|
|
|
|
بىز ۋە روھى غالىبىيەتچىلىك
(فىليەتۇن)
__ ھەي،...دۇنياغا نېمە دېگۈلۈك!؟ ئەينى دەۋىردە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بولسا ئالامەت ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەر ئىدى. ئوغۇزخان، سەئىدىخان قاتارلىق يېڭىلمەس، شىرمەت خانلىرىمىز ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ ماڭسا، ئاي-ھاي دۈشمەنلەر جىنى چېقىپ كەتكۈدەك قورقۇپ، ئاتلىرىنى سوكىلدىتىپ قىچىپتىكەنتۇق.
- شۇنى دېمەمسىز. يەنە ئالىملىرىمىزچۇ، تىل جەھەتتە كىم بىزدەك سىستىمىلىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىپتىكەن؟ مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يازغاندا، ياۋروپالىقلار زىمىنىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ بولالماي، چېپىپ يۇرۇپتىكەن تېخى.
- كرورەن گۈزىلىچۇ، دېمەك كرورەن دەۋىرىدىلا بىز يىپەكتىن كىيىم كىيىپ خانلىق قۇرغان دە،ئۇ چاغدا ياۋرۇپالىق دېگەن تېخى دەرەختىن چۇشمەي مايمۇن پىتى بولغىيتتى. ھەي، تەقدىردە ھازىر زامان نېمە بولدى ئەمدى؟!
مانا بۇ بىزدىكى غالىپ قاراش، تىرىشمايمىزيۇ، بۇرۇنقىنى پەش قىلىپ، كەچكىچە شۇ ئەجداتلار تۆھپىسىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاۋىرىمىز. ئۇخلاپ-ئۇخلاپ بىر كۈنى كەلگەندە شىرىن چۈش پىتى رەھمىتى بولۇپ كەتمىسەكلا بولاتتىغۇ!
مەنبە : ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|