خەلقىمىز مول مەزمۇن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قاتار ئۆرپ – ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن تولۇقلايدىغان «يامان بولىدۇ» قارىشىنىمۇ پەيدا قىلىپ، ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىراق، ھازىر «يامان بولىدۇ» سۆزى تىلغا ئېلىنسا، نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇنى «خۇراپىي قاراش» دەيدىغانلارمۇ خېلى بار. «يامان بولىدۇ»لار مۇتلەق «خۇراپىي قاراش»مۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن «يامان بولىدۇ»لارنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلساق، قانچىلىكىنىڭ ئىلمىي، قانچىلىكىنىڭ خۇراپاتلىق، نادانلىق ياكى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىۋالالايمىز.
1. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە، ئاتا – ئانىنىڭ گېپىگە كىرمىسە، ئاتا – ئانىغا گەپ ياندۇرسا يامان بولىدۇ. بۇ، ئاتا – ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا قىلىنغان چاقىرىق.
2. ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە، كېرىلسە، چۈشكۈرسە، ئادەمدىن ئاتلىسا، ئادەمنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلىسە يامان بولىدۇ. بۇلاردا ئادەمنى ئۇلۇغلاش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىز ھەرىكەتلەردە بولماسلىق مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، مۇئەييەن ئىلمىيلىككە ئىگىدۇر.
3. ئاياللارنىڭ يوتىسىغا، كۆكسىگە، باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە تىكىلىپ قارىسا يامان بولىدۇ؛ زىنا قىلسا يامان بولىدۇ؛ يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ قاتارلىقلار. بۇلاردا كىشىلەر شەرم – ھايالىق، ئەخلاقلىق، راستچىل بولۇشقا دالالەت قىلىنىدۇ.
4. سۇغا تۈكۈرسە، يولغا يۇندى تۆكسە، داستىخانغا دەسسىسە، چاچنى، بۇرۇتنى ئۆستۈرۈۋەتسە يامان بولىدۇ. بۇلاردا مۇھىتنىڭ، جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىغا، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەلا بىلىش تەكىتلىنىدۇ.
5. كېچىدە ئۆيدە تىرناق ئالسا، ئۆرە تۇرۇپ ئىشتان كىيسە، كۈن قىزارغىچە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ. بۇنداق مەزمۇندىكى «يامان بولىدۇ»لاردا سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرىش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلغان.
6. غۇم ساقلىسا يامان بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنى ئەپۇچان، كەڭ قۇرساق بولۇشقا ئۈندەيدۇ. كىشىگە لەقەم قويسا، ئادەم چېقىشتۇرسا، كىبىر قىلسا يامان بولىدۇ. بۇلاردا كىشىلەرنىڭ كىبىر – تەمەننادىن يىراق تۇرۇپ، كىچىك پېئىل، سەمىمىي، كەمتەر بولۇشى تەكىتلىنىدۇ.
7. ئۆتنىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا يامان بولىدۇ، يېتىمنىڭ ھەققىنى يېسە، تەمەخورلۇق قىلسا، كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىسا يامان بولىدۇ. بۇلاردا ئېلىم – بېرىمدە توغرا، سەمىمىي بولۇش قەيت قىلىنىدۇ.
8. تۇزغا، ناننىڭ ئۇۋىقىغا دەسسىسە، يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلسا يامان بولىدۇ، دېيىش ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ تۇزنى، ناننى ئۇلۇغلاش، ئىسراپچىلىقنى نومۇس بىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتى ئەۋلادقا ئۇدۇم قىلىنىدۇ.
9.ھايۋانلارنى ئۇرسا، ئىنسانغا زىيانسىز جان – جانىۋار، ئۇچار قۇشلارنى ئۆلتۈرسە يامان بولىدۇلاردا، ھايۋانلارنى ئاسراش، تەبىئەت گۈزەللىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى نامايىش قىلىنىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا ئىستېمال قىلىنىدىغان يۇقىرىقىدەك مەزمۇنلاردىكى «يامان بولىدۇ»لار ئىنتايىن ئىلمىي ۋە پايدىلىق قاراشلاردۇر. ‹‹يامان بولىدۇ›› قارىشى بەزى تەرەپلەردە قارىمۇ قارشى مەزمۇنلاردىن خالىي ئەمەس. خەلقىمىز ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىقنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن پايدىلىق، ئىلمىي ‹‹يامان بولىدۇ›› قارىشى تەركىبىگە ئىلمىيلىكى يوق، ناچار ۋە زىيانلىق «يامان بولىدۇ»لارمۇ ھەمراھ بولغان. ئېكسپلاتاتور سىنىپلارمۇ پايدىلىق، ئىلمىي «يامان بولىدۇ»لارغا ئۆز مەنپەئىتىگە باب «يامان بولىدۇ»لارنى سەپلەپ پايدىلانغان. مەسىلەن: خوجايىنغا تىكىلىپ قارىسا، كۆز ئالايتسا يامان بولىدۇ؛ باينىڭ بەرگىنىگە رازى بولمىسا يامان بولىدۇ، دېگەندەك.
بۈگۈنكى كۈندە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ قىسمەن ھالدا بۇزۇلۇشى، يات، زىيانلىق قىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە چەكلەنمەي ئەۋج ئېلىشى دەل ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئايرىم كىشىلەردە ياتلىششىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ بىزگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى كەلتۇرىدىغان زىيىنىمۇ چوڭ. مۇشۇ سەۋەبدىن ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان پايدىلىق ۋە ئىلمىي «يامان بولىدۇ» قارىشىنى توغرا ئۇسۇل ۋە ئىلمىي ئاساستا قوللىنىشنىڭ ئەۋلادلارنى، پەرزەنتلەرنى گۈزەل ئەخلاقلىق، ياخشى خۇي-مىجەزلىك قىلىپ تەربىيەلەش، ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ساقلاشتا رولى خېلى زور.
پايدىلىق، توغرا ئەنئەنە مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مەنىۋى ئاساسى. شۇڭا «يامان بولىدۇ»دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى قاراشقا توغرا پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.
مەنبىئى: رادىئو تورى
http://www.radioxj.com/show.aspx?id=5714&cid=16