مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 547|ئىنكاس: 12

پولات گۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 12:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتوردىن: مۇھاببەت تولىمۇ ئېچىنىشلىق نەرسىكەن، بەزىلەر ئۇنىڭ شىرىن لەززىتىن ھۇزۇر ئالسا، كۆپىنچىلەر ئۇنىڭ ئازابىنى، ئاچچىق قىسمەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن. شۇنى بىلىپ تۇرۇپ ھەممىلار ئادەم شۇنىڭغا ئىنتىلىدىكەن، تەقدىر دىگەن تولىمۇ رەھىمسىز ئىكەن.

ھاكىم ئەتىگەن ئىشقا چۈشۈپ كومپىيوتېرنى ئەمدى قوزغىتاي دەپ تۇرىشىغا نۇرگۈلدىن تېلىفۇن كەلدى.
-ۋەي.
- ۋەي نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
- ئىشخانىدا ئەمدى ئىشقا چۈشتۈم.
- يېنىڭىزدا ئادەم بارمۇ؟
- بار.
-سىرتقا چىقىڭە
- ھە بولدى چىقتىم.
-مەن ئۆتكەندە دىگەن نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويدىڭىزمۇ؟
- ھەئە، شۇ كىملىكى بىلەن يەنە ئازراق ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ بەرسىڭىزلا بولاتتى.
- بۈگۈن ئىش بىجىرگىلى بارامسىز؟
- بىلمەيمەن، سوراپ باقاي.
- بۈگۈندىن قالماي بىجىرىپ بەرسىڭىز بولاتتى.
-ھە ماقۇل، ئەگەر ئىش بىجىرگىلى بارمىسام رۇخسەت سوراپ بولسىمۇ بىجىرىپ بىرەي.
- جاپا سالدىم ھە؟ كەلگەندىن كېيىن مىھمان قىلىمەن. ھې ھې ھې ....
- ئاددى مىھمان قىلسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ.
- ۋ...ا...ي ئۇكام چاتاق يوق.
ھاكىم نۇرگۈل تەييار قىلىپ بېرىڭ دىگەن نەرسە ئۇنىڭ لايىقى قەيسەرنىڭ تىجارەت دۇككىنى ئېچىشقا لازىم بولىدىغان مۇھىم بىر ئىسپات بولۇپ، ھاكىم ئۇ ماتىرىيالنى ئىدارە باشلىقىغىمۇ سەزدۈرمەي ئىدارىنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ ئىمزاسىنى لاھىيەلەپ ۋاقىت بىلەن تولدۇرىدىغان خەتلىرىنى تولدۇرۋەتسىلا ئىناۋەتلىك بولدىغان ھەلەتكە كەلتۈرۈپ بولغان ئىدى. بۈلۈم مەسئۇلىغا كاماندىروپكىغا چىقىمەن دەپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ تەييارلىقلىرىنى پۇختا قىلىپ، ئىشخانىسىدىكى ھېلىقى ئىسپاتنى ئېلىپ نۇرگۈلگە تېلىفۇن ئۇردى،
- بۈگۈن ناھىيگە بارىمەن.
- ياخشى بوپتۇ ئەمسە سىز ئالدى بىلەن بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كىرىپ دۇكان ئىسمىنى تىزىملىتىپ قويۇپ ئاندىن ناھىيلىك ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ بەرسىڭىزلا بولاتتى،
- ھە، بۇنى بىلىمەن.
-قاچان ماڭىسىز؟
- ھازىر ماڭسام بولىدۇ.
- ئەمسە ئىشىڭىزنى تۈگىتىپ بولۇپ ياتىقىمغا كىرىڭ،مەن سىزگە بەزى نەرسىلەرنى بىرەي.
- ھە ماقۇل
ھاكىم ئۇدۇللا نۇرگۈلنىڭ ياتىقىغا كىردى.
-مانا ئۇنىڭ كىملىك رەسىملىرى. يەنە بىر كىنىشكىسى ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا قاپتىكەن. بۇ تالوننى ئاپارسىڭىز، ئۇلار بېرىدۇ. ئەگەر قىينىلىپ قالغۇدەك بولسىڭىز، تېلىفۇن قىلارسىز تۇنۇشلىرىمغا دەپ قويسام بولىدۇ. نۇرگۈل قولىدىكى نەرسىلەرنى بىر - بىرلەپ ھاكىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ دېدى. ھە راس كىنىشكە بىجىردىغانغا پۇل كىتىدۇ. مانا بۇ پۇل يىتىدىغۇ دەيمەن.
-يىتىپمۇ قالار. لىكىن بەزى نەرسىلىرى تۇللۇق ئەمەسكەن.
-يەنە نىمە كەمكەن؟
- ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامنامىسى، ئۆينىڭ خەرىتىلىك چۈشەندۈرىلىشى. دىگەندەك نەرسىلەر كەمكەن.
- ئەمسە مەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلاي ھازىرلا ئەپ چىقىپ بەرسۇن.
-ھە تېزرەك بولۇڭ.
نۇرگۈل ھاكىمنىڭ ئالدىدىلا قەيسەرگە تېلىفۇن قىلىپ پاراڭلىشىپ كەتتى. ھاكىم ئۇنىڭ چىرەيىدىكى تەببەسسۇنى كۆرۈپ ئىچى قاتتىق ئېچىشىپ كەتتى. كۆز چانىقىدىن ياش پىلدىرلاپ ھازىرلا چۈشۈپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان يىغىنى مەجبۇرى يۇتىۋېتىپ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قېتىپ قالدى. نۇرگۈل ئۇنىڭ جىمىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ گىپىنى توختىتىپ تېلىفۇننى ئۈزدى.
- نىمە بوپسىز؟ يىغلاپ تاشلىماڭ يەنە. دېدى نۇرگۈل چاقچاق قىلىپ.
- ياقەي، ئۇنداق بولامدىغان؟ دېدى ھاكىممۇ كۆز چانىقىدىكى پىلدىرلاپ قالغان ياشنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن كۆزىنى بىر نەچچىنى چىمچىقلىتىۋېتىپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
- ئوغۇل بالىچىلىقىڭىز بار دە لىكىن سىزنىڭ.
- ئۇ ھازىرلا چىقماقچى ئىدى، مەن ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ كىرىمەن. 2 مىنۇت ساقلاڭ. بۇ يەرگە كىرىپ قالسا چاتاق چىقىدۇ.
- ھە ھاكىم ئارتۇق گەپ قىلشنى خالىمىدى. نۇرگۈل چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاكىم ئۇنىڭ پورتمالىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. "نەگە قويغان بولغىيتى؟" ئۇ پورتمالنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇپمۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى زادىلا تاپالمىدى. نۇرگۈل ھاكىمنى ساقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قەيسەردىن ھېلىقى نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپلا قايتىپ كىردى.
- قەيسىرىڭىزدىن تېلىفۇن كەلدى.
-قاچان؟
- تېخى ھازىرلا.
- يەنە نىمە بولغاندۇ؟
نۇرگۈل تېلىفۇننى ئېلىپ قەيسەر بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى. بايىقى ئەھۋال يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. ھاكىم ئەمدى ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيەتسىزلىكىنى ھېس قىلىپ چىقىپ كەتتى. نۇرگۈل تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ بولۇپ ھاكىمنىڭ يوقلىقىنى كۆردى، ئۇ ھاكىمنىڭ چىدىمىغانلىقىنى بىلىپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ھاكىمغا تېلىفۇن قىلدى.
-ۋەي تېلىفۇندىن ھاكىمنىڭ زەئىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئۇكام چىقىپ كېتىپسىزغۇ؟
- ئالدىراپ قالدىم.
- كىملىكنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
- ھە ماقۇل ھازىرلا كىرەي.
ھاكىم ماشىنىدىن چۈشۈپ نۇرگۈلنىڭ ياتىقىغا كىردى.
- ئىم، مانا كىملىك. دېدى نۇرگۈل قولىدىكى قەيسەر بىلەن ئۇنىڭ دۇككىنىدىكى بىرسىنىڭ كىملىكىنى ھاكىمغا بېرىپ. ھاكىم قەيسەرنىڭ كىملىكىگە بىر پەس قارىۋېتىپ شارتتىدە يەنە بىر كىملىكنى تارتىپ قەيسەرنىڭ كىملىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئورنىدىن تۇردى. - ھاھاھا... نۇرگۈل ھاكىمنىڭ ھەركىتىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى . - قاراڭ سىزنى، ئىتتىكلا تارتىپ يېپىپ قويغىنىنى بۇنىڭ.
- ئۇنداق قىلمىدىم.
- ھە.. ئۇنداق قىلمىدىڭىز ئۇكام، مەن بىلمەمدىم؟
- ...
- بولدى سىز مېڭىۋىرىڭ.
- ھە.
ھاكىم ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولۇپ بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك تېزلا كەينىگە بۇرۇلدى.
- ھەي راس، پورتمالىڭىزدىكى ھېلىقى رەسىمنى تاشلىۋەتتىڭىزما؟
- ياق، بارغۇ مانا. نۇرگۈل كىملىكىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان رەسىمنى ئېلىپ كۆرسەتتى. ھاكىم رەسىمنى قولىغا ئېلىپ بىر پەس قارىۋېتىپ دىدى.
- تاشلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟
- ياق، بۇ دىگەن ئۇكامنىڭ سوۋغىسى تۇرسا. تاشلىۋەتمەيمەن.
- ھە... ئەمسە كىمىلىكىڭىزنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپسىزغۇ؟
- مۇشۇ رەسىمنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ قالدىم. يەنە جىدەللىشىپ قالغۇم يوق.
- بوپتۇ قانداق قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز. ھاكىم چوڭ بىرنى تىنىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
ماشىنا يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەل دەرەخلەرنى بىر- بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك ماڭماقتا. ھاكىم بولسا خىيالغا پاتقىنىچە ئولتۇرۇپ شەھەرگە كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيلا قالدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىلگىرى نۇرگۈل بىلەن تېپىشالماي خېلى ئايلانغان يەر ئاستى كوچىسى بىلەن ماڭغۇسى كېلىپ قالدى. ئاندىن ئىككىسى ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ نۇرگۈلگە تېلىفۇن ئۇردى.
- ۋەي.
- نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- شەھەرگە ماڭدىم، يەنە 15 مىنۇتتىن كېيىن بارىمەن.
- ھە... ئەمسە كەلگەندە كۆرىشەيلى.
- ھە، ماشىنىدىن چۈشۈپ تېلىفۇن قىلاي.
ھاكىم ئورنىدىن تۇرۇپ يەر ئاستى يولىدىن چىقتى، بىكەتتە تۇرۇپ تاماكىسىنى كۈچەپ كۈچەپ شورىغىنىچە نۇرگۈلنى ساقلىدى. بايا ئازراق يېغىۋاتقان يامغۇر ئەمدى خېلى كۈچەپ چۈشكىلى تۇردى، ھاكىم نىپىز كىيىنىۋالغاچقا ئازراق توڭلىغاندەك بولدى. " ھەپچۈش!" ئەستا يەنە زۇكامدايدىغان بولدۇم. ھاكىم ئۇنى ساقلاشتىن ۋاز كېچىپ قالدى. ئۇ خېلى توڭلىغان ئىدى. كىچىك بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تامىقىنى يەپ ناھىيلىك ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا باردى.
شۇ تاپتا نۇرگۈلنى بىر ئاغىرىق ئازابى قىيناپ يامغۇردا ئۆزى يالغۇز ماڭدى ھاكىمغا تېلىفۇن ئۇرۇش ئۈچۈن تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ يەنە توختاپ قالدى. ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىۋېرىشتىن خىجىل بولدى. ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا كېلىپ. تەكشۈرتۈپ بولۇپ بالنىستقا كىردى. ئۇ ئەمدى ياتاققا كىرىپ تۇرىشىغا ھاكىم تېلىفۇن قىلدى.
- ۋەي.
- تېخى كەلمىدىڭىزمۇ؟
-كېلىپ بولدۇم تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغىرىپ كېتىپ ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا كەلدىم.
- ھە... ئۇنچە ئېغىر ئەمەستۇ؟
-ھازىر خېلى ياخشى.
- نىمە كېسەلكەن؟
- تېخى دىئاگىنوز قويمىدى. سىزچۇ؟ قانداق بولدى؟
- س س م ب ( سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش) ئىدارىسىنىڭ تورى ئىتىلىپ قاپتۇ. بۈگۈن ئىش بىجىرگىلى بولمايدىكەن. ئىككىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا قالغان كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولدۇم تولدۇرىدىغان بىر مۇنچە ماتىرىيال باركەن ئۇنى قەيسەر ئۆزى تولدۇرمىسا بولمىغۇدەك شۇنى كۆپەيتىپ بولسام ئىشىم تۈگەيدۇ.
- ھە... ئەمسە ئاشۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ قېشىمغا چىقىڭ. قەيسەر بىلىپ قالسا مەن بىلەن ئۇرىشىدۇ.
- ھە ماقۇل.
- ھاكىم ماتىرىيال كۆپەيتىدىغان دۇكانغا كىرگەندە ئادەم بەكلا جېق ئىدى. شۇڭا تېز بېرىپ كۆپەيتىش ئۈچۈن قىستىلىپ يۈرۈپ ئالدىغا ئۆتىۋالدى. ئەمدى چىقاي دەپ تۇرىشىغا تېلىفۇن كەلدى. قىستىقىستاڭچىلىقتا تېلىفۇننى ئالالماي سىرتقا ماڭدى. ئۇ ئۇدۇللا نۇرگۈلنىڭ قېشىغا چاپتى.
- مەن دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا، سىز قايسى بىنادا؟
-ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈم بىناسىدا. 7 - قەۋەت تېز چىقىڭ مەن سىزنى ساقلاپ تۇراي.
- ئىم
ھاكىم دوختۇخانا لېفىتىنى ساقلاپ تۇرۇپ ئىچى سىقىلىپ قالدى، " كەچۈرۈڭ سېستىرا، پەلەمپەي قايسى تەرەپتە؟" "بۇ بىنادا پەلەمپەي يوق" ئاخىرى لېفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ چىقىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ يۈرۈپ لېفىتقا ھەممىدىن بورۇن چىقىۋالدى. 7 دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىۋېتىپ، بىر بۇلۇڭغا قىستىلىپ تۇرۇپ قالدى. قېرىشقاندەك لېفىت ھەر بىر قەۋەتتە بىر نەچچە مىنۇت تۇرۇپ ئۇنى تىت تىت قىلىۋەتتى. ئۇ لېفىتتىن چۈشۈپلا كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدى، چۈنكى نۇرگۈل ئۇنى لېفىتنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. ئۇلار كارىدوردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. ھاكىم يانچۇقىدىكى كۆپەيتىلگەن ماتىرىيالنى نۇرگۈلگە بېرىپ بولۇپ ئالاقىزادىلىك بىلەن ھەممە يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ نۇرگۈل ئەتىگەندە بەرگەن نەرسىلەرنى تاپالمىدى.
- بىرەر نەرسىنى يۈتتىرىپ قويدىڭىزمۇ نىمە؟
- سىز ئەتىگەن بەرگەن نەرسىلەر يوق تۇرىدۇ.
- ھاڭۋاقتى. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
- ھېچقىسى يوق. مەن بېرىپ ئىزدەپ باقاي.
- يەنە ھېچقىسى يوق دەيسىزغۇ؟ تېز بېرىپ ئىزدەپ بېقىڭ مەن ئەمدى قەيسەرگە نىمىمۇ دەرمەن؟
- ئەندىشە قىلماڭ تېپىلىدۇ.
ئۇ تېزلا يېنىپ ماڭدى. تاكسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا باردى لىكىن ئۇ يەردە قالمىغان ئىدى. ئۇ يېنىپ چىقىپ ماتىريال كۆپەيتكەن دۇككانغا بېرىپ بېشىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ دۇكاننى تاقاپ بولغان ئىدى. ئەمدى ئەتىگىچە ساقلىماي باشقا ئامال يوق ئىدى. نۇرگۈلگە تېلىفۇن قىلىپ بۇلارنى ئۇنىڭغا دىدى.
- يېنىڭىزدىكى پۇل چىقىشامدۇ؟
- كەچتە ياتاقتا يېتىپ قالسام چىقىشمايدۇ.
- ئىدارە باشلىقىڭىزغا نىمە دەپ چۈشەندۈرىسىز؟
- بەك بولمىسا ئەتە يېرىم كۈن ئىش تاشلارمەن بولمىسا قانداق قىلىمەن؟ باشقا ئامال يوق.
- ھەي... ھاڭۋاقتى. نىمىلا ئىش قىلسىڭىز بىر چاتاق چىقىرىسىز.
- بولدى سۆزلىمسىڭىز قانداق؟ كەيپىياتىمنىڭ يامان ۋاقتىدا.
- بولدى بولدى قېشىمغا كېلىڭ، مەن پۇل بېرىپ تۇراي.
ھاكىم ئۈنسىزلا تېلىفۇننى قويۇپ نۇرگۈلنىڭ قېشىغا كەلدى.ئەسلى ئۇ پۇل ئالمىسىمۇ ياتاقتا يېتىپ ئەتە قايتىپ كېتىشكە يېنىدىكى پۇل كەڭرى چىقىشاتتى. ئۇ نۇرگۈلنىڭ ياتىقىنى كۆرىۋېلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدى. ھاكىم يولدا ماڭغاچ نۇرگۈلنىڭ ئۇرىۋاتقان تېلىفۇنىنى بېسىۋېتىپ دوختۇرخانىغا كەلدى 7 - قەۋەتكىمۇ چىقتى لىكىن شۇنچە قاراپمۇ نۇرگۈلنىڭ سايىسىنى كۆرمىدى. ئەمدى تېلىفۇن قىلماي ئامال يوق ئىدى.
- مەن چىقىپ بولدۇم.
-مەن ھازىرلا چىقىمەن.
ھاكىم كۆزىنى ئارسىلاننىڭ كۆزىدەك ئىتتىك قىلدى چۈنكى ئۇ شۇنداق قارىمىسا نۇرگۈلنىڭ ياتىقىنى كۆرەلمەي قېلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەنە نۇرگۈل چەتتىكى بىر ياتاقتىن چىقىپ كەلدى. ھاكىم ئۆز ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ مەغرۇرلۇق بىلەن پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى بايا ئىككىسى ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. ئىككىسى خېلى ئۇزاق پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن نۇرگۈل 100 يۈەن پۇلنى ھاكىمغا بېرىپ دىدى  "يىتەمدۇ؟"  "يىتىدۇ."
_يۈرۈڭ تېخى تاماق يىمىگەنسىز تاماق يەپ كىرەيلى.
- بولدى مەن سەل تۇرۇپ ئۆيگە بېرىپ يەيمەن.
- بوپتۇ ئەمسە، قەيسەر بىلەمدۇ؟
- نىمىنى؟
-سىزنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىڭىزنى.
- بىلمەيدۇ.
- بىلمەيمۇ قالماس؟
-راس بىلمەيدۇ.
- ئەمسە مەن چۈشۈپ كەتتىم.
- ھە ماقۇل، ئەتە كۆرىشىلى. ھاكىم بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نۇرگۈلنىڭ راس ئۆيىگە بارىدىغان ياكى بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقى بولۇپ بىنانىڭ ئىشىكىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. كېچە سائەت 10:00 بولۇپ كەتتى لىكىن ئۇ نۇرگۈلنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدى. دىمەك نۇرگۈل ھاكىمنى ئالدىغان ئىدى. نۇرگۈلگە ئۇرغان تېلىفۇنى ئېلىنمىدى. ھاكىمنى تېخىمۇ چۈشىنىكسىز گادىرىماچ خىياللار ئەسىر قىلىۋالدى. ئۇ چىقىپ باقماقچى بولدى. لىكىن قۇرۇق قول چىقىشنى خالىمىدى. نىمە ئېلىپ چىقىش كېرەك؟ ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ قالدى، توغرا ئۇ تېخى تاماققا چىقمىدى. دوختۇرخانىنىڭ ئچىىدىغۇ تاماق باركەن لىكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق تاماق يىمەيدۇ. ھىم... تاماق ئېلىپ چىقاي. ئۇ شەھەردىكى 24 سائەت ئېچىلىدىغان بىر تېز تاماقخانىغا بېرىپ تاماق ئېلىپ ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلدىيۇ تېزلا كەينىگە يېنىپ كەتتى. چۈنكى نۇرگۈلنىڭ كارۋىتىدا نۇرگۈل بىلەن قەيسەرنىڭ قىزغىن پاراڭلىشىپ ياتقان، نۇرگۈلنىڭ بىر قولىنى قەيسەرنىڭ بوينىغا قويىۋالغان ھالىتىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ يېنىپ بېرىپ كارىدوردىكى ھېلى ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. ئەمدى نىمە قىلىش توغرىلىق شۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاكى قولىدىكى تاماق سوۋىغىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئاستا يېنىپ چىقىپ كەتتى. دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئارقا -ئارقىدىن بىر نەچچە تاماكىنى چىكىۋەتتى. نۇرگۈلگە ئۇرغان تېلىفۇنىنىڭ نىمىشقا ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن سىرى يىشىلمىگەن ئىشلارنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدى دە قولىدىكى سوۋۇپ قالغان تاماقنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋىتىپ دىدى، "يەيدىغان ئادەم بولمىغاندىن كېيىن تۇرار جايىڭ ئەخلەت بولسۇن." لەنەت بولسۇن. لەنەت بولسۇن.... ئۇ ئۆز ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلايتى. ئەبلەخ لەنەت بولسۇن. ئۇ شۇ تاپتا كىمگە قارىتا دەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتى. بەلكى قەيسەرنى تىللاۋاتقاندۇ. يا بەلكى نۇرگۈلنى تىللاۋاتقاندۇ، ۋە بەلكى ئۆزىنى تىللاۋاتقاندۇ. ئۇ شۇ خىيال بىلەن دوختۇخانا ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا تاڭ سۈزۈلگىچە ئولتۇردى، كىچىچە ئۇخلىمىغاچقا كۆزلىرى يىغىدىن ھەم ئۇيقۇسىزلىقتىن قىززىرىپ ھەم ئىششىپ كەتكەنئىدى، كۆزلىرى پۇرلىشىپ ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك روھسىز مەجروھ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ تۆنۈگۈن ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ بولۇپ نۇرگۈلگە تېلىفۇن قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ تېلىفۇنى يەنىلا ئېلىنمىدى، ئەكىسچە رەھىمسىزلەرچە بېسىۋىتىلدى، ئۇ غەززەپكە تولغان كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى سۈرتىۋېتىپ، دوختۇرخانىغا باردى. ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەپسۇس، مىڭ مىڭ ئەپسۇس. ئۇ يەنە قەيسەرنىڭ نۇرگۈلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىدىكى قالايمىغانبوپلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى تۈزەۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭغىچە قەيسەر بىلەن نۇرگۈل ئۇنى كۆرۈپ قالدى. ھاكىم ئىككىسىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كەينىگە يېنىپ ماڭدى. لېفىت ئالدىغا كېلىپ نۇرگۈلگە تېلىفۇن ئۇردى.
-ۋەي. تېلىفۇندىن ئۇنىڭ بىزار بولغاندەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ بەكمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى.
- تېز چىقىپ نەرسىلىرىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ.
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى. شۇ تاپتا ئۆزىنى تۇتىۋالمىسا ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالغانئدى.
بىر ئازدىن كېيىن قەيسەر چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىۋېتىپ. قولىدىكى ماتىرىياللارنى قەيسەرگە بېرىپ دىدى. بۇ نەرسىلەرنى نۇرگۈلگە بېرىپ قويسىڭىز. قەيسەر ئۈن - تىنسىز بېشىنى لىڭىشتىپ قويۇپ ئۇلارنى بىر بىرلەپ كۆرۈشكە باشلىدى. كۆرگەنچە قەيسەرنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ لېفىت ساقلاۋاتقان ھاكىمغا لەپپىدە قاراپ قويدى. ھاكىمنىڭ غەززەپتىن پولتىيىپ تۇرغان كۆزىگە ئۇزاق قارىيالماي كىرىپ كەتتى.
ھاكىم خۇددى قەيسەرنىڭ كىرىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئۇ كىرىپ كېتىشىگە يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ شۇ يىغلىغىنىچە تاكى بىكەتكە بېرىپ ماشىنىغا چىققۇچە قەدەر يىغلىدى. ماشىنىغا چىقىپ ئورنىدا ئولتۇرۇپ بولۇپ ئۆز ئۆزىگە دىدى ئەمدى يىغلىما يىغلاش دىگەن قىزلارغىلا خاس. شۇلارنى ئويلاپ بولۇپ كۆزىدىكى ياشنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ، كۆڭلىكىنىڭ يىڭى بىلەن سۈرتىۋەتتى.

بۇ راست بولغان ئىش بىر ئاغىينەم ماڭا شۇنداق دىگەنىدى. ئۇنىڭغا ياردەم كېرەككەن.
ياردەم قىلساڭلار بولاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمىدىم.


مەنبە: ئۆزۈم

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 12:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرىغان ئاكام نەدىدۇ
ئالدىرىمىغاننىڭ كەينىدە

ئوبدان يېزىپسىز  تېخىمۇ تىرىشىڭ

دوستۇم دوستتىن م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34015
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 1399 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2011-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئۇنداق خالىسانە ياردەمنى تۇختاتسۇن
داننى دوستىڭىزدىن يەپ باشقىلارغا كاكىلاپ بىرىدىغان ئۇنداق مىكىياندىن جاپا كەلسە كىلىدىكى ۋاپا كەلمەيدۇ
ئەمدى قانداق تەسەللى بىرىشكە كەلسەك ،ئۇنداق ئىشقا يۇلۇققان ئادەمگە ئاشۇنداق ئىچىنىشلىق زەربىدىن باشقىسى بىكار، بۇرنىغا بەكرەك يىسە ئۆزلۈكىدىن يۇلىنى تاپىدۇ
ئامال بار ئۇنى يىگىتنى يىغلاتقان ئاشۇ ۋاپاسىزلارنىڭ كۆزىدىن نىرى قىلىش، ئالاقىنى توختىتىش كىرەك، شۇندىلا ئۇ ۋاپاسىز ئۇنتۇلىدۇ ، ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، چۈنكى مەن دوستىڭىزدىنمۇ ئىچىنىشلىق كۈنگە قالغان.
بەخىت ھامان قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ

نېمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قىشىغا، ئۈزۈڭ ھەم كۆل قىشىغا كەلمىگەندىكىن. نېمىشقا يىگۈزدۈڭ تۇزلىغان بىلىق ، ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن.

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11901
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8861 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق مۈجمەل بۇلۇپ قالغاندەكمۇ قانداق؟
ھاكىم نۇرگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ،نۇرگۈل ھاكىمنىڭ بۇ ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئوغۇل دوسىتى قەيسەرنىڭ ئىشلىرىنى ھاكىم ئارقىلق بېجىرمەكچى ،مەزمۇن مۇشۇنداقمۇ؟لېكىن بەزى جايلىرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئانچە ياخشى بولماپتۇ.يەنە ھاكىمنى بەك تولا يىغلايدىغان  قىلىپ يېزىپسىز،نۇرگۈلنى بەك ياخشى كۆرەمدىكىن دېسەم بۇنڭىغا ئائىت مەزمۇنلار بەك ئازكەن.ئۇ ئۆزى نۇرگۈلنىڭ ئوغۇل دوستى بارلقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنڭىغا ياردەم قىلغان شۇڭا ئاخىردىكى نۇرگۈل بىلەن قەيسەرنىڭ بىللە تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەندىكى تەسۋىر سەل مۇۋاپىق چىقمغانمۇ قانداق؟
يۇقارقىلارنى ئويلىشىپ باقارىسز،ئەمدى دوستىڭىزغا قانداق ياردەم قىلىشقا كەلسەك،مېنڭىچە ۋاقتىدا ئۇ قىز ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنكەن،دوستىڭىز ئۆزىنى تارتسا بولغىدەك.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  چېچەك كە 2011-05-26 01:18 PMئەۋەتىلدى  :
ئازراق مۈجمەل بۇلۇپ قالغاندەكمۇ قانداق؟
ھاكىم نۇرگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ،نۇرگۈل ھاكىمنىڭ بۇ ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئوغۇل دوسىتى قەيسەرنىڭ ئىشلىرىنى ھاكىم ئارقىلق بېجىرمەكچى ،مەزمۇن مۇشۇنداقمۇ؟لېكىن بەزى جايلىرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئانچە ياخشى بولماپتۇ.يەنە ھاكىمنى بەك تولا يىغلايدىغان  قىلىپ يېزىپسىز،نۇرگۈلنى بەك ياخشى كۆرەمدىكىن دېسەم بۇنڭىغا ئائىت مەزمۇنلار بەك ئازكەن.ئۇ ئۆزى نۇرگۈلنىڭ ئوغۇل دوستى بارلقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنڭىغا ياردەم قىلغان شۇڭا ئاخىردىكى نۇرگۈل بىلەن قەيسەرنىڭ بىللە تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەندىكى تەسۋىر سەل مۇۋاپىق چىقمغانمۇ قانداق؟
يۇقارقىلارنى ئويلىشىپ باقارىسز،ئەمدى دوستىڭىزغا قانداق ياردەم قىلىشقا كەلسەك،مېنڭىچە ۋاقتىدا ئۇ قىز ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنكەن،دوستىڭىز ئۆزىنى تارتسا بولغىدەك.
مەنمۇ دىدىم ئۆزۈڭنى تارتقىن بەرىبىر ئۇ سىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ. شۇنىڭدىمۇ ئۆزىنى تارتماي ئاشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىپتۇ. كۈندە ھاراق ئىچىن مەستلا يۈرۈيدىغان بولىۋالدى. ئۆز ئۆزىگە سۆزلەپلا كىتىدۇ. ئۇ ئۇنداق ئىرادىسىزلاردىن ئەمەس.شۇڭا تېمىغا پولات گۈل دەپ نام قويدۇم. بۇ دىگىنىم ئۇ پولاتتەك قاتتىق ئىدى، ئەمدى گۈلدىنمۇ نازۇك بولۇپ قالدى، چۈشەندىڭىزمۇ؟ ھەم ئۇنچىلىك نادان ئەمەس، كاللىسى ئۆتكۈر ئىدى، لىكىن بۇنىڭغا كەلگەندە ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالدى. بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى تارتماي ياردەم قىلىۋاتىدۇ.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  paqat كە 2011-05-26 01:09 PMئەۋەتىلدى  :
ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئۇنداق خالىسانە ياردەمنى تۇختاتسۇن
داننى دوستىڭىزدىن يەپ باشقىلارغا كاكىلاپ بىرىدىغان ئۇنداق مىكىياندىن جاپا كەلسە كىلىدىكى ۋاپا كەلمەيدۇ
ئەمدى قانداق تەسەللى بىرىشكە كەلسەك ،ئۇنداق ئىشقا يۇلۇققان ئادەمگە ئاشۇنداق ئىچىنىشلىق زەربىدىن باشقىسى بىكار، بۇرنىغا بەكرەك يىسە ئۆزلۈكىدىن يۇلىنى تاپىدۇ
ئامال بار ئۇنى يىگىتنى يىغلاتقان ئاشۇ ۋاپاسىزلارنىڭ كۆزىدىن نىرى قىلىش، ئالاقىنى توختىتىش كىرەك، شۇندىلا ئۇ ۋاپاسىز ئۇنتۇلىدۇ ، ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، چۈنكى مەن دوستىڭىزدىنمۇ ئىچىنىشلىق كۈنگە قالغان.
بەخىت ھامان قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ
تامامەن توغرا ....

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  ئىمكان كە 2011-05-26 01:35 PMئەۋەتىلدى  :

مەنمۇ دىدىم ئۆزۈڭنى تارتقىن بەرىبىر ئۇ سىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ. شۇنىڭدىمۇ ئۆزىنى تارتماي ئاشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىپتۇ. كۈندە ھاراق ئىچىن مەستلا يۈرۈيدىغان بولىۋالدى. ئۆز ئۆزىگە سۆزلەپلا كىتىدۇ. ئۇ ئۇنداق ئىرادىسىزلاردىن ئەمەس.شۇڭا تېمىغا پولات گۈل دەپ نام قويدۇم. بۇ دىگىنىم ئۇ پولاتتەك قاتتىق ئىدى، ئەمدى گۈلدىنمۇ نازۇك بولۇپ قالدى، چۈشەندىڭىزمۇ؟ ھەم ئۇنچىلىك نادان ئەمەس، كاللىسى ئۆتكۈر ئىدى، لىكىن بۇنىڭغا كەلگەندە ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالدى. بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى تارتماي ياردەم قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا ياردەم قىلىۋەرسۇن ......ئاشۇنداق مىشى -مىشى ئۇغوللا بىلەن خۇشۇم يوق دىسە مىنىڭ .. ئوغول بالا بولغاندىكىن قانداق ئىش  بولسا ئىش دىگەنننى كىسپ ۋاش ۋاش قىلمامدۇ ...ئېجېن دىگۇم كەلدى ئا ئاداشقا .

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

باشقىلار كۆكتە ئ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10689
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 1996 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 01:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياراتقان بەدىسىنى ئۆزنىڭ رىزقى بىلەن ياراتقان ئەلۋەتتە، مەن بۇنى بىر ھېكايىمىكىن دەپتىكەنمەن، ئەمما بۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ چىقتى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا باشقىلارنىڭ رىزىقىغا كۆز تىككەن، چېقىلغان كىشىلەرنىمۇ قارلايدۇ شۇنداققۇ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىدىمۇ ھەم شۇنداق، جاھاندىكى ھەر بىر مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار تاق يارىتىلغان ئەمەس، بەلكىم ئاغىينىڭىز يېنىدا بىرسىنىڭ بولمىغىنىدىن خۇرسىنىپ يىغلاپ تاشلىغاندۇ، مېنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم ئۇ ھازىرقى ئازابىنى بېسىش ئۈچۈن باشقا قىزلارنى ئالدىمىسىلا بولاتتىغۇ...........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 02:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلە ئەجىر قىلىپسىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 02:42:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

hijran.net

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 79616
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 2761 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 03:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىكەن ياردەمنى قىلىۋەرسۇن ....
ئېسىلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئېسىل  ئېسىلكەن يەنە ئېسىللىقىنى قىلىۋەرسۇن    ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ئەنە ئاشۇنىڭدىن ئىبارەت ،    كىمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكنى قاپقارا كۆزلىرىڭ بىلەن ئەمەس ئىگىمىز بەرگەن تەپەككۈر ئەقىل بىلەن  بىلىۋال، شۇندىلا بۈگۈنكى خاتالىقىڭ ئۈچۈن ئەتە ياش تۆكمەيسەن  ،ئۆكۇنمە يالۋۇرما ، كۇلۇپ تۇرۇپ ئېسىللىق بىلەن يالغان ھۆرمەت ۋە ياكى قۇرۇق ماختاشقا ئېرىشمە بەلكى ئادىميلىكتىن ئىبارەت بۇ جانلىق ھەقىقەت ئىچىدە ئالدانماي بۈگۈننى ئۆزۇڭگە يۇز كىلىگۈدەك ئۆتكۈزۇپ ئەتە قىل....

بىلىپ قوي:   نىجاسەتكە چۈشكەن پاك گۈل ھەرگىز ۋاقىتسىز سارغايمايدۇ، ھامان مۆجىزىدىكى غايىپ كۈچ ئەمەس بەلكى ،ئۇنىڭ ھەقىقىي ئورنى ۋە قىممىتىنى بىلگەن، ئۇنداق بولشىنى خالمىغان،ھېدايەتلىك ساۋاپ، ساپ ئەقىدە، چىن تەبەسسۇم ،مىھرلىك بىر شەيئى ئۇنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرىدۇ.....
                  گۇناھلار ،ساۋاپلار -ھەرگىزمۇ جازاسىز،جاۋاپسىز قالمىغان.
                      ئىگمىز بەك ئادىل،بەك مىھرىبان ، ھەممىنى تەڭشەيدۇ....

قەدىرلە قەدرىڭن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40288
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 780
تۆھپە نۇمۇرى: 8
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 06:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بولغانكىن ھېسىياتىنى تىزگىنلەشنى بىلىشى كېرىك ،ياردەممىنى قىلىدىغاننى قىلىپ بوپتۇ ،ئەمدى بولدى قىلسا ئەڭ ياخشى .
<<كەلمىگەن تەلەيدە ئانناڭنىڭ ھەققى بارمۇ >>دەيدىغان گەپ بار ،ئۇ قىز ئۇنىڭغا نىسىپ بولمىسا، ئاللا بۇيرىمىسا ھەر قانچە قىلسىمۇ ،ئازاپلانسىمۇ ئامال يوق .شۇڭا ۋاقتىدا قولنى ئۈزگىنى ،ئۆزىنى ئوڭشىۋالغىنى ،بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتقىنى ياخشى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1549
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5855
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 617 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-26 11:57:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ يۈزسىز لىكى بىلەنلا ئادەم ياخشى ياشىماسلىقى كېرەكما؟ يىغلىغانغا نىمەئىش ھەل بولىدۇ؟بەزىلەر ئۇچۇرغان ئوڭڭۇشسىزلىق،ئازاپ، يۇزسىزلىك،ئامالسىزلىقلار ئالدىدا بۇنەچچىلىك ئىشتى؟
ھەل قىلغۇسى بولسا بېرىپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇزتۇرانە سوراپ ئارىنى ئوچۇق قىلسۇن،ئۇنداق قىلالمىسا رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلىپ ئۆز يولىغا راۋان بولسۇن. ئۇنچىۋالا جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋىلىشنىڭ نىمەھاجىتى؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش