ئاجايىپ يېزىقلاركەنغۇ بۇ ، مەن بۇنداق شەكىللەردىن پايدىلىنىشنى پەقەت ئوغوزنامىدىلا ئۇچراتقانىدىم . رەھمەت سىزگە ئۇ تىلنى ئىشلىتىدىغانلار سانى بىر ناھىيە نۇپۇسىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان تۇرۇقلۇق تىل يېزىقىنى تاشلىۋەتمەي ئەۋلاتلىرىغا ئۈگەتكىلى تۇرۇپتۇ ... [s:131]
بۇ ئوغوزنامە ناملىق قەھرىمانلىق داستانى فىرانسىيەنىڭ پارىژ دىكى پۇقرالار كىتابخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىرماش شەكلى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسىدىن نەمۇنە (1ـ دىن 4ـ بەتكىچە )
بۇ ئۆرۈپ يېزىلىشى .
يۇقىرىقى نۇسخىسىنىڭ بىر بېتىنىڭ تەرجىمىسى تۈۋەندىكىدەك :
1. ئاشۇنداق بولسۇن دىيىشتى . ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇشۇنداق: (بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان )
2.شۇندىن كيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى .
3.بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يۇرىدى .
4.ئۇ بىر ئوغول تۇغدى .
5.بۇ ئوغولنىڭ يۈز چىرايى كۆك ئىدى .
6.ئاغزى چوغدەك قىزىل .كۆزلىرى ھال ،چاچلىرى ،قاشلرى
7.قارا ئىدى ، ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ
8.چىرايلىق ئىدى . بۇ ئۇغۇل
9.بۇ ئوغول ئانىسىنى بىر ئېمىپلا ،ئىككىنچىلەپ
1. ئانىسىنى ئەممىدى .خام گۆش ، ئاش ،مەي سورىدى ،
11.تىلى چىقىشقا باشلىدى . قىرىق كۈندىن كېيىن .
12.چوڭ بولدى ،ماڭدى ،ئوينىدى ،ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ،
13.بېلى بورى بېلىدەك ،مورىسى قارا بۇلغۇن مورىسىدەك ،كوكسى
14.ئېيىق كوكسىدەك ئىدى . پۇتۇن بەدىنىنى قۇيۇق تۇك باسقان ئىدى .
15.ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى،
16 ئاتلارنى مىنەتتى ،ئوۋ ئوۋلايتى .
17 كۈنلەر ئوتۇپ ،تۇنلەر ئوتۇپ .
(3)
18.ئۇ يىگىت بولدى ، بۇ چاغدا ،بۇ
19.بۇ يەردە بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى .
ئەسلى ئەسەر بۇيىنچە بەزى ئىملا خاتالىقلىرىغا
(ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىملا خاتالىقى ھىسابلانماستى ) يول قۇيۇلدى .