلىكنى كېلەر يىلى كىرگەن كىرىمىدىن ئاشقىنى بىلەن تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
خانىم– قىزلار، سىلەرمۇ نەق شۇنداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىڭلار، سىلەرمۇ قايسىدۇر چىقىملارنى ياكى بولمىسا كىيىنىشكە، زىننەتكە، كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بېرىلگەن پۇلنى، كۈنلۈك چىقىملارنى كىچىككىنە دەپتەرگە يېزىپ قويۇپ، ياش ۋاقتىڭلاردىن باشلاپ ھېسابات قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار.

مەنبە: دەۋىر تورى
http://www.dewr.org/aile/?p=6225

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5280
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 3304 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 02:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن،يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دەپتىكەن كونىلار.بىزمۇ شۇنداق دەپ تۇرالمايمىز.خۇتۇن كىشى چۇقۇم ئائىلنىڭ كىرىم-چىقىمىنى خاتىرلەپ مېڭىشى،نامۇۋاپىق چىقىملارنى قىلماسلىغى،يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىنى بىلىۋېلىشى تۇلىمۇ زۈرۈردۇر.بەرسەڭ يەيمەن،ئۇرساڭ ئۈلىمەن،تاغار باينىڭ ئىشەك باينىڭ يىقىلسا يۈلىمەيمەن دەيدىغان خۇتۇن بار ئائىلنىڭ رۇناق تېپىشىدىن ئەسلا ئۈمىت كۈتۈلمەيدۇ.مەن بۇ تېمىنىڭ خانىم-قىزلارغا ياخشى رول ئوينىشىنى ئۈمىت قىلمەن.تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.

مىنى ئۇنتۇپ كەت..

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12455
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5216
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1978 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 02:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مۇشۇنداق خاتىرلەيتىم... خەجلىگەن پۇلۇمنىڭ ئورنىنى چىقىرامىسام بەك ئاچچىقىم كىلەتتى.... ھازىرمۇ مۇئاش ئالغاندىن كىيىن شۇنداق يېزىپ قويىۋاتىمەن.بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئادەت.........

مەن مىھرىمنى ئۈزەلمەيمەن گۇناھتىن، چۈشىنىمەن سىنى ئويلاش بىر گۈناھ....

بىرنى بىر دىگۈلۈ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 9348 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 03:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي تۇتۇشنى بىلىدىغان ئايالغا ئېرىشىش ئەرنىڭ بەختى، شۇنداقلا ئۆينىڭ بەختى. ياسىنىشقا ئۇستا ئايالنى تېپىش تەس ئەمەس، ئوي تۇتۇشنى بىلىدىغان ئايال تېپىش تەس.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9222
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4758 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 04:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن،يەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەم قىلغانمۇ خۇتۇن ، جەم قىلغانمۇ خۇتۇن ، رەم قىلغانمۇ خۇتۇن ،چەم قىلغانمۇ خۇتۇن!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 05:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا ئاياللار ھەر بىر ئىشتا ئائىلە ئەزالىرىنى ئويلىشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41739
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2011-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 06:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم.شۇڭلاشقا  ئەرلەر مۇچۇ ئايالارنى قەدىرلىشى كېرەك......

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35424
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1623
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 3010 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 07:38:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپام شۇنداق قىلسا نىمانداق چۈپەيلىك قىلسىز دەيتتىم ئەمدى بىلدىم.

ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ قممەتلك  نەرسە ھاياتتۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8295
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12779 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 09:50:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  يولدۇشۇمنىڭ ۋەزىپىسى،مەن باش قاتتۇرمايمەن بۇ ئىشلارغا [s:130]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8295
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12779 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 09:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتسىز ئىنكاس دەپ قارىغان بولساڭلار ،ئۆچۈرۋېتىڭلار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش