مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 641|ئىنكاس: 0

سېرىب ئۇرۇش جىنايەتچىسى  تۇتۇلدى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 01:04:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


http://www.sina.com.cn  2011年05月27日01:55  新京报 。  

         سېربىيە ھۆكۈمىتى 26-ماي ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن ،قېچىپ يۈرگىنىگە ئوننەچچە يىل بولغان سابىق بوسىنىيە-ھەرسەك سېرب ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى مۇرادىچنىڭ شۇ كۈنى سېربىيەدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.  
            مىللەتكە چاپلانغان قارا يۇيۇلدى
     سېربىيە زوڭتۇڭى تادىچ شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي سائەت13دە جىددى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،مۇنداق دېدى:<مەن سېربىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن شۇنى جاكارلايمەن،مۇرادىچ تۇتۇلدى>
      كرۇدىيە مېدىيەلىرى بۇ خەۋەرنى ئالدى بىلەن ئاشكارىلاپ،سېربىيە تەرەپنىڭ د ن ئا تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇرادىچنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەنلىكىنى ئېيتتى.سېربىيە ب92 رادىيوسىنىڭ ئېيتىشىچە،مۇرادىچ سېربىيەنىڭ شىمالىدىكى كىچىك بازار زىلېينىيانغا يېقىن بىر كەنتتە قولغا چۈشكەن. تادىچ:سېربىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە مۇرادىچنى تۇتقانلىقى،ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى گوللاندىيەدە قۇرغان گائاگا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ،بۇنىڭ بىلەن ئۆتمۈشتىكى قىيىن مەزگىلنى ئاياغلاشتۇرۇپ،خەلقىمىزنىڭ يۈزىگە چاپلانغان قارادىن قۇتۇلدۇق،دېدى.
        2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق

     مۇرادىچ بۇ يىل 69ياش ،ئەسلىدىكى سابىق يۇگوسلاۋىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسىرى،1992-يىلى 5-ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بوسىنىيە سېرب ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ،باش قوماندان بولۇپ تەيىنلەنگەن.شۇندىن كېيىنكى ئىككى يىل مابەينىدە مۇرادىچ 8تۈمەن كىشىلىك سېرب ئارمىيىسىنى باشلاپ بوسىنىيە-ھەرسەكنىڭ %70زىمىنىنى ئىشغال قىلغان.نۇرغۇن سېربنىڭ قارىشىچە مۇرادىچ بوسىنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانىكەن.
    1992-يىلىدىن1995-يىلىغىچە بولغان بوسىنىيە-ھەرسەك ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سابىق يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى مۇرادىچنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ،ئۇنى سىلبۇرىنسا چوڭ قەتلىئامغا قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىپلىگەن.سىلبورىنسا بوسىنىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،ئۇرۇش مەزگىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى ھەربىيدىن خالى رايون بولغان.بوسىنىيە-ھەرسەك ھۆكۈمىتىنىڭ 2004-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،1995-يىلى 7-ئايدا، بوسىنىيە سېرب ھەربىي-ساقچىلىرى ۋە يۇگوسلاۋىيە ئىتپاقى ئەۋەتكەن ھەربىي-ساقچىلار ب د ت باشقۇرۇشىدىكى سىلبورىنسا شەھرىگە باستۇرۇپ كىرىپ ،قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان 7000دىن ئارتۇق مۇسۇلماننى قىرىپ تاشلاپ ،2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ لەنەتلىك جىنايەتكارىغا ئايلانغان.
    سىلبورىنسا ھازىرمۇ ب د ت نىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولۇپ ،ئۇرۇشتىن خېلى بۇرۇنلا خالىي بولغان بولسىمۇ ،ئۇ يەردىكى كىشىلەر شۇ ئازابلىق ئۆتمۈشنى زادىلا ئۇنتۇمايدۇ.
      شۇ جايدىكى ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى كەتىك مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:16يىل تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ،ئاخىرى كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشتۇق. كەتىكنىڭ ئېرى ۋە ئوغلى شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ نەتىجە (مۇرادىچنىڭ تۇتۇلۇشى)مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ،ئىنتايىن مۇھىم .دېدى كەتىك. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سىلبورىنسا كەنتىدىكىلەر خوشاللىقىدىن تەنتەنە قىلىشىپ كەتكەن.
   بۇنىڭ بىلەن سابىق يۇگوسلاۋىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئۈچىلا كاتتىبىشى تۇتۇلۇپ ،گائاگا سوتىغا تاپشۇرۇلغان.
  بۇلاردىن مېلوشېۋىچ شۇ چاغدىكى سېربىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە يۇگوسلاۋىيە ئىتپاقىنىڭ زوڭتوڭى بولغان2001 -يىلى قولغا ئېلىنىپ،گائاگا سوتىغا تاپشۇرۇلغان.2006-يىلى 3-ئايدا ب د ت تۈرمىسىدە يۈرەك تىقىلمىسى قوزغىلىپ ئۆلگەن.كارادىچ شۇ چاغدىكى بوسىنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭتوڭى بولغان.1996-يىلى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ ،2008-يىلى تۇتۇلدى.         قىزىل كۆۋرۈك تەرجىمىسى
    
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش