مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1111|ئىنكاس: 18

چوشقا كۈچۈكى سېتىش(راست ئىشلار خاتىرىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41043
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4002
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 3710 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
بۇندىن تەخمىنەن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى،كەچقۇرۇن ھاۋانىڭ قىزىقى ئەمدىلا يېنىشقا باشلىغان ئىدى.ئەسقەرنىڭ كىراكەش ئاغىنىسى كامىل ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە كىرىپ كەلدى.بىرەر دەم قوغۇن تاۋۇز يېيىلگەندىن كېيىن كامىل ئېغىز ئاچتى:
-بايا ماشىنا ھەيدەپ كېلىۋاتسام مەھەللىنىڭ چېتىدىكى سايلىقتا بىرچوشقا كۈچۈكى تېنەپ يۈرىدۇ،مىنبۇس ھەيدەيدىغان خەنزۇ تۇتۇپ بەرسەڭ 100 يۇەن بېرىمەن دەيدۇ،تۇتۇپ كېلەمدۇق؟
بىرەرسى كۆرۈپ قالسىزە…
-سايدا كىم كۆرەتتى؟بىرەر خەنزۇ شوپۇرغا سېتىۋېتىپلا كەتمەمدۇق؟
  ئەمىسە ئاغامچا ئېلىۋالايلى،مېنىڭ ئۇ نېمىنى قولۇم بىلەن تۇتقۇم يوق.
   ئۇلار ئىككىسى سايغا چىقىپ چاتقال-يانتاقلارنىڭ ئىچىنى تىنىتىشقا باشلىدى،
ئەمما بۇ جانۋار ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى.
  -سەن باشقا بىر نىمىنى كۆرۈۋالمىغانسەن كامىل-دىدى ئەسقەر-يوققۇ؟
  -خاتا كۆرمىدىم،چوقۇم مۇشۇ ئەتراپتا،يىراققا كەتمىدى.
  -بولدى كېتەيلىچۇ،بىر دەمدە كۈن ئولتۇرىدۇ.
  توختا،ئاۋۇ دۆڭنىڭ ئارقىغا ئۆتۈپ باقايلى،بولمىسا كېتەيلى.
  ئۇلار دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىشىغا كۈچۈك چوڭلۇقۇدا بىر نەرسە پارتلا قىلىپ قاچتى،بىر مەيدان قوغلاپ تۇتۇش جېڭى باشلاندى.بۇ جانۋارنىڭ پۇلىنى خەجلەش ۋەسۋەسىسىدە تەرلەپ-پىشىپ قوغلاۋاتقان <<ئوۋچى>>لارنىڭ ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغان بولسىمۇ ھىچقايسىسى ئۇنى قولى بىلەن تۇتۇشنى خالىمايتتى،ئۇلار ئاغامچىنى سالما قىلىپ چوشقىنىڭ بوينىغا سالماقچى بولاتتى،ئۇ بولسا چاققانىلىق قىلىپ تۇتۇق بەرمەيتتى،ئاخىرى ھېرىپ ھالى قالمىغان ئەسقەر <<ئۆلسەڭمۇ ئۆل>>دەپلا جەھلى بىلەن بىرنى تەپتى،چوشقىچاق چىرقىرىغىنىچە نەچچە يۇمىلاپ كەتتى،ئورنىدىن تۇرغىچە قالماي كېلىپ دەسسىۋالدى:
ئەمدى قېچىپ باقە قېنى؟-ئۇ ھاسىراپ ھالى قالمىغانىدى-بولە،باغلا.
  بوينىدىن مەھكەم باغلانغان چوشقىچاق چىرقىراپ ئارقىغاتىرەجەيتتى،ئوۋچى-
لارنىڭ بىرى بوينىدىن سۆرىسەبىرى ئارقىدىن تېپىپ ھەيدەيتتى،تاشيولغا كەلگەندە
ئۇلار چوشقىچاقنى نېرىدىراق تۈۋرۈككە باغلىدى،ھەدېگەندىلا خېرىدارمۇ كەلدى.
   -50 يۈەنگە بەرسەڭلار ئالاي.
  خەق 100 يۈەنگە ئالىمەن دەۋاتسا كىممۇ 50 يۈەنگە ساتسۇن؟ئۇلار باھادا كېلىشەلمىدى.كېيىنكى خېرىدار مىنىبۇس ھەيدەيدىغان باشقا بىر خەنزۇ بولۇپ خېلى مەرت چىقىپ قالدى:
  100 يۈەنگە ساتامسىلەر؟
  بۇ باھادىن خۇش بولۇپ كەتكەن ئوۋچىلارنىڭ باھانى ئۆستۈرۈپ باققۇسى كەلدى:
  300 يۈەن.
  باھا تېزلا 150 يۈەنگە چىقتى،ئۇلار <<بۇ چوشقا پۇلغا يارايدىكەن>> دەپ 300يۈەندىن كەم ساتماسلىق قارارىغا كېلىشتى،تالىشا-تالىشا ئاخىرى 200 يۈەنگە چىقتى،بۇ چاغدا نىمىشقىدۇر كامىل كۆرۈنمەيتتى،ئەسقەر ئەتراپقا قارىدى، ما سەتچىلىكنى كۆرۈڭ،مىنىبۇستىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر كەم كۆرۈلىدىغان بۇ سودىغا ئاللىقاچان دىققەت قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى،چىرايلىق ئىككى قىز بىر بۇلارغا،بىر چوشقىغا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشمەكتە ئىدى.
كامىل بولسا ئۇلارنى كۆرۈش بىلەنلا ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالغانىدى.
  -بۇمەي،بۇمەي،-دېدى ئەسقەر خەنزۇغا ۋە كامىلنى تىللاشقا باشلىدى.كامىل بولسا ئۆزىنى تۇتالماي كۈلەتتى:
  -قانداق قىلىسەن ئەمدى،تونۇش قىزلاركەن.
  بۇچاغدا كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغانىدى.
  بايىلا 200يۈەنگە بېرىۋېتىدىغان ئىشتى،ھەمىنى بۇزدۇڭ-دېدى ئەسقەر-ئەمدى
بۇ بىر نىمىنى نىمە قىلىمىز؟
  دەل بۇ چاغدا يىراقتىن بىر ۋېلسىپىتنىڭ قارىسى كۆرۈندى،بۇ تەرەپتىن كەلگەن كىشىنىڭ خەنزۇ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،بەلكى بىرەر تونۇش چىقىپ
قېلىشى مۇقەررەر ئىدى،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى،تونۇشلا ئەمەس بەلكى
خەقنىڭ بىرەر ئەيىپىنى، كۈلكىلىك ئىشىنى كۆرۈۋالسا ئادەم توپلاشقان جايلاردا
چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان،خەق يىقىلغان،يۇمىلاپ كەتكەن بولسا تۇرغان جايىنى
توپا،مەينەت دېمەي يىقىلىپ،ئۆمىلەپ يۈرۈپ دوراپ خەقنى كۈلدۈرۈپ
يۈرىدىغان سادىر ئىسىملىك بىرى ئىدى.ئۇلار قەستەن كۆرمىگەنگە سېلىپ تەتۈر قاراپ ئولتۇرۇۋالغان بولسىمۇ سادىر قېرىشقاندەك يېنىغا كېلىپ توختىدى:
  -ئولتۇرۇپ قاپسىلەرغۇ كەچ بولغاندا؟
  -ھە،بىرىنى ساقلاۋاتقان...سەنچۇ،نەدىن كېلىشىڭ؟
  -بىر خەنزۇنىڭكىگە بېرىپ چىقتىم،سەرەڭگەڭ بارمۇ؟
  -بار،مانا،-ئۇلار <<تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇۋېلىپ ماڭسىكەن>>دەپ تىت-تىت
بولماقتا ئىدى.
  سادىر سەرەڭگە ياققاچ تۈۋرۈك تەرەپكە لەپپدە قاراپ قويدى:
  -سېنىڭمۇ؟نوچى كۈچىكىڭ باركەن ھە سېنىڭ؟
  سادىر شۇنداق دېدىيۇ دەرھال باشقىدىن قارىدى:
  -ھوي!...چوشقا كۈچىكىكەنغۇ بۇ؟!...ھۇ ئاناڭنى شوۋىچى گۇيلار،سىلەر
قىلمىغان شۇ ئىش قالدىمۇ ئەمدى؟
  دەل شۇ چاغدا يەنە بىر خەنزۇ ئۆتۈپ قالدى،ئوۋچىلار ئۈچۈن ئەمدى نازلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق،سادىرمۇ چوشقا بىر تەرەپ بولمىغىچە ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ بەرىبىر كەتمەيتتى.كەچ بولۇپ قالغاچقا ئۇلار باھا
تالاشمايلا 70 يۈەنگە بېرىۋەتتى،ئاندىن 20 يۈەننى ئايرىپ سادىرغا سۇندى:
  -سادىر ئاكا،ماۋۇ پۇلنى ئال،بىرەرسىگە پاراڭ سېلىپ يۈرمىسەڭ...
  -ماڭ-ماڭ...ھەممىنى بەرسەڭمۇ ئالمايمەن.
  سادىر ۋېلسىپىتىنى مىنگىنىچە كېتىپ قالدى،ئۇلار <<بۇ ھارام پۇل بولغاندىكىن
ھارامغا خەجلەيلى>> دەپ بىرلىككە كېلىشتى.
  شۇ كۈنى كېچىدە بىر نەچچە مەھەللىدىكى بىكارچى قۇلاق كەستىلەر
بىرىنىڭ ئۆيىدە جەم بولۇشتى،نەچچە يەشىكتە ھاراق-پىۋىلار،دادۇر-خاسىڭدەك
زاكۇسكىلار كەلتۈرۈلدى.تاڭغا يېقىن كىشىلەر چوشقىنىڭكىدەك چىقىراش-خور
تۇلداشلارنى،ۋاقىراش ۋە گۈلدۈر-غاراسلارنى ئاڭلىدى.كۈن قىزىغاندىن كېيىن
قاش-قاپاقلىرى يېرىلغان،يۈز-كۆزلىرى كۆكەرگەن،ئىششىغان باتۇرلار بىر-بىرلەپ ئۆيدىن چىقىشقا باشلىدى.بۇ چاغدا سادىرمۇ ئاللىقاچان دوقمۇشتا
<<كۆچمە ئاڭلىتىش ئىستانسىسى>>نى قۇرۇپ كىشىلەرگە <<نەق مەيدان>>
تەسىراتى بېرىشنى باشلىغانىدى...
  مەنبە:ئۆز قەلىمىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yanghin + 100 قەلىمىڭىزگە بارىكاللا . خۇددى نەق مەيدان

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

*  قانۇندىن  گۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15856
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8571
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2810 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 07:27:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشقا كۈچۈكنى سېتىپ ھارام پۇل تېپىپ يەنە شۇ ھارامدىن ھارام نەرسە سېتۋىلىپ ئىستىمال قىلىش نىمانداق چوڭ گۇناھ، ئۇلۇغ للە ھەممىمىزگە ئىنساپ ۋە ئىمان بەرسۇن. [s:162]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6211
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 08:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ للە ھەممىمىزگە ئىنساپ ۋە ئىمان بەرسۇن

بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك،ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋىسىنى چىتقا  يايمىدىما  سادىق دىگەن  بالا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24675
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5145
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 10:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھا   ما تېمىنى مەن باشقا  بىر  نوقتىدىن چۈشەنگەچكىمىكى بەكلا كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ،دەششەت گۇيلىكەن بوممىسا  بۇلار [s:181]  [s:159]  [s:123]  [s:127]  [s:138]  [s:177]

كۆرەش قېلىدىكەنسىز،ھامان خاتالىق سادىر قىلىشتىن خالىي بولالمايسىز

يۇقىرغا قاراپ پى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 11:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قاملاشتۇرۇپ يېزىپسىز بۇ ھىكايە گەرچە رىئاللىقتا يۈزبېرىش ئىھتىماللىقى بەك ئاز بولسىمۇ لىكىن يوق دىگىلى بولمايدۇ.بۇ مەرەزنى يەيدىغانلارغۇ يوقتۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 11:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ئەجەپ كۈلكىلىك يېزىلىپ قاپتىغۇ بۇ ... ناۋادا بۇ ئىش بىزنىڭ مەھەللىدە بولغان بولسا دوقمۇشتا يىغىلىۋالىدىغان ئىشى يوق بىكار تەلەت خۇتۇنلار غەيۋەت قىلىپ يولدىن ئۆتكىلىمۇ قويماس ئىدى .  [s:134]  [s:134]

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9271
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 12:04:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا قىزىق يىزىلىپ تۇ ................. [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]  [s:177]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8728
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4388 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-27 05:25:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس بولغان ئىش ئوخشىمامدۇ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش