مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 8

"دانكو" نىڭ داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 11:24:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"دانكو" نىڭ داۋامى


پۈتۈن جاھاننى قاراڭغۇلۇق باسقان شۇ ۋاقىتتا، دانكو ئۆزىنىڭ كۆكىرىكىنى يېرىپ، يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالدى، يۈرەكتىن چىققان ئوت يالقۇنى پۈتۈن جاھاننى يورۇتتى، پۈتۈن جاھاندىكى بارلىق قاراڭغۇ- زۇلمەت دەرھال قېچىپ بېرىپ پاتقاققا تىقىلدى. 

دەل شۇ ۋاقىتتا دانكوغا ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن قاپقارا قويۇق ساقاللىق بىر كىشى چىقىپ كەلدى- دە دانكونى ئالدىدىكى پاتقاققا قاتتىق ئىتتەردى.  دانكو پاتقاققا يىقىلدى، ئۇنىڭ ئورنىدىن قوپقۇدەك ماغدۇرى قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ قولىدىن دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتى.  قارا ساقاللىق دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى قولىغا ئالدى.  ھېچكىممۇ ئۇنىڭ دانكونى ئىتتىرىۋېتىپ، يۈرىكىنى قولىغا ئېلىۋالغىنىدىن غەيرىيلىك ھېس قىلغاندەك ئەمەس، ئۇلارغا پەقەت يورۇقلۇق بولسىلا كىم بولسىمۇ ئەگىشىپ كېتىۋېرىدىغاندەك قىلاتتى، كىشىلەر دانكونىڭ ئاجىز گەۋدىسىنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋەردى، ئۇنىڭ ئۆلۈك- تىرىكى بىلەن كارى بولىدىغان كىشى بۇ توپتىن چىقمايدىغاندەك، «ئەمدى سېنىڭ كېرىكىڭ قالمىدى» دەۋاتقاندەك قىلاتتى....

ئەمما يۈرەك كىشىلەرگە ئازاپ ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى، دانكو شۇنچە ئەركىن كۆتۈرۈپ ماڭغان يۈرەك، بۇ تەمبەل قارا ساقاللىقنىڭ ھالىنى قويمىدى، ئۇ ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى. ھەم نۇرىمۇ ئاجىزلاشقا باشلىدى. بۇ نۇر ئۆچسە كىممۇ كۆكرىكىنى يېرىپ، يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ كىشىلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلار؟

يۈرەكنىڭ نۇرى ئاجىزلاشقا باشلىغانسېرى ساقاللىق ئۆزىگە نۆۋەت كېلىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئاجىز يۈرەكنى ئارقىسىدا كېلىۋاتقان ۋىجىك، كۆزلىرى خۈنۈك، ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئاران كېلىۋاتقان خېنىم چىراي بىر ياش يىگىتكە تۇتقۇزدى. يىگىت قورقۇپ كېتىپ، تىتىرىگىنىدىن قولىدىكى يۈرەكنى يەرگە تاشلاپ سالدى، يۈرەك يەرگە چۈشۈپ پارە- پارە بولۇپ كەتتى. كىشىلەر يەنە قاراڭغۇدا قالدى. شۇندىلا كىشىلەر بايا دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكەن دانكونى ئېسىگە ئېلىشتىيۇ- ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايتتى.

قاراڭغۇ ئورمانلىقىتىكى پاتقاقلىق قەدەمدە بىر كىشىنىڭ جېنىنى ئېلىۋاتاتتى. ئەمما كىشىلەر ئۇلارنىڭ بىرەرىنىمۇ تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلماي، ئۆز جان قايغۇسىدا قالغان ئىدى. بارا- بارا توپمۇ كىچىكلەشكە، كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئازىيىشقا باشلىدى.  بىرەر كىشى ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، ئۆز يۈرىكى ئارقىلىق نۇر چىقىرىپ، باشقىلارنىڭ يولىنى يۇرۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى يۇ- ھامىنى بىرىنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى.

ئەمما ئۆز يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، باشقىلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان يەنە بىر دانكو چىقمايدىغاندەك قىلاتتى.


مەنبە: ئۆزۈم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yalpuz0997 + 100 قەلەم بىلەن ئەمەس،ھەقىقىي يۈرەك &nb

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 536
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 12:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دانكونىڭ داۋامى دانكودەكلا ئېسىل، نادىر تىما بولۇپ چىقىپتۇ. ئويلىغانسىرى مەنە چوڭقۇرلۇقىغا باشلايدىكەن كىشىنى .

بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم، دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.   قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى، بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى. _ بىرۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 12:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،بولسا داۋامىنى يەنە يېزىڭ.

مۇيۇنچۇر

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 12:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاپقارا قۇيۇق ساقاللىق كىشى نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىدۇ؟ ياكى بۇنداق قىلىدىغان كىشى نېمىشقا قاپقارا قۇيۇق ساقاللىق بولىدۇ؟

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29313
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6715
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 2901 سائەت
تىزىم: 2011-2-6
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 01:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرمۇ ھەممە يۈرەكتىن چىقىۋەرمەس دەيمىنا

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 02:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"سۆز ئىچىدىكى سۆز، كۆز ئىچىدىكى كۆز"
سۆز ئىچىدىكى سۆزنى كۆز ئىچىدىكى كۆز ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ، دىگەن دەپ شۇنداقمۇ

http://309357575.qzone.qq.com  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5355
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 1093 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 02:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر.مۇھەممەتئىمىن:
مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرە،تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى،مائارىپچىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خىمىيىلىك ئانالىزلاردىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق قىلىشىنى،يازغۇچى-شائىر-ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر-ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشنى،ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن پاراخوت بۇلۇشتىن كۆرە،سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زېمىن باغرىدىكى ئوبيېكتلار ئۈستىدە مۇتەپپەككۇرانە پىكىر يۈرگۈزىشىنى،بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولغا كىرگۈزگىنى پاخال،قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بۇلۇپ قالماسلىقىنى پايدا-زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى،ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق،پولات ۋە نېفىت مەسىلسى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى،سۆڭەك -قۇۋرۇغىسى ،قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى،ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۇپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇپ،مىللەت كېلەچىكىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
-يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت.(كىتابىدىن ئارىيە)
مانا بۇ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دانكۇلىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى،ياخشى تېما يوللاپسىز!بۇنداق تېمىلارنى مۇنبەردىن ئۈزۈلدۈرمىگەيسىز!قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

مەن باشقىلارنىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40588
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 603 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 04:07:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز! [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]

مەن باشقىلارنىڭ مېنى كۆرۈمسىز دىيشىدىن ئەمەس،ئەخلاقسىز دىيشىدىن ئەڭ قورقىمەن!

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-25 05:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر تەپەككۈر ئىگىسى ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېما !

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش