مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2216|ئىنكاس: 36

يۇمۇر خالتامنى ئالغاچ كەلدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40621
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4386
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى مەس تەلۋىلەرچە ماشىنا ھەيدىمەكتە.
ئا: ئاستىراق ھەيدە! ئالدىمىزدا جىددى ئايلانما بار.
ب: نېمە؟  ماشىنىنى سەن ھەيداۋاتىتىڭغۇ ؟


ئېرى :  ئۇ قەلەندەرگە  نېمىدەپ بۇنچە جىق پۇلنى بېرىسەن ؟  ئۇ يالغاندىن قارىغۇ بولۋالغان!
ئايالى : ئۇنىڭ " ئاقكۆڭۈل ، چىرايلىق خانىم ......" دېگەنلىرىنى ئاڭلىمىدىڭىز .
ئېرى : ئۇنداقتا ئۇ راست قارىغۇكەن .


بىر چوڭ باينىڭ دەپنە مۇراسىمىدە بىر ياش قاتتىق ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىپتۇ .
بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلىپ سورىشىپتۇ : سىز ئۇنىڭ ئوغلىمۇ؟
ئۇ ياش تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ : ياق، ئۇ مېنىڭ دادام بوپقالسىچۇ ئسىست .


دەرىسكە چىقمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ ،  بۈگۈن بىر چىقىپ كىرەي دەپ ماڭسام،
فاكۇلتىت پروفىسىرى  ئۇچراپ قالدى :
ھوي ، قانداق ئەھۋال ، دەرسىكە ماڭغانما  ؟  كۆرمىگىلى ھەجەپ ئۇزۇن بوپتۇ سىزنى ،
چوپچوڭلا بوپ كېتىپسىزغۇ !؟

-------------------------------------------------------------------


يەنە شۇ دەرىسنىڭ ئىشى ، چىقايمۇ - چىقمايمۇ دەپ ئاخىرى تەڭگە تاشلاش قارارىغا كەلدىم
ئوڭ تەرىپى چۈشسە تورخانىغا باراي ، سول تەرىپى چۈشسە  كالاڭچۇر ئويناي ، تىك تۇرسا
دەرسكە باراي ....  


بىرسى يولدىن ئېزىپ قېلىپ بىر كىچىك بالىدىن يول سوراپتۇ . كىچىك بالا :
ماڭا ئون كوي بەرسىڭىز  راست گەپ قىلىمەن .  ئۇ كىشى ئون كول پۇلنى ئۇزىتىپتۇ
كىچىك بالا : راست گەپنى قىلسام ،  مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن .


بىر قېتىم ،  ئاپتۇبۇسقا چىقىۋېتىپ قارىسام ، ئالدىمدا چىققانلار بەزىلىرى پۇل تاشلاپ بەزىلىرى
كارتا سۈركەپ چىقىشۋېتىپتۇ ،  پۇل تاشلايدىغان چاغدا  كاللام تۇيۇقسىز ماس بوپقالدىدە
يانچۇقۇمدىكى  IC كارتىسىنى چىقىرىپ  تاشلىۋەتتىم .....


يېرىم كېچە ،  بوئىن 737 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئۆيىگە قايتىپ ئىشىكنى چەكتى.
ئايالى : كىم ؟
ئۇچقۇچى يۇمۇرىستىك تۈستە :باش شىتاب باش شىتاب، 737 قونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ !
توساتتىن ئۆي ئىچىدىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : قوبۇللاندى !  مەن باش شىتاب،
سىزگە قونۇش ئورنى بىكارلاش ئۈچۈن 777 ھازىرلا قوزغىلىدۇ !


ئايالى ئەينەككە قارىغىنىچە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىپتۇ :
- ، مەن نىمانچىلا سەتلىشىپ كەتتىم ھە  ، ھۈ ھۈ ھۈ
- ، جېنىم ، سەنغۇ ئەينەككە نەچچە كۈندە بىر قاراپ قويىسەن ، مەن كۈندىلا  ساڭا قاراپ
ياشاۋاتىمەنغۇ ، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىمىدىما ؟


چۈشتىن كېيىن ئىشخانىدا، ئولتۇرغانچە بەك ئۇيقۇ بېسىپ كەتتى  ،  پەقەت بولماي قەھۋەدىن
بىر ئىستاكان دەملىدىم، قەھۋە سوۋۇغىچە تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ ئىككىنى
شورىۋىتىپ كومپىيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلدىم ،  سول قولۇمدا تاماكا ، قانداقلارچە بوپ
قەھۋە دەملەنگەن ئىستاكانغا  تاماكا  كۈلىنى قېقىۋەتكىنىمنىمۇ  تۇيماي قاپتىمەن .....


ئىككى مەس ئوڭ-تەتۈر دەسسىگىنىچە تۆمۈر يول بويىغا كېلىپ قاپتۇ
بىرسى قوپۇپ رېلىسنى كۆرسىتىپ : "قارا ماۋۇ پەلەمپەينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى "، دېسە  يەنە بىرسى :
"ماڭاۋە كالۋا ، ئۇ دېگەن رىشاتكا ! " دېگۈدەك . شۇ چاغدا بىر پويىزنىڭ سىگنال بەرگەن
ئاۋازى ئاڭلىنىپتىكەن ، ھېلىقى مەس غادايغىنىچە : " قارا ، دېگىنىم توغرىمىكەن ، بۇ
رىشاتكىدىن  ئاتلىماسلىق  ئۈچۈن بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ."



-، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،  بۇ يەردە ساقچى بار-يوقلىقىنى دەپ بەرسىڭىز ؟
-، بۇ يەردە ساقچى يوق .
- ، ئۇنداقتا ، يېقىن ئەتراپتىن ساقچىخانا تاپقىلى بولارمۇ ؟
- ، مېنىڭچە بولماسمىكىن .
-، ھە ياخشى ،  ئۇنداق بولسا ماۋۇ پىچاقنى كۆرگەنسىز ؟ يېنىڭىزدىكى پۇل ، سائەت
ۋە باشقا پۇلغا يارايدىغان نەرسلىرىڭىزنى چىقىرىڭ ، چاپسان بولۇڭ .



بىر ئادەم يەيدىغان مەملىكەتنىڭ شاھزادىسى ئالىي دەرىجىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىدا
ساياھەتكە چىقىپتۇ ،  چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ھاۋاقىز :
ئەپەندىم ، نېمە تاماق يېيىشنى خالايسىز؟
شاھزادە : .........
ھاۋاقىز : پىشۇرۇلغان كالا گۆشى يەمسىز؟  شاھزادە "ياق" دېگەن مەنىدە بېشىنى چايقاپتۇ.
ھاۋاقىز : توخۇ پاچىقى ياكى  قانىتىچۇ ؟   ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقاپتۇ
ھاۋاقىز : ئەپەندىم ، سىز زادى نېمە تاماق يەيسىز ؟
شاھزادە : يولۇچىلار تىزىملىكىنى ئەكىلىپ بېرىڭ ، كۆرۈپ باقاي



بىر  ئەر  ئايالىدىن ئاجرىشىش دەۋاسى بىلەن سوتقا بېرىپتۇ ، ئۇ دەردىنى بىرەر قۇر
بايان قىلۋىتىپ دەپتۇ : مەن چىدىمىدىم ، مۇشۇنداق ئۆتۋاتقىنىمىزغا ئۈچ يىل بولدى ،
مېنىڭ ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
سوتچى :  توي قىلغىنىڭلارغا قانچىلىك بولدى ؟
دەۋاگەر ئەر : ئىككى يىل



بىر يىگىت ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى ئاشىق بولۇپ يۈرگەن قىزغا
سۆيگۈ ئىزھار قىلىپتۇ : سۆيۈملۈك جېررىي، بىلسىڭىز ، مەن ۋىليامدەك باي ئەمەس ؛
ۋىليامنىڭكىدەك  ئېسىل داچا ، ماشىنىلىرىم يوق ؛  ۋىليامغا ئوخشاش سىزگە
ئېسىل  بىرلىيانت ، زىببۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئېلىپ بېرىشكە قۇربىتىم  يەتمەيدۇ؛ بىراق ،
مەن سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن ، مېنى رەت قىلماڭ بولامدۇ ؟
ئۇ قىز : مەن ئويلىشىپ باقاي ،  ھە راست ، ۋىليام دېگىنىڭىز كىم؟ ئۇ توي قىلغانمۇ ؟



ئاپىسى : بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق غەلىتە گەپلەرنى دېگۈچى بولما ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟
بالىسى:  بۇلار  شېكىسپىر ئېيتقان سۆزلەر
ئاپىسى: مۇنداقكەندە ،  ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن شېكىسپىر بىلەن ئوينىغىنىڭنى كۆرۈپ سالماي



بىر سۇتوپ تەنھەركەتچىسى  تېز تاماقخانىغا  كىرىپ شورپا بۇيرۇتۇپتۇ.
تاماق چىققاندا قارىسا بىر قاچا شورپىدا بىر تاللا پۇرچاقتىن باشقا ھېچنىمە يوق تۇرغۇدەك.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى سېلىشقا باشلاپتۇ ،  ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش بولغانلقىنى
سورىسا ئۇ جاۋابەن :  ما كۆلچەك خېلى بوپقالغۇدەك ، توپمۇ تەيياركەن  بىردەم سۇ توپ
ئوينايلى ، سىلەرمۇ كېلىڭلار .



بىر قېرى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ، ئۆزىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچىيىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىپتۇ
دوختۇر سوراپتۇ :  چوڭ تەرىتىڭىز نورمالمۇ ؟
قېرى : ناھايتى نورمال ، ھەر كۈنى ئەتىگىنى سەككىزدە  بىر قېتىم كېلىدۇ
-، ئەمىسە  يەنە قانداق مەسىلە بار  سىزچە ؟
- ، مەن ھەركۈنى ئەتىگىنى سائەت توققۇزدا ئورنۇمدىن تۇرىمەن .



ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى  پوپ بىلەن موناخ گولف توپ ئوينىغىلى بېرىپتۇ.
پوپ ھاياجانلانغانچە كالتەكنى بىر چۆرۈپتىكەن  ، توپقا  تەگمەي قاپتۇ
"  ****(تىللىغان گەپ) ! تەككۈزەلمىدىم " دەپتۇ ئاچچىقلانغان پوپ.
موناخ ئۇنىڭغا سەت گەپ قىلسا بولمايدىغانلىقى ، بولمىسا تەڭرىنىڭ غەزەپلىنىدىغانلىقىنى
ئەسكەرتىپتۇ.  پوپ ئۇنىڭ سۆزىنى قوللاپ، "ئەمدى ئۇنداق دېمەيمەن" دەپتۇ

ئىككىنچى قېتىم ، يەنە تەگمەپتۇ ، پوپ ئاچچقىدا باشتىكى گەپنى تەكرارلاپتۇ! موناخ
ئۇنى يەنە بىر قېتىم  ئەسكەرتىپتۇ!

ئۈچىنچى قېتىم .... يەنە تەگمەپتۇ ...شۇنىڭ بىلەن ....يەنە تىللاپتۇ!
بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ھاۋا گۈلدۈرلەپ ھېلىقى موناخنى چاقماق ئۇرۋېتىپتۇ

ئارقىدىنلا بىر سادا ئاڭلىنىپتۇ :   ****** !  مەنمۇ تەگكۈزەلمىدىم !




يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن بالىسى دادىسىدىن سوراپتۇ :
- ، دادا ،  نېمە ئۈچۈن تەڭرى ئەرلەرنى ئاۋال ، ئاياللارنى كېيىن ياراتقان ؟
- ، ئاياللارنى ئاۋال يارىتىپ قويسا ، ئەرلەرنى يارىتىدىغان ۋاقىتتا توختىماي ۋاتىلداپ
قۇلاق-مېڭىسىنى يەپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ



بىر  ياۋايى ھايۋانات تەتقىقاتچىسى  سادىق خىرىستىيان مۇرىتى ئىكەن .
بىر قېتىملىق ئافرىقا ئورمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپىتىدسىيە جەريانىدا، بەختكە
قارشى سەپتىن ئايرىلىپ ئورمانلىقتا ئېزىپ قاپتۇ ، كەينىدىنلا تېخىمۇ پاجىئەلىك ئىش
يۈز بېرىپتۇ .
بىر ئاچ شىر ئۇنى قوغلا قوغلا ، قاچە-قاچ بىر دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ . شىرنىڭمۇ
تەستە تاپقان ئولجىدىن ۋاز كەچكۈسى يوق پەستە قاراپ تۇرۇپتۇ
قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپتۇ ، ئۇ ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇققا چىدىماي تەڭرىدىن ياردەم تىلەپتۇ:
- ئاھ تەڭرىم ! بۇ قانخور مەخلۇقنى خىرىستىيان مۇرىتى قىلىپ قويساڭ !
گېپى تۈگىشىگىلا  ، پەستىكى شىر زۇۋان ئېچىپتۇ :
- ، ئۇلۇغ تەڭرىم  ،  ماڭا مول كەچلىك غىزا ئاتا قىلغىنىڭغا رەھمەت!



دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقتا بىر جۈپ ياش قىز-يىگىت قىزغىن سۆيىشۋاتاتتى ،
بىر كەمدە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا
كېلىپ  يىگىتكە سۆزلەپلا كەتتى :  سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز خاتا ،  سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشتە
چوقۇم قارشى تەرەپنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزغاندىلا  ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ ،
قاملاشتۇرالمىسىڭىز  بىر چەتكە ئۆتۈڭ ،  ئۆزۈم كېلەي .


بىر مەستكە باشقىلار چاقچاق قىلىپ ھەممە كىيىملىرىنى سالدۇرۋېتىپ ، كوچىغا چىقىرىپ
قويۇپتۇ ،  ئۇ مەس ھېچنىمىنى سەزمەستىنلا  ئۆيگە كەتمەكچى بولۇپ تاكسى توسۇپتۇ،
تاكسى شوپۇرى ئايالكەن ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچماستىن ئۇ مەستكە كۆزىنى ئۈزمەي
قاراپ تۇرۇپتىكەن ،  مەستنىڭ ئاچچىغى كېلىپ ۋارقىراپتۇ : نېمە قاراۋېرىسەن !!
يالىڭاچ ئەر كىشى كۆرۈپ باقمىغانمۇ !؟
شوپۇر  ئايال سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ :  پۇلنى قايسى يانچۇغىدىن چىقىراركىن دەپ قاراپ
تۇرىمەن



بىر مەيدان بوكىس مۇسابىقى ، سەت قىزىماقتا .  ئارلىقتا  بىرماھىر  مۇشتنىڭ
زەربىسىدىن  بىر نەچچە چىىشى تۆكۈلۈپ كەتتى ، بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشتىن نۇرغۇن
كىشىلەرنىڭ  ئىڭەكلىرى جاغىلدىشىپ كەتتى ، خانىم - قىزلار  يۈزلىرىنى قولى بىلەن
توسىۋېلىشتى ، پەقەت بىر ئادەملا  خۇشاللىقتىن گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى  ،
ياندىكىلەر قىزىقىش بىلەن سوراشتى :
" ئەپەندىم ، سىز  بوكىس تېرنېرىمۇ ؟"
"ياق!  مەن چىش دوختۇرى "



مەلۇم بانكا ،  ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، توساتتىن يۈزىگە پايپاق تاتقان بىر
قوراللىق ئەر  بۆسۈپ كىردى :
- ، ھەممىڭ جايىڭدا جىم يېتىش ! ئۈنۈڭنى چىقىرىشما !
كۆپچىلىك لام-جىم دېمەستىن  يەردە جىم يېتىشتى ،  بۆلۈم باشلىقى  مارى خانقىزنىڭ
يېتىش ھالىتىگە قاراپ جىددى تۈستە :
-، مارى خانقىز ، مەدىنىيەتلىكراق بولۇڭ ، ھازىر خەق بانكا بۇلاۋاتىدۇ ،  دېڭىز ساھىلىدا
ياتقاندەك ياتماي ،  باشقىلار بىلەن ئوخشاش ياتقايسىز !



          ئاخىرىدا مۇنبەرداشلارغا  چاقچاق (قېنى ئالقىش!!!)


شاتئاي ئاپىسى بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بېرىپ چىش ئالدۇرۇپتۇ . قايتاشىدا ئاپىسى
شاتئايدىن سوراپتۇ :  قىزىم ، چىشىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟

شاتئاي : چىشىم دوختۇرخانىدا  قالغان تۇرسا ، ئاغرىغان-ئاغرىمىغىنىنى مەن نىم بىلەي ...



گۈلبېكە ئېرىدىن زارلانغىنىچە :  ھەي  مەن نېمە دېگەن دۆت ، نىمە دېگەن ئەخمەق ھە ،
ئۆز ۋاقتىدا ، ماڭا يالۋۇرۇپ توي تەكلىپى قويساڭ  ئېرىپ كېتىپ ماقۇل بوپتىكەنمەن ، شۇ
چاغدا مۇشۇ كاللام نەدە بولغىيتتى مېنىڭ ھە ،  ھۈ ھۈ ھۈ
ئېرى تۇرۇپ كېتىپ :  ئۇ چاغدا  كاللاڭ مۈرەمدە ئىدى .


بىر كۈنى مىرئادىل ئاشخانىغا كىرىپ شورپا بۇيرۇپتۇ .
شورپا چىققاندا قارىسا ،  ئىچىدە بىر چىۋىن مىدىرلاپ تۇرغۇدەك ، مىر ئادىل كۈتكۈچىنى  
توۋلاپ قېشىغا ئەكىلىپ دەپتۇ :  قارىڭە مانىڭغا ، چىۋىن نېمىش قىلىدۇ ما شورپىنىڭ ئىچىدە!؟
كۈتكۈچى سىنچىلاپ قارىۋىتىپ :  ئۇ سۇ ئۈزۋاتىدۇ ، ئەپەندىم  ، سۇ ئۈزۋاتىدۇ ...



مىسرانىم ئەسكەر ۋاقتىدا بىر غەلىتە ئادىتى بار ئىكەن : ئۇچرىغانلىكى قەغەزنى قولىغا
ئېلىپ بىر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن تاشلاپ قويۇش بىلەن تەڭ ئۆز-ئۆزىگە:  
بۇ ئەمەس ، بۇ ئەمەس ، ماڭا لازىمى بۇ ئەمەس!  دەيدىكەن
بۇنىڭدىن تەئەججۈپلەنگەن گېنىرال ئۇنى پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرسىتىپتۇ ...
پىسخىك دوختۇر مىسرانىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كېيىن دىئاگنوز  قەغىزىگە
مۇنداق يېزىپتۇ : باشقا كېسەللىك ئالامىتى يوق ، پىسخىكىسىدا توسالغۇ بار ئىكەن،
ئەسكەر بولۇشقا ماس كەلمىگۈدەك .

دىئاگنوز قەغىزىنى قولىغا ئالغان مىسرانىم خوشاللىقىدىن  توۋلاپ كېتىپتۇ :

-، مۇشۇ شۇ! ، مۇشۇ شۇ !!! ......




ئەمىسە ھازىرچە مۇشۇنچلىك يېزىپ تۇراي ------ يامغۇر  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئۆمۈر قار گوياكى تومۇز كۈنىدە ، ئاز قالدى، ئىگىسى مەغرۇر كۈلكىدە

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15922
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا،،،، ئەمدى بىرنى ئۇقىغان ،،،،،،،،،    


ما ئورۇننى ساقىلۋالاي.

 بۇ مۇ بار،،،


سىز قەيەرنىڭ كالىسى ؟ بىر سېغىپ باقاي ....

ۋاق !!! ۋاق ،،،،،،!!!!

سىز قەيەرنىڭ بالىسى ، بىر تىپىپ باقاي.


مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ http://www.xj529.com/read.php?vid=1014

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم خالتا تىكىدىغان بولدى ئەمدى . سابىق مۇنبەردە كەپسىز قىزمۇ خالتا تىكىپ كەلسە مۇنبەردىكى ھەممە ئادەم خالتا تىككەن . مەنمۇ خالتامنى تەييار قىلغاچ تۇراي جۇما !

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23095
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ خالتا بەك چوڭ ئىكەندە ،يۈمۈرلارنى تۈكۈپلا ۋېتىپسىز ! يەنە بولسا يوللاپ تۇراسىز ! ھەممىسى يېڭى ھەم قىزقارلىق ئىكەن ھااااھااااھا ااااااا.!
كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى !

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40621
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4386
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆمۈر قار گوياكى تومۇز كۈنىدە ، ئاز قالدى، ئىگىسى مەغرۇر كۈلكىدە

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41554
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2011-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇر خالتىڭىزنىڭ ئىچىدە كەمپۈت ،شاكىلات دىگەندەك نەرسىمۇ بارمۇ  [s:139] مەن سىزگە ئالبىنى بېرەي يەنە ئېيتىپ بېرىڭە ، ماقۇلمۇ ؟. [s:136]
ھې...ھې...ھې..شاكىلات بەرمىسىڭىزمۇ يۇمۇرىڭىزغا كۈلىۋەردىمما  [s:180]

بىلىمسىز قىلغان تائەتتىن كۆرە ،بىلىملىك ئۇخلار ساۋابى ئۆرە...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7133
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 08:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە بۇ خالتا كىچىك كەپقالغان ئوخشايدۇ قارىسام يەنە ئاخىرسى باردەك قىلىدۇ يۇمۇرىڭىزنىڭ ، مەن بىر تىككۈچىنى تونىيمەن ، خىلى داڭقى با ئۇنىڭ ،ۋاختىڭىز يەتسە مەن بىلەن بىللە بىرىڭ سىز گە يوغانراق خالتىدىن بىرنى تىكىپ بەرسۇن قانداق .؟ ھى ھى ھى ھى

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 09:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىككۈچى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق ، رەختنى ئەكەلسىڭىز مەن ھەقسىز تىكىپ بىرىمەن .ھى.....ھى....ھى.... [s:180]  [s:180]  [s:180]


يۇمۇرىڭىزنى خالتىڭىز بىلەنلا  ئەكەتتىم .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6211
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 09:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىرنى قىتىپ قوياي.
بىر ساقچى بىر ئوغىرىدىن سوراپتۇ.
سەن مۇشۇ ئالتۇنلارنى ئوغۇرلىغۇچە ھىچ نىمىدىن ئەنسىرمىدىڭمۇ ؟
ئوغىرى؛ ئەلۋەتتە ئەنسىردىم .
ساقچى ؛ نىمىدىن ئەنسىردىڭ؟
ئوغىرى؛ بۇ ئالتۇنلارنىڭ ساختا چىقىشىدىن.

بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك،ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

ئادەم سۆيگەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15828
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10569
تۆھپە نۇمۇرى: 1417
توردا: 3963 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 09:09:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇلكەجاننىڭ ئوزۇقى ئەمەسما!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!ۋۇججۇن،ماۋۇ باللىنى،يۇمۇر دىگەننى تىتىۋىتىدىكەنغۇ؟!!!كۈلۈپ ساراڭ بولۇپ كەتتىم

دەرتكەداۋا تەنگەشىپابولسا تاتلىق سۆزۆڭ ياخشى بىلەن ياماننى پەرىق ئەتسۇن نۇرلۇق كۆزۆڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش