|
|
|
|
ئەقىل 1-سوئال: «كۆزى» ئەڭ چوڭ ھاشارەت قايسى؟
يىڭناغۇچ
2-سوئال: دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك قايسى؟
چېساپىك قولتۇقى كۆۋرۈكى
3-سوئال: ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كۆپ ۋاستىلىك مىكرو كومپىيوتېرلار قاتتىق دىتال سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دىتال سېستىمىسىدىن تۈزۈلگەن. كومپىيوتېر ئاساسى ماشىنىسى قاتتىق دىتال سېستىمىسىغا تەۋە، ئاساسى ماشىنا كومپىيوتېر خىزمىتىنى كونتىرول قىلىدىغان ئاساسى مەركەز. بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟
توغرا
4-سوئال: كومپىيوتېرنىڭ قېتىۋېلىشى: كومپىيوتېرغا ۋىروس يۇققان بولسا، كومپىيوتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كىتىش، تەكرار قېتىۋېلىشى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كىتىش، ئاساسى تاختا، قاتتىق دىسكىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە كومپىيوتېردا تەكرار قېتىۋېلىش مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ تەكرار قېتىۋېلىش بولسا يۇمشاق دىتال سېتىمىسىدا يۈز بىرەمدۇ ياكى قاتتىق دىتال سېستىمىسىدا يۈز بىرەمدۇ؟
يۇمشاق دىتال سېستىمىسىدا يۈز بىرىدۇ.
5-سوئال: يىلتىز يەر ئاستىدا ئىرماش – چىرماش تارقالغان. ئۇنىڭ بىلەن غولنىڭ تاشقى مورفولوگىيىسى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىق شۇكى، بوغۇم بىلەن بوغۇم ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. بۇ قاراش توغرىمۇ؟
توغرا
6-سوئال: يۈسۈن ــ سۇدا ياشايدىغان بىر توپ ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مۇشۇ يۈسۈنلەر فوتوسىنتىز ئېلىپ بارالامدۇ – بارالمامدۇ؟
بارالايدۇ
7-سوئال: يېسىۋىلەك ــ يېسىۋىلەكنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەزىمنى ياخشىلاپ، قان پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۈچەي يوللىرىنى راۋان قىلىدۇ. سىزنىڭچە ئۇنىڭ تەبىئىيىتى ھۆل سوغۇقمۇ؟
ھۆل سوغوق
8-سوئال: ناپتالىيۇننى ئوتتا قىزدۇرۇپ ئېرىتكەندە ئاستا - ئاستا تەدرىجىي ئېرىپ سۇيۇقلۇققا ئايلىنامدۇ ياكى بىراقلا سۇيۇقلۇققا ئايلىنامدۇ؟
بىراقلا سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ.
9-سوئال: يېڭى سۈت بىلەن قېتىقنى سېلىشتۇرغاندا قايسىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى يۇقۇرى؟
قېتىقنىڭ
ۋەسلىدىن ئۆزىگە كېرەك ئەمەس ماڭا جانان ئالدىدا،
ئارزۇيۇم سەن ئېرۇرسەن تەن بىلەن جان ئالدىدا،
بىر گۈلى رەنا ئېرۇرسەن باغۇ – بوستان ئالدىدا، تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا،
يۈزلىرىم شەرمەندە بولسۇن تاڭلا سۇنھان ئالدىدا،
10-سوئال: بۇ شىئېر كېمنىڭ؟ قايسى شىئېرىدىن ئېلىنغان؟ نىمشېھىتنىڭ «ئالدىدا» ناملىق شىئېرىدىن ئېلىنغان.
قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
توزىمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار.
ئۇنى سۈرتەي كۆزۈمگە، سۈرەيمەن،
مەن تېنىگەن، يول ئاداشقان قوزاڭلار.
11-سوئال: بۇ شىئىر كىمنىڭ؟ قايسى شىئېرىدىن ئېلىنغان؟ ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «توزان قەسىدىسى» ناملىق شىئېرىدىن ئېلىنغان.
بەھالىغ دىنار ئول بىلىگلىگ كىشى،
بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بېشى.
12-سوئال: بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق داستانىدىن ئېلىغان.
13-سوئال: تۆۋەنكى ماقال – تەمسىلنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈڭ؟
ئۇرۇشۇپ مۇشتنى يىگۈچە، (كېلىشىپ گۆشنى يە. )
14-سوئال: بىر سىنىپتا 27 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بۇلۇپ، ئۇلار ئىچىملىك سۇ سېتىۋالماقچى. ئەگەر ئىچىلىپ بولغان 3 بوتولكغا 1 دانە يېڭى ئىچىملىك سۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز دىگەندە نەچچە بوتۇلكا سېتىۋالسا ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىرىدىن ئىچىملىك سۇ ئىچەلەيدۇ؟
جەمئىي 19 بوتۇلكا. تەھلىل: ئاۋال 18 بوتولكا سېتىۋالىدۇ، ئۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېين 6 يېڭى ئىچىملىك سۇغا ئالماشتۇرىدۇ. ئىچىلىپ بولغان 6 بوتۇلكىنى 2 يېڭى ئىچىملىك سۇغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا بىرنى سېتىۋالىدۇ. بۇ يەردە پەقەت 18 بوتۇلكا ۋە ئاخىرىدىكى 1 بوتۇلكا جەمئىي 19 ئىچىملىك سۇنى سېتىۋالغان بولىدۇ.
15-سوئال: ھازىر ھەممەيلەن خەت يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز تۆۋەندىكى يۇمۇرنى ئىملاغا دىققەت قىلىپ كۆچۈرۈپ يېزىپ چىقالامسىز؟
16-سوئال: تۆۋەندىكى ئۈچبۇلۇڭ، چەمبىرەك، كىۋادىرات شەكلى بىر قانۇنيەت بويىچە تىزىلغان. سىز شۇ قانۇنىيەت بويىچە بوش جەدۋەلگە قايسى شەكىلنى تىزسا بولىدىغانلىقىنى دەپ بىرىڭ؟
مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە:
مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى 5000مۇنبەر پۇلى چىقارغان سۇئاللار ياخشى ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولسا، شۇ قېتىملىق تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ نادىرلاش ئېلىپ بېرلىدۇ. ئالاھىدە مۇكاپات ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرىنجىلىكنى ساقلاپ قالغانلار، بىر قېتىملىق سۇئالنىڭ ھەممىسىگە توغرا ۋە تۇلۇق جاۋاب بەرگەنلەر 10000مۇنبەر پۇلى ۋە تەلەي يۇلتۇزى مىدالىدىن بىر دانە. 1. دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر نەپەر) ئەڭ تىز،ھەم كۆپ سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەنلەر. Desni توغرا جاۋاب: 12 مۇكاپات سوممىسى 5000مۇنبەر پۇلى 2-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر) مۇزتەر توغرا جاۋاب: 11 elijan توغرا جاۋاب: 10 3000 مۇنبەر پۇلى 3-دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر) dilmervan توغرا جاۋاب: 10 tang-xamili توغرا جاۋاب: 9 2000 مۇنبەر پۇلى رىغبەتلەندۈرۈش (بەش نەپەر) marjanbulak توغرا جاۋاب: 8 0903ot توغرا جاۋاب: 7 XATUT507 توغرا جاۋاب: 7 mubarakay توغرا جاۋاب: 7 taymas.ashik توغرا جاۋاب:7 جاۋاپنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 200 مۇنبەر پۇلىدىن 1000مۇنبەر پۇلىغىچە. كىلەر قېتىملىق سانىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىغانلار باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سۇئاللارنى سىناق شەكىلدە ئارقا بەتكە تىما قىلىپ ئەۋەتسە، كۆرۈپ مۇقۇمداپ بولغاندىن كېيىن يوللىسا بۇلىدۇ. 16-سان تەلەي يۇلتۇزى سۇئالىنى چىقىرىشنى خالايدىغان دوسلار مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىپ تەلەپ قىلسا ياكى سەھرا ئوغلى ھەم ھۆكۈمران بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. مۇكاپات مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يازغاندىن كېيىن نەقلەشتۈرۈلىدۇ. (ئىزاھات: جاۋابىنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا خاتا ھېسابلىنىپ قالغان بولسا كەچۈرۋىتەرسىلەر) مەنبە: alafasy
|
|
|
|
|
|