مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2931|ئىنكاس: 63

مىسرانىم ئەزالىرى رول ئالغان يازما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8424 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 09:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

مىسرانىم ئەزالىرى رول ئالغان يازما

 

نامەلۇم بىر جاي. بىر قانچە ئادەم پاراڭلىشىپ تۇراتتى.

ــ بۇ قېتىم ئەلەفەسىينى كۆزدىن يوقاتمىساق بولمايدۇ. بولمىسا ئاسان پاش بۇلۇپ قالىدىكەنمىز. ــ دېدى دىل يېرىم.

ــ توغرا ــ دېدى داۋان ــ مۇشۇ ئەلەفەسىينى يوقىتىدىغانغا بىر ئامال تاپساق بولاتتى.

دىل يېرىم ئۇزاق ئويلىنىۋىتىپ:

ــ سۈزۈك ناز، سىزنى ئەلەفەسىينىڭ يېنىغا ئەۋەتەيلى.

ــ مەن... ئەلەفەسىي ئۇقۇپ قالمامدۇ؟

ــ ئۇنداق بولمايدۇ........... ـــ دەپ بىر نېمىلەرنى دىيىشىتى.

................................

مۇنبەر شەھرى، ئەلەفەسىي بىلەن ئەنسار بازار ئارلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىز بىر قىزنى بىر قانچە ئادەملەر ئولىشىۋېلىپ بۆزەك ئىتىشكە باشلىدى، قىزنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا بۇ يەرگە ناتۇنۇشتەك، تىلەمچىدەك بىلىندى. ئۇ ئادەملەر ئەلەفەسىينى كۆرۈپلا ئۇ قىزنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇردى.

باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئەنسار بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي ئوتتۇرغا چۈشۈپ قىزنى قۇتقۇزۋالدى، قىزنى بوزەك ئەتكەنلەر قېچىپ كىتىشتى.

ئەنسار:

ـــ ئىسمىڭىز نېمە؟

ــــ سۈزۈك ناز  ــ دىدى.  سۈزۈك ناز بەك قورقۇپ كەتكەندەك سۆزلىدى.

ئەنسار:

ـــ ئۆيىڭىز نەدە؟

ــ ئۆيۈم يوق، مەن بۇ يەرگە ناتۇنۇش.

ئەنسار:

ــ بىگىم، بۇ قىزنى قەسىرگە ئەكىلىۋالايلى. قەسىردىمۇ ئىش قىلىدىغان ئادەم كەم ئىدى.

ئەلەفەسىي:

ــ ئۆزەڭ قاراپ بىر ئىش قىل.

شۇنداق قىلىپ سۈزۈك ناز ئەلەفەسىينىڭ قەسىرىگە كىرىدى.

......................

دىل يېرىم تۇرۋاتقان جاي.

داۋان:

ــ دىل يېرىم بىگىم، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى. سۈزۈك ناز ئەلەفەسىينىڭ قەسىرىگە كىردى.

ــ ياخشى، ئاز كۈنلەردىن كېيىن كىيىنكى پىلاننى ئىجرا قىلايلى.

ئۇلار ئەلەفەسىينى ئالدىدۇق دەپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

.......................

بىر نەچچە ئايدىن كېيىن. كىچە ۋاقتى.

ئەلەفەسىي ئۇخلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ يېنىغا يىقىنلاشتى. شۇ چاغدا ئەنسار جىددى ئىشنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئەلەفەسىينىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئەلەفەسىينى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بۇ قاتىل دەرھال قېچىپ كەتتى.

ئەنسار ئەلەفەسىينىڭ ئۆينىڭ يېنىغا كىلىپ:

ــ بىگىم، دەرھال ئورنىلىرىدىن تۇرسىلا، مەلۇم قىلىدىغان ئىش بار.

ئەلەفەسىي ئورنىدىن تۇردى، بىر نەچچە كۈندىن بېرى مىجەزى يوق بولغاچقىمۇ قانداق قەدەملىرىنى ئاران ئالاتتى. ئۇ ئىشىكنى ئاچتى، ئەنسار ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى.

ــ نېمە ئىش.

ــ جىددى بىر مەلۇمات كەلدى. شىئىرىيەت سەھىپىسى شەھرىدىكى ئاشلىقلار ئوغىرلىنىپتۇ.

ــ نېمە؟ شۇنچە قاراۋۇللار قوغداۋاتقان تۇرسا.

ــ بۇنى ئۇقمىدىم.

ــ بۇ ئىشنى مەن ئەتە ئالىيلىرىغا مەلۇم قىلاي.

ئۇلار خىلى ئۇزاق پاراڭلىشىپ قالدى. ھېلىقى قارا كۆلەڭگە يەنە پەيدا بۇلۇپ بۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ تۇردى. بۇ قارا كۆلەڭگە كەتمەكچى بۇلۇپ مېڭىۋىدى، بىر نەرسىگە پۇتى تىگىپ كىتىپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى.

ئەنسار تۇيۇقسىز ئاڭلغان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال سىرتقا چىقتى.

ئەنسار ئەتراپنى بىر تەكشۈرۈپ چىققان بولسىمۇ ھېچقانداق گۇمانلىق ئىشلارنى بايقىمىدى.

ئەنسار قايتىپ كەلدى، ئۇلار يەنە پىكىرىنى داۋام ئەتتى.

.............

ئەتىسى.

مىسرانىم مۇنبەر ئوردا ئىچى.

ئەلەفەسىي:

ــ ئالىيلىرى، شېئىر سەھىپىسى شەھىرىدىكى ئامباردىن ئاشلىق ئوغىرلىنىپتۇ.

ئالىيلىرىنىڭ قۇيۇق چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى.

ــ نېمە؟

ــ ئالىيلىرى غەزەپلەنمىيگەيلا ــ دېيىشتى ۋەزىرلەر.

ــ مۇشۇنچىۋالا ئىش چىقسا قانداقمۇ كۆڭلۈم خاتىرجەم ئولتۇرالايمەن. قېنى كىم بۇ ئىشى پاش قىلالايدۇ.

ھەممىسى ئەلەفەسىيگە قاراشتى.

مىسرانىم:

ــ ھەممىسى ساڭا قاراۋاتىدۇ، قارىغاندا سەن ئۆزۈڭ تەكشۈرۈپ كەلسەڭ بولغۇدەك.

ــ پەرمەنباردارمەن.

.................................

ئەلەفەسىي ئوردىدىن قايتىپ قەسىرگە قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا ئەنسارمۇ كەلدى، ئەنسار:

ــ بىگىم، قانداق بولدى.

ــ تەكشۈرۈشنى مەن ئۈستۈمگە ئالدىم....

 دەل شۇ چاغدا سۈزۈك ناز كەلدى:

ــ نېمە دىيىشىۋاتىسىلەر.

ئەنسار ئاغزى ئىتىكلىك قىلىپ:

ــ شېئىرىيەت سەھىپىسى شەھرىگە بېرىپ ئاشلىق ....

ئەلەفەسىي ئەنسارنىڭ پۇتىغا دەسسەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەنسار دەرھال گىپىنى ئۆزگەرتىپ:

ـــ شېئرىيەت سەھىپىسى شەھرىگە ساياھەتكە بارىمىز.

سۈزۈك ناز:

ــ سىلەرگە دەخلى قىلماي ئەمسە ــ دەپ ئىشىنى قىلغىلى كەتتى.

ئەلەفەسىي ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن:

ــ كاللاڭ ئىشلەمدۇ ئەنسار، مۇشۇنداق ئوردا ئىشىنىمۇ باشقىلارغا دەمسەن دەيمەن.

ــ خاپا بولمىسىلا، مەن بۇندىن كېيىن تۈزىتىمەن.

ــ ئەمدى دىققەت قىل.

ئۇلار بۇ ئىشنى قانداق قىلىش توغىرلىق مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

..........................

چۈشتىن كېيىن ئەلەفەسىي:

ــ سۈزۈك ناز، گېلىم بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ، دورىخانغا بېرىپ بەنلەنگېن ئەكەپ بىرىڭە.

ــ بولىدۇ بىگىم.

سۈزۈك ناز چىقىپ كەتتى.

سۈزۈك ناز دورىنى ئېلىپ بۇلۇپ ، ئالدى كەينىگە قاراپ بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

ــ سۈزۈك ناز، قانداق يېڭى خەۋەر بارمۇ؟

سۈزۈك ناز:

ــ چاتاق بولدى، ئەلەفەسىي ئاشلىق ئوغىرلاش ئىشىنى تەكشۈرمەكچى بۇلىۋاتىدۇ.

داۋان:

ــ ئاۋۇ دورىنى نېمە قىلىسىز؟

ــ ئەلەفەسىي ئىچمەكچى ئىكەن.

دىل يېرىم دورىغا قاراپ ئويلىنىۋېتىپ:

ــ تاپتىم، ئەلەفەسىينى مۇشۇ دورا ئارقىلىق ئۆلتۈرەيلى.

سۈزۈك ناز:

ــ بولمايدۇ. ئادەتتە دورىنى مەخسۇس ئەنسار ئۆزى قاينىتىپ ئەكىرىپ بىرىدۇ.

دىل يېرىم سۈزۈك نازنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى.

ئۇلار بۇ پىلانىدىن ناھايتى خۇشال بۇلۇپ كىتىشتى.

...............

سۈزۈك ناز بۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەنسارغا ئۇچراپ قالدى، ئەنسار:

ــ سۈزۈك ناز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟

ــ ئەلەفەسىي بىگىم دورىغا بۇيرىغان، شۇڭا دورا ئالغىلى كەلگەن.

ــ ھە، بوپتۇ، تىزراق قايتىڭ.

...........

كەچ ۋاقتىسى.

ئەنسار ئەلەفەسىيگە دورا قاينىتىپ بەرمەكچى بولدى. ئۇ دورىنى قاينىتىپ قاچىغا ئېلىپ ئەلەفەسىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولغاندا بىر قارا كۆلەڭگە يەنە پەيدا بولدى. ئەنسار بۇ قارا كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قولىدىكى دورىنى ھويلىدىكى تاش ئۈستەلگە قۇيۇپ ئۇنى قوغلىدى. ئەنسار ئۇنى يەنە قاچۇرۇپ قويدى. ئۇ دورىنى ئېلىپ ئەلەفەسىيگە بەردى:

ــ بىگىم دورا ئىچىۋالسىلا.

ــ ئىچكىم يوق تۇرىدۇ، بۇ بەنلەنگىننىڭ تەمى ياقتۇرمايمەن.

ئەنسار چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ:

ــ بىگىم، دورىدا زەھەر يوق، قورقماي گۈپپىدە قىلىپ ئىچۋەتمەملا.

ــ ئەنسار، گۇمانلانغان ئادەمنى ئىشلەتمە، ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمانلانما دىگەن گەپ بار، سەندىن گۇمانلىنىپ باقمىدىم.

ــ بىگىم چاقچاق قىلىپ قويدۇم، دورا سوۋۇپ قالمىسۇن.

ــ بولىدۇ ــ دەپ دورىنى ئىچتى.

ئەنسار ئەلەفەسىينىڭ قولىدىكى پىيالىنى ئېلىپ تۇرۇشىغىلا ئەلەفەسىي قان قۇستى.

ئەنسار:

ــ بىگىم، نېمە بولدىلا.

ــ دو... رىدا ... زەھەر بار...ئىكەن.

ئەنسار:

ــ كىلىڭلار، دەرھال تىۋىپنى چاقىرىڭلار.

ــ بولدى،... سە...ن... دەر..ھال... ئاش...لىق ۋەقەسىنى...پاش..قىل... ئىسىڭدە

ــ بىگىم، سىلىنى چوقۇم قۇتقۇزۋالىمىز.

ــ ئىسىڭدە... بول..سۇن. شەخ..سى ھېسىىياتقا...بىرىلمە...

ــ بىگىم، بولدى گەپ قىلمىسىلا، تېۋىپ ھازىرلا كىلىدۇ.

ــ ئۇ قا...تىل... مۇ...شۇ... قەسىر...دە ...بار

ئەلەفەسىينىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى گىپىنى ئەنسار ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدى. ئەلەفەسىي شۇنداق قىلىپ زەھەرلىنىپ ئۆلدى. ئەنسار قاتتىق يىغىلىدى. ئەنسار:

ــ كىلىڭلار، قەسىرنى قوغداۋاتقان بارلىق لەشكەرلەر قەسىرنى قاتتىق قوغداڭلار.

ئەنسار كىچىچە ئويلىنىپ دورىغا قانداق زەھەر ئارلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالدى.

......................

ئەتىسى.

مىسرانىم ئوردا ئىچى.

ئوردا مەخپى خادىمى ساھىپجامال:

ـــ ئالىيلىرى، مەلۇم بولغاي.

ــ نېمە ئىش.

ــ ئەلەفەسىي زەھەرلىنىپ ئۆلۈپتۇ.

ــ نېمە؟... بۇ قانداق ئىش؟ كىلىشمەسلىك ئارقا ئارقىدىن كەلگىلى تۇرۇپتۇ؟

ــ ئالىيلىرى سىلىچە قانداق قىلىمىز.

ــ بۇ ئىشنى دەرھال ئېنىقلاپ چىق، يەنە ئاشلىقلارنى كىمىنىڭ ئوغىرلىغانلىقىنىمۇ ئېنىقلا. ئەنسار ساڭا ياردەملەشسۇن.

ــ خوپ.

ساھىپجامال شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالدى.

.............

ئەنسار قەسىردىكى ئىشلارنى تۈگۈتۈش بىلەن مەشغۇل ئىدى. سۈزۈك ناز ئوغۇرلىقچە قەسىردىن چىقىپ دىل يېرىمنىڭ قىشىغا باردى.

ــ ئەلەفەسىي ئۆلدى.

ــ ياخشى بوپتۇ ــ دېدى دىل يېرىم بىلەن داۋان.

ــ ئەمدى ئاشلىق ساتقان پۇلنىڭ يېرىمىنى ماڭا بىرەرسىلەر.

ــ چاتاق يوق. بىراق سەن مۇۋاپىق بىر پەيىتنى تېپىپ قەسىردىن كەت.

ــ ھازىرچە ئۇلار مەندىن گۇمانلانمىدى.

ــ ئۇنداقتا بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ تۇر.

سۈزۈك ناز كەتتى.

.......................................

ساھىپجامال يارلىق بىلەن ئەنسارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەنسار ساھىپجامالنى تۇنۇمايتتى، ساھىپجامال يارلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

ــ بىز ئىككىمىز بىرلىشىپ بۇ ئىشنى پاش قىلىدىغان بولدۇق.

ــ سىزدەك ئاۋاق قىز بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ؟

ساھىپجامالنىڭ ئاچچىغى كىلىپ:

ــ قىز بالىنى بوش چاغلىماڭ. نۇرغۇن ئىشلاردا بىزنىڭمۇ تۆھپىمىز بار.

ــ بولدى، رەسمى ئىشقا كىلەيلى. قاچانلىققا شىئىرىيەت سەھىپىسى شەھرىگە بېرىپ تەكشۈرىمىز.

ــ ئەتە.

.........

كەچ ۋاقتىسى، ئەنسار بىلەن گۈلبىكە پىلان تۈزىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئەنسارنىڭ كۆزىگە ھېلىقى دورا قەغىزى ئۇچراپ قالدى، ئۇ دورا قەغىزىدىكى دورا دۇكىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ غەلىتىلىك ھېس قىلدى ۋە ھەممىنى چۈشەندى:

ــ ئەسلى ئۇ كەندە، ئۇ ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەيدىغان.

ــ كىمنى دەۋاتىسىز.

ــ كىمنى دەيتىم، ئاۋۇ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان سۈزۈك نازنى دەيمەن. ھازىرلا چىقىپ كاللسىنى ئالمايدىغان بولسام.

سۈزۈك ناز بۇلارنىڭ پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاۋاتاتتى. سۈزۈك ناز ئەنسارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ دەرھال كەتمەكچى بولدى. سۈزۈك ناز قېچىپ كەتتى، بىراق ئەنسارمۇ تىزلىكتە ئۇنىڭ كەينىدىن ئىزىغا چۈشۈپ قوغلىدى، سۈزۈك ناز بىر قەسىرگە كىرىپ كەتكەنىدى. ئەنسار ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى، ئۇ قەسىر ئىچىگە كىردى، تۇيۇقسىز ئۇنى نۇرغۇن ئادەملەر قورشىۋالدى. شۇ چاغدا گۈلبىكە دىگەن بىر قىز چىقىپ:

ــ قاپ يۈرەك، قەسىرگە بۆسۈپ كىرىشكە قانداق پېتىندىڭ؟

ــ ئەسلى بۇ يەر سەنلەرنىڭ ئۇۋاڭلاركەندە.

گۈلبىكە ئەنسار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. ئارقىدىنلا ئەقىدە918 مۇ كەلدى. ئۇلار قاتتىق ئۇرۇشتى. ئەنسار:

ــ بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدىغانغا ۋاقتىم يوق. كېيىن كىلەي.

..................

ئەنسار قايتىپ كەلدى:

ـــ مەن بىر ئىش بايقىدىم، قارىغاندا بىگىمنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى مۇشۇ ئاشلىق ئوغۇرلاش سەۋەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇلار بىگىمنى قەستلەش ئارقىلىق بۇ ئىش يۇشۇرۇپ قالالايمىز دەپ ئويلغان چېغى.

ساھىپجامال:

ــ ئۇنداقتا ئەتە دەرھال شىئىرىيەت سەھىپىسىى شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرەيلى.

ــ مۇنداق قىلايلى، مەن سۈزۈك نازنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭاي، ئۇ زادى نەگە بارىدىكىن. ئەگەر ئون كۈن ئىچىدە شىئىرىيەت سەھىپىسى شەھرىگە بارالىمىسام، مىنى ئۆلدى دەپ بىلىڭ.

ــ ئۇنداق دىمەڭ دەيمەن. گۇمپىڭىز يامانغۇ سىزنىڭ.

ــ بىراق، بۇ قېتىم گۇمپىسى يامانلارنى ئۇچراتتىم، بەلكىم ھايات قالماسلىقىم مۇمكىن.

.......................

سۈزۈك ناز قېچىپ كىرگەن قەسىر.

دىل يېرىم:

ــ بايا نېمە ئىش بولدى.

ــ ئەنسار كەپتىكەن. ــ دېدى گۈلبىكە.

داۋان:

ــ چاتاق بوپتۇ، دەرھال بۇ يەردىن ئايرىلالايلى. ئەنسار چوقۇم بۇ يەرگە يەنە كىلىدۇ.

دىگەندەك ئەنسار بۇ يەرنى كۆزىتىۋاتاتتى.

دىل يېرىم قاتارلىقلار بۇ جايدىن يۆتكەلدى.

بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن. داۋان:

ــ دىل يېرىم بىگىم، قانداق قىلىمىز.

ــ بولدى قىل. پىلانىمىز ئىشقا ئېشىشقا ئازلا قالدى.

ئۇلار كىمىگە ئولتۇرۇپ بۇ يەردىن ئايرىلماقچى بولغاندا ئەنسار ئۇلارنىڭ كىمىسىگە چىقىۋالدى ۋە:

ــ نەگە قاچماقچى سەنلەر.

دىل يېرىم:

ــ ئەنسار دىگەن سەنما.

ــ ئاكاڭ قارغاينىڭ نامىنى ئاڭلاپتىكەنسەندە.

ــ سۈزۈك ناز قېنى؟

ــ ئۇ ئۆلدى. ئەمدى ئۆلۈش نۆۋىتى ساڭا كەلدى.

ئەقىدە، گۈلبىكە، داۋان، دىل يېرىم قاتارلىقلار ئەنسار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. ئەنسار قاتتىق كۈچەپ ئەقىدە 918نىڭ كاللىسىنى ئۈزۋەتتى. شۇ چاغدا گۈلبىكە چاققانلىق بىلەن ئەنسارنىڭ دۈمبىسىگە بىر قېلىچ سۈردى. ئەنسارنىڭ كۆزلىرى غۇۋالاشتى. دىل يېرىم:

ــ ئەنسار، ھالىڭ شۇنچىلىكمىتى، قېنى گۈلبىكە، ئۇنىڭ كاللىسىى ئېلىڭ.

گۈلبىكە قېلىچنى كۆتۈرۈپ ئەنسارغا ئېتىلدى. غەزەبلەنگەن ئەنسار قېلىچنى ئېلىپ گۈلبىكىگە ئاتتى، قېلىچ گۈلبىكىنىڭ مىڭىسىگە تەگدى، بۇنى كۆرگەن دىل يېرىم بىلەن داۋان دەرھال قاچايلى دەپ ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان كىمىگە چىقىپ ئەنسار تۇۋاتقان كىمىگە ئوت قۇيۇپ بەردى.

ئەنسارنىڭ كۆزى غۇۋالىشىپ كەتتى. ئۇ يىقىلدى.

دىل يېرىم بىلەن داۋان يىراقتىن كىمىنىڭ پۈتۈنلەي كۆيۈپ چۆككەنلىكىنى كۆردى. داۋان:

ــ ئەنسارمۇ ئۆلدى. دەرھال سۈزۈك ناز خېنىمغا مەلۇم قىلايلى.

سۈزۈك ناز ئەسلى ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن بۇرۇن دىل يېرىمنىڭ قول ئاستىدىك ئادىمى بۇلۇپ ئىش قىلغانىدى.

..................

ساھىپجامال شىئرىيەت سەھىپسى شەھرىگە كەلدى. شېئىرىيەت سەھىپسى شەھرىدىكى ۋالى بەگ باياۋان ئۇنى كۈتىۋالدى.

ساھىپجامال:

ــ تۈزۈت قىلماي ئاۋال ماڭا ئامبارنى كۆرسىتىڭ.

ۋالى بەگ باياۋان سەل قورقۇپ ئامبارنى كۆرسەتتى. ساھىپجامال ئامبارنى تەپسىلى تەكشۈرۈدى.

ساھىپجامال:

ــ ئامبارنى قانچە ئادەم قوغدايدۇ؟

ــ ئوتتۇز ئادەم

ــ مۇشۇنچىۋالا ئادەم قوغدامدا.

ــ شۇنداق.

ــ نۆۋەتچىلىك ئالمىشىپ قوغدامدۇ؟

ــ شۇنداق.

نۆۋەتچىلىك ئالمىشىش تىزىملىك تاختىسى نەدە؟

ۋالى بەگ ساھىپجامالنى باشلاپ باردى.

ساھىپجامال بۇ يەرنىمۇ تەكشۈرۈپ ئۆزىنىڭ قايتىپ ئالىيلىرىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ساھىپجامال بۇ يەرنى مەخپى تەكشۈرمەكچى ئىدى.

.............................

ئەنسار ئۆزىنى دەرياغا ئېتىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. سەييارە دەريادا بېلىق تۇتۇۋېتىپ ئەنسارنىڭ سۇدا لەيلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىدە، ئادەم چاقىرىپ ئۇنى قۇتقۇزۋالدى.

ئەنسار بىر نەچچە كۈن ھوشسىز ياتتى. ئەنسار خاتىرىسىنى يوقاتقانىدى، ئىلگىرىكى ئىشلار ئىسىدە ئەمەس ئىدى.

ئەنسار ھوشىغا كەلگەندە سەييارە:

ــ ئىسىمىڭىز نېمە؟ ــ دەپ سورىدى.

ئەنسار:

ــ مەن بىلەيمەن.

سەييارە:

ــ قارىغاندا خاتىرىڭىزنى يوقۇتۇپ قويۇپسىز، بۇرۇنقى ئىشلار ئىسىڭىزگە كەلگەندە دەپ بىرىڭ، ھازىرچە ئىسمىڭىز «بىلمەيمەن» بولسۇن.

شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن ئەنسارنى «بىلمەيمەن» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

...............

ساھىپجامال شۇ كۈنى نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان بىر يايىدىن سورىدى:

ــ سىلەر شۇ كۈنى قايسى ۋاقىتتا نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بەردىڭلا

ــ يېرىم كىچە، دەل يېرىم كىچە بولغاندا، بىراق ئۇ ۋاقتىسى، نۆۋەتچىلىككە كىلىدىغانلار ۋاقتىدا كەلمىدى، بىز بەك ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەچكە ئامبارنى تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەن، يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلار بېرىپتىكەن، كىيىن ئۇقساق بىرسى نۆۋەتچىلىك ئالمىشىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ.

ــ ئادەتتە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىدىغان ئادەم كىملەر.

ــ بۇنى ۋالى بىگىم ئۆزى مەخسۇس تۇتىدۇ. بىراق شۇ كۈنىسى ۋالى بىگىم ئۆزى كىلىپ ئۆينىڭ ئاچقۇچى يوقاپ كىتىپتۇ دىگەنىدى.

ساھىپجامال بىر ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدى.

.....................

دىل يېرىم بىلەن داۋان سۈزۈك نازنىڭ ئالدىغا كەلدى.

ــ قالغان ئىككسى قېنى؟

ــ ئەنسار ئۆلتۈرۋەتتى.

ــ ئۇنداقتا ئەنسارچۇ ــ دەپ ئاچچىقلىدى سۈزۈك ناز.

ــ ئۇمۇ ئۆلدى.

ــ ياخشى. ئەمدى ئاشلىقلارنى ساتساق بولىدۇ.

..........................

ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ساھىپجامال يەنە ۋالى بىگىمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

ــ ئالىيلىرى مىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە بۇيرىدى. سىىلىدە نۆۋەتچىلىك ئالىمىشىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان ئۆينىڭ ئاچقۇچى بارمىدۇ، بىر كۆرۈپ باقسام.

ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ ــ دېدى.

باياۋان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن ساھىپجامال ھېلىقى يايىنى چاقىرىپ ۋالى بەگكە ھەممىنى دىدى، ۋالى بەگ:

ــ شۇنداق ئۈ كۈنىسى ھەقىقەتەن يۈرۈپ كەتكەن، بىراق كېيىن تېپىۋالدىم.

ــ نەدىن؟

شۇنداق ئىتىك سورالغان سوئالغا باياۋان تەمتىرەپ قالدى.

ــ ئۆي..ئۆيدىن. بۇنداق بىر ئادەمنىڭ گىپى بىلەنلا مىنى بۇنداق ئەيىپلىسىلە بولمايدۇ؟

ــ شۇنداقمۇ، بولىدۇ، كېيىن دەلىل ئىسپاتنى چۈشۈرۈپ ئاندىن جازالاي.

ساھىپجامال بارلىق لەشكىرى ھوقۇقنى قولغا ئۆتكۈزۋالدى.

...............

سەييارە «بىلمەيمەن» نى شەھەردىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئەكەلدى. يولدا ساھىپجامال ئەنسارنى كۆرۈپ ئەنسار دەپ ۋارقىردى. بىراق ئەنسار ئىسىنى يوقاتقان تۇرسا قانداقمۇ ئەنسار دىگەن مەن دىيەلىسۇن.

ساھىپجامالنىڭ جددى ئىشى بولغاچقا ئەنسارنىڭ كەينىدىن بارمىدى. سەييارە ئەنسارنى ئاكىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى. سەييارە:

ــ ئاكا قارا كىمنى باشلاپ ئەكەلدىم.

سەييارىنىڭ ئاكىسى دىل يېرىم ئەنسارنى كۆرۈپ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى. ئەنسار دىل يېرىم بىلەن كۆرۈشتى. سەييارە ئاكىسىنىڭ ھالىتىگە قاراپ:

ــ ئۇنىڭ ئىسمى «بىلمەيمەن»

ــ ھە... ـــ دەپ قويدى دىل يېرىم.

....................

كەچ ۋاقتىسى، دىل يېرىم بىلەن داۋان كۆرۈشتى.

دىل يېرىم:

ــ ئەنسار ئۆلمەپتۇ

ــ مۇمكىن ئەمەس.

ــ شۇ، ئۇ ھازىر بۇ ئۆيدە.

ــ نېمە؟

ــ قارىغاندا ئىسىنى يوقاتقاندەك قىلىدۇ، مىنى تونىمىدى.

ــ ئۇ قەستەن قىلۋاتقاندۇ.

ــ قېنى بىر نەچچە كۈن قاراپ باقايلى.

.............

باياۋان سۈزۈك نازنىڭ يېنىغا كەلدى، بىراق ساھىپجامالمۇ باۋاياننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كەلدى.

باۋايان:

ــ چاتاق بولدى سۈزۈك ناز.

ــ نېمە بولدى.

ــ ساھىپجامال دىگەن قىز كىچىك بولغىنى بىلەن بەك ئەقىللىق ئىكەن، مەندىن گۇمانلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ.

ــ ئۇنىمۇ كۆزدىن يوقۇتايلى ئەمسە؟

ــ بولمايدۇ، ئۇ ئوردا مەخسۇس ئەۋەتكەن ئىكەن.

ــ خاتىرجەم بول مەن بىر ئامال تېپىپ قويدۇم.

..............................

دىل يېرىم قەسىرى، داۋان يېرىم كىچىدە ئەنسار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭغا قېلىچ ئۇرماقچى بولدى، ئەنسار تىزلىكتە ئۆزىنى قاچۇردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس ئېلىشتى:

ــ سەن كىم؟ سىنىڭ بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىم يوق تۇرسا

ــ سەن ھېلىقى كۈندىكى كىمىدىكى ئىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟

ــ قايسىنى دەيسەن.

داۋان ئۇنىڭ ئىسىنى يوقاتقانلىقىغا ئىشەندى. ئۇ دەرھال چىقىپ كەتتى.

داۋان دىل يېرىمنىڭ ئۆيىگە كىردى

ــ قانداق، راستىمكەن.

ــ راستكەن.

ــ ئۇنى بىرەر ئىش قىلدۇرۇپ باقايلى، قىلالىسا بىزگە ياردەملەشسۇن.

دىل يېرىم ئەنسارنى ئۆزى بىلەن بىللە تۇرىدۇ دەپ سەييارىنى يېزىغا كەتكۈزۋەتتى.

ئەنسار بىلىپ بىلمەي دىل يېرىم قاتارلىقلارنىڭ قىلتىغا دەسستەپ يامان ئىشلارنى قىلدى.

..............

دىل يېرىم ۋە داۋان قاتارلىقلار سۈزۈك ناز بىلەن كۆرۈشۈپ ھەممە ئەھۋاللارنى ئېيىتتى. سۈزۈك ناز بۇ ئۇيۇننى ئاخىرلاشتۇرماقچى بۇلۇپ بىر پىلان تۈزدى.

................

باياۋان:

ـــ ئوردا ئەۋەتكەن ساھىپجامال خادىم، مەن بىر جاينى ئىنىقلىدىم، قارىسام ئاشلىق يۇشۇرغان جايدەك قىلىدۇ. بېرىپ تەكشۈرۈپ باقايلىمۇ؟

ـــ بولىدۇ، بىرگە بارايلى.

ساھىپجامال بىر كىچىك كەنىتكە كەلدى. تۆت ئەتراپى قاراڭغۇ ئىدى. باۋايان بىر ئۆينى كۆرسەتتى.

ــ مۇشۇ ئۆي شۇ

ئۇلار ئۆيگە كىردى. تۇيۇقسىز تۆت ئەتراپنى ئادەملەر قورشىۋالدى. ئاندىن كېيىن سۈزۈك ناز، دىل يېرىم، داۋان، ئەنسار قاتارلىقلار چىقتى. سۈزۈك ناز:

ــ ئوردا ئەۋەتكەن خادىم سەن شۇما؟

ــ شۇنداق. سەنلەر ئاشلىق ئوغىرىسى ئىكەنسەندە. ھا ھا ھا، سەنلەر ئەنسارنى نېمە قىلىشتىڭ؟

ــ ئەنسار ھازىر بىزنىڭ ئادىمىمىز.

ساھىپجامال بۇرۇنقى ئىشلارنى، ئەلەفەسىينىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئەنسارغا دىيىشكە باشلىدى. سۈزۈك ناز:

ــ دىل يېرىم دەرھال ئۇنى ئۆلتۈرۋەت.

ساھىپجامال بىلەن دىل يېرىم تۇتۇشۇپ قالدى. دىل يېرىم ئۆلدى.

باۋايان:

ــ سۈزۈك ناز، ئۇ بەك يامان.

شۇ چاغدا باياۋان قولىدىكى مەشئەلنى ئەنسارغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئەنسار ئوتنى كۆرۈپ ۋارقىرۋەتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە كىمىدىكى ئوت كەلدى. ئۇ دەرھال:

ــ ئوت... ساھىپجامال مەن ئىسىمگە كەلدىم.

شۇ چاغدا داۋان قولىدىكى قېلىچنى ئەنسارغا ئۇرماقچى بۇلۋىدى ئەنسار يېنىدىكى كىچىك خەنجەرنى داۋاننىڭ بوينىغا ئاتتى. سۈزۈك ناز:

ــ كېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار.

ــ بولدى قىل سۈزۈك ناز. سىرتتىكى ئازغىنە ئادەملىرىڭنى لەشكەرلەر تۇتۇپ بولدى.

ــ نېمە؟

ــ باياۋان بىلەن دىيىشكەن گەپلىرىڭنى مەن ئاڭلىغان، شۇڭا مۇشۇنداق كۈننىڭ كىلىشىنى پەملىگەنىدىم.

ئەنسار:

ــ سەن سۈزۈك ناز، ئاش بەرگەنگە مۇش بەردىڭ، بىگىمگە زەھەرلىك قولۇڭنى سۇندۇڭ. شۇ كۈنىدىكى قارا كۆلەڭگە ئەسلى سەنكەنسەن، دىققىتىمنى قەستەن بۇراپ ھويلىدىكى پىيالىگە زەھەر سېلىۋىتىپتىكەنسەن.

ـــ ھا ھا ھا، بولدى قىل، ئەمدى كىچىكتىڭ. ھامىنى قولۇڭغا چۈشتۈم، قېنى كىلىشە.

قاتتىق كەسكىن ئۇرۇشۇش بولدى. باۋايان چەتتە قاراپ تۇرغان بولسىمۇ سۈزۈك نازنىڭ ئاتقان خەنجىرى ئۇنىڭغا تىگىپ ئۆلدى. ساھىپجامال سۈزۈك ناز بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. ئەنسار بولسا يارىسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكە كۈچىيەلمەي قالدى. ساھىپجامال سۈزۈك نازنى قاتتىق يارلاندۇردى، سۈزۈك ناز قېچىپ كەتتى. ئەنسار:

ــ قوغلايلى ــ دېۋىدى

ساھىپجامال:

ــ بولدى، ئۇ يېرىم يولدا ئۆلۈپ قالىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ساھىپجامال تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاشلىق يۇشۇرۇلغان جاينى تېپىۋالدى.

ئەنسار: باشلىقلارنىڭ نەرسىنى ئوغىرلاش ياخشى ئىش ئەمەس، ھەتتا يامان ئىش قىلىمەن دەپ باشقىلارغا زىيان سېلىشقا بولمايدۇ ــ دەپ پىچىرلىغىنىچە داۋالانغىلى كەتتى.

مەنبە: مەن

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-naz + 100 جىقراق باھالاي دەپ قارىسام پۇلىڭىز جىقكە
kuzum + 200 تېخىمۇ تىرىشىڭ.قوللايمەن سىزنى .مەرەزلەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 300   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەتىدىكى ئازاپ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40120
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2011-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت   ... ئەخلەت  تىما !!!
مۇشۇ  ئىشنى قىلىپ  يۈرگىچە  بىرىپ  ئانىڭىزنىڭ   پۇت قۇللىرىنى تۇتۇپ  قۇيسىڭىز چۇ ؟

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12687
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4079 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ! مۇشۇ ئەنسار قاچاندا قارىسا مەن ئىش قىلساملا ماڭا پۇتلىشىپ ئىشىمنى يوق قىلىدۇ. نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم بۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا! مەن بىلەنلا قالغان داۋاملىق.(دومسايغان چىراي ئىپادىسى)
داۋاملىق ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىپ كەينىدىن بۇنداق يامان بولۇپ كەتسەم ھەجەپ غەلىتىلا تۇردىكەن ھە! ھى ھى ھى !  خەپ ئەنسار خەپ! ئەلەفەسىينى قانداق جايلىغان بولسام سىزمۇ شۇنداق دەككىڭىزنى يەيسىز!

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10143
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىدىن-كەچكىچە مۇشۇ تىما ئۆستىدىلا يىزىپ ئولتۇرۇڭ بۇرادەر.باشقا تىما يېزىشنى بىلمەمسىزيە؟

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش  ئىلھام  كەپ قاغان  ئوخشىمامدا ...  ئۆتكەندە  كەممەتىدا  دەپ  قاقشاپ كىتىپ بارتىڭلا  [s:134]      پات-پات  كەپ تۇسۇن  دەپ قوياڭلا  ھە ... ئەمدە  پۇت  قولامنى  سۇنۇپ ئوتراپ  ئوقۇي ...

ھەركىم ئۆزتەغدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13407
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تو\\ۋاااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا [s:148]  [s:148]  [s:148]

مەن ئۈچۇن ھايات بىر. يۈرەك بىر ......K

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35975
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4606
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:38:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.........يامان يىرىگە كەلگەندە تۈگەپ كەتتىغۇ؟داۋامىنى قاچان يازىسىز؟يا ئۆزىڭىز <ئۆلگەن>دىكىن بولدى قىلامسىز،ھى ھى ھى........... [s:179]  [s:179]  [s:179]

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈكۈت ئالتۇن.....

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت 性感美女 كە 2011-05-26 10:22 PMئەۋەتىلدى :
ئەخلەت   ... ئەخلەت  تىما !!!
مۇشۇ  ئىشنى قىلىپ  يۈرگىچە  بىرىپ  ئانىڭىزنىڭ   پۇت قۇللىرىنى تۇتۇپ  قۇيسىڭىز چۇ ؟



سىزمۇ  بىر  چىرايلىق ئۇيغۇرچە يىزىقلىق ئىسىم يازغىلى بولدىغان  مۇنبەر  ئىسمىغا  خەنزۇچە  قويۋىلىپ كوتۇلداپ  يۇگىچە   خەنزۇچە مۇنبەرگە  ئەزا بولسىڭىز بولمامدۇ ...

يۈرىكىمدە لىققى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى يەنە ئۆلتۈرۈپ قويۇپسىزغۇ.............. [s:156]   ئەنسارنى ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بىلمەيمەن دەپ چاقىرسام بولامدۇ نېمە.............. [s:180]  [s:180]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8424 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قانچە ئەزالىرىمىزنىڭ تەلىپى بولمىغان بولسا ئىدى، بۇ يازماممۇ چىقمىغان بولاتتى. بەلكىم بۇ يازما ياخشى چىقمىغان بۇلۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم. مەيلى كىم بۇلۇشتىن قەتئىي نەزەر ھەممىڭلارغا رەھمەت، ھەر بىر ئىنكاستىن بىر نەرسىنى بىلۋالغاندەك بولىمەن. رەھمەت...

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش