بىر تىزىق مارجان،بىر دەستە گۈلدەك،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ،
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
قالدى ئەسلىمە ياتاق - سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق، يىراق جايلارغا،
بىزلەرساۋاقداش،ساۋاقداش ھامان.
.....................................
ھەر قېتىم ئابدۇللا ئابدۇرېيىم ئىجراسىدىكى‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى› دىگەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا شۇ تۇلۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرگەن چاغ كېلىدۇ . مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان كۈنى ئابدۇللانىڭ بۇ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ،كۆزلىرىمىزدىن تارام-تارام ياشلىرىمىزنى تۆككىنىمىزچە، كۆڭلىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى دىيىشىپ ،بىر ئاخشام ئۇخلىماي تۈنەپ چىققان ئىدۇق . مانا،ھەش-پەش دىگۈچە بىزگە ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئۇزۇن يىل بوپتۇ . ئوقۇش ئۈچۈن بىر سىنىپقا جۇغلىشىپ ،بىر ياتاقتا يېتىپ ،ئاكا-ئۇكا ،ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ 3 يىلنى خۇددى 3 كۈندەك ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.ئاقىۋەت،ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەبىدىن ،ھەممەيلەن يەنە تەرەپ-تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق .... نېمە ئامال دەيسىز ؟ پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرغان بىلەن ئوقۇۋاتقان چاغلاردىكىدەك بولماي قالىدىكەن .... مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، تور ئارقىلىق ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى يوللايمەن! ھەم ئۇلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت،خىزمىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.!!!... .... ئەي ئەزىزساۋاقداشلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، ساۋاقداشلىق مىھرى-مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەستۇر ....