مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 27

شەھىدانە خوتەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6636
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6332
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5358 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 03:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇختار قادىر ھونزادە

      تارىخي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇندىن 2000يىللار ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا"ئۇدۇن"دەپ ئاتىلىدىغان بىر خانلىق ئۆتكەن بولۇپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ماچىن،ئىلچى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغانكەن.ئىسلام دىنى بۇ يەردە ئومۇملاشقان كىيىن،"شەھىدانە خوتەن"دەپ ئاتالغان بۇ يۇرۇت ئەمدىدىلىكتە "خوتەن"دەپلا ئاتالماقتا.
  ھەرقانداق بىر تارىخىي جەريان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ شاھىدى بولغان يازما يادىكارلىق ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.قەدىمكى ئۇدۇن توغرىسىدىكى يازما خاتىرە بۇندىن 1800يىللار ئىلگىرى يېزىلغان"كىيىنكى خەن سۇلالىسى تارىخى"دا ئۇچرايدۇ①.ئۇنىڭدا:"ئۇدۇن(گاستانا)نىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن ئون نەچچىسى،كىچىك شەھەرلىرىدىن نەچچە ئونى بار"دېگەن مەلۇمات قالدۇرۇلغان."لىياڭنامە.غەربىي يۇرۇتتىكى مىللەتلەر تەزكىرىسى"دە:"ئۇدۇن خانى بۇددا نوملىرىنى ياغاچقا تېڭىپ ئوقۇيدىكەن،تامغېسى قاشتېشىدىن ياسالغان ئىكەن"دېيىلگەن بولسا،"سەيياھ فاشەننىڭ تەرجىمىھالى"دا ئۇنىڭ ئۇدۇنغا قىلغان سەپىرى تىلغا ئېلىنىپ،ئۇ يەردە ئون تۆت چوڭ ئىبادەتخانا بارلىقى،بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ پادىشاھنىڭ 80يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ پۈتتۈرگەنلىكى،ھەر يىلى 3-4-ئايلاردا كۈجە كۆيدۈرىلىپ،بۇت سەيلىسى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن."يىڭى بەش دەۋىر تارىخى"نىڭ ئىلاۋىسىدە ئۇدۇن خانىنىڭ ئوردىسىدا دائىم سۆسۈنە تونلۇق 50نەپەر بۇددا راھىبىنىڭ دەرقەمدە تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.مەخمۇت قەشقىرى"تۈركىي تىللار دىۋانى"دا:"ئۇدۇن---خوتەن شەھرىنىڭ قەدىمكى نامى"دەپ ئېنىق ئىزاھلايدۇ②.دەرۋەقە،قەدىمكى ئۇدۇن بەگلىكى ھىندىستاندىن قوبۇل قىلغان بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ،ئۆزىگە خاس بۇددا مەدەنىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە،بۇ دىننى تارىم ئويمانلىقىنىڭ باشقا جايلىرىغا،جۈملىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تارقاتقان ئىدى.ئۇدۇنغا 1000يىل ئەتراپىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋايجىراخان جەمەتى سادىق بۇددا مۇخلىسلىرىدىن بولغاچقا،بۇددا نوملىرى دۆلەت قانۇنى ھېساپلانغان.
  بۇندىن 1064يىل بۇرۇنقى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ياش پادىشاھى سۇتۇق تېكىن بۇغراخان قەشقەرنى ئىسلاملاشتۇرغاندىن كىيىن،ئاقسۇ ۋە خوتەنلەرگە يۈرۈش قىلدى.ئېلى ئارسلانخانغىچە بولغان ئۈچ ئەۋلاد بۇغراخان خوتەن بۇددىسلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشقان بولسىمۇ،ئۇلارنى يىڭەلمىدى③.ئۇدۇن خانى خالىخال ماچىن ئەۋەتكەن نوقتى رەشىد بىلەن چوقتى رەشىد(ئاكا-ئۇكا)باشچىلىقىدىكى ئۈچ تۈمەن لەشكەر ئىسلام غازاتچىلىرى بىلەن 24يىل ئېلىشىپ،ئاخىرى(مىلادى998-يىلى)يۈسۈپ قادىرىئان ياردەمگە چاقىرغان ئىراقلىق تۆت ئىمام④نىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرى تەرىپىدىن يوقۇتۇلدى.نوقتى رەشىد بىلەن چوقتى رەشىد نىيە تاغلىرىغا چېكىنىپ،جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،مىلادى 1006-يىلى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى.مانا بۇ ۋاقىت خوتەن دىيارىنىڭ ئىسلاملاشقان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
  ئەپسۇسكى،ئىسلام مەدەنىيىتى ناھايىتى تېز گۈللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە غەربىي لىياۋ(كىدان) خانلىقىنىئۇڭ خاقانى كۈچلۈكخان ئۇدۇنغا بېسىپ كىرىپ،بۇ يەردىكى خەلىقنى ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلىۋاتقان نىستۇران دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرماقچى بولدى.ئىلگىرىكى بۇتخانىلارنى چېقىپ،ئورنىغا مەسچىت سالغېلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان خەلىققە بۇ بىر ئېغىر زۇلۇم بولۇپ تۇيۇلدى-دە،قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى.غەزەپلەنگەن كۈچلۈكخان مىلادى 1212-يىلى يازدا ئالاھىدىن مۇھەممەت خوتەن ئىسىملىك باشچى ئىمامنى سېپىلغا تۆت دانا چوڭ قوزۇق مىق بىلەن مىقلاپ ئۆلتۈردى ۋە ئارقىدىنلا 3000ئىسلام مۇرىتىنى تىرىك كۆمۈۋەتتى.
  دەھشەتلىك باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇدۇن خەلقى بۇنىڭلىق بىلەن بوشاپ قالمىدى،ئەكسىچە،ئىسلامغا بولغان ئەقىدىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ،شېھىتلەر(ئۆلگەنلەر)نى ئۇلۇغلىدى.رىۋايەت قىلىنىشىچە،"شەھىدانە خوتەن"دېگەن نام نام ئەنە شۇ مۇھەممەت خوتەن باشلىق شېھىتلەرنىڭ نامىغا ئاتالغانكەن.
  ئارخىئولوگ سېتەيىن "قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن" ناملىق ئەسىرىدە:"بۈگۈنكى خوتەن قەدىمكى يوتكان دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن،چۈنكى يوتكان خارابىلىقى قەدىمكى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ پايتەختىدۇر" دەپ يازىدۇ⑤.قانداقلا بولمىسۇن،ئىسلام ئېچىش تارىخىدا شېھىت بولغانلارنىڭ خوتەن تارىخىدا ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى "شەھىدانە خوتەن" ئاتالمىسىنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسىدۇر(بۈگۈنكى كۈندە خوتەن خەلقىنىڭ تۆت سانىنى ياخشى كۆرمەسلىكى دەل ئەششۇ قاباھەتلىك تكت تال قوزۇقنىڭ خەلق قەلبىگە قالدۇرغان جاراھىتىدۇر).
  مىلادى 1214-يىلى كۈچلۈكخاننىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغانلىقى،خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى يولغا قويغانلىقى،چاغاتاي،سەئىدىيە ئىئانلىقلىرىنىڭ خوتەننى ئىدارە قىلغانلىقى ۋە مىڭ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوتەننىڭ تارىخى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن،ماقالەمنى ئۇزارتىپ ئولتۇرمايمەن.


  ئىزاھات:① ---"شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" ژورنىلى،1989-يىللىق 3-سان 160-بەت
②---مەخمۇت قەشقىرى:"تۈركىي تىللار دىۋانى"،ئۇيغۇرچە نەشرى،1-توم 104-بەت
③---قەشقەر يىڭىشەھەردىكى بىر جەڭدە ئېلى ئارسلانخان نامازدا ئۆلتۈرۈلگەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئۇنىڭ بېشى دۆلەتباغقا،تېنى"ئوردام"غا دەپنە قىلىنغانكەن.
④---بۇ تۆت ئىمام:ئىمامى نەسرىدىن،ئىمامى مۇئىدىن،ئىمامى زوھۇرىدىن،ئىمامى قەۋمىدىنلاردىن ئىبارەت بولۇپ،ئىمامى مۇئىدىن قاغىلىقتىكى جەڭدە،ئىمامى زوھۇرىدىن ۋە باشقىلار خوتەن،چىرىيە،نىيەلەردىكى جەڭلەردە ئۆلگەن.
⑤---پېتىر خوپكېرىك(ئەنگخلىيە):"يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار" .

بۇ ماقالە ئەسلىدە "جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"نىڭ 1994-يىل20-مايدىكى سانىغا بېسىلغان.
مەنبە:http://www.honzade.com/?p=217

http://honzada.blogbus.com/

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9957
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 6402 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 04:57:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداق تارىخ ئەمدى،تىما خاتا قويۇلۇپ قالغان چېغى دەپتىمەن تېخى...
مەن ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇتقۇچىمدىن شەھىدانە ئاقسۇ،غىرىبانە خوتەن ،ئەزىزانە قەشقەر دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايتىم ،ئەمدى خوتەن شەھىدانە خوتەن بولاپ قالدىما؟

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41642
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2011-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:22:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  دوستۇم    ئوز   تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت   ھامان   تۇگىشىدۇ   سىز گە   ئامەت  تىلەيمەن

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5276
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1804 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Hacker كە 2011-05-27 04:57 PMئەۋەتىلدى :
بۇ قانداق تارىخ ئەمدى،تىما خاتا قويۇلۇپ قالغان چېغى دەپتىمەن تېخى...
مەن ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇتقۇچىمدىن شەھىدانە ئاقسۇ،غىرىبانە خوتەن ،ئەزىزانە قەشقەر دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايتىم  ،ئەمدى خوتەن شەھىدانە خوتەن بولاپ قالدىما؟

خوتەن ئەمدى شەھىدانە خوتەن بولاپ قالمىدى تەخسىر.... ...ئىۋۇ تولۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچىڭىز تۇغۇلماستىنلا خوتەننى <<شەھىدانە خوتەن>> دەپ ئاتاپتىكەن ....نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقى ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ.ئارتۇقچە تالاش- تارتىش بىھاجەت.

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6277
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5398 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:28:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز خوتەنلىكلەرنى تۆت سانىنى ياقتۇرمايدۇ دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن،ھازىر ئاڭلىشىم.

ياخشى سۆزلىگەنن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18197
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6814
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 3801 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خوتەندە 18 يېشىمغىچە ياشاپ تۆت دېگەن ساننى ياختۇرمايدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن، نەدە قالغان بوغۇيتتۇم؟ [s:148]

ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ ، قېرىغاندا پۇشايمان قىلىسەن.

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4938
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1419 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:50:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز يۇتىمنىڭ تارىخىنى شۇنچە ئىنچىكە شۇنچە تەپسىلى چۇشىنىشلىك قىلىپ يېزىپسىز ،سىز گە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ..بەزى مەلۇماتلارنى بىلسەممۇ بۇنچە ئىنىق تەپسلى چۇشەنچىدە ئەمەستىم . ...قارىغاندا بۇماتىرياللنى توپلاش ئۇچۇن ئاز كىتاپ كۆرمىگەن ئوخشايسىز ،جاپا تارتىپسىز ..ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۇن ھەممە بىر نىيەتتە تارىخقا نەزەر تاشلايلى .تارىخ سىز ۋە بىز دىمەكتۇر ،
مۇشۇنداق تارىختىن خەۋرى با تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق تىمىلانى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىنى شۇ ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ ئاز- تۇلا بولسىمۇ  تارىختىن چۇشەنچە ھاسىل قىلساق دىگەن ئۈمىدتىمەن ..

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18818
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6537 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 06:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەننىڭ شىۋىسى ماڭا بەك يارايدا جىما !

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 331
توردا: 7428 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 06:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىلا بولمىسۇن ھەممىسى بىزنىڭ يۇرتىمىز، قۇتلۇقلايلى، ئۇلۇغلايلى، ئەڭ مۇھىمى تۆھپىمىز بولسۇن!

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

ھەركىم ئۆزتەغدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13407
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5444
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 06:23:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنگە بىي بىرىپ كەلغۇم بار جۇمۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! [s:181]  [s:181]

مەن ئۈچۇن ھايات بىر. يۈرەك بىر ......K
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش