مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3792|ئىنكاس: 78

كېلىڭلار، ئوقۇتقۇچىنى تىللايمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19915
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5357 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 07:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېلىڭلار، ئوقۇتقۇچىنى تىللايمىز



         مۇنبەرلەردىن ئوقۇتقۇچىنى تىللىغان تېمىلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا شۇنداق ئىنسانمۇ؟ كېلىڭلار مەن سىلەرگە بۇ ئۇلۇغ ئىنساننى بىر تونۇشتۇرۇپ بېرەي: ئاندىن تىللىساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر......


                              (ئاۋازلىق قىسمىنى ياخشىراق ئاڭلىغايسىلەر)

 
                                   بۇ ئورۇننى چەكسىڭىز فىلىم قويىلىدۇ

             

      


          يۈرىكى يېغلىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ،مۇئەللىمنىڭ !ياق! كائىناتنىڭ !



                                                    ئاپتورى-ھايات



                                               لىنتىغا ئالغۇچى-ھايات
 





       بىر دانادىن سورىدىم :
      -دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھ نېمە ؟
      -ئائىلىدىكىلىرىنى نادانلىقتا قالدۇرۇش .
      -ئەڭ ساۋاپلىق ئىش نېمە ؟
      -ئازغاننى يولدىن قايتۇرۇش ،قاراڭغۇ دىللارغا ھېكمەت ئۇرۇقلىنى چېچىپ نۇرانە قوياشنى ئاسماندا پارلاتقۇزۇش .
      -بۇنداق قۇدرەت كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن ؟
      -مۇئەللىمنىڭ !
      -مۇئەللىم ؟!
       مۇئەللىم ! ئۆزى ئاستا –ئاستا يېقىلىش بەدىلىگە تۈمەنمىڭ يىمىرىلمەس گىگانىت دەرەخلەرنى يېتىشتۈرگۈچى ! مۇئەللىم ! مول –ھوسۇلنىڭ نامايەندىسى ئەڭ سورتلۇق ئۇرۇق . مۇئەللىم ! ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قانىتى سايىسىنى تۈمەنمىڭ ئاپئاق تۇرنىغا پاناھ قىلالىغۇچى ! بىر تامچە كۆز يېشى بىلەن پۈتكۈل زېمىننىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇچى ! بىر تال ئاق چېچىغا تالاي غۇنچىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن تولغاەن ئۆلمەس تارىخلارنى يۇشۇرغۇچى ! يۈزىدىكى ھەربىرتال قۇرۇققا جاھان ئەركىلىرىنىڭ ،ئالىم ،مۇتەخەسسى ،پەيلاسۇپلارنىڭ شانلىق غەلبە خەرىتىلىرىنى سىزغۇچى ! بىر جۈپ خاسىيەتلىك قولى بىلەن سىيلانغان باشلارنى كۆكلەرگە تاقاشتۇرغۇچى !
       مۇئەللىم ! ئۇ يەرشارىنىڭ تىنىقى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گىگانىتلارنىڭ سىيماسىنى كۆرىسىز! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شوتا ، ئاي شارىغاچىققۇچىلارمۇ ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقىپ كائىنات بىلەن مۇڭداشقان!
مۇئەللىم ! ئۇنىڭ يۈرىكى سوقماقتا ! ئۇنىڭ ئەمەس ئىنسانىيەتنىڭ يۈرىكى سوقماقتا! ئۇنىڭ نۇرانە يۈزلىرى سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى سېھىرلىك ئەينەك!
        مۇئەللىم! ئۇ ئاددىي ئىنسان ئەمەس! ئۇ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن قۇتقازغۇچى پەرىشتە !
       مۇئەللىم ! ئۇ دەسسىگەن ئىزىدىن بوستان بەرپا قىلغۇچى سېھىرگەر ! ئۇ ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۇرگۈچى ! ئۇ جاھالەت قاراڭغۇلۇقىنى تولۇن ئاي ۋە يولتۇزلار بىلەن بىزىگۈچى !
       مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا رەسسام . چۈنكى ئۇ تېخى ھېچقانداق بىر رەسسام سىزىپ ئۈلگۈرمىگەن ھاياتلىق كارتىنىسىنى بور بىلەن دوسكىغا سىزىپ چىققۇچى!
       مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ماھىر ھەيكەلتاراش ! ئۇ ھاياتلىقنىڭ غەلبە ھەيكىلىنى مارىسقا ، يۇپىتىرغا قاتۇرغۇچى !
       مۇئەللىم ! ئۇ ئەڭ ئىلغار مۇزىكانىت ،شۇنچە زور ئوركىستىرغا ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولغۇچى !
       مۇئەللىم !ئۇ بىر مەزمۇت تاغ ! ئۇ باغرىغا تالاي ھىكمەتلەرنى يۇشۇرغۇچى ، ئۇ بىر پارچە ئېسىل چىمەنزار ! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ھوزۇر ! ئۇ ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ! ئۇنىڭدەك كىسەلگە ھەقىقى شىپالىق دورىنى ھېچكىم ياساپ چىقالىغىنى يوق !
       مۇئەللىم ! ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان تۈنۈگۈن ، ئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك تارىخلار يېزىلغان ! مۇئەللىم ! ئۇ يېقىملىق بۈگۈن ! ئۇ تېنىمسىز ھالدا كائىنات چوڭقۇرلۇقىغا ،يەر قاتلاملىرىغا سېڭىپ كىرمەكتە ! مۇئەللىم ! سۆيۈملۈك ھەم گۈزەل ئەتە ! ئۇنىڭ باغرىدا تۈمەن غەلبە جىلۋىلىرى جۇش ئېتىپ تۇرماقتا!

 
«بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ،
خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە نۇرلار چاچىمىز » 


       مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شائىر ! ئۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ،لىرىكىغا تولغان رەڭدار ھاياتنى ئەڭ يېقىملىق تىللار بىلەن مىسرالار باغرىغا پاتۇرغۇچى!
        كىمدە بار شۇنداق خىسلەت ،كىشى بالىسىنى ئۆز بالىسىدىن ئەزىز كۆرەلەيدىغان ! كىمدە بار شۇنداق قۇدرەت ،بارچە قايغۇ ئەلەمنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ گىگانىت قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كىلەلەيدىغان ! كىمدە بار شۇنداق جاسارەت ،قانغا تولغان يۈرەكلىرى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپمۇ چېھرىدە تەبەسسۇم نامايەن قىلالايدىغان ؟! كىمدە بار شۇنداق ساداقەت ،ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن مۇقەددەس ئەتىنى بەرپا قىلالايدىغان ...

 
پاك ،سەبىي دىللاردىن شاتلانغان ئۇستاز ،
ئەۋلاتلار بەختىگە ئاتلانغان ئۇستاز .
ئۆتسىمۇ تالاي يىل ،تالاي ئەسىرلەر ،
ئەۋلاتلار قەلبىدە يادلانغان ئۇستاز . 


        مۇئەللىم ! مىللەتنىڭ ھايالىق نوزۇكلىرى ! يەتتە قىزلىرىم ،رىزۋانلىرى ! ئايخانلىرى ،خۇش مېھرىبان ئانىلىرى ! چىن تۆمۈردەك باتۇرلىرى ،سىيىت ،سادىر،تۆمۈرلەردەك گاڭگۇڭلىرى ! تاڭ سەھەرنىڭ بۇلبۇللىرى ! گۈل –ھاياتنىڭ دۇلدۇللىرى ! كۆكتە نورلۇق يولتۇزلىرى !
شۇڭا دەيمەن ! يۈرىكى توختىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ! مۇئەللىمنىڭ ! ياق ،كائىناتنىڭ !




ئەسلى مەنبە: چىمبۇلاق مۇنبىرى
ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرمەڭ. چۈنكى مەنمۇ ئەسلى ئاپتۇرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق بۇ مۇنبەرگە يۆتكەپ كەلدىم.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
SiYiT^AHun + 100 تەشەككۈر
musilina + 200 ئېسىل تېما....
YuqunAdam + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 400   باھا خاتىرىسى

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:21:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنى تىللىعانلىق - تۇزنى يەپ تۇزلۇققا چىچقان بىلەن باراۋەر

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36614
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7244 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، ئىسىل تېمىدىن بىرنى ئەكەلگىنىڭىزگە [s:166]

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27103
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 1681 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:23:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ يۈرىكىمگە تەگدى.رەھمەت دوستۇم.كۆپ رەھمەت.. [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41975
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3860
تۆھپە نۇمۇرى: 287
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2011-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزوسىنىڭ سالمىقى خېلىلا ئېغىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40738
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6211
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىق ئەسەرگە قاتناشتۇرسىڭىز بولمامدۇ  مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى

بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك،ئۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن تىرىشقىن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك.http://www.65933.com/109416

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يىزىلغان نەسىر ئىكەن بۇ [s:166] يازغان ئاپتورغا،مىسرانىمغا يوللىغان قېرىندىشىمىزغا تەشەككۈر [s:166]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22919
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللانمىڭىز ئاجايىپ ياخشى بوپتۇ ، ھەممە مەكتەپتە ئاڭلاتسا بولغۇدەك تېما  بوپتۇ.
مۇئەللىمنى دېگەن ئاتالغۇنى ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدۇ ھەم تىللىمايدۇ.
لېكىن  كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولغان ساپاسىز  ئوقۇتقۇچىلارنى تىللىمىساق بولمايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ھەممىسىنى  يۇقۇرقى تىمىدىكىدەك ماختاپ كەتمىسەكمۇ بولا .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نەسىركەن،تىما ئىگىسىگە رەھمەت.........

Stranger بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 08:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش