مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6119|ئىنكاس: 40

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيادا تۇنجى بول [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7064
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5206 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

2008-يىلى 12 -ئايلاردا «تورونتو قۇياش»گىزىتى، ئامرىكا فوكىس خەۋەرلەر تورى،ئاۋىستىرالىيە خەۋەرلەر تورى،ئەنگىليە مىترو گىزىتى دىگەندەك دۇنيادىكى نۇرغۇن  تور بەتلەردە «2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى» دىگەن خەۋەر ئارقا ئارقىدىن ئىلان قىلىندى .ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماقالە خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەردە كۆرۈلمىدى.  مەن بۇ خەۋەرنى شۇ ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئويلاشقان ئىدىم ،ئەمما ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقرالمىغان،بۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن،شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

2700يىللىق نەشە قالدۇقى تىپىلدى 

ئوتتاۋا.تەتقىقاتچىلار جۇڭگۇنىڭ يىراق بىر رايونىدىكى قەبرىدىن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى نەشىنىڭ قالدۇقىنى بايقىغانلىقىنى ئىيىتتى.

تەجىربە بوتانىكىسى ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ماقالىسىدە «بۇ كەندىر قالدۇقلىرىنىڭ ساقلانغىنىغا تەخمىنەن 2700يىللار ئەتراپىدا بولغان ھەم  كىيىم كىچەكلەرگە ئىشىلىتىش ياكى ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنىقلا روھى داۋالاش دورىسى سۈپىتىدە ئۆستـۈرۈلگەن» دەپ يىزىلغان.

789گىرام قۇرۇق كەندىر جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى تۇرپانغا يىقىن بولغان بىر جايدا سىرىق چاچ،كۆك كۆزلۈك كافكاز ئىرىقىغا تەۋە بىر كىشى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بولۇپ بەلكىم بۇ كىشى قوش مەدىنيىتىگە تەۋە شامان بولىشى مومكىن .

بۇ جاينىڭ ئىنتايىن قۇرغاق ھەم تۈزلۇق تۇپرىقى ساقلىغۇچلۇق رولىنى ئوينىغان بولۇپ تەتقىقاتچىلارنى گەرچە پۇرىقى قالمىغان بولسىمۇ ئەمما تىخىچە يىشىل رەڭدە تۇرغان  نەشە قالدۇقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلىش ئىمكانىيتى يارىتىپ بەرگەن.

«بىلىشىمىزچە ،بۇ قىتىمقى تەتقىقات كەندىرنىڭ  دورىگەرلىك ساھەسىدە ئاكتىپ ئىشىلتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئەڭ قەدىمى پاكىت بىلەن تەمىنلەپ بىرىدۇ » دەيدۇ ئامرىكىلىق نىرۋا ئىلمى تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئىسان.ب.رۇسسۇ،  ئۆزى باش  بولۇپ يازغان يىقىنقى بىر ئىلمى ماقالىسىدا .

كەندىر قالدۇقلىرى قەدىمكى مىسىر قەبرىلىرىدىنمۇ بايقالغان ھەم گرىك تارىخچىسى ھىرودۇت قاتارلىق بەزى تارىخچىلارنىڭ كىتابىدىمۇ كەندىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تىلغا ئىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قەبرىدىن چىققان كەندىر  باشقا جايلاردىن بايقالغان ،تەركىبىنى ئىنىقلاشقا بولىدىغان كەندىرلەرگە قارىغاندا يىل جەھەتتىن ئەڭ قەدىمى ھىسابلىنىدۇ.

كۆپ قىسىمى جۇڭگۇدا تۇرۇپ  تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقان 18 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ تەتقىقات گورۇپىسى كەندىرلەرنىڭ ئۈستىدە كاربون يىل ئانالىزى ھەم گىن ئانالىزى قاتارلىق بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ باردى. ئالىملار  يەنە كوزىدا  ساقلىنىپ قالغان 100 تالدەك كەندىر ئۇرۇقىنى ئۆسـتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ مۇۋاپىقيەت قازىنالمىدى.
بۇ نەشىنىڭ تەركىبىدە خىلى يۇقىرى مىقداردا
THC تەركىبى- كەندىرىدىكى بىر خىل ئاساسلىق تەركىب- بايقالدى،ئەمما بۇ نەشىلەر بەك قەدىمى بولغاچقا ئۇلاردىكى بۇ تەركىپنىڭ ئىنىق نىسبىتىنى ئىنىقلاش مومكىن بولمىدى.

تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ نەشىنىڭ چىكىش ئارقىلىق ئىشلىتىلگەنلىكى ياكى بىۋاستە يۇتۇلغانلىقىنى ئىنىقلىيالمىدى،چۈنكى 45ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ شاماننىڭ قەبرىسىدىن  نەشە چىكىشتە ئىشلىتىلدىغان غاڭزا دىگەندەك سايمانلار تىپىلمىدى .

بۇ نەشە قالدۇقلىرى تىرە خالتىغا سىلىنىپ ياغاچ كوزىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ قەبرە ئىگىسى شاماننىڭ ئۇ دۇنيادا ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇلغاندەك تۇرىدۇ.

«بۇ ماتىريال ئىنىقكى كەندىر، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق ئانالىز قىلشقا بولغۇدەك ماتىرياللارغا ئۇچراپ باقمىغان ئىدۇق» دەيدۇ رۇسسۇ  كانادا مەتبۇئاتى بىلەن مۇسسۇلا.مونىتتا قىلغان سۆھبىتىدە،« قەبرىلەرگە ئاخىرەتتە ئىشلىتىلدىغان ماتىرياللارنى قويۇپ قويۇش ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال،ھالبۇكى بۇ قەبرىگە قويۇلغان ئۇرۇق ھەم كەندىرلەر ھەرگىزمۇ كىيىم توقۇش  ياكى يىمەكلىك ئورنىدا ئىشلىشىتش مەقسىدىدە قويۇلمىغان.بەلكى تىبابەتچىلىك ۋە ياكى خىيالى سىزىم پەيدا قىلىشتا ئىشلىتىش مەقسىدىدە قويۇلغان»

بۇ قەبرىدىن يەنە ئات نۇقتىسى،ئوقيا ماتىرياللرى ھەم بىر قالۇن (ئىنگىلىزچە竖琴 harp ) بايقالغان بولۇپ قەبرە ئىگىسىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.

رۇسسۇ  گ ۋ دورىگەرلىكى دىگەن بىر شىركەتنىڭ دائىملىق مەسلىھەتچىسى بولۇپ بۇ شىركەت  Sativex دەپ ئاتىلدىغان،كەندىردىن پايدىلىنىپ ياسالغان،ھەر خىل راك ھەم قىتىش خاراكتىرلىق كىسەللەر ئۈچۈن ئاغرىق پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىغان دورىنى ياساپ چىققان ھەم كانادادا  بۇ دورىنى قانۇنلاشتۇرغان.

(ئىككى ئابزاس ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار قالدۇرۇلدى)

بۇ خەلقىئارا ئۆلچەمدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگىليىدىكى بوتانىكا ژۇرنىلىدىدا مۇشۇ ھەپتە ئىلان قىلىنغان بولۇپ بۇ ژۇرنال مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىىش ئارقىلىق بۇ ژۇرنالدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنىڭ  ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ھەم ئوبىكتىپ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

رۇسسۇ يەنە« جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىكى ھازىرغىچە قىزىلغان 500دىن ئارتۇق قوش مەدىنيىتىگە تەۋە قەبرىلەردىن  پەقەت ئىككىسىدىنلا نەشە قالدۇقى بايقالدى، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى  پەقەت قىسمەن شەخىسلەرلا نەشە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ياكى بولمىسا نەشە تىببى دورا ئورنىدا  شامانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كىشىلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەن ،دىمەك كەندىر نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن » دەيدۇ.

رۇسسۇ 20 يىلدەك نىرۋولىگىيە ساھەسىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ  ئۇ يىقىندا  كەندىرنىڭ تارىخى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى ماقالىسىگە نىسبەتەن «مەن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مەسلىنىڭ (كەندىردىن ياسالغان دورىلارنى چەكلەش چەكلىمەسلىك) ئارقىسىدىكى سىياسى ئامىللارنى ساقىت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن » دەيدۇ.

بۇ قەبرىلەر جايلاشقان جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ رايونى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەندىرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. (تۈگىدى)

 

بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىلى دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ بولسا  ھازىر دۇنيادىكى بەزى زەھەر خاراكتىرلىق دورىلارنىڭ قانۇنلۇق بولۇش بولماسلىق مەسلىسى دورىگەرلىك ساھەسىدە قىززىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.  ئەمما يۇقۇردىكى تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرگە 2700 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھەم شۇ ئارقىلىق زەھەرلىك چىكىملىك تەركىبىنى ئالغان دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنلىقىنى،شۇڭا بۇ جەھەتتە بەزى سىياسى چەكلىمىلەرنى بوشىتىش زورۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

(ئىنگىلىىزچە خەتلەر بەتنىڭ كۆرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن،شۇڭا ئىنگىلىزچىغا قىزىقىدىغانلار قوشۇمچە ھوججەتتىن كۆرۋالساڭلار بولىدۇ).

بۇ ماقالىدىن نىمىلەرنى بىلىش مومكىن ؟
1. دىيارىمىزدا ياشىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان
  قەدىمكى كىشىلەر دۇنيادا تۇنجى بولۇپ  نەشىدىن دورا ئورنىدا پايدىلانغان، بۇ دىيارىمىز تىبابەتچىلىك تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلىقىنى بىلدۇرىدۇ

2. بىلىشمچە ھازىرغا قەدەر كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار پەقەت كىروران ھەم نىيە،چەرچەن دىگەندەك جايلاردىن كۆپلەپ بايقالغان بولۇپ تۇرپان رايونىدىن بايقالغان كافكاز ئىرىقىغا تەۋە مومىيالار خەۋەرلەردە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.  يۇقارقى خەۋەردىكى 2700يىللىق كافكاز ئىرىقىغا تەۋە كىشىنىڭ تارىختا تۈركى قەۋىملەر ئۈزلۈكسىز پائالىيەت ئىلىپ بارغان تۇرپاندىن بايقىلىشى ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
3.
  قوش (خەنزۇچە 车师ياكى 姑师)   تۇرپاننىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى قەدىمكى نامى بولۇپ مۇندىن 2700يىللار بۇرۇنقى مەزگىل  دىڭلىڭ ياكى تىلى قەبىلىرىنىڭ بايقال كۆلى بويلىرىدىن جەنۇپقا كۆچىۋاتقان دەۋىرلەرگە  توغرا كىلىدۇ. جەنۇبقا كۆچكەن دىڭلىڭلار ئىگىز ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن يەنە قاڭقىل دەپمۇ ئاتالغان . تارىخى مەلۇماتلاردا دىڭلىڭلار ياكى تىلىلارنىڭ شۇنداقلا قاڭقىللارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى توغرىسىدا ئانچە ئىنىق بايانلار بىرىلمىگەن بولۇپ بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھالبۇكى ئارخىلوگىيلىك پاكىتلار بولسا دىڭلىڭ،تىيلى،ھەم قاڭقىللارنىڭ تىپىپ كافكاز ئىرىقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ مومىيانىڭ تىپىلىشىمۇ ھەم  بۇ خىل  قاراشنى كۈچلۈك ماددى پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

ماقالىنىڭ مەنبەسى :

 
http://www.torontosun.com/news/weird/2008/11/27/7557641.html

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580117
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولا نەرسىلەر بۇرۇن دورا ئورنىدا پايدىلىق تەرەپ ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتىكەن،بىراق ھازىر زىيانلىق تەرەپنى بىلىپ تۇرۇپ زىيانلىق تەرەپكە  [s:164]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىنلا نەشىكەشكەندە.  [s:159]  [s:159]  [s:159]  [s:159]  (چاقچاق)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10733
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇندىن تارتىپ نېشىكەش خەخ ئوخشايمىز.ئەمدى بولسىمۇ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ يۈرەيلى

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:33:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشىنى چەكسە زىيان قىلغان بىلەن دەملەپ ئىچسە پايدىلىق تەرەپلىرى بەك كۆپ بۇلۇپمۇ تەپ،كىزىك بۇلۇپ قالغانلار دەملەپ ئىچسە بەەندىكى ئىسسىقلىقلارنى يۇقۇتۇدۇ.ھازىر چەكلەنگەن بولغاچقا بوۋاي مومايلارنى ئىسسىق تۇتۇپ قالسا تاپقىلى بولماي چاتاق بۇلىۋاتىدۇ دىسە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىڭلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاۋۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ گەپ قىلىڭلار، بۇ يەردە بىرسى نېشە چېكىپتۇ دىمىدى دورىلىق ئورنىدا ئىشلىتىپتۇ .
قايسى بىر ماتىرىيالدا مىلادى 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ بىر تۈركۈمى تۇرپاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى، بىر تۈركۈمى قەشقەردا قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنى، يەنە بىر تۈركۈمى گەنسۇ-شىنلاڭ ئۇيغۇر خانلىقىنى (سېرىق ئۇيغۇرلار ) قۇرغان دەپ كۆرگەن ئىدىم. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈپ كەلگىنىگە تېخى 2700 يىل بولمىدى...    مەن تازا چۈشىنەلمەي قالدىم، خاتا ئانالىز قىلدىممۇ ياكى...

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 12:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (narkos) نىڭ يازمىسىغا

ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا بۇ رايوندا ياشاشقا باشلىغان. كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى كىشىلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋالغان. شۇڭا ھېلىقى دورا بىزگە تەئەللۇق.

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 01:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچۈپ كەلمىگەن  ،  يۆتكەلگەن.   ھازىرقى  تاشقى مۇڭغۇلدىن  ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىغا يۆتكىلىپ كەلگەن.   ( مەسلەن :ھازىر بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قۇمۇلدىن  ئاقسۇغا يۆتكەلگەندەك.) .  ئاندىن مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ  ئاشۇ  سۇلالىلەرنى قۇرغان .

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 01:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  narkos كە 2011-05-29 12:40 PMئەۋەتىلدى  :
بىشىڭلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاۋۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ گەپ قىلىڭلار، بۇ يەردە بىرسى نېشە چېكىپتۇ دىمىدى دورىلىق ئورنىدا ئىشلىتىپتۇ .
قايسى بىر ماتىرىيالدا مىلادى 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ بىر تۈركۈمى تۇرپاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى، بىر تۈركۈمى قەشقەردا قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنى، يەنە بىر تۈركۈمى گەنسۇ-شىنلاڭ ئۇيغۇر خانلىقىنى (سېرىق ئۇيغۇرلار ) قۇرغان دەپ كۆرگەن ئىدىم. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈپ كەلگىنىگە تېخى 2700 يىل بولمىدى...    مەن تازا چۈشىنەلمەي قالدىم، خاتا ئانالىز قىلدىممۇ ياكى...
ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىچكى موڭغۇل سىبىرىيە،پامىر ئىگىزلىكى .....قاتارلىق كەڭ زىمىندا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان،ھازىرقى رايونىمىزدىمۇ ئەزەلدىن بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن،840-يىلى كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز،شۇنداق بولغاچقا كىلىپلا يەرلىشىپ قالغان.ئەگەر بۇ يەردە ئەجداتلىمىز ياشىماي باشقا مىللەتلەر ياشىغان بولسا كۆچۈپ كىلىپلا ئۆزلىشىپ خانلىق قۇرالامتى،دىمەك بۇ رايون ئەزەلدىن بىزنىڭ ياشىغان ۋە پائالىيەت قىلغان ماكانىمىز،بۇ تىمىمۇ بىزنىڭ ماكانىمىزنىڭ مۇشۇ رايۇن ئىكەنلىكىنى بىزنىڭ بۇنىڭدىن 2700يىللار بۇرۇنمۇ مۇشۇ ماكاندا ياشىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.دىمەك بىز بىر يەردىن كۆچۈپ كەپ قالمىغان.بىز ئەۋلاتلىرىمىزغىمۇ مۇشۇ نوختىنى بىلدۈرىشىمىز لازىم.

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئۆزلۈكى يوق مىلل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6284
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9218
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 01:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-قەۋەت (alipbay) نىڭ يازمىسىغا

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندە، خوتەندىكى ساكلار( ئۇ چاغدا خوتەنلىكلەر ئۇيغۇر ئەمەس ئىدى، خوتەننىڭ نامىمۇ قوردان دېيىلەمدۇ شۇ) ۋىسارا جەمەتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلارغا بايقۇت قىلغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش