شەپقەتلىك اللە
ئاجرىشىشنى ھەرقانداق ئادەمگە ھارام قىلسۇن...!
كىشىلەر ئاجراشقاندا ھەتتا زىمىن يىتىمنىڭ نالىسىدىن تىترەمىش،
زىمىننى تىترەتكەن مۇشۇ گۇناھ بىزنىڭ كىچىككىنە يۈرۈكىمىزنى
تىترىتەلمىگەنمىدۇ...؟ - ئەجابا ، ئىنسانلار ئۆز پۇشتىنى باشقا بىر
يارالمىش ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ ، شۇ پۇشتىنىڭ خۇشاللىقىنى
ھەم بەختىنى كىچىككىنە پۇل خەجلەپ بېرىپ ياكى ئۇنى ئوينۇتۇپ
قويۇپ بېرەلەيمەن ، بۇرچۇمنى ئادا قىلالايمەن ،
اللە ئالدىغا يۈزۈم يورۇق بارالايمەن دەمدىغاندۇ؟ دىللار ئازارى ،
خۇدا بىزار بولىدىغان چوڭ گۇناھى كەبىرلەركەن . چوڭ كىشىلەر بىرىنىڭ كۆڭلىنى
ئاغرىتسىمۇ اللە بىزار بولىدىكەن . كىچىككىنە سەبىنىڭ يۈرۈكىنى زىدە قىلىپ ، يىتىملىك كوچىسىدا قان يىغلاتقان بۇ ئىشىغا اللە بىزار بولماسمۇ؟ پەرىشتىلەر نالەت قىلماسمۇ؟ مىھرىبان اللە ، گۇناھلىرىمدىن ساقىت بولۇپ ئازار قىلغانلىرىمدىن قۇتۇلۇپ مۇشۇ سوئالنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولغاندا ، كامىل ئىمان بىلەن كەتكەيمەن...امىن!